pulsar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-11 16:04:24

مۇنۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىمەن[تېخنىكا]

مەن سىكاننېرلىغان pdf ھۈججەتنى word ھۈججىتىگە ئاتلاندۇرماقچى بولۇپ، ABBYY  يۇمشاق دېتالىنى ئىشلەتكەنىدىم. ئايلاندۇرۇشتىن بۇرۇن مەخپىي نومۇر تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالدى. مەن مەخپىي نومۇرنى قانداق قىلىپ يېشىۋېتىشنى بىلمەي قالدىم، ئىزدىنىشتىكى بۇ جەھەتتە بىلىمى مول بالىلار خېلى بار دەپ ئويلايمەن، مۈمكىن بولسا ياردەم قىلسىكەن دېگەن ئۈمىدتە بۇ يازمىنى يوللاۋاتىمەن، ياردىمىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر دوستلار.

ozugh يوللانغان ۋاقتى 2013-11-12 15:58:56

سىز سايىلانغان رەسىم ھۆججىتىنى تەھرىرلىگىلى بولىدىغان يېزىق ھۆججىتىگە ئايلاندۇرماقچىمۇ؟ (تېما يازغاندا گەپنى ئوچۇق دەڭ )

ئايلاندۇرماقچى بولغان يېزىق ئۇيغۇرچە بولسا ABBYY دېگەن دېتال ئۇنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايدۇ. ABBYY دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغارOCR دېتالى شۇنداقلا دۇنيادىكى نۇرغۇن يېزىقلارنى قوللايدىغان بولسىمۇ مېنىڭ بىلىشىمچە تېخى ئۇيغۇرچىنى تونۇش ئىقتىدارى قېتىلمىدىغۇ دەيمەن.

ئەگەر قىلماقچى بولغىنىڭىز خەنسۇچە بولسا ABBYY بولىدۇ. ياكى خەنۋاڭنىڭ ھەقسىز PDF OCR دېتاللىرى بار. توردىن ئىزدەپ باقسىڭىز بولىدۇ.

چوقۇم ABBYY نى ئىشلەتكىڭىز بولسا ماۋۇ تور بەتتىن چۈشۈرۈپ كۆرۈپ بېقىڭ. مەن ئىلگىرى ئىشلىتىپ سىناقتىن ئۆتكەن نەشىرى:

ABBYY FineReader 11.102.519 中文版(ocr文字识别软件免费下载

http://www.xiazaiba.com/html/5749.html

pulsar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-13 11:00:10

سىكاننېرلىنىپ pdf قىلىنغان بۇ ھۈججەتنىڭ يېزىقى كىرىل (سىلاۋىيانچە) يېزىقى ئىدى. بۇنى ABBYY دا ئوقۇتۇپ، word قا ئايلاندۇرۇۋالماقچى بولغىنىمدا، مەخپىي نومۇرنى كىرگۈز دەپ تۇرۇۋالدى. مەن شۇ مەخپىي نومۇرنى قانداق يېشىشنى بىلمىدىم. ھۈججەتنى تەمىنلىگەن تور بەتتىن ئىزدىگىلى بولمايدۇ. شۇڭا مەخپىي نومۇرنى يېشىۋېتىدىغان ئامال بولسا بولاتتى.

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-11-13 18:30:57

پەقەت باشقا ئامال بولمىسا، بۇ pdf ھۆججەتنى ps بىلەن ئېچىپ، قايتا pdf ھۆججىتى ھاسىل قىلىپ ئاندىن ocr دېتالى بىلەن تېكىست ھۆججەتكە ئايلاندۇرسىڭىز بولغىدەك.

ozugh يوللانغان ۋاقتى 2013-11-15 10:16:22

قانداق بولدى؟
بەت: [1]
: مۇنۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىمەن[تېخنىكا]