Windows 8.1 ئۇيغۇرچە تىل بولاق چىقتى!
بۈگۈن سىستېما ياماۋىتىپ، تىل بولاقنىڭ چىققانلىقىنى بايقاپ، چۈشۈرۈپ يېڭىلىۋاالدىم. ئالىم ئەھەت بىلوگىدىمۇ بۈگۈن شۇ تېما يوللىنىپتۇ. كۆپچىلىك ئەمىسە شۇنداق بولسۇن..
http://www.alimahat.com/?p=3261
8.1 دە ئوڭدىن سولغا كۆزنەك قايتىپ كەلدى. ئۆزىمىزگە مۇبارەك بولسۇن..
رەسىم ئالىم ئەھەت بىلوگىدىن ئېلىندى:
3- قەۋەتتىكى musajanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
باچكا ئاداش:
مۇشۇ Windows 8.1نىڭ ھەقىيقى نەشىرىنى قايسى تور بىكەتتىن سېتىۋالىمىز؟
ماۋۇ بەتتىن، ئاستىدىكى تۆت قۇر تاللاشتىن بىرنى تاللاپ سىناپ بېقىڭ.
http://windows.microsoft.com/zh-cn/windows-8/update-from-preview
تېكست رامكىسىغا توغۇرلىغان چاغدا كىرگۈزگۈچنىڭ دىڭگىيىپ چىقىۋالىدىغان ئىشى ياقمىدى ماڭا، شۇندا بولسىمۇ چىداپ ئىشلىتىۋاتىمەن..باشقا يەرلىرىغۇ ۋىندوۋس 8 گە قارىغاندا خېلىلا ئىلغارلاشتۇرۇلۇپتۇ. بولۇپمۇ تور ئىشلەتكۈچىسى بىلەن مەزكۈر كومپيۇتېردىكى ئىشلەتكۈچىنى ئايرىغان تېخنىكىسى بەكلا يارىدى، بىخەتەرلىك دېگەننى قاتتىق ئويلىشىپتۇ .10- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
1- قەۋەتتىكى ROCKنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
يانفوننىڭمۇ چىقىپتۇمۇ
يانفۇننىڭ جىم، Phone 8.0 پېتى تۇرۇپتۇ. كېلەر ئايدا چىقىدىغاننىڭ گېپى بارغۇ.
نوكىيا 820 نى ئىشلىتىۋاتقىلىمۇ بىر يىل بولاي دەپتۇ، يانفوننىڭمۇ تېزراق چىقسا بولاتتى. ئۇ چاغدا ھېچقانداق باھانەم قالمايىتتى.
چىققاندا مەندىن بالدۇر ئاڭلىساڭلار خەۋەر قىلىڭلار...
يانفوننىڭمۇ چىقىپتۇمۇلۇمىيا 1520 نى ئالاي دەپ خامچوت سۇقۇۋاتىمەن. يانفۇنغا ئۇيغۇرچە تىل بولاق ۋە كىرگۈزگۈچ ئېلان قىلسىلا راست چوت قىلىمەن.
http://windowsphone.uservoice.com/forums/101801-feature-suggestions
ئۇيغۇرچە تىل بولىقىغا كۈندە كىرىپ ئوننەچچە بېلەت تاشلاپ كىلىۋاتىمەن. ھازىر 17934 بېلەت بولدى. باچكا ئاداش:
مۇشۇ Windows 8.1نىڭ ھەقىيقى نەشىرىنى قايسى تور بىكەتتىن سېتىۋالىمىز؟ ۋاھ، يەنە بىر خۇشاللىق بۈگۈن. دەرھال نەشىرىنى كۆتۈرەي ئەمىسە. ئاندىن كېيىن ئەلادىن بىرنى باساي. مەنWindows 8 توغرىسىدا ياردەمگە مۇھتاج بولۇپ قالدىم، مۇشۇ يەردىلا دەۋالاي:
6- ئايدا باشقىلاردىن 248 يۈەنگە Windows 8 سېتىۋالغان، ساتقۇچى ئىزدىنىشنىڭ بىرسوم پىلانىغا پۇل ئىئانە قىلامسىز دەپتى خۇشاللىق بىلەن 50 سوم پۇلمۇ ئىئانە قىلغان، بىرەر ئايغىچە ئىشلىتىپ كۆنەلمەي كونا سېستىمىنى قاچىلاپ، كونا سېستىما يەنىلا Windows 8 گە يەتمەيدىكەن دەپ قاراپ توركەش دېگەن تور بەتتىن Windows 8 نى چۈشۈرۈپ قاچىلىسام ھېچقانداق مەخپى نومۇر سورىماي قاچىلاندى. لىكىن مەن سېتىۋالغان Windows 8 نىڭ ھوزۇرۇنى كۆرەلمەي. بولدىلا ئۆزەمنىڭ ھالال نەشىردىكى سېستىمامنى ئىشلىتەي دەپ، توردىن Windows 8 نى چۈشۈرۈپ قاچىلىسام قاچىلىغان كۈنۈم سېستىما ياخشى ماڭدى. ئەتىسىدىن باشلاپ تەخمىنەن ھەر تۆت سائەتتە بىر قېتىم بۇ ئاچقۇچ نومۇرنى باشقىلار ئىشلىتىۋاتىدۇ، قايتىدىن يېڭى ئاچقۇچ نومۇر كىرگۈزۈڭ دەپ ئۇچۇر چىقىۋالدى. مەن سېتىۋالغان ئاچقۇچ نومۇرنى كىرگۈزسەم يەنىلا ئوخشاش. سوراي: مەن قانداق قىلسام ئۆزەم سېتىۋالغان ئاچقۇچ نومۇرىنى ئىشلىتەلەيمەن؟
يەنە بىر باش قېتىنچىلىقىم: Windows 8 نىڭ ئەپ دۇكىنىغا كىرگەندە يۇمتال چۈشۈرمەكچى بولساق ئېلخەت ئادرىسى بىلەن مەخپى نومۇر سورايدىكەن. بۇ يەرگە Windows 8 نى سېتىۋالغاندىكى ئىشلەتكەن ئېلخەت ساندۇقىنى توشتۇرۇمىزمۇ ياكى قانداق خەت ساندۇقى، قانداق مەخپى نومۇر بولسا بولامدۇ؟
Windows 8 نى سېتىۋالغان چاغدىكى ئېلخەت ساندۇقى مېنىڭ ئەمەس ماڭا ساتقۇچىنىڭ ئىدى، ئەگەر Windows 8 نى سېتىۋالغان چاغدىكى ئېلخەت ساندۇقىنى تولدۇرۇدىغان ئىش بولسا مېنىڭ ئىشلىتىۋاتقان ئېلخەت ساندۇقۇمنى ئەسلىدە سېتىۋالغان چاغدىكى ئېلخەت ساندۇقى بىلەن ئالماشتۇرغىلى بولامدۇ؟
جاۋاپ سۇئالدىن كىيىن بولسىمۇ ئالدى بىلەن رەخمەت دېگەچ تۇراي: كۆپتىن كۆپ رەخمەت! ئىلخەت ئادرىسىغا مىكروسوفىت شىركىتىنىڭwww.live.com غا كىرىپ ئىلخەت ئېلتىماس قىلىپ ئىلخەت ئادرىسىنى يازسىڭىز بولىدۇ.
مەنمۇ بىر ئىشلەتسەم بولىتتى بۇ سېستىمىنى.... بېسىلىپ قالدى-دە...
ئاللاھ خالىسا پات ئارىدا ئىشلىتىمەنغۇ خەپ...
ھازىرچە تورداشلار ماۋۇ تېمىدىكى بىزگە مۇناسىۋەتلىك گەپكە داۋاملىق بېلەت تاشلاپ قويىلى
http://windowsphone.uservoice.com/forums/101801-feature-suggestions
1- قەۋەتتىكى ROCKنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
يانفوننىڭمۇ چىقىپتۇمۇ
يانفۇننىڭ جىم، Phone 8.0 پېتى تۇرۇپتۇ. كېلەر ئايدا چىقىدىغاننىڭ گېپى بارغۇ. مەن كۆزنەك8.1نى ئىشلىتىۋاتىمەن.ئەلۋەتتە سېتىۋالغان..بىراق يېقىندىن بۇيان ئەپ دۇكىنى ئېچىلمايۋاتىدۇ.
چىقىدىغان ئۇچۇر: «دۇكانغا ئۇلىنالمىدۇق،مۇلازىمىتىر كاشىلىسى ياكى تورغا ئۇلىنىش ۋاقتىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن بولغان بۇلۇشى مۇمكىن،سەل تۇرۇپ قايتا سىناڭ» دىگەندىن ئىبارەت.
ئەمما دائىم ئېچىپ باقىمەن،ئېچىلمايۋاتىدۇ. ئۆتكەندە، 8 نىڭ ۋاقتىدا مېنىڭمۇ بىرەر ھەپتىدەك شۇنداق چىققان، كېيىن ئوڭشىلىپ قالغان ئىدى. سىستېما ياماشنىڭ ئىشىمۇ تېخى، كىم بىلىدۇ. مېنىڭمۇ ۋىندوۋس 8 نىڭ ھەقىقى نەشىرى ئىدى. 8.1 گە كۆتۈرسەم بولىتى دەپ ئولتۇرىمەن. قىلىپ باققانلار تەجرىبە سۆزلىسەڭلار مەن ئۈتكەن يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا شەربەت تورىنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ ياردىمى بىلەن كۈزنەك8 نىڭ ئاچقۇچ نۇمۇرىدىن
بىرنى سېتىۋالغان ئەمما تا ھازىرغىچە قاچىلىيالمىدىم ..............:'(:'(:'(
يىراقتىن كونتىرول قىلىپ قاچىلىغىلى بولسا بىر قاچىلاپ بىرىڭلا ئۇستازلىرىم ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟