rose16 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-10 18:49:03

ئايپەد ئىشلىتىۋاتقانلاردىن ياردەم سورايمەن

ئىشلىتىۋاتقىنىم new ipad ئىدى. 2012-يىلى 4-ئايدا 3-ئەۋلات ئايپەد چىقىشتىن بۇرۇن ئالغان. بۇ يىل 6-ئايدا كىچىك بالىلار ئويناپ چېقىپ قويۇپ، توردىن تاشقى ئەينىكىنى ئەكەلدۈرۈپ سالدۇرغان. سالدۇرۇپ ئەكىرگەن ۋاقىتتىن باشلاپ ئۆزلكىدىن ئۇيەر بۇ يەر بېسىلىپ كېتىدىغان،ئۇنى باسسا بۇ بېسىلىپ كېتىدىغان بولىۋالدى. ئېتىۋىتىش كونۇپكىسىنى بېسىۋېتىپ قايتا ئاچسا بىر نەچچە مىنۇت ياخشى، بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن يەنە شۇنداق بولىۋالىدۇ. ئەينەكنى سېلىپ بەرگەن يەرگە چىقىپ دېسەم، ئەينەكنىڭ كاشىلىسىكەن، قايتىدىن ئەينەك سالساق ئوڭشىلىدۇ دېدى. ئەينەك ئالغان خەنزۇغا ئەھۋالنى دېسەم، ئەينەكنى بىزگە سېلىۋەت، بىز تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، راست ئەينەكنىڭ مەسىلىسى بولسا ئالماشتۇرۇپ ئەۋەتەيلى دېدى. سالايمۇ سالمايمۇ دەپ ئارىسالدى بولۇپ بىرە ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى. ئۆزلىكىدىن بېسىلىپ كېتىدىغان ئىشىمۇ بارا بارا ئازلاپ قالدى. يەنە ئازراق ۋاقت ئۆتكەندىن كېيىن، تامامەن ئوڭشىلىپ ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايىتتى. مەنمۇ شۇنداق خوش بولدۇم. ھازىرغىچە تۆت ئاي ۋاقىت ئۆتۈپتۇ. ئۈلۈشكۈندىن باشلاپ يەنە شۇنداق بولىۋالدى. ئۆزلىكىدىن بېسلىپ كېتىدۇ، قىسقىسى، ئايپەدتە ھېچقانداق ئىش قىلغىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتتى. بەيدۇ دىن ئىزدەپ باقسام،  (触摸频) نىڭ ئىشى، مۇھىتنىڭمۇ تەسىرى بولىدۇ دەپ جىق گەپ قىپتۇ.


سورايدىغىنىم سىلەرمۇ مۇشۇنداق ئىشقا ئۇچراپ باققانمۇ؟ بىلسەڭلار ھەل قىلىش چارىسىنى ئايىمىغايسىلەر.

mustakil يوللانغان ۋاقتى 2013-11-10 19:14:11

مۇشۇ بانادا مەنمۇ سورىۋالاي ،. ۇيغۇرچە خەتنى قانداق قىلىپ نومال كىرگۈزگىلى بولىدۇ ۋىدىولارنى قانداق قىلىپ نورمال كۆرگىلى بولىدۇ

loituma يوللانغان ۋاقتى 2013-11-10 19:20:07

1- قەۋەتتىكى mustakilنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇشۇ بانادا مەنمۇ سورىۋالاي ،. ۇيغۇرچە خەتنى قانداق قىلىپ نومال كىرگۈزگىلى بولىدۇ ۋىدىولارنى قانداق قىلىپ نورمال كۆرگىلى بولىدۇ


ئۇيغۇرچە خەتنى ھازىرچە خاتىرەمنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ تۇرۇڭ.    ۋىدىئولارنى ئۇيغۇرچە كۆپىنچە بەتتە كۆرگىلى بولمايدۇ. كۆپىنچىسىدە. لىكىن تۇدۇ يۇكۇ بەتلەردىكىنى تور بەتتە بولسۇن ياكى بېتىگە كىرىپ بولسۇن بىۋاستە كۆرەلەيسىز.




تېما ئىگىسگە. بۇنداق ئىش شۇ ئەينىكىنى ئالماشتۇرغان ئايپەدلەردە ئۇچرامدىكى. ئەسلى ئەينىكى بولمىسا شۇندا ئەھۋال ئۇچرايدىكەن.

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-10 20:19:22

خەڭسودىن ئالغىنىڭىز سۇپەتسىز ئەينەككەن ... مەن ئىشلىتىۋاتقان ئايپەد 4 تە ھازىرغىچە بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلمىدى . لىكىن قولۇمدىكى ئايفۇن 5 تە بولسا ئانچە مۇنچە ئىكران سەزگۈرلىكىنى يوقىتىدىغان ئەھۋال بار ... قايتا قوزغىتىۋەتسەم نورمال

muztag يوللانغان ۋاقتى 2013-11-11 15:30:33

مۇشۇ تاۋباۋدا ئشلەتكەن ئايپەد ئەككەلدۇرسە ئىشەنچىلىكمىدۇ ؟

ياكى بىرەر ئىشەنچىلىك تور بىكەت بولسا تەۋسىيە قىلمامسىلەر ؟

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-11 19:37:46

1- قەۋەتتىكى mustakilنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇشۇ بانادا مەنمۇ سورىۋالاي ،. ۇيغۇرچە خەتنى قانداق قىلىپ نومال كىرگۈزگىلى بولىدۇ ۋىدىولارنى قانداق قىلىپ نورمال كۆرگىلى بولىدۇ


iso 6.3دىن تۆۋەن نەشىرى بولسا تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كېيىن بەيدۇ كىرگۈزگۈچنى قاچىلىغىلى بولىدۇ.خەت نۇسخىسىنى ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.بەيدۇنىڭ ئۇيغۇرچە تېرىسىنى قاچىلاش ئارقىلىق ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.ئەگەر ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش زۆرۈر بولماي ئۇيغۇرچە كۆرۈش زۆرۈر بولسا يەنىلا تۈرمىدىن قاچۇرماي ئۆز پېتى ئىشلەتكەن ياخشى.ئۇيغۇرچە خەتلەرنىمۇ يامان ئەمەس تۇنۇيدۇ.بىر ئاز سەت شۇ.
بەت: [1]
: ئايپەد ئىشلىتىۋاتقانلاردىن ياردەم سورايمەن