مەمۇرلار ئۇقۇتقۇچىلىق ئىمتاھانغا قاتناشسا بولارمۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى.
سىلەردىن مۇنداق بىر ياردەم سورىماقچى ئىدىم . بىلىدىغانلار بولسا ياردەم قىلساڭلار.
مەن بىر دۆلەت مەمۇرى، ئەمما مەلۇم سەۋەپ تۈپەيلىدىن ئوقۇتقۇچلىققا ( ئالاھىدە ئوقۇتقۇچلۇق) قا ئىمتاھان بەرمەكچى بۇلۇپ قالدىم. ئەمما مەمۇرلار ئوقۇتقۇچلۇققا ئىمتاھان بەرسە بولامايدۇ دەيدۇ. مۇشۇ توغرىسىدا بىلدىغانلار بولسا مەسىلەت بەرگەن بولساڭلار ....
مۇشۇ جەرياننى بىۋاستە بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققان تورداشلارنىڭ ئىرىنمەي ياردەم قىلىشىنى سورايمەن.
ئوقۇتقۇچلۇق ئىمتاھاندىن ئۆتۈپ بۇلۇپ ئاندىن مەمۇرلۇقتىن ئىستىپا بەرسەم ئارخىبىمنى ئالالايمەنمۇ يوق.؟ ياردەم قىلغان بولساڭلار تورداشلار ....

بەزى ئىمتىھانلاردا، خىزمەتتىكىلەر سالاھىيەت تەكشۈرۈش باسقۇچىغا كەلگەندە، ئەسلى ئىدارىنىڭ قوشۇلغانلىق ئىسپاتى تاپشۇرۇشنى ئەسكەرتىدۇ. ئىمتىھان ئۇقتۇرۇشىدا شۇنداق جاي بارمۇ يوق، بولمىسا سۈرۈشتۈرۈش تېلېفۇن نومۇرىغا ئۇرۇپ سۈرۈشتۈرۈڭ. ئىككىمىز ئورنىمىزنى تىگىشەلىگەن بولساقمۇ -ھە! قەتئىي بولمايدۇ. خىزمەت ئورنى يوق بولۇش دەيدىغان پىرىنسىپى بار. ئىمتاھان بېرىپ ئۆتۈپ بولغاندىن كىيىن باشقىلار سۈرۈشتە قىلىپ ئەرز قىلمىسىلا مەمۇرلىقتىن ئىستىپا بېرىۋەتسىڭىز بولىدۇ، لېكىن باشقىلار خىزمىتى بار ئىكەن دەپ ئەرز قىلىپ تۇرۋالىدۇ. شۇڭا تەۋەككۇل قىلىپ بېقىڭ ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىگە بەرمەڭ بولدى.2012-يىلى مەن شۇ ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن، {:92:} قالغىنىنى دىمەيلا قوياي بولدى. مەمۇرلۇقتەك يەڭگىل خىزمەتنى تاشلاپ نەگە بارىدىغاندۇ بۇ بالا ۇ ئۇختۇرۇشتا مۇنداق بەلگىلمە بار ئىكەن .
تۆۋەندىكى خادىملار بۇ قېتىمقى ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ:
(1) جىنايى ئىشلار جازاسى، مەمۇرىي جازاغا ئۇچراپ جازاسى تېخى بىكار قىلىنمىغانلار:
(2) يېقىنقى ئۈچ يىلدا، مەمۇرلىق، كەسپىي ئورۇنلار خىزمەتچى خادىمى قاتارلىق ئىمتىھانلارغا قاتنىشىش جەريانىدا كۆچۈرمىچىلىك، ساختىلىق قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلار:
(3) ئاپتونوم رايون بىرتۇتاش تەشكىللەپ ئاساس قاتلام يېزا-بازار خىزمىتىگە مۇلازىمەت قىلىشقا ئەۋەتكەن تېخى مۇلازىمەت ۋاقتى توشمىغان خادىملار:
(4) ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلىلەرنىڭ خىزمەتتىكى، شىتاتتىكى خادىملار (ئۈچ يىللىق مۇلازىمەت ۋاقتى توشمىغان ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىمۇ ئىچىگە ئالىدۇ).
http://www.xjstudent.com/kurux.asp?id=15616
سىز يىزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ كادىرىمۇيا؟شۇنداق بولسا توغرا چۈشىنىمىز . ئۇنداق بولمىسا ئىزاھات بىرىڭ .بولمىسا تىلغا كۆمۈلۈپ قالىسىز . نىمە دەيدىغاندۇ بۇ دوستىمىز كىلڭە بولدى تىگشەيلى ئورنىمىزنى ........مەن ھۇ دەۋاتقىلى 6يىل بولدى.. مەنمۇ ئاتۇش تەۋەسىدىكى مەلۇم بىر ناھىيەنىڭ يېزىسىدا ئىشلەيدىغان مەمۇرى كادىر يېزىلىق ھۆكمەتتە ئىشلەيمەن. مەنمۇ يېقىدان مۇشۇ مەمۇرى كەسپتىن ئىستىپا بىرىپ ئوقۇتقۇچىلىقا ئىنتھان بىرىپ باقماقچى ئۆتەلىسەم مەنمۇ بۇ خىزمەتتىن ئىستپا بىرىپ كىتەيمىكىن دەيمەن. باشقا سەۋەپ يوق خىزمەت ئورنۇم ئۆيۈمگە يىراق بوپ قالدى 400 كىلومىتىر كىلدۇ خىزمەت ئورنۇم بىلەن ئۆيۈم. بۇنداق تۇرمۇشتىن جىق تويدۇم ئىستىپا بىرەيمىكىن دەپ ئويلاپ قالمەن بەزىدە. يۆتكىلەلمەي قالسام ئىستپا بىرەيمىكىن.
4- قەۋەتتىكى kawullarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىگە بەرمەڭ بولدى.2012-يىلى مەن شۇ ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن،قالغىنىنى دىمەيلا قوياي بولدى.
مەمۇرلىقتىن ئوقۇتقۇچلۇققا ئۆتكەن ما ؟؟
مۇشۇ خىزمەت يۆتكىلىشكە يولى بارلار ياردەم قىلساڭلارچۇ؟ بىزدە ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىپ قويساڭلار بولاتتى.
ئالاھىدە ئورۇن ئوقۇتقۇچىلىغا ئىمتاھان بىرىشتە ئەگەر خىزمىتىڭىز بولسا ئىنىقكى بولمايدۇ، ئەگەر مەمۇر بولسىڭىز يۇشۇرۇپ باقسىڭىز بولىدۇ، بىراق ئارخىپ ئالىدىغاندا قىينىلىپ قالىسىز، ئوقۇغۇچىلىق ئارخىپىنى ئىلىش ئاسان بولغان بىلەن كادىرلىق ئارخپىنى ئىلىش ئاسان ئەمەس،. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن خىزمەتتىن ئىستىپا بىرىڭ. ئاندىن ئوقۇتقۇچىلىق ئىمتاھانىغا بەھوزۇر قاتنىشالايسىز. ئوقۇتقۇچىلىققا ئىمتاھان بىرىمەن دەپ قەتئىي نىيەتكە كەلگەن بولسىڭىز مەمۇرىي خىزمەتتىن ئىستىپا بىرىڭ.
7- قەۋەتتىكى begir3نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
جاھاندا.....
سىز نېمە ئىش قىلسىز ؟
ساقچى ئوخشىمامسىز ؟ ئىنىق بىر جاۋاپ چىقمىدى شۇنداق قىلىپ .... matros5 يوللىغان ۋاقتى 2014-4-15 21:45 static/image/common/back.gif
ئىنىق بىر جاۋاپ چىقمىدى شۇنداق قىلىپ ....
ئالاھىدە ئورۇن ئوقۇتقۇچىلىغا ئىمتاھان بىرىشتە ئەگەر خىزمىتىڭىز بولسا ئىنىقكى بولمايدۇ، ئەگەر مەمۇر بولسىڭىز يۇشۇرۇپ باقسىڭىز بولىدۇ، بىراق ئارخىپ ئالىدىغاندا قىينىلىپ قالىسىز، ئوقۇغۇچىلىق ئارخىپىنى ئىلىش ئاسان بولغان بىلەن كادىرلىق ئارخپىنى ئىلىش ئاسان ئەمەس،. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن خىزمەتتىن ئىستىپا بىرىڭ. ئاندىن ئوقۇتقۇچىلىق ئىمتاھانىغا بەھوزۇر قاتنىشالايسىز. ئوقۇتقۇچىلىققا ئىمتاھان بىرىمەن دەپ قەتئىي نىيەتكە كەلگەن بولسىڭىز مەمۇرىي خىزمەتتىن ئىستىپا بىرىڭ.
ئەڭ ياخشى جاۋاپ مۇشۇ. ناۋادا خىزمەتتىن ئستىپا بەرمەي تۇرۇپلام ئىھتاھان بېرىپ ئۆتۈپ قالسىڭىز، چاندۇرماي باجلايدىغانلار چۇقۇم چىقىدۇ. ئۆتەلمەي قالسىڭىز بىلىپ قالسا، چاندۇرماي يەكلىشىگە ئۇچرىمايمەن دەپ ئېيتالمايسىز .
بەت:
[1]
2