istikbal يوللانغان ۋاقتى 2013-11-11 10:37:54

ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ كىيىمى نېمە ئۈچۈن ئاق رەڭدە بولىدۇ؟[كۆچۈرۈلمە]

ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ كىيىمى ئۇلارنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتى ۋە خىزمەت ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ھىم قۇرۇلما بولۇپ، بوشلۇقتىكى ۋاكۇئۇم، يۇقىرى ۋە تۆۋەن تېمپېراتۇرا، قۇياش رادىياتسىيەسى ۋە مىكرو ئاقار يۇلتۇز قاتارلىقلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلايدۇ. ئالەم بوشلۇقىدا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ھەر خىل ئالەم نۇرلىرىنىڭ ۋە ئىسسىقلىق رادىياتسىيەلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا بىۋاسىتە ئۇچرايدىغان بولغاچقا، بۇ كىيىملەرنىڭ رەڭگى ئاق بولغاندىلا ئاندىن تۈرلۈك رادىياتسىيەلەرنى ئەڭ زور دەرىجىدە قايتۇرغىلى، قوبۇل قىلىدىغان ئىسسىقلىق رادىياتسىيەسىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگىلى بولىدۇ. بىز ئادەتتە ئاتموسفېرا قاتلىمى قوغداپ تۇرغان يەر يۈزىدە ياشايمىز، ئاتموسفېرا قاتلىمى ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق تۈرلۈك ئالەم نۇرلىرىنى تولۇق سۈمۈرۈۋالىدۇ. ئالەم بوشلۇقىدا بولسا قۇياشتىن كېلىدىغان ئىسسىقلىق رادىياتسىيەسى يەر يۈزىدىكىدىن بىر نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ، شۇنداقلا باشقا ئالەم نۇرلىرىمۇ خېلىلا كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭا، بۇنداق ئەھۋالدا تۈرلۈك رادىياتسىيەلەرنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىنى توسىيالايدىغان ئالاھىدە ماتېرىيالدىن ئىشلەنگەن ئاق رەڭلىك ئالەم كىيىملىرى ئارقىلىق ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ سالامەتلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئالەم بوشلۇقى ناھايىتى سوغۇق بولىدىغان بولغاچقا، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ تەسكەي تەرىپى ئالەم بوشلۇقىغا ئىنفىرا قىزىل نۇر رادىياتسىيەسىنى تارقىتىدىغان رادىياتسىيە مەنبەسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ، بۇ چاغدا ئاق رەڭلىك ئالەم كىيىملىرى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئىنفىرا قىزىل نۇر رادىياتسىيەسىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، ئىسسىقلىق ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ.


ئەسلى مەنبە ئۇيغۇر خەۋەر تورى


http://uynews.com/mazmun.php?hid=1639

بەت: [1]
: ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ كىيىمى نېمە ئۈچۈن ئاق رەڭدە بولىدۇ؟[كۆچۈرۈلمە]