xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-13 00:39:17

قاتىلنىڭ ئېلانى(شەھلا)

قاتىلنىڭ ئېلانى

بۇ گۈزەل شەھەر ماڭا تەۋە ئەمەس،لەرزان ئەللەيلەشلەرنىڭ تىۋىشلىرىدەك
يۇمشاق شامال قوللىرىنىڭ سىيپاشلىرىدا، كوچا چىراقلىرىنىڭ غەمكىن تېنىچ نۇرلىرىدا،
خاتىرە بەتلىرىدەك ۋاراقلىنىدىغان قەدەملەردە يوللارنىڭ باغرىغا ئىز قالدۈرۈپ،
كېچە گۈزەللىكىنى سەيلە قېلىشتىنمۇ كۆڭۈللۈك ئىش بولسۇنمۇ؟!

لېكىن بۇ شەھەر ماڭا تەۋە ئەمەس، گەرچە مۇشۇ زىمىندا تۇغۇلۇپ، مۇشۇ
زىمىندا ياشاپ، مۇشۇ زىمىندا ئۆلىۋاتقان بولساممۇ يەنىلا ئۈنلۈك ئاۋازدا، بۇ مېنىڭ
باغرىم دىيەلمەيمەن، ئىچىمگە يانغان ئەسەبىي نىدالىرىم، باغرىمنى تىلىپ،
يۈرەكلىرىمنى چۇل-چۇل قىلىۋەتتى، قەلىب قەسرىمدىن ئەكىس سادالار يانىدۇ.

ئۇ ئۆلۈشى كېرەك ئىدى، ياشاش ھوقۇقى دەل شۇ دەقىقىدە تارتىۋىلىنىشى
نەقەدەر ئادىل بولغان-ھە!

باققالنىڭ قولىدىكى پىچاققا ئوخشاپ قالدىغان شۇ تىغدا ئۇنىڭ كۆكسىنى
تىلغىغىنىمدا، قانلىرىنى توپىغا چاچقىنىمدا، ئاندىن ئۇنى بىر تېپىك بىلەن تىغدىن
ئاجراتقىنىمدا، مەن شۇنداق ئويلىغان ئىدىم،

ئۇ ھەق ئۆلدى، ناۋادا ئۇنىڭ بىر پاشىچىلىك كېرىكى بولغان بولسا، تەقدىر
ئۇنداق بولمايتتى، ئۇ مۇجىزە كەبى ھايات قالاتتى، چىرايلىرى كۆكۈرۈپ، تىلى كېسلىپ،
نەم توپىدا پىتىراپ ئېغىناپ، ئاندىن پەيلىرى تارتىشىپ، بارغانسىرى ھالسىزلىنىپ، جىمىپ
قالمايتتى، ھېچ بولمىسا قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا بولسىمۇ ساقلاپ تۇرار ئىدى، ناسولكىدا
ماشىنىغا چىقىۋىتىپ، نۇرى ئۆچكىلىۋاتقان كۆزلىرى بىلەن بولسىمۇ ماڭا نەپرىتىنى
ئىپادىلەپ يالتىدە بىر قارىۋالالايتتى.

بىراق ئۇ ئۆلدى، ئۇنىڭ ھاياتى مېنىڭ قولۇم بىلەن تاماملاندى، مەن سۆيگەن
قىزىمنى قوغداش ئۈچۈن ئۇنى ئۆلتۈرىۋەتتىم، ئۇ ئۆلمىسە مەن ئۆلەتتىم، تېنىم
زەرەرسىز ساق قالسىمۇ، ياشاپ يۈرگەندەك قىلساممۇ، مەن بەرىبىر ئۆلەتتىم.

16يىل، ئادالەتسىز ئىنسانلار مېنى 16 يىل قامىدى، ئۇلار مېنىڭ ئۆلۈشۈمنى
بەكلا ئارزۇ قىلغانلىقى ئۈچۈن، مېنى قاماش ئارقىلىق ئۆچ ئالدى، ئەسلى ئۇلارچە
بولسا، مۇھەببىتىمنىڭ دەپسەندە بولىشىغا قاراپ تۇرۇشۇم، چىشلىرىمنى كىرىشتۇرۇپ،
سۇندۇرۋالساممۇ چىدىشىم، ئۇنىڭ ھايۋانىي شەھۋىتى قانغاندىن كېيىن، مەينەت ئاجرالمىلىرى
يۇقۇپ قالغان ئىشتىنىنى يۈلەپ قويۇپ، قىز دوستۇمغا بۇنىڭ بىر گۈزەل ئىش
ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرشۈم، مۇشۇ گۈزەل چاسنى  ھەقسىز كۆرگەن تەلەيلىك كۆرەرمەن بولغانلىقىمدىن
ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىمنى بىلدۈرۈپ، ھەر ئىككىسىگە رەھمەت ئېيتىشىم.

قىسقىسى يۇۋاشلىق بىلەن سۈكۈت قېلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرمەسلىكىم كېرەك ئىدى.

دەل ئەكسىنچە ئۇنى ئۆلتۈرۋىتىپ ئۇلارنى خاپا قېلىپ قويدۇم، نىمە دىگەن
قىززىق-ھە! ئۇلار مېنى مېھماندوست ئىنسان دەپ تەرىپلەشكەن ئىدى، قىز دوستۇم جىنسىي
ئىشتىراكقا داخىل بولىۋاتقاندا، مېنى داپ چېلىپ ئۇسۇل ئويناپ بېرىدۇ دەپ پەرەز
قىلىشقان ئىدى.بىراق مەن ئۇنىڭ يۈرىكىنى بىر تىغ ئۇرۇپلا تېشىۋەتتىم، يەنە
يىرگىنىپ تۈرۈپ، ئۇنىڭ بىر تېپىپ تىغنىڭ بىسىدىن ئاجراتتىم، ئۇنىڭ ئۆتكۈر تىغنىڭ
تەمىنى لەززەتلىنىپ تېتىۋىلىشىغىمۇ رۇخسەت قىلمىدىم.

باش سوتچى ئوچۇق سوتتا ھۆكۈمنامىنى ئوقىۋىتىپ خۇرسىنىپ قويدى، ئىچىدە
ئاساسىي قانۇنغا قاتتىق تۈزۈتۈش كىرگۈزۈپ قويۇلمىغىنىغا ئۆكۈندى.

بارچە ئىش ئۇلارنىڭ مەيلىچە بولغاندا ئىدى، ئۇلار تەخىرسىز ھالدا مەخسۇس
ماڭا ئاتاپ ئايرىم قانۇن تۈزۈپ چىقىشاتتى.

بىراق بولمىدى، ئاران 16 يىللىق ئەركىمنى مەندىن تارتىۋالالىدى،
ئەمەلىيەتتە بۇ ھېچ گەپ ئەمەس، بۇ 16 يىللىق ھاياتىم ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا
مەغرۇرلۇق بىلەن ياشىشىمغا كاشلا بولالمايتتى، ئۇلارنى شۇ ھالدا قىينايتتىمكى، ھەر
نۆۋەت كۆز ئالدىدا پەيدا بولغىنىمدا، تىنىقلىرىمدىن قان پۇرتۇپ، مەزمۇت تۇرغان
غورۇرۇمنى نامايىش قىلاتتىم.

قاراڭغۇ كامىرنىڭ ئىشىك ئالدىغا بىر گوندىپاي كەلدى،(ـ قىز دوستۇڭ ئەرگە
تىگىۋاپتۇ، سەن شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى قوغدىغان ئىدىڭ، خوپ بولدى.) دىدى.

ئاچچىق بىر كۈلدۈم، پۇت-قوللۇرۇم كىشەنلىنىپ تۈرمىگە كىرگەن كۈنۈمدىن
باشلاپ،شۇ قىزغا بەخىت تىلەپ كەلگەن ئىدىم، ئۇنى ياخشى كۆرەتتىم، ئۇ مېنىڭ بەختىم
ئىدى، بىراق مەن ئۆزەمنى مەجبۇرى بەخىت قىلىپ ئۇنىڭغا تاڭالمايدىغانلىقىمنى
بىلەتتىم، لېكىن ئازاپلاندىم، مۇھەببەتلىك رىئاللىقىمنىڭ ھەمدەمچىسىدىن ئايرىلىپ
قالدىم،بىر مەزگىل چۈشكۈنلىشىپ، گاراڭ يۈردۈم، ماڭا ھەمرا بولىۋاتقان تاتلىق
خىياللار بەربات بولدى، ئۆزەمنى قەھرىمان چاغلاپ غادىيىپ يۈرۈشلىرىم يوق بولدى،
شۈمشۈيۈپ  سارغايدىم، غورۇرۇمنىڭ
شاۋقۇنلىرىدا، قىيغىتىپ تۇردىغان يۈرۈكۈم شۈكلۈشۈپ، مۇكچۈيۈپ ماڭىدىغان بولۇپ
قالدىم، 16 يىللىق ئەركىنلىكىم ئۈچۈن، شۇ بىچارە، ئاجىز قىزدىن پۈتۈن ئۆمرىنى
تەلەپ قىلغۇم كەلدى، مۇمكىن بولمىدى، تەقدىر ئالدىدا ھېچنىمە ئەمەس ئىدىم، دەرتلىك
بولىۋالدىم، ئۆزىنى دەرتمەن چاغلايدىغانلار بىلەن بەسلىشىپ يېڭىۋالدىغانلىقىمغا
گەپ كەتمەيتتى.

مەس ئەلەس، پاڭقاي بىر ھالدا قايتا ياشاشقا باشلىدىم، ئەمدى كىملا بولسا ساغرامغا
كېلىشتۈرۈپ تېپەلەيتتى. كامىرلادىكى گۇيلار ئىشەك قېلىپ مىنەلەيتتى، 16 يىلنى
ئاران توشقۇزۇپ، غورۇرۇمنى ئەرگە بېرىۋەتكەن ئەركىن دۇنياغا، ئەرىكسىز قايتىپ
چىقتىم، چاشقان تۆشىكىدىن تۆت ئاياقلاپ قېچىپ چىققان كەبى بىر پاتمان پىت
سىركىلەرنى ئولجا ئېلىپ ئاپامنىڭ يېنىغا ئاران ئۆمۈلەپ كەلدىم، يەر جاھان ناتۇنۇش،
بۇ شەھەر مېنىڭ ئەمەس، يوللار مېنى تونىمايدۇ، مەن يوللاردا ئازىمەن، كېچىلىرى
تۈرمىنى سېغىنىمەن، چۈشلىرىمدە ئادەم ئۆلتۈرىمەن، قانغا مىلىنىمەن، قان ئاغزىمغا
تامچىلايدۇ، تىغنىڭ بىسىنى يالايمەن،تۇزلۇق تاڭسىق قان، تاڭلىيىمدىن ئۆتۈپ مىڭەمگە
ئۆرلەيدۇ.

ئۆلگۈچىنىڭ 18 دوزىقىنىڭ چىقىش ئىشىكىدە، ئۆتكۈر تىغنى تۇتۇپ ساقلاپ
تۇرغانلىقىمنى تەسەۋۋۇر قىلىمەن، ئۇنىڭ روھىي تاپانلىرىم ئاستىدىن قېچىپ چىقىپ
قايتا تۆرىلەلمەي نالە قىلىدۇ.

دادام ھەر سەھەر نامازغا چىللايدۇ، مەسچىتتە تۇرغاندا، لەرزىگە كېلىمەن،
ئىخلاسىم بىلەن سەجدە قىلىۋىتىپ، چۈشۈمدىكى قانلارنى ئۇنتۇپ قالىمەن، دادامنىڭ
بۇۋايغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى تولا بايقاپ تۈگۈشۈپ كەتتىم.ئاپام موماي ئىدى،
دادامنى ئارام ئال دىدىم، ئاپامغا نىمە دەرمەن؟

تۈنۈگۈن قېلىن قار ياغدى، يېرىم كېچىدە دادام، ئېغىر پۇشۇلداپ ئويغۇنۇپ،
يۇغان بىر گۈرجەكنى( ئەمەلىيەتتە كىچىكلا بىر كۆرەك، دادام كىچىكلەپ كەتكەچكە، بۇ
كۆرەك دادام بىلەن سېلىشتۇرما بولۇپ،شۇنداق يۇغان كۆرىنەتتى) مورىسىگە ئېلىپ قار
تازلىغىلى ماڭماقچى بولدى،توختا دىدىم، دەرھال كىيىنىپ،دادامنىڭ ئورنىغا قار
تازلىغىلى ماڭدىم، دادامغۇ خوش بولدى، ئاپامچۈ؟

ئاشىقىغا باسقۇنچىلىق قىلىۋاتقانلارنى ئۆلتۈرۋەتكەنلەر بارمۇ؟ سىلەر
تۈرمىدە جازا تارتىۋاتقاندا، سىلەر ئۈچۈن ئاشىقىڭلارنى مەن ئېلىپ قوياي! ئاپامغا ياردەملىشىپ
بېرىدىغان بىرسى لازىم بولۇپ قالدى، سىلەر غورۇرۇڭلارنى قوغدىساڭلارلا بولدى،
بىراۋنىڭ ياشلىقىدا، بىر ئۆمۈرلۈك بەختىدە ھەققىڭلار يوقتۇ؟

ئۇنىڭغا ئەر لازىم، سىلەرنى ساقلاپ قېرىپ كەتسە بولمايدۇ، ئەمدى مەن
بەرىبىر ئادەم ئۆلتۈرمەيمەن، يولۇمنى ئوڭشاپ ماڭالمايۋاتسام، بىر جاننى قىيغۇدەك
مادارىم يوق، لېكىن بىر خوتۇننىڭ ھۆدىسىدىن چىقالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن،

ئاپام بەك قىينىلىپ كەتتى...

دادامنىڭ ئورنىغا تازلىق قېلىۋىتىپ قايتىپ كىرسەم، ئاشىقىڭلار ماڭا ئىسىق
بىر چىنا تاماق بەرسە، ئېغىرىمنى ئاپامغا سالماي، كىر قاتلىرىمنى يۈيۈپ بەرسە،
ئەگەر خالىسا ماڭا بىر ئىككى بالا تۇغۇپ بەرسە، مەن ئۇنى كۆچا تازلىقىنى قېلىپ
ئالغان مۇئاشىمدا بېقىپ كېتەلەيمەن، لېكىن شۇ تازلىقچىلىققىمۇ مەندەك بىر قاتىلنى
ئالامدۇ-ئالمامدۇ بىلمەيمەن، نىمىلا بولمىسۇن، ئاچ-يالىڭاچ قويمايمەن، سىلەردىن
بۇرۇن ئاسرىۋىلىپ، ئامانەت قويغان غورۇرۇم بار،مېنىڭ مۇھەببىتىم ئۆزەمگە پايدا
قالغان، سىلەرنىڭكىنىمۇ تالاشمايمەن، ئاشىقىڭلار ماڭا خوتۇن بولۇپ، سىلەرنى ئەسلەپ
يۈرسە ھەرگىز ئېغىر ئالمايمەن.

ناۋادا شۇنداق بىرەرسى بولسا مەن بىلەن ئالاقىلەشسۇن!

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2013-11-13 08:28:47

ياخشى ئىش قىلغۇچى، ساخاۋەتچى... پەقەت ئۆزىنىڭ ياخشى ئارزۇسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزىنى قارشى تەرەپتىن باي، كۈچلۈك كۆرسىتىش ئۈچۈن ، ئۆز غورۇرىنى نامايىش قىلىش ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن قارشى تەرەپنىڭ كىم بولىشى، قىلغان ياخشىلىقنىڭ قانداق شەكىلدە بولىشى بەرىبىر ... شەكلى ئۆزگەرگەن شۆھرەتپەرەسلىكنىڭ بىر خىلى ... ياخشىلىققا ئېرىشكۈچىنىڭ ئۇنىڭدىن مىننەتدار بولىشىنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى ساخاۋەتچى ئۆزى ئارزۇ قىلغان نەرسىگە ئېرىشىپ بولدى.

adiyat يوللانغان ۋاقتى 2013-11-13 09:18:01

رەخمەت.

amball يوللانغان ۋاقتى 2013-11-13 11:15:51

ھېكايىڭىز ماڭا يارىدى،تەمى «بىر خىل»لا، مالايسىيادىن ئېلىپ كىرگەنمۇ يا؟  \"\"

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-13 12:24:38

مەن ئۆلەتتىم، تېنىم زەرەرسىز ساق قالسىمۇ، ياشاپ يۈرگەندەك قىلساممۇ، مەن بەرىبىر ئۆلەتتىم...

ياخشىكەن... ماڭا يارىدى.

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-11-13 13:16:26

يەنە بىر ئېسىل ھېكايە. \"\"

matu يوللانغان ۋاقتى 2013-11-13 14:42:49

دەل ئەكسىنچە ئۇنى ئۆلتۈرۋىتىپ ئۇلارنى خاپا قېلىپ قويدۇم، نىمە دىگەن قىززىق-ھە! ئۇلار مېنى مېھماندوست ئىنسان دەپ تەرىپلەشكەن ئىدى.

ھەقىقى ۋەقەدىن ئىلھام ئېلىپ يازغاندەك قىلىدۇ.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-13 15:16:21

ئۈچ يىل خىزمەتداش بولغان بىر يىگىت بار ئىدى ، مەن خىزمىتىمنى يۆتكەپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە بىرسىنى كوچىدا بوغۇزلىۋەتكىنىنى ئاڭلىدىم . \"\" شۇنداق چىقىشقاق ، ئېغىر بېسىق بۇرادەر ئىدى ، ئاڭلىشىمچە سەۋەبى شۇ مۇھەببەت ئىشى ئوخشايدۇ ، غۇرۇرى كۆتىرەلمىگۈدەك دەرىجىدە ھاقارەتكە ئۇچرىغان بولسا قىزىق قانلىق قىلغان ئوخشايدۇ دىدىم ئىچىمدە .

yaxar48 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-13 17:09:10

قارا يۇمۇرچىلىق ئېقىمىنىڭ ئىپادىلەش ئالاھىدىلىكلىرىدە دۇنيانىڭ بىمەنىلىشىپ كېتىشىدىن ھوزۇر ئېلىش ئىستىكى قۇيۇق بولسىمۇ،يازغۇچىلىرىمىز ئۇ خىل ئىپادىلەش مەۋقەسىدە تۇرۇپ،تەلتۈكۈس ئۇنىڭغا مايىل بولغان ئەسەرلەرنى يېزىپ باقمىدى.ئەمما نۇرغۇن ئەسەرلەرنى بۇ خىل ئىپادىلەش شەكىللەردىن تۇلۇق خالى دېگىلى بولمايدۇ.بۇ خىل ئۇسۇلدا ئەسەر يېزىشنىڭ ئەدەبىياتىمىزغا ۋە ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ئىستىمال ئېھتىياجىغا قانچىلىك زۈرۈر ئىكەنلىكىنى يازغۇچى ئۆزى ئويلىنىش ئېلىپ بارىدۇ. ئەسەردىكى ‹مەن› ئىككى خىل پىسخىك روھى ھالەتتە تەسۋىرلەنگەن.رەھىمسىز رىئاللىق ئۇنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىدىكى ئىپتىدائى بولغان،ئاڭسىز،ياۋايى تەبىئەتلىك بارلىق قۇتراشلارنىڭ پارتىلاپ چىقىشىغا سەۋەپ بۇلۇپ،قان تۆكۈلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.ئىپتىدائى ئاڭسىزلىق ئوبىيكتىپ دۇنيادىكى بارلىق بۇيۇنتۇرۇقلارنى قەتئى ئېتىراپ قىلمايدۇ،ھەرقانداق چەكلىمىنى بىكار قىلىدۇ.ئادەمنىڭ غۇرۇر تۇيغۇسى،ئادىمىيەتلىكى قاتتىق دەپسەندە بولغاندا،ئادەمنىڭ بارلىق پىسخىك ھەرىكەتلىرىگە پۈتۈنلەي يۇشۇرۇن ئاڭدىكى ئاڭسىزلىق ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇپ قوماندانلىق قىلىدۇ.ئەقىل ئىنكار قىلىنىدۇ. بۇ نۇقتىدىن كىشىلەرنىڭ مۇھەببەت ئۈچۈن بەدەل تۆلەش قىلمىشى ناھايىتى بىمەنىلىككە ئىگە قىلمىشتۇر.

كېيىنكى باسقۇچ،‹مەن›نىڭ رىئال دۇنياغا مەجبۇرلىنىشى پۈتۈنلەي ئۆزلۈك ئۈچۈن قۇربان بېرىش بۇلۇپ،ئادىمىيەت ماھىيىتىگە،ئاڭلىق ھالەتكە كۆچۈش سەپىرى بولغان.(بۇ مىنىڭچە ‹مەن›نىڭ ياشاش لوگىكىسىغا قارىتا ئەھمىيەتىسىزلىك بۇلىشى مۈمكىن).بىراق،ياشاش ئىستىكى نىمىلەرنى مەقسەت قىلغان بۇلىشى مۇھىم بولمىسىمۇ،تاشقى دۇنيا ئۇنىڭ ئەھمىيەتسىز ياشىشىغا ماكان ھازىرلىغان.

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2013-11-13 21:10:09

ئۆلگۈچىنىڭ 18 دوزىقىنىڭ چىقىش ئىشىكىدە، ئۆتكۈر تىغنى تۇتۇپ ساقلاپ تۇرغانلىقىمنى تەسەۋۋۇر قىلىمەن، ئۇنىڭ روھىي تاپانلىرىم ئاستىدىن قېچىپ چىقىپ قايتا تۆرىلەلمەي نالە قىلىدۇ.

*$$$$$$$$$$*

18 دوزاخ ، روھنىڭ قايتا تۆرىلىشى ، دىگەن يەرلىرىنى قانداق چۈشىنىشنى بىلەلمەي قالدىم ،  ئاخىرىغا قارىسامغۇ مەسجىدتە ناماز ئوقۇغان يەرلىرى تۇرىدۇ بولمىسا .

dillani يوللانغان ۋاقتى 2013-11-13 21:12:23

لىكىن مەندە ماڭا تەۋە شەھەر بار ،ئۇھەم ھايات مەنمۇ شۇ. بارىنىڭ قەدرى ،يوقىنىڭ دەردى يامان .

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-13 21:21:39

10- قەۋەتتىكى mohsinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۆلگۈچىنىڭ 18 دوزىقىنىڭ چىقىش ئىشىكىدە، ئۆتكۈر تىغنى تۇتۇپ ساقلاپ تۇرغانلىقىمنى تەسەۋۋۇر قىلىمەن، ئۇنىڭ روھىي تاپانلىرىم ئاستىدىن قېچىپ چىقىپ قايتا تۆرىلەلمەي نالە قىلىدۇ.

*$$$$$$$$$$*

18 دوزاخ ، روھنىڭ قايتا تۆرىلىشى ، دىگەن يەرلىرىنى قانداق چۈشىنىشنى بىلەلمەي قالدىم ، ئاخىرىغا قارىسامغۇ مەسجىدتە ناماز ئوقۇغان يەرلىرى تۇرىدۇ بولمىسا .

ئۆلگۈچى دوۋزاقنى 18 قەۋەت، ئادەم ئۆلسە روھىي قايتا تىرىلىدۇ دەيدىغان مىللەتتىن.

قاتىل مەسجىدتە ناماز ئئوقۇيدىغان مىللەتتىن.

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2013-11-13 21:57:28

12- قەۋەتتىكى xahla91نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
10- قەۋەتتىكى mohsinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۆلگۈچىنىڭ 18 دوزىقىنىڭ چىقىش ئىشىكىدە، ئۆتكۈر تىغنى تۇتۇپ ساقلاپ تۇرغانلىقىمنى تەسەۋۋۇر قىلىمەن، ئۇنىڭ روھىي تاپانلىرىم ئاستىدىن قېچىپ چىقىپ قايتا تۆرىلەلمەي نالە قىلىدۇ.

*$$$$$$$$$$*

18 دوزاخ ، روھنىڭ قايتا تۆرىلىشى ، دىگەن يەرلىرىنى قانداق چۈشىنىشنى بىلەلمەي قالدىم ، ئاخىرىغا قارىسامغۇ مەسجىدتە ناماز ئوقۇغان يەرلىرى تۇرىدۇ بولمىسا .

ئۆلگۈچى دوۋزاقنى 18 قەۋەت، ئادەم ئۆلسە روھىي قايتا تىرىلىدۇ دەيدىغان مىللەتتىن.

قاتىل مەسجىدتە ناماز ئئوقۇيدىغان مىللەتتىن.

ھە ... ، مەن ئۇ تەرىپىنى ئويلىماپتىمەن .  

قالتىس !!

bendora يوللانغان ۋاقتى 2013-11-13 22:41:32

پاھ، ئىچكىرلەپ ئوقۇيدىغان تېماكەندە ئەسلى!

قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن... \"\" \"\"

jemile33 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-14 07:05:04

ھېكايىڭىز ئۆزگىچە، ئەمما تىل ئىشلىتىشىڭىزدە مەسىلە بار ئىكەن. تىلىمىزدا ئادەتتە ئاشىق سۆزى ئەرلەرگە، مەشۇق سۆزى قىز-ئاياللارغا ئىشلىتىلىدۇ. قىزلار يىگىتلەرنى ئاشىقىم دېسە، يىگىتلەر قىزلارنى مەشۇقۇم دەيدۇ. ھېكايىڭىزدە بۇ سۆز بىر نەچچە يەردە ئېلىشتۇرۇۋېتىلگەن. يەنە بەزى جۈملىلىرىڭىزدە كېسەل بار (ئىملايىڭىزنى دېسەم بەك جىقكەن)، مەسىلەن:

1. ئۇ ئۆلۈشى كېرەك ئىدى، ياشاش ھوقۇقى دەل شۇ دەقىقىدە تارتىۋىلىنىشى نەقەدەر ئادىل بولغان-ھە!

بۇ يەردە «ياشاش ھۇقۇقىنىڭ...» دەپ كېلىشى كېرەك.

2. نەم توپىدا پىتىراپ ئېغىناپ...

بۇ يەردە «پىتىراپ» دېگەن سۆز جايىدا ئىشلىتىلمىگەن ھەم ئارتۇقچە.

3. يەنە يىرگىنىپ تۈرۈپ، ئۇنىڭ بىر تېپىپ تىغنىڭ بىسىدىن ئاجراتتىم،

«ئۇنى» دېگەن سۆز ئۇنىڭ بولۇپ قالغان، بەلكىم يازغاندا ئىملادا دىققەت قىلمىغانسىز، «تىغنىڭ بىسىدىن» دېگەن سۆزدە «بىس» ئارتۇقچە، تىغ بولغاندىكىن ئۇنىڭ ئەلۋەتتە بىسى بولىدۇ.

4. قاراڭغۇ كامىرنىڭ ئىشىك ئالدىغا بىر گوندىپاي كەلدى...

بۇ جۈملىدە «ئىشىك» سۆزى ئارتۇقچە، ئەگەر قوشمىسام بولمايتتى دېسىڭىز، «كامېرنىڭ ئىشىكى ئالدىغا» دەپ يېزىشىڭىز كېرەك.

5. دادام ھەر سەھەر نامازغا چىللايدۇ...

دادىسى سەھەردە چىللايدىغان خوراز بولمىغاندىكىن، «چاقىرىدۇ» دەپ ئالسىڭىز تېخىمۇ مۇۋاپىق ئىدى.

6. ئۇنىڭ ھايۋانىي شەھۋىتى قانغاندىن كېيىن، مەينەت ئاجرالمىلىرى يۇقۇپ قالغان ئىشتىنىنى يۈلەپ قويۇپ...

بۇ جۈملىنى «ئۇنىڭ ھايۋانىي نەپسى قانغاندىن كېيىن مەينەتلىرى يۇقۇپ قالغان ئىشتىنىنى يۆلەپ قويۇپ...» دەپ ئېلىشقىمۇ بولاتتى، جۈملە سىلىق، ھېسسىيات تۈسىمۇ ئېنىق چىقاتتى. سىز بۇ نۇقتىغا ئانچە دىققەت قىلمايدىكەنسىز، ھېكايىلىرىڭىزنىڭ بەزىلەرگە قۇرغاق، قوپال تۇيۇلۇشى بەلكىم تىلىڭىزدىكى يىرىكلىكتىن بولسا كېرەك.

7. بۇ كۆرەك دادام بىلەن سېلىشتۇرما بولۇپ،شۇنداق يۇغان كۆرىنەتتى.

«كۆرەك» دېگەن سۆز «كۆرگەزمە» دېگەن گەپ، سىز بۇ يەردە «كۈرەك» دەپ توغرا يازغان بولسىڭىز، مەنە ئېنىق بولاتتى. تىلىمىز مۇشۇنداق قىلنى قىرىققا يارىدىغان نازۇك تىل، ئىملايىمىز ئاندىن نازۇك، تىل ئۇستىسى بولغان يازغۇچىلار ئەگەر ئۆزىنىڭ تىلىغا زىل، سەزگۈر بولمىسا، مۇشۇنداق خاتالىقلارغا داۋاملىق يول قويىدۇ.

بىز ھە دېگەندە ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكى، بەدئىيلىكى، ئۈنۈمى.. ۋاھاكازالارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، مۇشۇنداق نازۇك نۇقتىلارغا دىققەت قىلمايمىز. تىل، ئىملا دېگەن بىر پۈتۈن ئەسەرنىڭ، يەنى گۈزەل بىر ئىمارەتنىڭ چىنە خىشلىرىغا ئوخشايدۇ، بۇ چىنە خىشلار مايماق-سايماق، كىر-قاسماق، دەز-پۇچۇق بولسا كىشىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ، ئىمارەتنىڭ ھۆسنىنى بۇزىدۇ. شۇڭا بۇنىڭغا ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ. شۇڭا ئەسەر يېزىپ بولغاندىن كېيىن ئارقىدىن بىر نەچچە قېتىم ئوقۇۋېتىپ، جۈملە، سۆز ياكى سۆز بىرىكمىسىدىكى خاتالىق، مەنەدىكى خاتالىق، لوگىكىلىق خاتالىق ياكى ئىملادىكى خاتالىقنى بايقاپ، بۇ ئەسەرنى قايتا زىننەتلەش كېرەك. ئەسەرنى زىننەتلەش ئەمەلىيەتتە تىلىمىزغا ھۆرمەت قىلغانلىق، ئوقۇرمەنلەرگە ھۆرمەت قىلغانلىق. توردىكى ئەسەرمۇ ئەسەر، بۇنىڭغا يەڭگىلتەكلىك قىلىشقا بولمايدۇ.

bariber يوللانغان ۋاقتى 2013-11-14 08:06:28

ھىكايە يېزىش ئۇسلۇبىڭىز ماڭا يارىدى.

qaratugh يوللانغان ۋاقتى 2013-11-14 11:51:47

15- قەۋەتتىكى jemile33نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

++++++++

جەمىلەنىڭ ئەستايىدىللىقىغا قايىل بولدۇم.

دېمىسىمۇ، شەھلانىڭ بارغانسېرى پىشىۋاتقانلىقىغا نەزەر سېلىۋاتقان بولساممۇ، ئىزدىنىشتىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنى قارىسىغا ماختاپ، \"شەھلا قىزغىنلىقى \" پەيدا قىلىپ، ئۇنىڭ سەھۋەنلىكلىرىگە يول قۇيۇۋاتىدۇ. مەنچە بولسا، ئۇنىڭ ئىملادىن تارتىپ، جۈملە تۈزۈشكىچە بولغان ئارلىقتا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ئارلىقتا تۈزەلگەندەك قىلغان بىلەن، ھازىر سەل بۇزۇلىۋالدى. ھېكايىلىرىمۇ بىر ئىزىغا سەكرىگىلى تۇردى.

  بەزىلەر ئۇنىڭ تور يازمىسىلا يېزىشىنى قوللىغان بولسىمۇ، مەتبۇئاتلارنىڭ ئۇنىڭغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇنىڭ نەزەرىدىن ساقىت قىلىشىغا قىستاۋاتىدۇ. مېنىڭچە ئۇ ئەمدى مەتبۇئاتقا يۈزلىنىشى كېرەك. كىتابلىرى چىقىشى كېرەك.

  بىر يازغۇچىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئاسان بولمىغاندەك، تالانىتنىڭ بايقىلىشىمۇ ئاسان ئەمەس. ئۇ ئەمدى تور دۇنياسىدىن سىرتقى ئاۋام بىلەنمۇ ئۇچرىشىشى لازىم.

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-11-14 12:42:10

ئەسەر ياخشى يېزىلغان بولسا، ئەلۋەتتە ياخشى باھاغا ئېرىشىدۇ. بۇنى قانداقمۇ قارىغۇلارچە ماختاپ، داڭقىنى چىقىرۋەتتى دىگىلى بولىدۇ؟ شەھلا خانىم باسما مەتبۇئاتتا باستۇراتتىم دەپ قاتىراپ يۈرمىسىمۇ، پۇل تاپالايدىغىنىغا كۆزى يەتسە، نەشىريات سودىگىرى ئۆزى ئىزلەپ كېلىدۇ.

گۈلنىڭ ئورنى چىمەنزاردا بولسا مۇۋاپىق، ئەخلەتخانىغا كۆچۈرۈپ قويسا ئۆلۈپ قالىدۇ ئىنىقلا.

شەھلانىڭ ئەسەرلىرى ئايرىم بىر توپلام قىلىشقا يېتىپ ئاشقۇدەك بولغان چاغدا، ئۆزىگە خاس بولغان بىر توپلام ئەسەر قىلىپ چىقىرىشنى ئويلاشسا مۇۋاپىق بولىدىغاندەك ھېس قىلىمەن.

جەمىلە ئىسىملىك توردىشىمىزنىڭ پىكىرلىرىنى ئورۇنلۇق ھېس قىلدىم. لىكىن شەھلا خانىمنىڭ دەسلەپكى ئەسەرلىرىگە سېلىشتۇرغاندا ھازىر يازغىنى مەزمۇن چوڭقۇرلىقى، تىل ئىشلىتىش جەھەتلەردە كۆپ يۈكسىلىش، ئىلگىرلەش بار. بۇ شەھلانىڭ بارغانسىرى پىشىپ يېتىلىۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىىسى،

شەھلا خانىم، ناۋادا كىيىنلىكتە راستىنلا بىر توپلام قىلىپ، كىتاپ چىقارسىڭىز، ئىزدىنىشتىكى سادىق ئوقۇرمەنلىرىڭىزگە ئۆز قولىڭىزدا ئىمزا قويۇپ بەرمىسىڭىز بولمايدۇ جۇمۇ \"\"

ناۋادا كىتاپ بېسىش ئىجازەتنامىسى، بىر تۇتاش نەشىر نومۇرى دىگەندەك قانۇنى پۇتاقلار تەل بولغان بولسىغۇ، ئىزدىنىشتىكى بالىلارلا ھە ھۇ دەپ بېسىپ چىقىرۋېتەتتۇق! \"\"

yaxar48 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-14 14:10:07

دېمىسىمۇ، شەھلانىڭ بارغانسېرى پىشىۋاتقانلىقىغا نەزەر سېلىۋاتقان بولساممۇ، ئىزدىنىشتىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنى قارىسىغا ماختاپ، \"شەھلا قىزغىنلىقى \" پەيدا قىلىپ، ئۇنىڭ سەھۋەنلىكلىرىگە يول قۇيۇۋاتىدۇ. مەنچە بولسا، ئۇنىڭ ئىملادىن تارتىپ، جۈملە تۈزۈشكىچە بولغان ئارلىقتا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ئارلىقتا تۈزەلگەندەك قىلغان بىلەن، ھازىر سەل بۇزۇلىۋالدى. ھېكايىلىرىمۇ بىر ئىزىغا سەكرىگىلى تۇردى.

بەزىلەر ئۇنىڭ تور يازمىسىلا يېزىشىنى قوللىغان بولسىمۇ، مەتبۇئاتلارنىڭ ئۇنىڭغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇنىڭ نەزەرىدىن ساقىت قىلىشىغا قىستاۋاتىدۇ. مېنىڭچە ئۇ ئەمدى مەتبۇئاتقا يۈزلىنىشى كېرەك. كىتابلىرى چىقىشى كېرەك.

بىر يازغۇچىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئاسان بولمىغاندەك، تالانىتنىڭ بايقىلىشىمۇ ئاسان ئەمەس. ئۇ ئەمدى تور دۇنياسىدىن سىرتقى ئاۋام بىلەنمۇ ئۇچرىشىشى لازىم.

-----------------------------------------------------------------------

يۇقۇرىدىكىسى تورداش قاراتۇغنىڭ ئىنكاسى.

ئىزدىنىشتىكى بىر قىسىم كىشىلەر قارىسىغا ماختاپ....ئۇنىڭ سەھۋەنلىكلىرىگە يول قۇيۇۋاتىدۇ،دىگەن پىكىرىڭىزنى ئويلۇنۇشقا بۇلىدۇ.مىنىڭچە شەھلانىڭ ئەسەرلىرىنى قارىسىغا ماختاش ئەھۋالىنى تازا ھېس قىلىپ بۇلالمىدىم .ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئادەتتىكى كاللا بىلەن مۇنداقلا ئوقۇپ قۇيسىڭىز،دەرۋەقە بەزى بىر مۇھىم بولغان نازۇك نۇقتىلارنى ھېس قىلالمايسىز. ئۇ ئادەملەردىكى يۇشۇرۇن ئاڭ چۆكمىلىرىنى قېزىشقا،شۇ ئارقىلىق پەلسەپىۋى بوشلۇقتا سىزنى چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىشقا،ئادەم ماھىيىتىنى ھېس قىلدۇرۇشتا، ۋەزنى بار ئەسەر يېزىشقا ماھىر يازغۇچى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە قىسمەن نۇقسانلارنى يوق دىگىلى بولمايدۇ.لېكىن بۇ نۇقسانلارنى،ئەسەرلىرىدىكى بىر پۈتۈن گەۋدىلىك مۇۋەپەقىيەتلىرى ئالدىدا، تىلغا ئالاھىدە ئېلىپ كېتىشنىڭ مۇھىم ئەمەسلىكىنىمۇ ھېس قىلدۇرىدۇ.ئەسەرنى كۆرگەندىن كېيىن ئىنكاس يېزىش ھەممە ئادەمگە مەجبۇرىيەت ئەمەس،ئۆز نۆۋىتىدە جىممىدە كېتىپ قېلىشمۇ ياخشى يېزىلغان ئىنكاسقا تەۋەدۇر.قارىسىغا ماختاشمۇ بۇلىشى مۈمكىن،لېكىن ئىلمى ئۇسۇلدا ماختاشمۇ بەزىدە ئەسەر مەزمۇنىغا دەل كەلمەسلىكىمۇ مۈمكىن،بۇمۇ نورمال ئەھۋال.نىمىلا بولمىسۇن بەس-مۇنازىرە بۇلۇپ تۇرۇش ياخشى ئىش.

تىل ۋە ئىملا ھەقىقەتەن مۇھىم،ئىملا خاتالىقى كۆرۈلسە،ئۇقۇم خاتالىقى كېلىپ چىقىدۇ-دە،ئەسەرنىڭ بەدىئى قىممىتى بىۋاستە زەخمىگە ئۇچرايدۇ.

ئارىسلانمەمەتنىڭ پىكىرى تولىمۇ ئورۇنلۇق بۇلۇپتۇ،قوللايمەن.

tvman يوللانغان ۋاقتى 2013-11-14 14:27:41

قالتىس \"\"
بەت: [1] 2
: قاتىلنىڭ ئېلانى(شەھلا)