enzerbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-12 22:57:41

بالاڭلارنى قانداق قوشاق بىلەن ئۇخلىتىسىلەر؟

بالا تۇغۇلغاندىن تارتىپلا ئوماقلىقىغا قاراپ ئۇنى جىممىدە ئولتۇرۇپ ئۇخلاتقۇسى كەلمەيدۇ كىشىنىڭ ،ھەر قانچە كەمسۆز ئاتا-ئانىمۇ ئاشۇ ئوماق سەبىي پەرزەنتنى كۆرگەندە ئۇششاق تىللىرى چىقىپ سايراپ كتىدۇ .مەن بالامغا جىققىدە قوشاق ئوقۇپ بەرسەم دەيمەن ،ئەمما كاللامغا تۆۋەندىكى ئىككىلا قوشاق دەماللىققا كېلىدۇ:


  باقى باقىمەن،


قوغۇن باقىمەن،


قوغۇنلۇققا ئوبرى كىرسە،


چىشىنى چاقىمەن.


ئاپام ئايدەك،


دادام كۈندەك ،


مېنى باقىدۇ،


قىزىل گۈلنىڭ غۇنچىسىدەك.



چىك چىك چىك،


ئويغان بالىجان،


تەييارلىرى چاي ،


ساڭا ئانىجان.






ئاندىن مۇزىكا مەستانىسىنىڭ "تاغ ناخشىسى"نىمۇ پات-پات قىستۇرۇپ قويىمەن .سىلەرچۇ؟

bardam يوللانغان ۋاقتى 2013-11-14 20:18:13

قىزىم مىنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلىمىسا ئۇخلىمايدىغان بولىۋىلىپ

،تېلفونغا ئاۋازىمنى ئەپ قويۇپ قويۇپ بىرىپ ئۇخلىتاتتۇق

چىم -چاچاق ،

چىم ئۇيناق

مىنىڭ جان بالام

بەك ئوماق

مەن بالامغا

بەك ئامراق



نەزىرە خېنىم

ئالتۇن جېنىم

ئەمدى كەچ بولدى

ئۇخلاڭ قىزىم

ulukjan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-12 23:14:36

مەن ئۇنىڭغا قاراپ،ئۇ ماڭا قاراپ،قاراپ قاراپ،ئاۋال مەن ئۇخلاپ قالىدىكەنمەن ئۇ ماڭا قاراپ ئۇخلاپ قالىدىكەنغۇ تاڭ.

bendora يوللانغان ۋاقتى 2013-11-13 00:30:18

مەنغۇ قولۇمغا چىققان بالىغا قۇرئان ئوقۇپ بېرىمەن، يىغلىغان بالىمۇ توختاپ قالىدىكەن، ئىشنى قىلىپ ئىككى ئۈچ بالىدا شۇنداق سىناپ باقتىم، ئۇخلىدى!

نەس، فەلەق، ئىخلاس... ... دېگەندەك قىسقا ھەم قىرائىتى چىرايلىق سۈرىلەرنى تاللايمەن.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

enzerbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-13 08:08:19

پاي چەك ئوينايدىغانلارغا :

دۆلەت بىخەتەرلىك كومتېېتى قۇرسا مۇشۇ ئۈچ پاينىڭ تەرەققىياتى بەك ياخشى بولىمىش .

启明星辰(002439)、浪潮信息(000977)、卫士通(002268)等。

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-13 08:53:30

تاپشۇرۇق تۈگىگەن بولسا ئۇخلاڭ، يا تاپشۇرۇق ئىشلەڭ.

tayirt يوللانغان ۋاقتى 2013-11-13 09:06:10

ئەللەي ناخشىسىنى ئېيتىپ بىرىپ ئۇخلىتىمەن، خوش ياقمىسا چىراقنى ئۈچۈرۈپ كۆزۈكنى يۇم ئۇخلا دەپلا قويسام ئۆزىنى بىلىپلا ئۇخلاپ كېتىدۇ

matu يوللانغان ۋاقتى 2013-11-13 09:45:57

مەن قوزامغا بەك ئامراق بەك ئامراق بەك ئامراق،

بەدەنلىرى قاردەك ئاپپاق قاردەك ئاپپاق.

ئەگىشىدۇ كەينىمدىن كەينىمدىن كەينىمدىن،

بىز ئىككىمىز شۇنداق يېقىن شۇنداق يېقىن.



مەن ئۆزەم بىر ئاقلامچى ئاقلاشقا ئۇستا،

يېڭى سالغان بۇ ئۆينى ئاقلىدىم كاتتا.

تام تورۇسنى ئاقلىسام چوتكام ئوينايدۇ،

ئاقلىمىغان ئاخىرى بۇرنۇم قالماپتۇ.



شۇنىڭ بىلەن سول قولىدا ياقامدىن قاماللاپ تۇتۇپ، بىرمۇنچە كوتۇلداپ ئەگىشىپ ناخشا ئېيتىۋېتىپ ئۇخلاپ قالىدۇ.ئىككىلىسىنىڭ خۇيى شۇ.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-13 10:57:41

مەن قوشاپ ئېيتىپ بەرمەپتىمەن، ھەم قوشاق بىلەنمۇ ئانچە خوشى يوق،ئارىلاپ ھېلىقى سۇمەييەنىڭ قەلەملىك كىتاپلىرىنى بىرەر يېرىم سائەت ئوينايمىز.

چاتاق يىرى ھېرىپ كىرگەندە ئوينايلى دەپ تۇرۇۋالىدىغان ئىشى بار \"\" ، بىردەم ئوينىسام جۇلۇقۇم چىقىپ كېتىدۇ ئەمما كىچىك بالا ئاسان ھارمايدىغان ئوخشايدۇ.

شۇنىڭ بىلەن چىراقنى ئۆچۈرۈپ گەپمۇ قىلماي يېتىۋالساق 5-10 مىنۇتلارغىچە ئۇخلايدۇ.

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-11-13 11:10:20

بوۋاق ئۇخلايدىغاندا قوشاق ئېيتىپ بېرىپ ئۆگىتىپ قويسا چاتاقكەن. ئوغلۇم تۇغۇلغاندىلا ئەللەي ناخشىسى ئېيتىپ بېرىپ ئۆگىتىپ قويۇپتىكەن، ھازىر 15 ئايلىق بولدى ئۇخلىتىدىغاندا دەپ بېرىدىغانغا قوشاق توشۇتۇپ بولالماي چۆچەك ئېيتىپ بېرىدۇ. توختىماي گەپ قىلمىسا ئاپىسىنىڭ ئاغزىنى تاتلاپ قەغىشلىق قىلىدۇ. قوشاق ياكى چۆچەك ئېيتىپ بەرسە ياكى باشقا گەپ قىلىسا، ئىشقىلىپ توختىماي سۆزلەپ بەرسە ئاندىن ئۇخلايدۇ.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-11-13 11:24:29

ئۇخلىتىش ئۇسۇلى ۋە ئۇخلىتىش جەرياندىكى مەزمۇنلارنىڭ بالىنىڭ زېھنىي يېتىلىشىگە، مىجەز-خۇلقىنىڭ شەكىللىنىشىگە مەلۇم تەسىرلەرنى كۆرسىتىشى چوقۇم. مۇشۇ ھەقتە بىلىدىغانلار، تەجرىبىسى بارلار بولسا سۆزلەپ بېرىڭلارچۇ، @bilgejan سىزدىن ئىككى كەلىمە ئاڭلايلى ئاۋال \"\"

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2013-11-13 11:35:24

مەن ئوغلۇمنى ئۇخلايدىغان ۋاقىتتا 30 نى يەر بېغىرلىغىلى سالىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ جۇلىقى چىقىپ كېتىدۇ دە مىلىقشىپ ئۇخلاپلا كېتىدۇ.  {:92:}

86 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-13 11:41:55

دەسلەپتە شىڭشىڭشانى ئېيتىپ بېرىمەن، ھاۋادىكى لاچىن قۇشنى ئېيتىپ بېرىمەن(مۇڭلۇق ئېيىتمەن جۇمۇ!). بىلىدىغان ناخشىلارمۇ تۈگەيدۇ، ئاندىن كەتمەننى ئېلىپ، ئېتىزغا بېرىپ، ئۇرۇقنى تاللاپ، سۆرەمنى سېلىپ..... بۇغداي پىشىپ، خاماننى ئېلىپ.... مۇشۇنداق تىزىپ، لەغمەننى ئېتىپ، قۇساق تويغۇزۇپ ... تۈگىمەس ناخشې ئېيتىپ بېرىمەن. يەنىلا ئۇخلىمىسا،

كۆزۈڭنى يۇمۇپ،

ئۇيقاڭنى ئۇخلا!،

جىدەل قىلماي يات!

خورىگىڭنى تات!



دىگەن ناخشىنى  پاشا ئىشان ئېيتقان ناخشىلارنىڭ ئاھاڭلىرىغا سەپ   ئئېيتىپ بېرىپ ئۇخلىتىمەن.

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2013-11-13 12:08:11

مېنىڭ جىيەن قىزىم ئۆيدە بىر كۈن سەكرەپ-،تاقلاپ -يىقىلىپ- ئۈسسۈپ كەچ سائەت توققۇزلارغا يېقىن گىلەمدە ياكى سافادىلا ئۇخلاپ قالىدۇ.ئاندىن ئورنىنى راسلاپ ياتقۇزۇپ قويىمىز\"\"

matu يوللانغان ۋاقتى 2013-11-13 12:15:50

چىدىمىدىم، خۇدايىم بۇيرۇسا جۈمە كەچتە بارىمەن. \"\"

dilxikar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-13 12:35:47

ھازىرقى بالىلارغا ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا قوشاق ئوقۇپ بېرىشكە چولىسى تېگەمدىكىن تاڭ؟

elcibei يوللانغان ۋاقتى 2013-11-13 13:29:20

«‏‏لە ئىلەھە ئىللاللاھ» كەلىمەسىنى ئازراق ئاھاڭغا سېلىپ تەكرار ئوقۇپ بېرىمەن.

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-11-13 13:47:52

ھېرىپ كەتكەندە چۆچەك ئېيتىپ بېرىش بەك تەس كېلىدۇ بەزىدە. بەش ياشقا كىرەي دەپ قالدى، ئەمدى يالغۇز يېتىپ ئۇخلايدىغانغا كۆندۈرسەم بولاتتى. \"\"

arqin يوللانغان ۋاقتى 2013-11-13 15:03:33

ئەللەي بالامنىڭ ئەللىكى بار،

يۇمۇلاق تاشتەك كاللىكى بار .

.......





مۇشۇ 2 نى 10 قېتم تەكررلاپ قويسام ئۇخلايدۇ
بەت: [1] 2
: بالاڭلارنى قانداق قوشاق بىلەن ئۇخلىتىسىلەر؟