baytekin يوللانغان ۋاقتى 2013-11-11 18:37:19

بۇ قېتىم تېلفوننى چوقۇم ئالىمەن!(ياردەم)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار!


سەت بولدى، يەنە سىلەرنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم، مەن ئۆزى ئەزان، شەكلى كۆركەم، سەپلىمىس ياخشىراق تېلفوندىن بىرنى ئالاي دەپ ئىزدەپ يۈرگىلى خېلى بولغان. بۇ توغۇرلۇق مۇنبەردىكى ئۇستازلاردىن مەسلىھەت، ياردەم سوراپ تېمىمۇ يازغان. مۇشۇ شۇ http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=55452


ئەمدى نەق گەپكە كەلسەم: كارتام تېلگىرافنىڭ، ئالدىنقى قېتىم ئۇستازلارنىڭ ئەسكەرتىشى بىلەن تېگىراف كارتىسى ئىشلىمەيدىغان خوڭمىي تېلفوندىن ۋاز كەچكەن ئىدىم. بۇ قېتىم بۇ تېلفونغا كۆزۈم چۈشتى.(ماركىسى:بەيدۇ  http://item.jd.com/974392.html?utm_source=product.cnetnews.com.cn&utm_medium=tuiguang&utm_campaign=t_26661_zdnet&utm_term=a15814b31dba408ab8ac0f1a2efd707d)


ماز يېرى بۇ تېلفوننىمۇ تالاشتۇرۇپ ساتىدىغان ئوخشايدۇ، كىلەر قېتىملىقى 18- چىسلا ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت  8  دىكەن. بولسا ئۇستازلار ئازراق ۋاقتىنى چىقىرىپ مۇشۇ تېلفون توغۇرلۇق مەسلىھەت بەرسە......


دەششەت ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم، ھازىرچە قۇرۇقلا رەھمەت!....

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

fayrat يوللانغان ۋاقتى 2013-11-11 21:27:55

نىمىشقىكىن مەيلى نىمە بولسۇن مۇشۇ خەقنىڭ بىرنىمىسىنىدىن ھېچنىمە ئالمىسام دەيمەن ،لىكىن بەزىلىرىگە ئامال يوق ئېلىپ سالىمەن . مەنچە بولغاندا ئېلىكتىر سايمانلىرى يەنىلا ياپون ئامېركىنىڭ ياخشى.

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-11 21:42:02



  تېخى تالىشىىشقا ئالدىن كىلىشىپ قويمىسىڭىز سېتىش ۋاقتى كەلگەندە تالىشالمايسىز .

begtash يوللانغان ۋاقتى 2013-11-11 23:57:32

ئاخشام بۇ يانفۇننى ئىلىپ  بولوپ قايتۇرىۋەتكەن ئىدىم. توردا دىيىلىشچە بۇ يانفۇننىڭ سۈپىتى دىگەندەك ياخشى ئەمەسكەن، شۇڭا مەن 华为c8813dq يانفۇنىنى سىتىۋالدىم، مۇشۇ يانفۇننى كۆرۈپ بىقىڭ.

naprat2009 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-12 06:44:06

ھە دېسىلا ئانا تىلىمىزنى قوللايلى دەپ شوئار توۋلايدۇ، ئەمەلىيەتتە كارى يوق.

جۇڭگونىڭ تېلېفونلىرى ئۇيغۇرچىنى قوللىمىسا يا، موشۇ خەقنىڭ نېمىسىگە نېمانداق ئامراق بولغايسىلەر؟

سامسۇڭ، سونىينىڭ ئۇيغۇرچىنى قوللايدىغان سۈپەتلىك، ئەرزان تېلېفونلىرى بارغۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئالمايسىلەر؟

چەتئەل تېلېفونلىرى ئۇيغۇرچىنى بەك قوللاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئالمامسىلەر؟

elqut يوللانغان ۋاقتى 2013-11-12 09:38:29

خۇۋاۋىي 8813 د تىلفۇنى ئۇيغۇرچە تۇنۇيدۇ تىلگىراپ كوچمە بىرلەشمە كارتىسدىنى تۇنۇيدۇ قوش كارتىلىق مەنمۇ ئۇزاقتىن بىرى شۇنى ئىشلىتىۋاتىمەن خىلە يامان ئەمەس چىقىپتىغۇ

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-12 10:17:55

سونى ئىشلىتىڭە

nazigul يوللانغان ۋاقتى 2013-11-12 10:24:21

سامسۇڭ نى ئىشلىتىپ بېقىڭ. ئالما بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغىنى مۇشۇ سامسۇڭ بولىۋاتىدۇ ھازىر. ئۇيغۇرچە خەت تونۇيدۇ، ھەممە ئىقتىدارى تولۇق دىگىدەك بار.

tayirt يوللانغان ۋاقتى 2013-11-12 10:54:26

مىنىڭ NOKIA 1520 ئالغۇم كەلگەن ئىدى . باھاسى 5000 دىن تۈزۈكرەك چۈشمەي يۈرۈيدۇ .

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-12 16:45:53

مەن ئۆز قولۇم بىلەن تۇتۇپ سىناپ باققان بىر يانفون: 三星 SCH-I759 قوش كارتىلىق. (تىپى بولغاندىكىن، قايسى تور بەتتىن كۆرۈشنى دىمىسەممۇ بولار. \"\" )

ps: مەن ئادەتتە ئۈچ تور قوللايدىغان iphone 4s ئىشلىتىمەن، لىكىن بەزىدە ئىككى كارتىنى تەڭ ئىشلىتىشكە ئىھتىياج بولغاندا، 50 سومغا ئىلۋالغان كۆچمە خەۋەرلىشىش بىلەن جوڭخۇ تىلگىراف كارتىسىنى قوللايدىغان كىچىككىنە تاق كارتىلىق samsung دىن بىرسى بار، شۇنى ھەمرا قىلىپ يۈرىيمەن.

kitabhumar1 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-13 02:23:45

مەن يەنىلا سونىينى تەۋىسيە قىلىمەن.تىگىدىن ئۇيغۇرچە تونويدۇ.پۇختا ،ئىشەنچىلىك ...

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-13 11:18:01

ئالما 5s ياكى  samsung not3

baytekin يوللانغان ۋاقتى 2013-11-13 15:00:40

4- قەۋەتتىكى begtashنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاخشام بۇ يانفۇننى ئىلىپ  بولوپ قايتۇرىۋەتكەن ئىدىم. توردا دىيىلىشچە بۇ يانفۇننىڭ سۈپىتى دىگەندەك ياخشى ئەمەسكەن، شۇڭا مەن 华为c8813dq يانفۇنىنى سىتىۋالدىم، مۇشۇ يانفۇننى كۆرۈپ بىقىڭ.



مەسلىھەت بەرگىنىڭىزگە رەھمەت...قولۇمدا خۇاۋىي س 8812 تېلفونىدىن بىرسى بار، تېلفون سۈرئىتى بەك سەت ئېغىرلىشىپ كېتىپ نەچچە قېتىم زاۋۇت ھالىتىگە ئەكەلسەممۇ ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بورۇنقىدەك بولىۋېىلىپ ئىككىنىچى خۇۋاېي تېلفون ئىشلەتمەسمەن دەپ كەتكەن ئىدىم.....

baytekin يوللانغان ۋاقتى 2013-11-13 15:09:26

5- قەۋەتتىكى naprat2009نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھە دېسىلا ئانا تىلىمىزنى قوللايلى دەپ شوئار توۋلايدۇ، ئەمەلىيەتتە كارى يوق.

جۇڭگونىڭ تېلېفونلىرى ئۇيغۇرچىنى قوللىمىسا يا، موشۇ خەقنىڭ نېمىسىگە نېمانداق ئامراق بولغايسىلەر؟

سامسۇڭ، سونىينىڭ ئۇيغۇرچىنى قوللايدىغان سۈپەتلىك، ئەرزان تېلېفونلىرى بارغۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئالمايسىلەر؟

چەتئەل تېلېفونلىرى ئۇيغۇرچىنى بەك قوللاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئالمامسىلەر؟



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!


مەن ئاغزىدا شۇئار توۋلاپ، شەھەر ئالدىغانلاردىن ئەمەس قېرىندىشىم. بۇرۇن ئىشلىتىۋاتقان خۇاۋېي تېلفوننىمۇ روتلاپ، ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇپ ئىشلىتىۋاتقان(ئەلۋەتتە بۇ دېگىنىم سامسۇڭ، سونىي تېلفونىىڭ تەكتىدىن ئۇيغۇرچە قوللىشىغا ئوخشاش دېگىنىم ئەمەس.)


گەپنىڭ قىسقىسى: ھەركىم يانچۇقتىكى پۇلغا چۇشلۇق تېلفون ئىزدەيدۇ، بولمىسا مېنىڭمۇ ئايفون، ئايپەدلەرنى ئىشلەتكۈم بار، بۇ يەردە جۇڭگونىڭ تېلفونلىرنى ماختاپ ئېلان ئىشلىمىدىم، چىرايلىق مەسلىھەت سوراۋاتىمەن، ئۇنچە سېسىق گەپ قىلىشنىڭ ئورنى يوققۇ دەيمەن؟....

begtash يوللانغان ۋاقتى 2013-11-14 00:11:01

13- قەۋەتتىكى baytekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

4- قەۋەتتىكى begtashنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاخشام بۇ يانفۇننى ئىلىپ  بولوپ قايتۇرىۋەتكەن ئىدىم. توردا دىيىلىشچە بۇ يانفۇننىڭ سۈپىتى دىگەندەك ياخشى ئەمەسكەن، شۇڭا مەن 华为c8813dq يانفۇنىنى سىتىۋالدىم، مۇشۇ يانفۇننى كۆرۈپ بىقىڭ.



مەسلىھەت بەرگىنىڭىزگە رەھمەت...قولۇمدا خۇاۋىي س 8812 تېلفونىدىن بىرسى بار، تېلفون سۈرئىتى بەك سەت ئېغىرلىشىپ كېتىپ نەچچە قېتىم زاۋۇت ھالىتىگە ئەكەلسەممۇ ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بورۇنقىدەك بولىۋېىلىپ ئىككىنىچى خۇۋاېي تېلفون ئىشلەتمەسمەن دەپ كەتكەن ئىدىم.....



8812نىڭ ram 512 شۇڭا قىتىۋالىدۇ، 8813dq نىڭ ramنىڭ چوڭلىقى 1gb، بۇ يانفۇننىڭ قىتىۋىلىشىدىن ئەنسىرىمىسىزڭىزمۇ بولىدۇ.  مەن  ھازىر 8813q ئىشلىتىۋاتىمەن، شۇنداق ياخشى.

بەت: [1]
: بۇ قېتىم تېلفوننى چوقۇم ئالىمەن!(ياردەم)