nazugum يوللانغان ۋاقتى 2013-11-12 09:31:47

زەمزەم سۈيى ھەققىدە تەتقىقاتچىلار نېمە دەيدۇ؟



perex323 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-14 21:18:32


12- قەۋەتتىكى mamattoxtiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بەلنىڭ تۆۋىنىگە ئۆتمىسە ،بۇ سۇنىڭ ئەتراپىدا ياشاپ شۇ سۇنى ئىچىدىغانلار مەڭگۈ سىيمەيدۇ دىگەن گەپما؟


\"\"\"\"




bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-12 11:21:28

زەمزەم سۈيىنىڭ چوقۇم تەر بىلەن چىقىپ كىتىدىغانلىقىنى قانداق ئىسپاتلاپتۇ؟ ئەگەر مۇمكىن بولسا، مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرى ئېلان قىلىنغان ماقالىلەرنى قوشۇپ قويسىڭىز بۇنىڭ قايىل قىلىشچانلىقى تېخىمۇ يۇقىرى ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرى تولۇق بولغان بولاتتى.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

nazigul يوللانغان ۋاقتى 2013-11-12 12:13:51

زەم-زەم سۈيىنىڭ تەر بىلەن چىقىپ كېتىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان دەپسىز، مەنمۇ بۇ گەپكە ھەيران قالدىم، شۇنى ئىسپاتلىغان توغرۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىنغان بولسا، قاچان قەيەردە ئېلان قىلىنغان ، ئادرىسى دىگەندەك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاركەن.

چۈنكى بىز ئادەتتە ئىچىدىغان سۇمۇ بىر قىسمى تەر بىلەن چىقىدۇ، تاماقلىنىش يوق شارائىتتا سۇ بىلەنمۇ خېلى كۈنگىچە جان ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.

بۇنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. بىلمەيدىغانلىرىمىزنى چوقۇم ئىسپاتى بىلەن ئوتتۇرىغا قويمىساق، قايىل قىلىش كۈچى ياخشى بولماي قېلىشى ئېنىق، شۇڭا قۇسۇر تاپتى دەپ چۈشەنمەي، توغرا چۈشۈنەرسىز.

rock يوللانغان ۋاقتى 2013-11-12 13:24:21

ئەسلى ھەقىقەتەنمۇ ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز مۆجىزىلىك سۇ ئىدى. لېكىن مۇشۇنداق غەلىتە مۆجىزىلەرنى زورلاپ قوشۇپ قۇيۇپ پۈتۈن ئىسلام دىنىنى باشقىلارغا خوراپى كۆرسۈتۈپ قويىدىغان كالتە خەۋەرلەر يامان جىق.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-11-12 14:20:30

رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلرى توغۇرلۇقمۇ ماندا تەتقىق قىلىپ ماندا نەتىجە چىقىپتىكەن دېگەن گەپلەر تولا ئۇچىرايدۇ، ئەسلى ماقەلە ماۋۇ دەيدىغان گەپ يوق، مۇشۇنداق ئەپقاچتى پاراڭلار ئىسلامنىڭ، مۇسۇلماننىڭ گېپىنى ئون تىيىن قىلىدۇ.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-12 15:02:37

بەزى بالىلار كۆڭلىنى خوش ئىتىپ ئوينامدىكىن،مەنمۇ شۇنداق بولغىيمىدىم دەپ قالىمەن تۇرۇپلا \"\"

nazugum يوللانغان ۋاقتى 2013-11-12 15:31:05

ھە ماقۇل @nazigul ئاچا، ئاۋۇ تور بەتكە كىرىپ (ئۇيغۇر خەۋەر تورى) سوراپ باقاي، قاچان قەيەردە سائەت قانچىدىن قانچە مىنۇت ئۆتكەندە نىمە دەپ قانداق.... ئىسپاتلىنىپتىكەن دەپ سوراۋاتىدۇ، تېز سۈرئەتتە سۈرۈشتۈرۈپ خەۋەر چىقىرىپ قويساڭلا دەپ بىر جىكىلەپ قوياي. خەۋەر چىقارسا ئۇتتۇر مۇشۇ يەرگە چاپلاپ قويىمەن...  {:107:}

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2013-11-12 15:33:49

ناھايىتى قايىل قىلارلىق، ئىلمىيلىكى يۇقىرى تەتقىقات ماقالىسى بوپتىغۇ.

ھەم قىسقا، پايدىلانغان مەنبەگە ئىھتىياج بولمىغان، \"تەتقىقاتچىلار\"نىڭ ئىسمى ۋە قانداق تەجرىبىخانلىكىگىمۇ زۆرۈر بولمىغان، ئەڭ مۇھىمى ئىزدىنىشتىكىلەرنىڭ ماختاپ كەتمىگەن بىر ماقالە بوپتۇ.




ياۋرۇپادىكى بىر تەجىربىخانىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتقا قارىغاندا زەمزەم سۈيىدىكى گۇڭگۈرت مىقتارى باشقا سۇلارنىڭ تەركىبىدىكى گۇڭگۈرتتىن ئازكەن. يەنە بىر تەتقىقات نەتىىجىسىگە قارىغاندا زەمزەم سۈيى باشقا سۇلارغا قارىغاندا تېىخمۇ بەكرەك قۇۋۋەت بېرىدىغان مېنىرال ماددىلار باركەن. زەمزەم سۈيىنىڭ مەنبەسى تېخىچە تېپىلمىغان. بۇ سۇنىڭ نەدىن كەلگەنلىكى، سۇنىڭ مەنبەسىنى قېدىرىپ تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدىن قارىغاندا ھېچنىمە مەلۇم بولمىغان. زەمزەم قۇدىقىغا يېقىن بولغان رايۇنلاردا بىرەر قۇدۇقمۇ يوق. دېڭىز بولسا بۇ يەردىن 80 كىلومېتىر يېراقلىقتا. بۇ ئەھۋالدا زەمزەم سۈيىنىڭ دېڭىزدىن ۋە ياكى باشقا بىر يەردىن مەنبە ئېلىشى ئىمكانسىز. بۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بارغانلار شۇنىڭغا ھەيران قالماقتىكى قانداق قىلىپ بۇ سۇ نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى تۈگەپ قالماستىن ئاقماقتا. زەمزەم سۈيىنىڭ يەنە بىر مۆجىزىسى شۇكى، ئۇنى ئاچلىقىنى بېسىش ئۈچۈن ئىچسە ئاچلىقىنى كەتكۈزىدىغان، ئۇسۇزلۇقىنى كەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىچسە ئۇسۇزلۇقىنى كەتكۈزىدىغانلىقىدۇر. پەقەتلا بىر يېرىم مېتىر چوڭقۇرلۇقتىن چىقىدىغان سۇ، ھەج مەۋسۈمى جەريانىدا نەچچە مىليون ئىنساننىڭ سۇ ئىھتىياجىنى پۈتۈنلەي قاندۇرۇشقا يېتىدۇ. دۇنيا ساقلىق تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتلىرىغا قارىغاندا زەمزەم سۈيى دۇنيادىكى ئىچىلىدىغان سۇلار ئىچىدىكى ئەڭ ساغلام بولغان پاكىزە سۇدۇر. ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتتا بايان قىلىنىشىچە زەمزەم سۈيى ئىچىدە مىكروپ بولمىغان بىردىن- بىر سۇدۇر. يەنە بىر تەرەپتىن ئىچىلگەن زەمزەم سۈيى ھېچقاچان بەلدىن ئاستى تەرىپىگە چۈشمەيدىغان بولۇپ، ھەرگىزمۇ كىچىك تەرەت يولى ئارقىلىق چىقىرىلماستىن بەلكى بەدەندىن تەر يولى بىلەن چىقىرىلىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-11-12 15:40:43

7- قەۋەتتىكى nazugumنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھە ماقۇل @nazigul ئاچا، ئاۋۇ تور بەتكە كىرىپ (ئۇيغۇر خەۋەر تورى) سوراپ باقاي، قاچان قەيەردە سائەت قانچىدىن قانچە مىنۇت ئۆتكەندە نىمە دەپ قانداق.... ئىسپاتلىنىپتىكەن دەپ سوراۋاتىدۇ، تېز سۈرئەتتە سۈرۈشتۈرۈپ خەۋەر چىقىرىپ قويساڭلا دەپ بىر جىكىلەپ قوياي. خەۋەر چىقارسا ئۇتتۇر مۇشۇ يەرگە چاپلاپ قويىمەن... \"\"



شۇڭاۋاغۇ، ئۇدۇل كەلگەن نەرسىنى تارقىتىۋەرمەيمىز.


ئاڭلىغان نەرسىنىڭ ھەممىنى دەۋىرىش ئەڭ چوڭ يالغانچىلىقتۇر_ھەدىستىن

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-12 18:25:54

شۇنچە جاپا تارتىپ، ئېسىل ئىلمىي ماقالىدىن بىرنى كۆچۈرۈپ كەلسە، رەھمەت، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن دېمەكتە يوق، ئۇنى-بۇنى دەپ قۇسۇر ئىزدەيدىغان باللار باركىنا.

نازۇگۇم جاپا چەكتىڭىز، داۋاملىق تىرىشىپ چاپلاپ تۇرۇڭ. \"\" \"\" \"\"

mamattoxti يوللانغان ۋاقتى 2013-11-12 18:29:18

تۆتىنجى دەرىجە ئىمتاھاننىڭ ماقالىسىگە ئوخشاپتۇ يۈز نۇمۇر بېرىلسۇن

mamattoxti يوللانغان ۋاقتى 2013-11-12 18:30:49

بەلنىڭ تۆۋىنىگە ئۆتمىسە ،بۇ سۇنىڭ ئەتراپىدا ياشاپ شۇ سۇنى ئىچىدىغانلار مەڭگۈ سىيمەيدۇ دىگەن گەپما؟

mamattoxti يوللانغان ۋاقتى 2013-11-12 18:34:05

جاھالەت قايتىلىنىۋاتامدۇ بىلمىدىم ،بەزىدە قارا ئۆڭكۈردە ياشاۋاتقاندەك ھىس قىلىمەن ئۆزەمنى! ياراتقان ئىگەم ئۆزەڭ بار!

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-12 19:04:28

7- قەۋەتتىكى nazugumنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قاچان قەيەردە سائەت قانچىدىن قانچە مىنۇت ئۆتكەندە نىمە دەپ قانداق.... ئىسپاتلىنىپتىكەن دەپ سوراۋاتىدۇ، تېز سۈرئەتتە سۈرۈشتۈرۈپ خەۋەر چىقىرىپ قويساڭلا دەپ بىر جىكىلەپ قوياي. خەۋەر چىقارسا ئۇتتۇر مۇشۇ يەرگە چاپلاپ قويىمەن... \"\"

===============


ناھايتى مۇھىم ۋەزىپەلەرگە تۇتۇش قىلىۋىتىپسىز، ھارمىغايسىز....

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-12 20:23:31

2- قەۋەتتىكى begir3نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بەزى ھاجىملار ئۈرۈمچىگە چۈشكەندە تۇڭلارغا سۇ قاچىلاپ ، يۇرتقا كەلگەندە زەم - زەم سۈيى دەپ يوقلاپ كەلگەن يىراق تونۇشلارغا بېرىدىكەن .

ئىشىك ئالدىدىكى تاللا بازىرىدا زەم زەم سۈيى دەپ تۇڭلارغا قاچىلاپ سېتىۋاتىدۇ . ئۈستىدە ساپلا ئەرەپچە خەتكەن . زەم - زەم سۈيى تاۋار سۈپىتىدە سەئۇدى بازارلىرىغا سېلىندىمۇ ؟


سىلىنماي ئەمدى ،10 كىلولىقىنى 10 رىيالدىن ساتىدۇ تاللا بازىرىدا !  بايقاپ ئىچىڭ، زەمزەم سۇيىنىڭ تەمى ئادەتتىكى سۇلارغا ئوخشاپ كەتمەيدۇ !

nazigul يوللانغان ۋاقتى 2013-11-12 21:04:50

7- قەۋەتتىكى nazugumنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھە ماقۇل @nazigul ئاچا، ئاۋۇ تور بەتكە كىرىپ (ئۇيغۇر خەۋەر تورى) سوراپ باقاي، قاچان قەيەردە سائەت قانچىدىن قانچە مىنۇت ئۆتكەندە نىمە دەپ قانداق.... ئىسپاتلىنىپتىكەن دەپ سوراۋاتىدۇ، تېز سۈرئەتتە سۈرۈشتۈرۈپ خەۋەر چىقىرىپ قويساڭلا دەپ بىر جىكىلەپ قوياي. خەۋەر چىقارسا ئۇتتۇر مۇشۇ يەرگە چاپلاپ قويىمەن... \"\"


ئاچا دىگىنىڭىزگە رەھمەت!  سىزدەك ئىلمىي تەتقىقاتچىلاردىنمۇ مۇھىم خىزمەت ئىشلەيدىغان ئۇكاشلىرىم يوقتى دەپ قاپتىمەن.  خەۋەر تورى بىلەن مۇنبەر ئارىسىدا قاترايدىغان ۋەزىپىڭىز ئېغىركەن ، بىلمەي قاپتۇق.




iltersh يوللانغان ۋاقتى 2013-11-12 22:50:49

نەق ۋىچەتلەردە يوللىنىدىغان تۇترۇقسىز تېمىلارنىڭ بىرىدەك قىلامدۇ نىمە؟

بولسا مۇشۇنداق تەتەمپەتە گەپلەرنى قىلمىساق ، مەنبەسى قايسى، قايسى تەجرىبىخانا ، قايسى تەتقىقاتچى ، قانداق تەتقىقات مۇشۇلارنى ئېنىق يازمىساق كۆۋرۈك بېشىدىكى غەيۋەتچى خوتۇنلارنىڭ نەق ئۆزىگىلا ئوخشاپ قالىمىز.

ئىزدىنىشنىڭ ئەزالىرى باشقا مۇنبەر ئەزالىرىغا قەتئى ئوخشىمايدۇ ، خاتا گەپ قىلىپلا سالسىڭىز ھەرگىز سىزنى ئاياپ ئولتۇرمايدۇ ، پاختىڭىزنى قانچىلىك ئېتىشقا توغرا كەلسە شۇنچىلىك ئاتىدۇ...

بەك گەپ قىلايلى دىسەك زەمزەم سۈيىگە تىل تەگكۈزۈپ سېلىپ گۇناھكار بوپ قېلىشتىن قورقىدىكەنمىز

ئاشقۇن موللىلىرىمىز، ئاغزىدىن سۈت پۇراپ تۇرۇپ ۋاڭبا ، دىبا ئوينايدىغان چالا موللىلىرىمىز ئامېرىكا ، غەرپ ، ياۋروپا دىسە بولۇشىغا تىللايدىيۇ ، ئەمما بۇ تېمىدا يەنە ئامېرىكا ، غەرپنىڭ تەتقىقاتلىرىدا ئىسپاتلىنىپتۇ دەپتۇ.

قىزىق ، ئامېرىكىنى ئەڭ ئۇلۇغلايدىغانلار «موللىلىرىمىز» ئىكەن، بىزدەك ئامېرىكىپەرەس ئاتالغانلار ئۇلارنىڭ قولىغا سۇمۇ قۇيۇپ بېرەلمىگۈدەكمىز.....

ئامېرىكا جىم تۇرسا جىم تۇرۇۋالدى،كارى بولمىدى دەپ تىللايدىكەن

ھەرىكەت قىلسا مۇسۇلمانلارنى قىردى دەپ تىللايدىكەن...

ulukjan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-12 23:05:39

مۇنداق كاتتا خەۋەرلەرنى ئۈندىدار دوستلۇق چەمبىرىكىگە چاپلاپ ئويناڭلار.
بەت: [1] 2
: زەمزەم سۈيى ھەققىدە تەتقىقاتچىلار نېمە دەيدۇ؟