arman0903 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-14 16:53:12

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ۋاسكىتبول تەنھەركەتچىسى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ۋاسكىتبول تەنھەركەتچىسى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى






ۋىلايىتىمىزنىڭ ۋاسكىتبول تەنھەركەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ بىرقەدەم يۇقۇرى كۆتۈرۈش، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن شىنجاڭ گۇۋاڭخۇيغا ئېختىساسلىقلارنى تەمىنلەپ بىرىش ئۈچۈن ۋاسكىتبول تەنھەركەتچىسى قوبۇل قىلىنىدۇ. كونكىرتنى ئىشلار تۈۋەندىكىچە:

1. يېشى، 13-15ياش ئەتىراپىدا.

2.جىنسى، مىللىتى چەكلەنمەيدۇ.

3. مەلۇم چەكتە ۋاسكىتبول ئاساسىغا ئىگە بولىشى، ئوغۇللارنىڭ بوي ئىگىزلىكى 1.75مىتىردىن ئىگىز بولىشى(1.75نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، قىزلارنىڭ بوي ئىگىزلىكى 1.65مىتىردىن ئىگىز بولىشى(1.65نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) لازىم.

4. يۇقارقى شەرتلەرگە چۈشمەيدىغانلاردىن، ۋاسكىتبول تەنھەركىتىدە مەلۇم تۇغما تالانىتقا ئىگە ياكى ۋاسكىتبولغا ئىنتايىن زور ئىشتىياقى بولغانلارمۇ تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ.

تىزىمغا ئالدۇرىدىغان ۋاقىتتا يېقىندا چۈشكەن يالاڭباش سۈرىتىدىن ئىككى پارچە، كىملىكنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخسىدىن بىر پارچە ئېلىپ كىلىشنى ئۇنۇتماڭ!

تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتى: 2013يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن ھەر ھەپتىنىڭ شەنبە كۈنى.

تىزىملىتىش ئورنى: خوتەن ۋىلايەتلىك ۋاسكىتبولچىلار جەمىيىتى(خوتەن شەھەر خەلق مەيدانى يولى 32-نومۇر)

ئالاقىلىشىش تېلفونى: 18099055699(گۈلنۇر)، 18099059992(ئېرشات)، 18999430404( باھار)

0903-2516060




خوتەن ۋىلايەتلىك ۋاسكىتبولچىلار بىرلەشمىسى


2013-يىل 11-ئاينىڭ 12-كۈنى





مەنبە: خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمە ئاممىۋى ئۇچۇر تورى(http://www.xjht.gov.cn/Article/ShowArticle.aspx?ArticleID=194256)




koktash يوللانغان ۋاقتى 2013-11-16 08:27:17

ھەقىقەتەن ياخشى خەۋەر ئىكەن!

لېكىن، بىر قانچە مەسىلىلەر ئايدىڭ ئەمەستەك قىلىدۇ.

1. تىزىملاتقان بالىلار خوتەندە تۇرۇپ ۋاسكىتبول ئۆگىنەمدۇ؟ ئوقۇش پۇلى ئېلىنامدۇ؟ ياتاق- تاماق مەسىلىسىچۇ؟

2. يېشى 15تىن ئېشىپ كەتكەنلەر تىزىملاتسا بولماسمۇ؟ ياكى 20 ياشتىن ئېشىپ كەتكەن، لېكىن شىنجاڭدىكى ياكى ئىچكىرىدىكى ئىشتىن سىرت كوماندىلاردا توپ ئويناپ بېرىۋاتقان ياش بالىلار بولسا بولماسمۇ؟ نۇرغۇن مەيدان كۆرگەن ۋە چېنىقىپ تەييار بولغان بالىلارنى مەلۇم مەزگىل خوتەندە چېنىقتۇرۇپ جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن، «بىز تەربىيىلىگەن بالا» دەپ گۇاڭخۇيگە ئۆتكۈزسە بولماسمۇ؟

بۇ مەسىلىلەرنى تېلېفون قىلىپ سورايدىغان ئىشمۇ-يا؟!

arman0903 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-16 11:33:35

1- قەۋەتتىكى koktashنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەقىقەتەن ياخشى خەۋەر ئىكەن!

لېكىن، بىر قانچە مەسىلىلەر ئايدىڭ ئەمەستەك قىلىدۇ.

1. تىزىملاتقان بالىلار خوتەندە تۇرۇپ ۋاسكىتبول ئۆگىنەمدۇ؟ ئوقۇش پۇلى ئېلىنامدۇ؟ ياتاق- تاماق مەسىلىسىچۇ؟

2. يېشى 15تىن ئېشىپ كەتكەنلەر تىزىملاتسا بولماسمۇ؟ ياكى 20 ياشتىن ئېشىپ كەتكەن، لېكىن شىنجاڭدىكى ياكى ئىچكىرىدىكى ئىشتىن سىرت كوماندىلاردا توپ ئويناپ بېرىۋاتقان ياش بالىلار بولسا بولماسمۇ؟ نۇرغۇن مەيدان كۆرگەن ۋە چېنىقىپ تەييار بولغان بالىلارنى مەلۇم مەزگىل خوتەندە چېنىقتۇرۇپ جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن، «بىز تەربىيىلىگەن بالا» دەپ گۇاڭخۇيگە ئۆتكۈزسە بولماسمۇ؟

بۇ مەسىلىلەرنى تېلېفون قىلىپ سورايدىغان ئىشمۇ-يا؟!

1-سوئالىڭىزغا نىسبەتەن تېلفون قىلىپ سوراپ باقسىڭىز بولغۇدەك


2-سوئالىڭىزغا نىسبەتەن 4-تۈردە ئىنىق قىلىپ<< يۇقارقى شەرتلەرگە چۈشمەيدىغانلاردىن تۇغما تالانىتقا ئىگە ياكى ئالاھىدە زور ئىشتىياقى بولغانلارمۇ تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ>> دىيىلگەن!

بەت: [1]
: خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ۋاسكىتبول تەنھەركەتچىسى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى