xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-11 02:21:10

تارىخنىڭ يەنە بىر يۈزى

بۇ ماقالە مۇنبىرىمىزدىكى (ئىككى روماندىكى مۆھتىرەم خېنىم ئوبرازى ھەققىدە  ) دىگەن تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈن يوللاندى.





تارىخنىڭ يەنە بىر يۈزى



_ «جاللات خېنىم» رومانى توغرىسىدا



ئابدۇسالام شۈكۈر نۇھ



  تارىخ بىزگە نۇرغۇنلىغان سىرلارنى قالدۇرۇپ
كەتتى. تارىخ ئەسلىدىنلا چېگىش بولىدۇ. چۈنكى ھەرقانداق بىر تارىخ مەلۇم سىنىپىي
جەمىيەت ۋە گۇرۇھنىڭ غالىپلىق ناخشىسىدىن ئىبارەت. شۇڭا تارىخنامىلەرگە يېزىلغان
تارىخ بىلەن خەلقنىڭ قەلبىگە يېزىلغان تارىخ ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن پەرق ۋە
ئوخشىماسلىقنىڭ بولىشى تارىخنىڭ كۆپ قاتلاملىقى، مۇرەككەپلىكى ۋە ئۇنىڭ ئوخشىمىغان
نۇقتىلاردا تەتقىق قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئۇيغۇر تارىخى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بۈگۈنكى زامانغا ئۇلىشىش تارىخى، ئۇ تارىخ
قەدىمىمىزنىڭ ئىزچىىلىقىدىن مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن تارىخنامىلەردە
ئىزچىل، سېستىمىلىق يېزىلغان تارىخ ئەمەس.  بۇ خىل تارىخ يېزىلدى دىگەندىمۇ كۆپ خىل ئىدىيە،
ھەرىكەت تارىخىنىڭ مەلۇم بىر تەرەپلىرىلا يورۇتۇلغان خالاس. بۇ تارىخنىڭ
كىتاپنامىلەردە يېزىق ئارقىلىق خاتىرىلەنگەندىن باشقا يەنە بىر يۈزىنى يەنى شۇ
تارىخنىڭ ئوبېكتى بولغان ئىجتىمائى توپنىڭ دۇنياقارىشى، ئېستېتىك قارىشى، ھەرىكەت
ۋە روھىيىتىدە ساقلانغان، ھاياتىي مەنبەگە ئايلانغان، ئەكس ئەتكەن تەرەپلىرىنى
كۆرۈش، كۈزۈتۈش ۋە تەتقىق قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسەتسە كېرەك.


  تارىخنىڭ بۇ خىل كۈزىتىلىشى تارىخ پېنىنىڭ ئەسلى
ماھىيىتىگە ۋە ئۇنىڭ تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىگە زىت ئەمەس. بۇ پەقەت تارىخ پېنىنىڭ
نوقۇل تەزكىرەشۇناسلىق ۋە ھۆججەتشۇناسلىق قاتلىمىدىن بۆسۈپ چىقىپ كۆپ خىل كۈزىتىش
نۇقتىسى ۋە  بىلىش يۈكسەكلىكىگە قاراپ
تەرەققى قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. تارىخ تەتقىقاتىدىكى ئاساس تارىخىي ماتىرىياللار
بولسىمۇ لېكىن بۇ تارىخ تەتقىقاتىنىڭ بىردىن بىر ئاساسى ئەمەس، ئەگەر شۇنداق دەپ
قارىلىدىكەن بۇ تارىخ پېنىنىڭ ئىلمىيلىقى ۋە تارىخنىڭمۇ تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىنى
ئىنكار قىلىش بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. تارىخىي ماتىرىياللارغا تايىنىپ تارىخ تەتقىقاتى
بىلەن شۇغۇللىنىش  تارىخ پېنىنىڭ مۇقىم،
تۇرغۇنلۇق ئالاھىدىلىكىگە كۆڭۈل بۆلسە، تارىخنى ئىجتىمائى توپنىڭ پەلسەپە،
ئەدەبىيات – سەنئەت، ھەركەت، ئىدولوگىيە ۋە پىسخىكا تەرەققىياتى مۇساپىسىگە قويۇپ كۈزىتىش
تارىخنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىگە، ژانىر خۇسۇسىيىتىگە ھەم ئۇنىڭ ئەبەدىلىك
ئالاھىدىلىكىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ.


  ئۇيغۇر تارىخچىلىقى ھەققىدە
سۆزلىگىنىمىزدە يەنە بىر نۇقتىنى ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەككى، ئۇيغۇر
تارىخى بىز بۈگۈنكى كۈندە پەن نۇقتىسىدىن كەسكىن پەرقلەرگە ئايرىغان "تارىخ
" ئەمەس، بەلكى تەزكىرە ئەدەبىياتى ياكى ئەدەبىياتتىن ئايرىلىپ باقمىغان، ئەدەبىيات
بىلەن ئېنىق ژانىر ئايرىمىغان ئەدەبىي تارىختىن ئىبارەت. «مەڭگۈ
تاش ئابىدىلىرى»، «تۈركى تىللار دىۋانى»،«تەزكىرەئى
بۇغراخان»،«تارىخى رەشىدى» ،«تەۋارىخ»،«تەزكىرائى ئەزىزان»،«تارىخى
ھەمىدىيە»قاتارلىق ئەسەرلەرگە قاراپ باقساقلا بۇ سۇئالغا جاۋاپ تاپالايمىز.
يۇقىرىقى كىلاسسىك نەمۇنىلەر مىللىتىمىز ئۈچۈن ئەڭ ئالدى بىلەن ھەم  تارىخ ھەم ئەدەبىيات. يەنە ئۇلاردا ئەكس ئەتكەن
باشقا ژانىرلىق خۇسۇسىيەت ۋە مەزمۇن قاتلاملىرى ئەجداتلارنىڭ دۇنيانى بىلىش
ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىنىڭ ھەر خىل ئوبېكتىپ ئىنكاسلىرىدىن ئىبارەت.


بىز تەزكىرە ئەدەبىياتى ياكى ئەدەبىي
تارىخ دەپ ئېيتىۋاتقان ژانىر ئۇيغۇر مەدىنىيىتى تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ 20 – ئەسىر
ئاخىرقى بۆلىكىدە باشقا بىر ژانىر نامى بىلەن مەيدانغا چىقتى. بۇ مەلۇم خىل
ئەدەبىيات شەكلىنىڭ ئەنئەنىۋىلىك ئاساسىدا راۋاجلىنپ بارىدىغانلىقىدەك ئىچكى
تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈردى. تەزكىرە ئەدەبىياتى ئەنئەنىسى شۇنداقلا
بۇ خىل ئەنئەنىنىڭ زامانىۋىي سەنئەت ئېڭى يۈكسەكلىگىدىكى ئىسلاھات بىزدە دەسلەپ
قىسسەچىلىكنى ئاندىن تارىخىي رومانچىلىق ھادىسىسىنى مەيدانغا چىقاردى. ئۇيغۇر
ئەدەبىياتىدا شەكىللەنگەن «تارىخى رومانچىلىق قىزغىنلىقى» ھادىسىسى ئۇيغۇر
يازغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تارىخىنى تارىخىي ماتىرىياللار ئاساسىدا يەنە بىر قېتىم
ئوقۇپ چىقىشى ۋە تارىخقا يەنە قايتىدىن قايتىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئۇنىڭدا
يازغۇچىلىرىمىزنىڭ تارىخ ھەققىدىكى ئوبېكتىپ ھەقىقەتلەردىن مۇكەممەل تارىخ
ئىدىيىسى تىكلەش قىزغىنلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.


ئەدەبىياتىمىزدا
پروزا ۋە تارىخنىڭ بىرلەشمىسىدە يارىتىلغان ئەسەرلەرنىڭ خاراكتىرىنى « تارىخ »
سۆزى بىلەن ئېنىقلاشقا ئادەتلەندۇق. تارىخىي ھىكايە، تارىخىي پوۋېست ۋە تارىخىي
رومان دىگەندەك. بۇ دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسىي يۈزلىنىشى بىلەن ئوخشاشلىققا ئىگە.
بۇ خىل ژانىر ھەققىدە "ئوكيانۇس"تىمۇ مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ: " تارىخى شەخسلەر ۋە ۋەقەلەرنى
تەسۋىرلەش ئارقىلىق بەلگىلىك تارىخىي دەۋرنىڭ تۇرمۇش مەنزىرىسى ۋە تارىخىي
تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى قايتا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، بەلگىلىك توقۇلمىغا يول
قويۇلىدۇ، لېكىن تەسۋىرلىنىۋاتقان ئاساسىي پېرسۇناژ ۋە ۋەقەلەرنىڭ چوقۇم تارىخىي
ئاساسى بولۇشى كېرەك." پروزىنىڭ تارىخنى بايان قىلىشى ئەزەلدىن پروزىچىلىقنىڭ مەدەنىيەت رولىدىن ئىبارەت.
پروزىنىڭ تەزكىرەچىلىك دەۋرىمۇ بۇنىڭدىن خالى ئەمەس. شۇڭا ئۇيغۇر تارىخىي
رومانچىلىق ھادىسىسىنىڭ شەكىللىنىشى ئەنئەنىۋىي تەزكىرىچىلىكنىڭ مەدەنىيەت رولىنىڭ
بۈگۈنكى زامانغا خاس ئىچكى تەرەققىيات يۈزلىنىشى. بۈگۈنكى تارىخىي
رومانچىلىقىمىزدا پەقەت ئەنئەنە ھەققىدىكى ئىنكارچىلىق ۋە ئىسلاھات پروزىنىڭ
سەنئەت رولىنى چۈشىنىش ۋە ئىگەللەشتە رىئاللىشىۋاتىدۇ. بۇ مەنىدىن ئۇيغۇر
يازغۇچىلىرىنىڭ پروزا سەنئىتى ھەققىدىكى ئىزدىنىشى ۋە تىرىشچانلىقى
مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك.


  ياش يازغۇچى ياسىنجان سادىق
چوغلاننىڭ «جاللات خېنىم»رومانىنى ئوقۇغىنىمىزدا
تارىخ بىزنى ئوتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىغا باشلاپ، تارىخىمىزنىڭ ئەڭ چېگىش ۋە
مۇرەككەپ يىللىرىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن قىلىدۇ. رومان سەئىدىيە خانلىقنىڭ
ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى ئىشقىيە ۋە ئىسھاقىيە سۈلۈكلىرىنىڭ ھاكىمىيەتكە ئارىلىشىشى
نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن سىياسىي جەھەتتىكى مۇقىمسىزلىق، ئىجتىمائىي جەھەتتىكى
تەپرىقىچىلىك، ئاڭ- ئىدولوگىيە جەھەتتىكى ماڭقۇرتلۇق ھالەتلىرىنى بەدىئى يوسۇندا
ئەكس ئەتتۈرۈپ، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاجىزلىشىش، پارچىلىنىش ۋە ئەڭ ئاخىرى مۇنقەرز
بولۇشتىن ئىبارەت تارىخىي جەريانىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.


  «جاللات
خېنىم»رومانى ئىدىيىۋىلىكى ناھايىتى چوڭقۇر بولغان رومان. روماندا ئەكس
ئەتتۈرۈلگەن ئىجتىمائى، تارىخىي، دىنىي، ئەخلاقىي، پەلسەپىۋىي مەزمۇنلارنىڭ
ھەممىسى ئەسەر ئىدىيىۋىلىكىنىڭ قاتلام مەزمۇنلىرىنى ھاسىل قىلغان بولۇپ،  بۇ خىل مەزمۇنلار تارىخىي كەڭلىك، چوڭقۇرلۇق
نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەسلى تارىخى يىلتىزىغا باغلىنىپلا قالماستىن، بەلكى
مىللىي مەدەنىيەت، مىللىي تارىخنىڭ دەۋرىي، ئىجتىمائى سۇبستانسىيىلىك ئۆزگىرشىنى،
تەرەققىياتىنى بۈگۈنكى زامانىۋىي تارىخ ئىدىيىسىدە، ـــــ "جاللات
خېنىم" ئوبرازى تىندىنسىسىيىسىدە نۇرلاندۇرىدۇ.


ئەدەبىيات
ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ تەقلىدى سۈرىتى، كۆچۈرۈلمىسى ئەمەس، ئۇ ئالاھىدە ئاڭ فورمىسى،
يەنى تۇرمۇشنى سەنئەتلىك ئىگەللەش، ئىپادىلەش ئۇنىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكى. شۇڭا
مەلۇم بىر ئەسەرنىڭ چوڭقۇر ئىدىيىۋىي مەزمۇنى گۈزەل بەدىئى ئېستېتىك شەكىل ۋە
غايىگە ئىگە بولغاندىلا ئۇنىڭ بەدىئى تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە بولىدىغانلىقى
ئېنىق.«جاللات خېنىم» رومانىدىكى بىزنىڭ
قەلبىمىزنى لەرزىگە كەلتۈرگەن چوڭقۇر ئىدىيىۋىي مەزمۇننىڭ دەل يازغۇچى قەلبىدىكى
ئىجتىمائى تۇرمۇشىمىزنىڭ نادانلىق، جاھالەت دەۋرى ھەققىدىكى ئازاپلىق تەپەككۈرىنىڭ
ئىجادىي بەدىئى غايىدە رىئاللىققا ئايلانغانلىقى بىزنى سۆيۈندۈرىدۇ. ياسىجان سادىق
چوغلان«جاللات خېنىم»رومانىدا بىزگە ئۆزىنىڭ
يېڭى بەدىئى ئالىمىنى كۆرسەتتى. تارىخىي رومانچىلىقىمىزدا كىتاپخانلىرىمىزنىڭ
ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز شەكىلدە ئىنتىلىۋاتقىنى يەنىلا ئەسلى ئوبېكتىپ چىنلىق
بولىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ياسىنجان سادىقنىڭ بەدىئى ئالىمى بىزگە تارىخىي
رومانچىلىقنىڭ ئالدى بىلەن بەدىئى ئىپادىلەش فورمىسى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم
ئەسكەرتتى. ئەگەر ياسىنجان سادىق چوغلان مەزكۇر ئەسىرىدە ئۆزى ۋە باشقا
يازغۇچىلىرىمىز ياراتقان بەدىئى پەللىلەردىن ھالقىشتا ئىپادىلىنىغان ئىجادىي
بەدىئى غايىگە ئىنتىلمىگىنىدە ئىدى،
ئەسەردىكى چوڭقۇر ئىدىيىۋىي مەزمۇن ۋە باشقا مەسىلىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى
ناتايىن ئىدى.


  «جاللات خېنىم» رومانىنىڭ بىزنىڭ تۇيغۇمىزغا ئەڭ زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكىنى ئۇنىڭ
بەدىئى چىنلىقىدا بولسا كېرەك. روماننىڭ ئاساسى ئوبېكتىپ چىنلىقى ئۇيغۇر جەمىيىتى
تارىخى تەرەققىياتىنىڭ ئالاھىدە بىر دەۋرى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرقى
مەزگىلىدىكى جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتى، ئۆزگىرىشىدە ئىپادىلەنگەن ئوبېكتىپ ۋەقە –
ھادىسىلەرنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتىدىن ئىبارەت. رومان ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر
خاندانلىقىنىڭ تۇرمۇش چىنلىقىنى چىن، توغرا ئەكس ئەتتۈرگەن. لېكن ئاللىقاچان
تارىخىي رىئال تۇرمۇش قاتلىمى دائىرىسىدىن ھالقىپ بەدىئى چىنلىق دەرىجىسىگە
كۆتىرىلگەن. ئەسەردە تەسۋىرلىنىۋاتقان ئىجتىمائىي تۇرمۇش روماندا پېرسۇناژلار
ئوبرازى ۋە ئۇلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، دىنىي، ئەخلاقىي مۇناسىۋەتلىرى راۋاجىدا
ئىشىنەرلىك يورۇتۇلغان، گەرچە ئەسەردە بۇ مۇناسىۋەتلەر تەسەۋۋۇر، توقۇلما ئاساسىدا
مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، بۇلارنىڭ تارىخىي ئىجتىمائىي رىئاللىق ۋە يازغۇچىنىڭ
ئۇنى سەنئەتلىك ئىگەللىشى ئوتتۇرىسىدا بىرلىك، ماسلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىزچىللىقىنى
كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ خىل ماسلىق، بىرلىك مۇناسىۋىتى يازغۇچىنىڭ بەدىئى
تالانتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئۇنىڭ بەدىئى ئەسەردە تارىخىي جەريانلارغا چوڭقۇرلۇشى
ۋە تارىخنى بىلىش ۋە چۈشىنىشتىن ئۇنى مۇئەييەن بەدىئى شەكىل چىنلىقى، بەدىئى
ئىدراكى چىنلىق ۋە ھىسسىيات چىنلىقىغا كۆتىرىشىدە ئىپادىلىنىدۇ.


تارىخىي رومانچىلىقىمىزدا رومانلىرىمىزنىڭ
بەدىئى فورما،شەكىل  مەسىلىسىگە قاچاندىن
باشلاپ دىققىتىمىزنى ئاغدۇردۇق؟ بەلكىم بىزنىڭ ئاڭلىق ھالدا رومانچىلىقىمىزنىڭ بۇ
خىل ئېستېتىك  گۈزەللىك مەسىلىسىگە
دىققىتىمىزنى بۇرىشىمىز مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندىنىڭ«قۇم
باسقان شەھەر»
رومانى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن باشلانغان بولسا كېرەك. رىۋايەتلىك
تېمساللار ۋە چۆچەك شەكلىدىكى ئىپادىلەش ئۇسۇلى بىلەن ئۇيغۇر تارىخىدىكى
رىئاللىقنىڭ لوگىكىسىغا ئەمەس بەلكى ئۇيغۇر تارىخىي ئىجتىمائى تۇرمۇشىنىڭ
يۈزلىنىشىگە، ئىجتىمائىي پىسخىكىمىزنىڭ تارىخىي لوگىكىسىغا ئۇيغۇن يارىتىلغانلىقى
بىلەن روماندىكى ئىدىيىۋىي مەزمۇن گۈزەللىكى كىتاپخانلىرىمىزنى قانچىلىك ئىدراكى
تەپەككۈرگە ئېرىشتۈرگەن بولسا، ئۇنىڭ شەكىل جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكىمۇ بىزنىڭ
ئېستېتىك زوقلىنىشىمىزغا يېڭى بۆسۈشلەرنى ئېلىپ كىرگەن ئىدى.«جاللات خېنىم» رومانىنىمۇ ئۇيغۇر تارىخىي رومانچىلىقىمىزدا بەدىئى فورما،
قۇرۇلما جەھەتتە يېڭىلىق ياراتقانلىقى بىلەن يېڭى ئەسىر كىرگەندىن كېيىنكى ئۇيغۇر
تارىخىي رومانچىلىقىنىڭ يېڭى بىر ئۈلگىسىنى ياراتتى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.


رومان ماۋزۇسىدىنلا كۆرۈۋېلىش
تەس ئەمەسكى رومان تارىختا "جاللات خېنىم" نامى بىلەن ئاتالغان،
سەئىدىيە خان نەسەبىدىن بولغان سۇلتان سەئىد باباخاننىڭ قىزى، سۇلتان ئابدۇرۇشىد
خاننىڭ ئەۋرىسى مۆھتىرەم خېنىمغا بېغىشلانغان بەدىئى ئابىدىدىن ئىبارەت. لېكىن
رومان بىوگراپىيەلىك رومان ئەمەس ھەم شۇنداقلا رومان باش پېرسۇناژنىڭ ئىجتىمائىي
مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نېگىزىدە راۋاجلىنىدىغان سيۇژىت قۇرۇلمىسىنى ئىنكار قىلغان
بولۇپ، ئاتالمىش باش قەھرىمان مۆھتىرەم خېنىممۇ روماندىكى باشقا پېرسۇناژلارغا
ئوخشاشلا روماندا تەسۋىرلىنىۋاتقان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر زەنجىرىدىكى ئاددىي
بىر ھالقا. ناھايىتى ئېنىقكى ئاپتور ئىجادىيىتىدە ئەنئەنىۋىي رومانچىلىقتىكى باش
پېرسۇناژ ۋە باش پېرسۇناژ مەركىزىدىكى ۋەقە – ھادىسىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىش
قېلىپىغا ئەمەس، بەلكى ئۆز قەلبىنىڭ بۇ ۋەقە- ھادىسىلەرنى سەنئەتلىك ئىگەللەش
قېلىپىغا ئەگەشكەن. ئەگەر روماندا ئەنئەنىۋىي ئىپادىلەشكە يانداشقان بەدىئى فورما
بار دىيىشكە توغرا كەلسە، بۇ بىئوگرافىك رومانچىلىقتىكى يىلنامە ئارقىلىق زامان
يەنى ۋاقىتنى بەلگىلەش ئۇسۇلى دەل«جاللات خېنىم» رومانىدا قوللىنىلغان ئەنئەنىۋىي ئىپادىلەش ئۇسۇلى. بۇ خىل
ئۇسۇلنى قوللىنىش روماندىكى ئىجتىمائى تارىخنىڭ يىلتىزىغا چۆكىشىمىزنى ۋاقىت
نۇقتىسى بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، بىزنىڭ ئىدىيىمىزدە شەكىللىنىۋاتقان
رىئاللىق(تارىخىلىق) بىلەن بۇنى سەنئەتلىك ئىپادىلەشتىكى بىرلىكنىڭ مۈمكىنلىكى
ئەمەس بەلكى ئىشىنەرلىك ئىكەنلىكىگە ۋاستە بولغان.


  تارىخىي يىلنامىلەر ئارقىلىق ئىجتىمائىي
تارىخىي مۇناسىۋەتلەر ۋە بۇ مۇناسىۋەتلەر نېگىزىدە ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ئوبرازلارنى
ۋاقىت فوكىسىغا ئىگە قىلىش بەدىئى ئەسەر ئىجادىيىتىدىكى ئەنئەنىۋىي ئىپادىلەش
ئۇسۇلىدىن ئىبارەت. روماننىڭ ئۆزگىچىلىگى ئۇنىڭ ھەمىشە
ئۆزىدە ھازىرلىغان باشقا ئەسەرلەردىن پەرقلىنىدىغان ئوخشىمايدىغان تەرەپلەردە
ئىپادىلىنىدۇ.«جاللات خېنىم» رومانىدىكى يىلنامە پەقەت تارىخىي مۇناسىۋەتلەر ۋە بۇ
مۇناسىۋەتلەر نېگىزىدە ئۆسۈۋاتقان ئوبرازلار زىدىىيىتىدە رىئاللاشمايدۇ. روماننىڭ
ئۆزگىچىلىكى شۇ يەردىكى روماندا ئاشكارە، سان – سېفىر بىلەن مەيدانغا كەلگەن زامان
يىلنامىسىدىن باشقا يەنە  ئەسەرنىڭ  شەكلى ۋە ئىدىيىۋىي مەزمۇن قاتلىمىغا سىڭىپ
كەتكەن ئىدولوگىيىلىك- كۈلتۈر يىلنامىسىنى ھىس قىلىشقا بولىدۇ. ئەسەر پېرسۇنا‍ژلىرى مەيلى خان – پادىشاھلار،
ئەمىر- سەركەردىلەر، سۈلۈك پىرلىرى ياكى ئاشىق دىۋانىلەر  بولسۇن ھەممىسىنىڭ روھىي – قىياپەتلىرى، ئىش –
ھەركەتلىرى  ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مىللىي
ئىدولوگىيەلىك كۈلتۈرىنىڭ ئوبېكتىپ ئەمەلىيىتىگە ماسلاشقان، تويۇنغان بولۇپ، ئەسەردە
تەسۋىرلىنىۋاتقان ئوبېكتىپ ئىجتىمائىي رىئاللىقتىن بەلگىلىك زامان يىراقلىقىدا
تۇرغان يازغۇچىنىڭ ئەسلى ئوبېكتىپ چىنلىقنى ئىپادىلەشتىكى سوبېكتىپ تەسەۋۋۇرى ۋە
ئۇنى بەدىئى شەكىل فورمىسىدا ئىپادىلىشى بىزنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىدۇ.


بىز روماندا ئۇچراتقان بۇ خىل ئاڭ – ئىدولوگىيلىك
كۈلتۈر يىلنامىسى روماندىكى سيۇژىت – تەپسىلارلارغا، ئوبرازلار سېستىمىسىغا،
ئەسەرنىڭ پۈتۈن خاھىش – كەيپىياتىغا، ئوبرازلارنىڭ ئىدىيىسى، روھى، مەنئىۋىي
سۈپىتى، ئېتىقاد- ئىنتىلىشلىرى بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ بىر – بىرىگە سىڭىپ
كەتكەن. بۇ خىل ئىدولوگىيىلىك يىلنامە ئەسەرنىڭ مەزمۇن قاتلاملىرىدا ئاشكارە ئەمەس
يوشۇرۇن، ۋاستىلىق ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئاپتورنىڭ ھەر بىر ئوبراز، ۋەقە-
ھادىسە، مەنزىرە دېتاللارنى تەسۋىرلىگەن چاغدىكى سەمىمىي ھىسسىياتى بىلەن
يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن.
بايان
ئىستىلى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئدولوگىيىلىك كۈلتۈر يىلنامىسى روماننىڭ شەكلىدىمۇ
ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ، بۇ ئەندىزە يەنە ئىجابىيى ئوبرازلارنىڭ تىلىدىن
بىۋاستە، سۇپى، ئاشىق – دىۋانىلەرنىڭ تىلىدىن بېرىلگەن ۋاستىلىق شېئىرلاردا
ئىپادىلىنىدۇ. بۇ شېئىرلار ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى سوفىستىك شائىرلارنىڭ
نادىر شېئىرلىرىدىن ئەسەر ئىدىيىسى ۋە كەيپىياتىنى، ئوبرازلارنىڭ مەنئىۋىي سۈپەت،
كامالىتىنى  بەزىدە توغرىدىن توغرا، يەنە
بەزىدە ئەكس نۇقتىدىن كىنايە شەكلىدە ئىپادىلەيدىغان شېئىرلاردۇر. بۇ شېئىرلار
روماندىكى مۇھىتقا نىسبەتەن ئېيتقاندا تۈركىي- ئۇيغۇر سوفىزىم كىلاسسىكلىرىدىن
بولغان ئەخمەت يەسەۋىي، نەۋائىلارنى مەركەز قىلسا، ئۆز دەۋرىي تەسەۋۋۇپ مۇھىتىنىڭ
زىدىيەتلىك ئوچاقلىرىدا تاۋلىنىپ يېتىشىۋاتقان مەشرەپ، ھىرقەتى قاتارلىقلارنىڭ
شېئىرلىرىدىن ئىبارەت. بولۇپمۇ روماندا ئەخمەت يەسەۋىنىڭ شېئىرلىرى بەلگىلىك
سالماقتا ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر تەسەۋۋۇپ ئىدىيىسىنىڭ ئىدولوگىيىلىك
تارىخىي يىلتىزى ۋە ماھىيىتى ھەققىدە ئەڭ جەۋھەر خاراكتىرلىك ئۇچۇر ۋە مەنبە.
ئەسەردىكى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي زىددىيەتلەرنىڭ تۈگىنى ئەمەلىيەتتە سەئىدىيە
خانلىقىدا ئاساسىي ئىدولوگىيىلىك ئېقىمغا ئايلانغان سۇفىزىم (ئەمىلىيەتتە
بۇرمىلانغان، خاراكتىرى ئۆزگەرتىلگەن) مەزھەپلىرىنىڭ كۈرىشى بولۇپ، ئەخمەت يەسەۋىي
ۋە باشقا سوفىستىك شائىرلارنىڭ مەنئىۋىي كامالىتى ۋە سوفىزىمنى بىلىشى بىلەن ئاپاق
خوجا شۇنداقلا ئۇنىڭ مۇرىتلىرى ئوتتۇرىسىدا ماھىيەتلىك پەرق ۋە چەكنىڭ بارلىقى بۇ
شېئىرلارنىڭ ھەقىقى مەنئىۋىي قاتلىمىغا يېتەلەيدىغان ئوقۇرمەن ئۈچۈن ئۇيغۇر
تەسەۋۋۇپى ۋە ئۇنىڭ زىددىيەتلىك تەرەققىيات تارىخى ھەم قانداق ئەھۋالدا روماندا
تەسۋىرلىنىۋاتقان ئىدولوگىيە كۈرىشىنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالغانلىقىنى تەپەككۈر
قىلىشىغا تەس بولمىسا كېرەك. بۇ خىل ئىپادىلەش ئۇسۇلى روماننى كۆپ خىل مەنىگە ۋە
سىموۋۇللۇق خۇسۇسىيەتكە ئىگە قىلغان بولۇپ، ئەسەرنىڭ بەدىئى كۈچى بۇنىڭ بىلەن
تېخىمۇ كۈچەيگەن.


  ئەدەبىيات مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم تەركىۋىي قىسمى
بولۇش سۈپىتى بىلەن يەنە مەدەنىيەتمۇ ئەدەبىياتنىڭ ئەكس ئەتتۈرىشتىكى بىر
كۆزنىكىدىن ئىبارەت. مەدەنىيەت ناھايىتى چوڭ كاتوگىرىيە، سىياسىي، ئىقتىسادى،
ئەخلاقىي، ئىجتىمائىي تۇمۇش، ئاڭ – ئىدولوگىيە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بىر پارچە
روماندا ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ.«جاللات خېنىم» رومانىدىمۇ بىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن نۇقتىلار تەبىئى ھالدا مەلۇم
چوڭقۇرلۇقتا ئىپادىلەنگەن. لېكىن يۇقىرىقى نۇقتىلارنىڭ ئىچىدە  ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي ئىدولوگىيە كۈلتۈرىنى
ئۆزىنىڭ ئەكس ئەتتۈرۈش نۇقتىسى قىلغانلىقى ئالاھىدە گەۋدىلىكتۇر. بۇ خىل ئەكس
ئەتتۈرۈشنى تەكىتلىشىمىزدىكى سەۋەپ ئۇنىڭ روماندا مەلۇم سالماقنى ئىگەللىگىنىدىن
بولماستىن بەلكى ئۇنىڭ روماننىڭ بەدىئى فورما ئالاھىدىلىكىگە ئىگە شەكىل گۈزەللىكى
ياراتقانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ.


   روماندا سەئىدىيە خانلىقىنىڭ جەمىيەت
كەيپىياتى، ئۆرۈپ- ئادەتلىرى، خان- پادىشا، ئەمىرلەرنىڭ تۇرمۇشى، كىيىنىش، يىمەك –
ئىچمەك، ئوردا مۇراسىم – ئەھكاملىرى، ئەل – ئاۋامنىڭ تۇرمۇش، ئېتىقادى قاتارلىق
نۇرغۇنلىغان نۇقتىلار خىلى تەپسىلى يېزىلغان دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. گەرچە بۇ
نۇقتىلار قارىماققا يازغۇچىنىڭ ئىجتىمائى مەنزىرە تەسۋىرىدىكى ھەل قىلمىسا
بولمايدىغان تەرەپلىرىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە دەل مانا مۇشۇ نۇقتىلار چوڭ ۋەقە
ۋە ھادىسىلەر شۇنداقلا ئوبرازلارنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىپ تۇرغان "
قان" غا ئايلانغان، بۇنىڭ بىلەن رومان چوڭقۇر تارىخىي تۇرمۇش روھىغا ۋە
تارىخىي مۇكەممەللىككە ئىگە بولغاندە، يازغۇچى چىن – ھەقىقى بولغان تارىخىي
كەيپىيات يارىتىش مەقسىدىگە ئېرىشكەن.


  تارىخىي كەيپىيات يارىتىش
تارىخىي رومانچىلىققا قويۇلىدىغان ئەڭ ئەقەللىي تەلەپ. مۇھىمى بۇ خىل تارىخىي
كەيپىياتنىڭ چوڭقۇر ۋە مۇكەممەل يارىتىلىش ۋە ئەكس ئەتتۈرۈش مەسىلىسىدە. روماندا بۇ خىل تارىخىي كەيپىياتنىڭ چوڭقۇرلىقى شۇ يەردىكى تارىخىي
ۋەقەلەر پەقەت زىددىيەتلەر راۋاجىنىڭ ئوبېكتىپ تەرەققىياتىدىلا ئەمەس، بەلكى
ئوبرازلارنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىغا سىڭىپ كەتكەن سوبېكتىپ ئاڭ- ئىدولوگىيىلىك پىكىر
تەلقىنلىرىدە قىيامىغا يېتىۋاتقانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭ مۇكەممەللىكى شۇ
يەردىكى، ئەسەردە گەرچە يىلنامە خاراكتىرىدىكى تارىخ ھەر بىر چوڭ تارىخىي ۋەقە
-  زىددىيەتلەرنىڭ باشلىنىشى ۋە
تۈگەللىنىشىدە زامان ئۇقىمىنى بىزگە ھەر زامان ئەسكەرتىپ تۇرسىمۇ، لېكىن يازغۇچى
تارىخىي ۋەقەلەر ۋە تارىخىي تەرەققىيات ئەندىزىسىدىكى بايانچىلىقتىن ھالقىپ كەتكەن
بولۇپ، يازغۇچى بەدىئى ئالىمىدىكى سيۇژىت تارىخنىڭ ھەقىقى رىئال تەرەققىياتىغىلا
مەھكەم باغلىنىپ قالمايدۇ ھەم تارىخىي چىنلىقنى بەدىئى چىنلىقتىن يۇقىرى ئورۇنغا
چىقىرىپ قويمايدۇ. بەلكى روماندىكى ۋەقە-ھادىسىلەرنىڭ نەتىجىسىنى، ئوبرازلار
خاراكتىرىنىڭ چوڭقۇر مەنئىۋىي قاتلاملىرىنى ئېچىپ كۆرسىتىشتە بايانىي خاراكتىرلىك
باھا، تەسىرات شەكلىدىلا ئىپادىلەپ قويماي، ئۇيغۇر تەسەۋۋۇپ ئېقىمىنىڭ نادىر لىرىك
شېئىرىي ئۈلگىلىرى بىلەن قېزىپ چىقىشقا تىرىشىدۇ. بۇ خىل ئۇسلۇب روماننى ناھايىتى
زور كەڭلىككە ۋە چوڭقۇرلۇققا ئېرىشتۈرگەن بولۇپ، بۇ شېئىرلار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا
چىقىۋاتقان ئىدولوگىيىلىك مەنئىۋىي قاتلاملار ۋە ئىنساننىڭ روھىي تاكامۇللىقى
ھەققىدىكى مەنئىۋىي ئىزدىنىش داۋانلىرى ئەمەلىيەتتە پۈتۈن ئۇيغۇر تارىخىي
تەرەققىيات مۇساپىسىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىدە مەزكۇر روماندا ئەكس
ئەتتۈرۈلىۋاتقان زىددىيەت بۆھرانلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنىڭ كۈلتۈر ئاساسى ئىكەنلىكىنى
كۆرسىتىپ بېرىدۇ.  


بۇ
شېئىرلارنىڭ ئەسەر ئوبرازلىرى ئارقىلىق بىۋاستە ۋە ۋاستىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلىشى
ئەڭ ئاز دىگەندىمۇ ئەسەرنىڭ بەدىئى ئېستېتىك سۈپىتىگە تۆۋەندىكىدەك
ئالاھىدىلىكلەرنى بېغىشلىغان. ئەڭ ئالدى بىلەن، رومانغا سترولۇق تۇيغۇ بېغىشلىغان
بولۇپ، بايانى ئەسەر بولغان تارىخىي رومانغا لىرىك شېئىرىي كەيپىيات بېغىشلاپ،
يازغۇچىنىڭ ۋەقەلەر بايانىدىكى ئوبېكتىپ، ئىدراكى، سالماق بايان كەيپىياتىنىڭ
ئەسەر ئىدىيىسىنى ئىپادىلەيدىغان سوبېكتىپ، ھىسسىي، لىرىك كەيپىياتقا تويۇنىشىغا
ئاساس سالغان. يازغۇچىنىڭ ئىديىۋىي ھىسسىياتى گەرچە ۋەقەلەر بايانىغىمۇ سىڭگەن
بولسىمۇ، لېكىن بۇلار ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن كەيپىيات ئوخشىمايدىغان بولۇپ،
يازغۇچىنىڭ ئەسەر قۇرۇلمىسىدىكى بۇ خىل دادىل سىنىقى نەتىجىسىدە ئەسەر لىرىك
ھىسسىياتقا شۇنداقلا مەنئىۋىي تۇرمۇش كەيپىياتىغا تويۇنغان. نەتىجىدە بىزنىڭ
كۆرگىنىمىز يازغۇچىنىڭ سوبېكتىپ كەيپىياتى ۋە ئوبرازلار كەيپىياتىنىڭ ئەسەر
قۇرۇلمىسىغا بىرلىكتە بىر پۈتۈن، تولۇق قاتنىشىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.


روماننىڭ بۇ خىل بايان ئالاھىدىلىكى روماندا
ئىپىكا ۋە لىرىكىدىن ئىككى خىل ژانىرنىڭ بىر – بىرىگە سىڭىپ مۇكەممەل
بىر گەۋدىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولغان. بايانچىلىق نۇقتىسىدىن ئالغاندا، يازغۇچى ئەسەردە
تىپىك مۇھىتتىكى تىپىك پېرسۇناژلارنىڭ دىئالىكتىك مۇناسىۋىتى ئارقىلىق بەدىئى
تىپىكلىككە ئېرىشكەن، كىلاسسىك لىرىك شېئىرلار ياردىمىدە ئۆزى ئىنتىلگەن غايىنىڭ
يارىتىلىشى، تىپىك ھىسسىيات، كەيپىيات، روھى ھالەت قاتارلىقلارنى بەرپا قىلغان. بۇ خىل ئېپىكىلىق ۋە لىرىكىلىق ئېستېتېك تۇيغۇنى بىرلا ۋاقىتتا بەدىئى
ئىجادچانلىق بىلەن ئىپادىلەش يازغۇچىنىڭ سەئىدىيە تارىخىي ۋەزىيىتىنى تارىخىي
ماتىرىياللار، تەزكىرىلەر ئارقىلىقلا ئىگەللەپ قالماي، كىلاسسىك بەدىئى
نەمۇنىلەرنىڭ ياردىمىدە مەنئىۋىي، ئىدولوگىيىلىك مەدەنىيەت مۇھىتى ھەققىدە
تەقلىدى، تۇيغۇدىكى چىنلىققا ئېرىشىشكەنلىكى ۋە بۇلارنى بەدىئى تەسەۋۋۇر، بەدىئى
ئىجادچانلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدە ئىجادىيەت ئېستېتتىكىسىنى جارى قىلدۇرۇشقا
تىرىشقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. بۇ خىل ئىجادىيەت ئېستېتىكىسى يازغۇچىنى
ئۆزىمۇ ئاڭلىق يوسۇندا ھىس قىلىپ كېتەلمىگەن بەدىئى زىمىنغا باشلاپ كىرگەن بولۇپ،
تارىخىي روماننى كۈچلۈك ئىپوسلۇق خاراكتىرىگە ئىگە قىلغان.


يازغۇچى ئۆز رومانىدا ئېپوس بايانچىلىقىدىكى لىرىكا ۋە ئېپىكىلىق
بايانلارنىڭ ئەركىن قوللىنىشىدىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكىنى مەلۇم تەرتىپتە
ئىپادىلەيدۇ. ئېپوسلاردا بۇ خىل ئەركىنلىك قېلىپسىز ھالەتتە ئىپادىلىنىدىغان
بولۇپ، ياسىنجان سادىقنىڭ ئىجادىيىتىدە بۇ خىل ئەركىنلىك ۋەقە – ھادىسىلەر ۋە
ئوبرازلارنىڭ ئەسلى تەرەققىيات تىزگىنىگە تاپشۇرۇلغان دىيىش مۈمكىن. خېيدىگېر
ئىپوس ھەققىدە" ئەسلىدىكى ئوبېكتىپ ھالەت(كۆرۈنۈش) بويىچە ئوبېكتىپ شەيئىنى
تەسۋىرلەش" تە دەپ كۆرسىتىپ " بىر خىل كەڭ دائىرىلىك ئۆزلىكىدىن پەيدا
بولۇپ ئۆزلىكىدىن تەرەققى قىلىدىغان شەكىلنى قوللىنىپ، ئەسلىدىنلا مۇكەممەل بولغان
ھەركەت ۋە بۇ ھەركەتنى ئېلىپ بارغۇچى پېرسۇناژنى تەسۋىرلەش" دەپ كۆرسىتىدۇ. «جاللات خېنىم» رومانىدا
بىز ياسىنجان سادىقنىڭ نەسرىي بايان ۋە لىرىك باياندىن ئىبارەت قوش لىنىيىدىن
پايدىلىنىپ، " كەڭ دائىرىلىك ئۆزلىكىدىن پەيدا بولۇپ ئۆزلىكىدىن تەرەققى قىلىدىغان
" شەكىل ياراتقانلىقىنى، " ئەسلى مۇكەممەل بولغان ھەركەت" نى
تەسۋىرلەشنى ئاساس قىلغان بولسىمۇ، قەھرىماننىڭ دەۋرنى ئەمەس، دەۋرنىڭ قەھرىماننى
يارىتىدىغانلىقىدەك ئوبېكتىپ ھەقىقەتكە ئۇيغۇن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەسەرنىڭ يەنىلا
بەدىئى ئېستېتىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەنلىكىنى كۆرىمىز.


بىزنىڭ«جاللات خېنىم» رومانىنى
ئىپوسلۇق خاراكتىرىگە ئىگە دەپ باھا بېرىشىمىز يازغۇچىنىڭ بايان ماھارىتىگە
نىسبەتەن ئېيتىلغان. يازغۇچى ئۆز بايانلىرىدا تارىخىي تەجرىبە ۋە توقۇلما باياننى
ئورگانىك بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرىدۇ. تارىخىي تەجرىبە بايانلىرىنى ئۆتكەن زامان،
تارىختىكى ھەقىقى چىن ۋەقە، ئەمەلىيەت، زامان، ماكان ۋە بۇلارنىڭ سەۋەپ نەتىجىلىك
مۇناسىۋەتلىرى تەشكىل قىلغان بولۇپ، بۇلار سيۇژېت ۋە ۋەقە دېتاللار  ياردىمىدە روياپقا چىقىدۇ. تارىخىي تەجرىبە
بايانىنىڭ يەنە بىر تەرەپىدە تەقلىدى، تۇيغۇدىكى چىنلىق تۇرىدۇ، بۇ ۋەقە يۈز
بەرگەن زاماندىن تارتىپ يازغۇچى ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ۋاقىتقىچە بولغان
مۇھىت، ئىجتىمائى، سىياسىي، پىسخىكىلىق، ئىدولوگىيىلىك، ھەركەتتىكى ئۇقۇملارنى ئۆز
ئىچىگە ئالغان بولۇپ، سيۇژىتسىز بايانلاردا ئىپادىلىنىدۇ. روماندىكى توقۇلما
بايانى يازغۇچىنىڭ ئىدىيىۋىي ئەخلاق ۋە بەدىئى ئېستېتىك غايىسى بولۇپ، رومانتىك،
غايىۋىي دۇنياسى، مۇھەببەت – نەپرەت ھىسسىياتى، تەلپۈنىشلىرى مانا بۇ خىل بايانغا
سىڭىپ كەتكەن. بۇ خىل باياننىڭ يەنە بىر تەرەپى ئىدراك ئالىمى، ئەخلاقى قىممەت
ھەققىدىكى ھاياجانلىشىدا يازغۇچىنىڭ قەلبىدىكى ئوتنى كىتاپخاننىڭ قەلبىگە
يەتكۈزىدۇ. روماندىكى سيۇژېتلار ئارىسىغا قىستۇرۇلغان كىلاسسىك شېئىرى نەمۇنىلەر
روماندا ئىپادلەنگەن تەقلىدى، تۇيغۇدىكى چىنلىقنىڭ چوڭقۇرلىشىشىدىكى ۋە توقۇلما
بايانننىڭ ئىزچىللىققا ئىگە بولىشىدىكى ماددىي شەكىل سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇ.


«جاللات خېنىم» رومانىدا غايەت زور
ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە بەدىئى ئومۇملاشتۇرۇش ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ،
مىللەتنىڭ ھايات – ماماتلىق تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ۋەقە – ھادىسىلەرنى تارىخىي
بايان ۋە توقۇلما باياننىڭ ئورگانىك بىرلىشىشى ئارقىلىق روياپقا چىققان ناھايىتى
كەڭ، چوڭقۇر زامان ماكان كۆرىنىشىدە ئىپادىلەيدۇ. بۇ يىرىك ئەسەرلەرنىڭ ئىپوسلۇق
خاراكتىرىگە يېتىشىدىكى بىرىنچى پەللە. روماندىن بۇ خىل ئىجادىيەت مەنزىلىگە
يېتىشتىكى تىرىشچانلىقنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.


بەزى
يازغۇچىلارنى تارىخىي تېمىلاردىن پايدىلىنىپ، ئەدەبىي شەكىل ۋە تىل نۇقتىسىدا
ئىپادىلەش ماھارىتىنى نامايەن قىلدى دىيىشكە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت ئىدىيىسى
تارىخنىڭ ئىدىيىسى بىلەن ئوخشاشلىققا ئىگە بولۇپ، تارىختىكى ھەم بۈگۈنكى ئاساسىي
ئېقىمغا ۋەكىللىك قىلغاچقا، بۇ خىل ئەسەرلەردە ئىدراكى چىنلىقنى ئىگەللەش نىسبەتەن
ئاسان بولىدۇ. يەنە بەزى يازغۇچىلار تارىخى رومانچىلىقتا يەتمەكچى بولغان پەللىسى
تارىختا ئاساسىي ئېقىم تەرەپىدىن ئىنكار قىلىنغان ھەتتا بۈگۈنكى كۈندىمۇ شۇ خىل
ئىنكارنى پوزىتسىيىدىن تەلتۆكۈس قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەن قىممەت ھۆكۈملىرى بولۇپ، بۇ
يازغۇچىنىڭ ئىدىيىدە تارىختىكى ۋە بۈگۈنكى قىممەت قاراشلىرىنىڭ بويۇنتۇرىقىدىن
قۇتۇلۇپ چىقىشنى، ئىجادىيەتتە ئۆزلىكىدىن ھالقىپ، يۈكسەك بولغان ئىدراكى چىنلىق
بەرپا قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.


  ئاتالمىش "
جاللات خېنىم" ئوبرازى تارىخىي مۇرەككەپلىككە تولغان ئوبراز بولۇپ، ئۇ
سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرى ۋە خوجىلار دەۋرىدىكى ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە شەخس.
ئۇيغۇر تارىخىدا بۇ شەخسكە غەيرى سىياسىي نۇقتىدىن( دىنىي ئىدولوگىيىنىڭ سىياسىغا
ئارىلىشىشىدىن شەكىللەنگەن) ۋە تار دائىرىدىكى ئىسلام ئەخلاقى نۇقتىسىدىن
"جاللات"، "قانخور" دىگەندەك باھالار بېرىلگەن بولۇپ، پەقەت
ئۇنىڭ دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنى قانلىق باستۇرغان تەرەپىنى كۆرگەن.  بىزگە يېتىپ كەلگەن ئاز بىر قىسىم تارىخىي
ماتىرىياللاردا ۋە خەلق ئارىسىدا بۇ ئوبرازغا ئىجابىي باھا بېرىلمىگەن، ھەتتا
بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىمىزدىكى ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلەردىمۇ بۇ ئوبرازنىڭ
سەلبى تەرەپلىرىلا تەسۋىرلەنگەن. بۇ خىل قىممەت ھۆكمىنىڭ مەيدانغا كېلىشى دەل بۇ شەخسنىڭ تارىختىكى ئاساسى ئېقىم
تەرەپىدىن ئىنكار قىلىنغانلىقىنى دەلىللەيدىغان پاكىتتىن ئىبارەت. بۇ يەردە بۇ خىل
ئاساسىي ئېقىمنىڭمۇ مۇرەككەپلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. جاھالەتكە
ۋەكىللىك قىلغۇچى سۇفىلار دەۋرىدە مۆھتىرەم خېنىم مەلۇم خىل سىياسىي ئىدىيە،
سىنىپىي مەيدان كۆزقارىشىغا ۋەكىللىك قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ قارشىسىدىكى دىنى
گۇرۇھنىڭ سىياسىي گۇرۇھقا ئايلىنىشى ۋە كۈچىيىشى نەتىجىسىدە مۆھتىرەم خېنىم
ۋۇجۇدىدىكى ئىجابىي قىممەت ئاجىزلاشقان ۋە مۇقىملىقىنى يوقاتقان. سىنىپىي
جەمىيەتتە مەلۇم سىنىپنىڭ ئومۇمىي مەنپەتىگە ماس بولغان نەرسىلەر ياخشىلىق،
ئەكسىچە بولغانلىرى يامانلىق دەپ قارىلىدىغان بولغاچقا، مۆھتىرەم خېنىمنىڭ
سەئىدىيە خاندانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن
خاندانلىققا ئاساسىي تەھدىت بولىۋاتقان خوجىلار مۇرىتلىرىنى قانلىق
باستۇرىشى نەتىسىدە ئۇنىڭ سەلبى قىممەت ھۆكمىگە ئېرىشىپ قېلىشى ناھايىتى تەبىئى. ھەرقانداق
مەسىلىنى ئەخلاقىي نۇقتىدىن باھالاش، كۈزىتىشكە ئادەتلەنگەن خەلق ئاممىسىغا
نىسبەتەن ئېيتقاندا قان تۆكۈش گۇناھ، بۇنىڭ ئۆزىلا مەلۇم شەخس ئۈستىدىن ھۆكۈم
چىقىرىشقا يېتەرلىك. ئۇنىڭ ئۈستىگە جەمىيەتنىڭ رىئالنى تەلىۋى ھەمىشە ئالدىنقى
ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۆز دەۋرى سىياسىي، ئىجتىمائى، ئىدولوگىيە مۇھىتى مۆھتىرەم خېنىم
سەلبىي ئوبرازىنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا تولۇق شارائىت يارىتالايدۇ.  


ياسىنجان سادىق " جاللات خېنىم" ئوبرازى ھەققىدە نۇرغۇن
ئىزدىنىشلارنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، تارىختىن تا ھازىرغىچە بۇ شەخس ھەققىدىكى
سىياسىي ۋە ۋە ھەر خىل بىرتەرەپلىمىلىككە ئىگە ئەخلاقى ھۆكۈملەرنىڭ تەسىرىدىن
تولۇق ئازات قىلىپ، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئىدولوگىيە كۈلتۈرى نۇقتىسىدا
قايتا كۈزىتىپ، بۇ ئوبرازنى يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلغان. مۆھتىرەم خېنىم
ئوبرازى مىللەتنىڭ ئىلغار ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت، ئىدولوگىيىسى ۋە ئۇ ئۆسۈپ
يېتىلگەن ئوردىنىڭ ئاكتىپ سىياسىي كۆزقاراشلىرىنىڭ نەتىجىسى شۇنداقلا يازغۇچىنىڭ
ئوبرازنى ئىگەللىشىدىكى زامانىۋىي ئاڭ يۈكسەكلىگىنىڭ ئۆزارا يۇغۇرۇلمىسى دىيىشكە
بولىدۇ. مۆھتىرەم خېنىم ئوبرازى مەدەنىيەت، ئىدولوگىيە ۋە سىياسىي ئاڭنىڭ قوش
تەسىرىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن ئوبراز بولۇپ، ئۇ ئۆز ئەجداتلىرىغا ئوخشاش ئەلەم (سىياسىي
) بىلەن تارىختا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرۇشنى، دۆلەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ خەلققە،
مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشنى، قەلەم (مەدەنىيەت) بىلەن  ئالاھىدە تارىخىي داۋۇلغۇش يىللىرىدا تۇرۇۋاتقان
خەلقنىڭ ئىدىيە ماڭقۇرتلىقىنى تۈگىتىشنى ئىستەيتۇ. لېكىن بۇ يەردە شۇنى كۆرۈش
كېرەككى، " جاللات خېنىم" سىياسىيون ئەمەس، ئۇنىڭ ئەلەمگە قىزىقىشى،
ئۇنى سەئىدىيە خانلىقىدىكى داڭلىق سەركەردىگە، سىياسىنىڭ ۋاستىسىغا ئايلاندۇرغان
بولسىمۇ ئۇنىڭ سىياسىي ئاتموسفىرا ۋە سىياسىي يۈزلىنىشنى ئىگەللىيەلەيدىغان ھەقىقى
سىياسونغا ئايلىنىشى تارىخىي ئەمەلىيەتتە مۈمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ روماندا باشتىن –
ئاخىر سىياسىي ھەققىدىكى غايىۋىي كۆزقاراشلىرىنى ئەنئەنىۋىي ئەخلاقى – ئېتىكا،
مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرۈشكە ۋە رىئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىشى بۇ
ئوبراز ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن قوش قاتلاملىق خاراكتىرنىڭ ئېچىلىشىدىن ئىبارەت.
سىياسىي غايە سىياسىغا تەڭ ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۆھتىرەم خېنىم ئوبرازىدىكى بۇ
سىياسىي غايە سەئىدىيە دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئىجتىمائىي مۇھىتتا  ھەرىكەتكە ئايلىنىشى مۈمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ ھەقىقىي
مەنىدىكى سىياسونغا ئايلىنىشىدىن ئۇنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى مۇتەپپەككۈرگە، بۈگۈنكى
سۆزىمىز بىلەن ئېيتقاندا زىيالىغا ئايلىنىش مەنزىلى يېقىنراق تۇرىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ
خاراكتىرىدە ئىپادىلەنگىنى" ھوقۇق ۋە كۈچكە راست سۆزىنى
ئىيتالايدىغانلىقى"، ئۇنىڭ" بولۇپمۇ چوقۇم مەڭگۈ ھازىرقى ئەھۋالغا قارشى
تۇرىدىغانلىقى" دا ئىپادىلەنگەن. ئۇنىڭ بۇ خىل يولنى تاللىشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ
سىياسىي يولنى تاللىشى ئەمەس بەلكى دەۋرنىڭ ئۇنىڭ خاراكتىر سۈپىتىنى بەلگىلىشى
ئىدى. چۈنكى " جاھالەت دەۋرىدە، زىيالىلار دائىم ئۆز مىىللىتى كىشىلىرى
تەرەپىدىن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشى، شۇ مىللەتنىڭ ئازاپ – ئوقۇبەتلىرىگە
يېتىشى ۋە شاھىت بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ."   مۆھتىرەم خېنىمنىڭ ئاخىرىدا سىياسىي يولنى
تاللىشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ خاراكتىر سۈپىتىگە ماس كەلمەيدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەنئىۋىي
دۇنياسىدىكى " ئىسيانكارلىق" نىڭ سىياسىي قىممەتتە ئەمەس، ئەخلاقىي قىممەتتە
كۆپرەك ئىپادىلىنىدىغانلىقىنى چۈشىنىش كېرەك. بۇ خىل قىممەت مايىللىقىنىڭ ئۇنىڭ
سىياسىي سەھنىگە چىقىشنىڭ ئالدى – كەينىدە "قىساس ئېلىش" خاراكتىرىدىكى
"سىياسىي ھەرىكەت" تە ئىپادىلىنىشى
ئۇنىڭ ھاياتىي تراگىدىيىسىنىڭ ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ "جاللات خېنىم"
دىن ئىبارەت خاراكتىر قىممىتىنىڭ ئوبېكتىپ تامغىسى بولۇپ قالدى.


مۆھتىرەم خېنىم ئوبرازىدا تارىخىي تەرەققىياتنىڭ ئىلغار تەرەپلىرى
ئىپادىلەنگەن، ئۇ سەئىدىيە خانلىقىنىڭ گۇمران بولىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن
نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى بەرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۆز دەۋرى ئىجتىمائى، سىياسى
مۇھىتىنى ئىگەللىشى ۋە كونتۇرۇل قىلىشى مۈمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ ئىجتىمائى ۋە سىياسىي
تىرىشچانلىقلىرى مەۋجۇت رىئاللىقنى ئۆزگەرتىشكە مۈمكىن بولغىنىدا ئىدى، بۇ ئوبراز
شۇ تارىخىي دەۋردىلا ئىجابىي قىممەتكە ئىگە قەھرىمان ئوبرازغا ئايلانغان بولاتتى.
بىراق ئۇنىڭ رىئاللىقنى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان بولۇپ، بۇ
مۆھتىرەم خېنىم ئوبرازىنىڭ تارىختىن بۇيان لەنەت تۈۋرىكىگە مىخلىنىشىدىكى مۇھىم
سەۋەپ. گەرچە بۇ ئوبراز بىزدىن زامان ئارىلىقى ناھايىتى ئۇزۇن بولسىمۇ ئۇنىڭ روھىي
ئەرۋاھى ئۇيغۇر ئىدولوگىيە، سىياسىي تارىخىنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگىچە بولغان ھەر
بىر سەھىپىسىدە ئۇچرىتىش مۈمكىن. مانا بۇ تارىخنىڭ تارىخ ياراتقۇچىلار ئۇچۈن
ئاچچىق كىنايىسى، تارىخنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ مەقسەت مۇددىئاسىغا پۈتۈنلەي ئاكتىپ
بويسۇنمايدىغانلىقىدەك لوگىكىسى.


مۇھىمى يازغۇچىنىڭ ئېپوس خاراكتىرىدىكى پەللىگە ئېرىشىشتىكى بەدىئى
ۋاستىسى بىزنىڭ تەھلىل يۈرگىزىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.
يازغۇچىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشى يەنە ئۇنىڭ مىللىي خاراكتىر، مىللىي
روھ، مىللىي ئېتىقاد ۋە مىللىي غورۇر سۆيىنىشى ئىلكىدىكى ئىندىۋۇدال ئوبرازلار
سېستىمىنى يارىتىشقا تىرىشقانلىقىدىنمۇ كۆرىۋېلىش مۈمكىن. ئەگەر روماندىكى
ئوبرازلار سېستىمىسىنى ئوبرازلارنى ئەنئەنىۋىي زوقلىنىش ئادىتىمىز بويىچە
ئوبرازلارنىڭ ۋەزنى ۋە سۈپىتى بويىچە تۈركۈملەرگە ئايرىشنىڭ مۈمكىن ئەمەسلىكىنى
ھىس قىلىمىز. مۆھتىرەم خېنىمنىڭ باش پېرسۇناز بولالىشى ئۇنىڭ ھەرگىزمۇ ۋەقە –
ھادىسىلەرنى ئىزچىل تەشكىللىشىدە ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ ئوبرازىغا سىڭىپ كەتكەن ئىدىيە
يۈكسەكلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ئوبرازنىڭ ئەسەر سيۇژىت قۇرۇلمىسىدا ھىلى كۆرۈنۈپ
ھىلى غايىپ بولىدىغانلىقىدەك ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ ياش، جىنىس، كىملىك خاراكتىرىگە
ماسلاشقان. يازغۇچى ئۇنىڭ خاراكتىرىگە سەئىدىيەنىڭ ئوبېكتىپ تارىخى ھەم بۇ
ئوبېكتىپ تارىخ تىندىنسىيىسى  تەسىرىدىكى
پۈتكۈل ئۇيغۇر ئىدولوگىيە تارىخى ھەققىدىكى ئىدراكى تەپەككۈرىنى يىغىنچاقلايدۇ. ئادەتتە
بىر پارچە ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئىدىيىسى
يازغۇچىنىڭ سوبېكتىپ ئىدىيىسى ۋە ئەسەرنىڭ ئوبېكتىپ ئىدىيسىدىن ئىبارەت
ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سوبېكتىپ ئىدىيە يازغۇچىنىڭ ياراتقان ئوبرازلىرى
ئارقىلىق ياراتماقچى بولغان ئىدىيىسى، ئوبېكتىپ ئىدىيىسى بولسا ئەسەردىكى ئوبراز
ۋە ئوبرازلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىپادىلىگەن ئىدىيىسىدىن ئىبارەت. روماندا بۇ خىل
سوبېكتىپ ئىدىيە يازغۇچىنىڭ ئۆز ئوبرازلىرىغا بولغان مايىللىقىدا، ئەسەرنىڭ
ئوبېكتىپ ئىدىيىسى بولسا بۇ ئوبرازلارنى ئوراپ تۇرغان ماددى ۋە مەنئىۋىي مۇھىت،
سيۇژېت، دېتاللارنىڭ چىنلىقىدا ئىپادىلەنگەن. يازغۇچى روماندا ئۆزىنىڭ سوبېكتىپ
ئىدىيىسى ۋە ئەسەرنىڭ ئوبېېكتىپ ئىدىيىسى ئارقىلىق شەكىللىنىدىغان ئەسەر
ئىدىيىسىنى بەدىئى تەشكىللەش ئەمگىگىدە بۇ ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىك مۇناسىۋىتىگە
قاتتىق كۆڭۈل بۆلگەن، بولۇپمۇ مۆھتىرەم خېنىم ئوبرازغا يازغۇچىنىڭ چىن ھىسسىياتى،
مايىللىقى سىڭىپ كەتكەن بولغاچقا، ئوبرازنىڭ روماندىكى ئورنى قانداق بولىشىدىن
قەتئىنەزەر يەنىلا جانلىق، تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە ئوبرازغا ئايلانغان.
يازغۇچىنىڭ يەنە باشقا ئوبرازلارنى يارىتىشتا ھەركەت ئىدىيىگە، ئىدىيە خاراكتىرغا
تەڭ  دەپ قارايدىغان ئاددىلاشتۇرۇش
خاھىشىدىن، ئەخلاقىي نۇقتىدىن ئىجابىي سەلبىي ئوبرازلار لاگىرى ياساش قېلىپىدىن
ھالقىشتا ئىپدىلەنگەن ئوبراز يارىتىش ئالاھىدىلىكىنىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە
تېگىشلىك.


بۈگۈنكى ئۇيغۇر پروزىچىلىقىنىڭ مەزمۇن ۋە شەكىلدە باشقا مىللەتلەر
پروزىچىلىق ئەندىزىسى تەسىرىنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقى ئوبېكتىپ ھەقىقەت. «جاللات خېنىم» رومانىنىڭ مۇكەممەل بەدىئى
قۇرۇلمىسى شۇنداقلا مىللىي ئالاھىدىلىكلەرگە باي بولغان ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى ئۇنىڭ
ئىپوسلۇق خۇسۇسىيىتىنى گەۋدىلەندۈرگەن شۇنداقلا يېڭى ئەسىردىن كېيىنكى تارىخىي
رومانچىلىقىمىزنىڭ ئەڭ نادىر بەدىئى سەۋىيىسىنى نامايەن قىلغان ئالاھىدىلىكى
دىيىشكە بولىدۇ. روماندا بىز ھەم تارىخىي شەخسلەر بىلەن ئۇچرىشىمىز ھەم تارىخىي
ۋەزىيەت، كەيپىيات، مەدەنىيەت، ئىدولوگىيە، ئۆرۈپ – ئادەتلەر بىلەن تونۇشىمىز.
روماندىن بىزنىڭ ئېرىشكىنىمىز ئالدىنقىسىغا قارىغاندا كېيىنكىسىنىڭ بەدىئى تەسىرى
زورراق تۇرىدۇ.   بۇ يەردە بىز شۇنى
بايقايمىزكى مەزكۇر رومان باشقا رومانلارغا ئوخشاش تارىخىىي ۋەزىيەتتىكى قەھرىمان
شەخسلەرنىڭ تارىخنى تەشكىللىشىدەك ئاكتىپ پائالىيەتچانلىقىلىرىغا ئەمەس، بەلكى
ئوبرازلارنىڭ تارىخىي ئۇرۇنۇشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. بۇ خىل ئىپادىلەش ئۇرخۇن مەڭگۈ تاش
ئابىدىلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. مەڭگۈ تاش ئابىدىلىرىمىزمۇ شەخسلەر
تەزكىرىسىگە بېغىشلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار تېكىستتە بەزىدە كۆرۈنۈپ، يەنە
بەزىدە يوقاپ تۇرىدۇ. تېكىستە ئىزچىل تۇرىدىغىنى يەنىلا خەلق ۋە خەلق تەقدىرى،
تارىخ، مەۋجۇدلۇق، ئېتىقاد، ئىرادە، ھايات ھەققىدىكى چوڭقۇر سۇئاللار. بۇ
سۇئاللارنىڭ نېگىزىگە تەڭرى، تەبىئەت ھەققىدىكى ئەجداتلار پەلسەپەسىنى ئۈگۈنمەي
يېتىش مۈمكىن ئەمەس.«جاللات خېنىم» رومانىنىڭ
بەدىئى قۇرۇلمىسىدىكى ئوبرازلارنىڭ ئورنىنى بۇنىڭغا سېلۇشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئەسەردە
بەزىدە پەيدا بولۇپ بەزىدە يوقاپ كېتىدىغان "جاللات خېنىم" ئوبرازىنىڭ
ئارقىدا ئۆز خەلقى ۋە مىللىتى تەقدىرىگە، ئۆز دەۋرىگىلا ئەمەس كەلگۈسىگە
مۇناسىۋەتلىك پىكىرلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقى بۇ ئوبرازنىڭ تىپىكلىككە ئېرىشىشىدىكى
ئىچكى ئاساس.


قىسقىسى، «جاللات خېنىم» رومانى يازغۇچى ياسىجان
سادىق چوغلان ئىجادىيىتىدىكى بىر بۆسۈش خاراكتىرىدىكى ئەسەر بولۇپلا قالماي ئۇيغۇر
تارىخى رومانچىلىقىدىكى يېڭى بىر پەللە دىيىشكە ئەرزىيدىغان ئەسەر. روماندا يەنە
بىزنىڭ تەتقىق قىلىشىمىز ئۈچۈن ئىجتىمائى تارىخىي، دىنىي، پەلسەپىۋىي، ھەربىي،
جۇغراپىيە، فولكلور، تىلشۇناسلىق قاتارلىق نۇرغۇن مەزمۇنلار بار. بۇلارنى تەتقىق
قىلىش، مۇئەييەنلەشتۈرۈش تارىخىي رومانچىلىقتىن ئىبارەت بۇ قوش جىنسلىق ژانىرنىڭ
سەنئەت ۋە مەدەنىيەت رولىنى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ چۈشىنىشىمىز ھەم بىزنىڭ مىللىي
ئەدەبىي ژانىر بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىشىمىزگە تۈرتكە بولالايدۇ.



2008  –يىل 1-ئاي.










  《ئوكيانۇس》، شاڭخەي لۇغەتچىلىك
نەشرىياتى، 1979 – يىلى نەشرىياتى، 147 –بەت.





(گېرمانىيە)خېيدىگېر
،《ئېستېتىكا》،
3-توم ، (ئىككىنچى قىسمى)جۇ گۇئاڭچىئەن تەرجىمىسى، 99 – بەت،  بېيجىڭ، شاڭۋۇ نەشرىياتچىلىقى. 1991 يىل.





  تۇرسۇن يۇنۇس《قانلىق
يىللار》دراممىسى،
ئەخەت تۇردى《بەختسىز
سەئىدىيە》رومانلىرىغا
قاراڭ.





(ئامېرىكا) ئېدۋارد سەئىد
《زىيالىلىق توغرىسىدا》،
دان دېشىڭ تەرجىمىسى، 14، 15، 40  -بەتلەر.
بېيجىڭ، سەنلەن كىتاپچىلىقى، 2002 – يىل نەشرى.



qurwan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-11 12:59:07

تېما مەنبەسىنى ئۇنتۇپسىز.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-11 13:23:55

1- قەۋەتتىكى qurwanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تېما مەنبەسىنى ئۇنتۇپسىز.



مەنبە:


ئابدۇسالام شۈكۈر نۇھنىڭ قەلىمىنى ۋاستە قىلغان چوڭ مىڭىسى.







muztag يوللانغان ۋاقتى 2013-11-11 15:03:57

مۇشۇ شەھلا91 نىڭ بەزى تېمىللىرىدىن ئىنكاسى تاتلىق چىقىدىكەن دىسە ...

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2013-11-11 20:50:28

جاللات خىنىم ئۇيغۇرتارىىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر ئايال سىياسىيۇن،ئۇ پۇتكۇل ھاياتىنى، ئۇزىنڭ مەنپەتىنى دىنىمىزنىڭ ،مىللىتىمىزنىڭ،مەنپەتىنىڭ ئۇسىتىگە قۇيۇۋالغان جاھالەت كۇچلىرى بىلەن بۇلغان كۇرەشكە ئاتىدى،ھەتتا مىللىتىمىز ئۇچۇن پۇتكۇل جەمەتىنى يۇقاتقان قىرغان ئاپئاق غۇجغا تەگدى،بەلكىم دۇنيادا ھىچ بىر ئايال ‹ئۇ› ئايال تۇلگەن بەدەلنى تۇلەپ باقمىغان بۇلغۇيىتى .

rasheed يوللانغان ۋاقتى 2013-11-12 08:59:50

2- قەۋەتتىكى xahla91نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى qurwanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تېما مەنبەسىنى ئۇنتۇپسىز.



مەنبە:


ئابدۇسالام شۈكۈر نۇھنىڭ قەلىمىنى ۋاستە قىلغان چوڭ مىڭىسى.











بۇ ماقالىنى قەيەردىن، قايسى ژورنال ياكى تور بەتتىن ئېلىپ كەلگەنلىكىڭىزنى بىلسەك، ماقالىنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى يەنىمۇ ئۆسكەن بولاتتى.


سىز ئابدۇسالام شۈكۈر نوھنىڭ قەلىمىمۇ ياكى مېڭىسىمۇ؟


ياخشى ماقالىنى يوللاپسىز يۇ ياخشى ئىنكاس يازالماپسىز. ئۇنچە تەۋاز بوپ كەتمەڭ شەھلا.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-12 09:41:58

چوقۇم بىر قۇر ئىنكاس يېزىش ۋەزىپىسى بولمىغانكىن، يەنە كېلىپ ماقالىنىڭ ئەڭ ئۈستىدە ئاپتورنىڭ ئىسمى بار بولغانكىن يەنە مەنبە سوراشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟

ماقالىنىڭ مەزمۇنى ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلساق كۈچىمىز يەتمەمدىكەن يە؟



ماقالە تەڭرىتاغ ژورنىلىنىڭ 2009-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغانكەن، ئەمدى بولدىمۇ؟ مۇرادىڭلارغا يەتتىڭلارمۇ؟ يەتكەن بولساڭلار باشقا گەپ قىلارسىلەر!

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2013-11-12 13:09:23

6- قەۋەتتىكى xahla91نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

چوقۇم بىر قۇر ئىنكاس يېزىش ۋەزىپىسى بولمىغانكىن، يەنە كېلىپ ماقالىنىڭ ئەڭ ئۈستىدە ئاپتورنىڭ ئىسمى بار بولغانكىن يەنە مەنبە سوراشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟

ماقالىنىڭ مەزمۇنى ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلساق كۈچىمىز يەتمەمدىكەن يە؟



ماقالە تەڭرىتاغ ژورنىلىنىڭ 2009-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغانكەن، ئەمدى بولدىمۇ؟ مۇرادىڭلارغا يەتتىڭلارمۇ؟ يەتكەن بولساڭلار باشقا گەپ قىلارسىلەر!

、ئۇئىش ئۇچۇن خاپا بۇلۇش كەتمەيدۇ،بىلسىڭىز يىزپلا قۇيسىڭىز  بۇلدۇ،  شەھلا.

patrol يوللانغان ۋاقتى 2013-11-12 13:13:15

قىشتا قان تۇمۇر تارىيىپ كەتكەندە يۈرەككە زىيادە بېسىم قىلماڭلار باللا..  {:92:}

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-12 13:44:52

ھە راست يەنە دەپ قوياي، مەن بۇ ماقالىنى يەنە بىر تېما بىلەن مۇناسىۋېتلىك دەپ قارغاچقا يوللاپ قويدۇم، لېكىن ئېنىق مەيدانىم سوپىلارغا ئېغىپ تۇرىدۇ، كىچىكلا بىر مەسىلە بار، شۇ ئىدىيەرىمدىن ئۆتۈپ كەتسە تەلتۆكۈس ئاپپاق غۇجىنى تىللىغانلارنى كاللىسىدا ۋېنتىسى كامكەن دەيمەن.

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2013-11-12 14:00:25


8- قەۋەتتىكى patrolنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قىشتا قان تۇمۇر تارىيىپ كەتكەندە يۈرەككە زىيادە بېسىم


پاترۇل بارمۇ سىز يۇقاپ كەتمەي ياخشى مۇلاھىزىلەرنى يۇللاپ تۇرۇڭ.


uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2013-11-12 14:05:29

9- قەۋەتتىكى xahla91نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھە راست يەنە دەپ قوياي، مەن بۇ ماقالىنى يەنە بىر تېما بىلەن مۇناسىۋېتلىك دەپ قارغاچقا يوللاپ قويدۇم، لېكىن ئېنىق مەيدانىم سوپىلارغا ئېغىپ تۇرىدۇ، كىچىكلا بىر مەسىلە بار، شۇ ئىدىيەرىمدىن ئۆتۈپ كەتسە تەلتۆكۈس ئاپپاق غۇجىنى تىللىغانلارنى كاللىسىدا ۋېنتىسى كامكەن دەيمەن.

كالىلمىزىنىڭ ۋېنتىسى كاملىقى قۇرقۇنۇشلۇق ئەمەس ، قۇرقۇنۇشلىقى جاللات بىلەن بىر تەرەپتە تۇرۇپ قىلىش.

Parakende يوللانغان ۋاقتى 2013-11-12 14:11:48

ئىزدىنىش

koktash يوللانغان ۋاقتى 2013-11-12 22:24:55

ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان كىتاپ \"\" شۇنىسى، بەزى ۋەقەلىكلەر خاتا ياكى تارىخىي چىنلىقى تۆۋەن دېگەندەك.

adiyat يوللانغان ۋاقتى 2013-11-13 15:53:04

ئەمىليەتتە ئۇ سىز ھىس قىلغىنىڭىزدىن كىيىن پەيدا بولغان مايىللىق بولماستىن، مايىلىقتىن كىيىن پەيدا بولغان ھىس قىلىشتۇر. ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ كىملىكى ئۇنىڭ ئىمانى بىلەن ھەمبەرچاس.

ئەگەر ئۆزىڭىزنى يىڭىشنى ئويلىسىڭىز، ھەزرىتى ئاپپاقنى مەنىۋى ئۇستاز بىلىڭ، ئۇنىڭغا بولغان ئۆزىڭىزدىكى ۋە باشقىلاردىكى مۇئامىلاتلاردىن ئۆزىڭىزنى ۋە دۇنيانى بىلىڭ.

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-13 16:42:21

شەھلا خانىم مەن ئۇچراتقان يىراقنى كۆرەلەيدىغان ئەققىللىق ئاياللارنىڭ بىرسى \"\"

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-11-13 18:25:37

16- قەۋەتتىكى begir3نىڭ يازمىسىدىن نەقىل


15- قەۋەتتىكى jangqi19نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

شەھلا خانىم مەن ئۇچراتقان يىراقنى كۆرەلەيدىغان ئەققىللىق ئاياللارنىڭ بىرسى \"\"


سىز شەخلانى يېقىننى كۆرەلمەيدۇ دىمەكچىمۇ ؟





بارغانسىرى يۇمۇر بوپ كېتىپ بارىسىلەر جۇما!\"\"


jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-14 14:57:29

16- قەۋەتتىكى begir3نىڭ يازمىسىدىن نەقىل


15- قەۋەتتىكى jangqi19نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

شەھلا خانىم مەن ئۇچراتقان يىراقنى كۆرەلەيدىغان ئەققىللىق ئاياللارنىڭ بىرسى \"\"


سىز شەخلانى يېقىننى كۆرەلمەيدۇ دىمەكچىمۇ ؟



كۆتما سىلە ؟\"\"



xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-15 02:11:09

مەن تەسسەۋۇپ، سوپىزىملاردىن ئاپپاق غۇجىنى ئايرىۋىتىش قارارىغا كەلدىم، ئىدىيەرىمدىن ئۆتتى.



كاللامنىڭ بۇنچە گاللىغىنى ئويلاپ باقماپتىمەن، تارىخىي ھەمىدىنى قايتا ئوقۇپ چىقتىم دىسە.  {:92:}

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2013-11-15 03:11:17

سىزنىڭ بۇ تاللىشىنىڭىز بەك ياخشى بۇلدى، سىزنىڭ بۇ تاللىشىىڭىز باشقىلارگمۇ تۇغرا تاللىشىغا ياردىمى بۇلسكەن دەيمەن.
بەت: [1]
: تارىخنىڭ يەنە بىر يۈزى