taxerik يوللانغان ۋاقتى 2013-11-10 15:55:26

سازقان

سازقاننىڭ بۇيرۇلىشى



1. قاپاق جىيەكلىرىنىڭ قىزىرىپ ،قىچىشىشىغا سازقان بېرىلىدۇ.ئۇزىراپ كەتكەن بولسا بۇنىڭ بىلەن بىللە ئانارنىڭ ئىچىدىكى گۆشنى كۆزگە سۇرۇپ بېرىش كېرەك.


2.     ئۇچى قىزىل ،يۇمشاق يىڭناسقۇغا بىر قاپ سازقان بەرسەك كۇپايە بولىدۇ.


3.     قاپاققا ئۇششاق مۇدۇرلەر چىققانغا سازقان بۇيرىلىدۇ.ئادەتتە بىر قاپ بېرىلسە بولىدۇ.


4.     تىل قىچىشىشقا سازقان بېرىلىدۇ.


5.     ئېغىز شىللىق پەردىسىنىڭ نىپىز تېرىلىرىنىڭ سويىلىشىغا ،يېرىلىشىغا ،قۇرۇشىشىشغا سازقان بېرىلىدۇ.


6.     ئېغىزغا مۇدۇر چىقىپ ئېغىز ئاغرىپ بىرنەرسە چاينىغىلى قويمايدىغان ئەھۋالغا سازقان بېرىلىدۇ..ئېغىز قىزىلگۇل سۇيىدە چاقىلىدۇ.


7.     ئېغىز ئىچى پەردىسى قىزىرىپ ھۇررەك-ھۇررەك كۆتۇرۇلۇپ قالغاندەك كۆرىنىدىغان ئەھۋالغا سازقان بېرىلىدۇ


8.     ئۇستىنكى تاماق ئىششىغىغا سازقان بېرىلىدۇ


9.     كالپۇككە مۇدۇر چىقىشقا سازقان بېرىلىدۇ.كالپۇك ئىششىغىغا سازقان بىلەن ئۆتدان بىللە بېرىلىدۇ.


10.  چىش مىلىكى ئىششىشقا سازقان بۇيرىلىدۇ.بادام ياكى قوغۇن يېغى بىلەن چىش مىلىكىنى ياغلاش  بىللە بۇيرۇلسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.


11.  كۆيگەندەك ئاغرىيدىغان،ئۇسساپ تۇرىدىغان،چوڭ تەرىتىنىڭ رەڭگى سېرىق بولغان تەرەت قىلسا مەقەت ئېچىشىدىغان قورساق ئاغرىغىغا سازقان مەنپئەت قىلىدۇ.


12.  ئۇرۇقدان خالتىسى قىچىشىشقا سازقان بېرىلىپ،قىززىغاراق سۇدا پات-پات يۇيۇنۇش،يەرلىك ئورۇنغا توخۇ تۇخىمىنىڭ ئېقىنى سۇرۇپ بېرىش بۇيرىلىدۇ.


13.  بەل ئۇمۇرىتقىلارنىڭ بېشىدىن تارتىپ تا قۇيرۇققىچە دائىرىدە لوقۇلداپ ئاغرىشىغا سازقان بۇيرىلىدۇ.


14.  ئاغرىۋاتقان ياكى ئىششىغان بېغىش ۋە  تىزنىڭ رەڭگى بەدەننىڭ رەڭگى بىلەن ئوخشاش ئەمما تۇتسا ئىسسىق ياكى قۇرۇق بىلىنىشىدىغانلارغا سازقان بۇيرىلىدۇ.سۇت ۋە سىركىگە يېقىن تۇرۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.


15.  سەپرالىق ئالامىتى بار كىشىلەردىكى يانپاش ئاغرىقى ۋە ئۇنىڭ ئېغىرلاشمىسى بولغان يانپاشتىن پۇتقا يىپ تارتقاندەك ئاغرىشقا سازقان بېرىلىدۇ.


16.  يەل تاشما دىيىلىدىغان يۆتكىلىپ تۇرىدىغان تېرە قىزىرىپ ئىششىشقا سازقان بۇيرىلىدۇ.


17.  تېرىدە ياپىلاق ۋە كەڭ پەيدا بولۇپ يەرلىك جايغا چوغ قويۇلغاندەل لوقۇلداپ ئاغرىيدىغان نەملە دىيىلىدىغان تېرە كىسىلىگە سازقان بېرىلىدۇ.


18.  تېرىگە ئاق قوناققا ئوخشاش ،ئۇچى ئاق،تۇۋى قىزىل نەرسە چىقىشقا سازقان بېرىلىدۇ.


19.  قوڭى يوغانغا سازقان بېرىلىدۇ.


20.  دانىخورەككە سازقان بېرىلىدۇ.


21.    سېرىق سۇ تەپچىيدىغان قاسراقلىق چاقىغا(تازلىققا) سازقان بېرىلىدۇ.شەخسىي تازىلىققائەھمىيەت بېرىش تەكىتلىنىدۇ.


22.  سەپكۇنگە سازقان  كارىباش بىلەن بىللە بېرىلىدۇ.


23.  تېرە قىزىرىپ قېلىشقا سازقان بۇيرىلىدۇ.


24.  قول بارمىقىنىڭ ئېسىلىشى ۋە قىچىشىشىغا سازقان بۇيرىلىدۇ.



كۆكنۇر يۇقىرى پەن - تېخنىكا شىركىتى


09918569862ئۇرۇمچى


09976722120توقسۇ


13119981205قەشقەر


13779457015 كۇچا


13899229983 ئاقسۇ



atella يوللانغان ۋاقتى 2013-11-10 16:54:58

داۋۇد ئوبۇلقاسىم، ساختىسى يوق ئادەم دەپ قارايمەن...(كۆچۈرۋالدىم،رەھمەت)

dillani يوللانغان ۋاقتى 2013-11-10 17:20:32

تىۋىپلارنى جېقراق تەكلىك قىلساق ئوبدانكەن ماقۇلمۇ .

elqut يوللانغان ۋاقتى 2013-11-10 17:20:57

داۋۇت ئۇبۇلقاسىم ھەقىقەتەن ساختىسى يوق ئادەم

كۆكنۇر شىركىتىنىڭ ئۆتكە پايدا قىلىدىغان شىپايى ئۆتدان دورىسى مىنىڭ ئىغىر ئۆت يالۇغۇمغا خىلىلا مەنپەئەت قىلىپ قۇربان ھىيتتا گۆش پۇلونى قۇرقماي يەۋالدىم

ئىشقىلىپ مەھسۇلاتلىرى بۇلىدىكەن دىگەن قارارغا كەلدىم

بالىلىرىمغىمۇ كۆكنۇر شىركىتىنىڭ شىپايى كالتىسى ھالال دىگەن ئىچىملىكىنى ئىلىپ كالتىسى كەملىكىنىڭ ئالدىنى ئىلۋاتىمەن بەزىدە بۇرۇنقى جىجىياگەي ئىجاۋگەي دىگەنلەرگە خەجلىگەن پۇلۇمغا ئىچىنىپ قالىمەن

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-11-10 18:28:09

阿胶 دىگەن ئېشەكنىڭ تېرىسىنى ئاساسلىق خۇرۇچ قىلىپ ئىشلىنىدىغان دورا ................................  {:106:}

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-11-10 18:45:54

كۆكنۇر شىركىتى ئىشلەپچىقارغان كالتىسى تابلىتى بالامغا ياخشى مەنپەت قىلغان، چوڭلار ئىستىمال قىلسىمۇ بۇلىدۇ بۇ تابلىتنى. ئەڭ موھىمى ئىشەنچىلىك.

كۆكنۇر شىركىتىنىڭ تېخىمۇ راۋاجلىنىشىنى، ئۇيغۇر دورىگەرلىك ساھەسىدىكى داڭلىق كارخانىغا ئايلىنىشىنى تىلەيمەن.

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-11 00:59:19

سازقاننىڭ گېپى بولىۋېتىپتىكەن يۈگرەپ كىردىم.

كۆكنۇرنىڭ ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن 2010-يىلىدىن بېرى تونۇشكەنمەن . ئەڭ دەسلەپ ئىستىمال قىلغان مەھسۇلاتى سازقان ئىدى . شۇ چاغدىلا ئۈنۈمىنىڭ بەك ياخشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ھەم ئۇلارنى نېمىشقا كۆپرەك ئېلان چىقىرىپ تەشۋىق قىلمايدىغاندۇ دەپ ئويلاپ كەتكەن ئىدىم. ۋە سورىغان سوئالىمغا داۋۇتكامنىڭ خانىمى مەھسۇلاتىمىز ئۆزىنى ئۆزى داڭلايدۇ دەپ جاۋاب بەرگەن .

تۈركىيىنىڭ ھاۋا كېلىماتى ھۆل ئىللىق .(مۇشۇنداق دەمدۇ دېمەمدۇ ئۇقالمىدىم ).ئىشقىلىپ خېلىلا نەم . بەدەندە ئاسانلا ھۆللۈك ئېشىپ كېتىپ ھۇرۇن ،لايغەزەل ،كۈچسىز قىلىپ قويىدىغان ئىشلىرى ئېغىر. يېمەكلىكلىرىمۇ ئاشقازاننى بەك سوغۇق ئالدۇرۋېتىدۇ. شۇڭا ھەردائىم ۋەتەنگە قايتماقچى بولۇپ قۇۋۋەتلىنىپ كەلمەكچى بولغانلارنى ئىككىلەنمەيلا خەلىقارا چوڭ بازارنىڭ ئارقا ئىشىك تەرىپىدىكى شۈبە دۇكىنىغا بۇيرۇپ قويىدىغان بولدۇم. ھەم بۇدو ۋەتەنگە قايتقاندىمۇ ئۇلارنىڭ خىلمۇخىل قۇۋۋەت دورىلىرىدىنلا بولۇپ 20 كلوگرامغا يېقىن ساغلاملىق مەھسۇلاتىنى ئەپ كەتتىم. ئىشقىلىپ ئەتىگىنى سەھەر تۇرالايدىغان چاققان ،چىۋەر بوپ قالغىنىمغا خېلىلا مەمنۇن بوپ قالدىم.



دېمىسىمۇ مەھسۇلات ئۆزىنى ئۆزى داڭلايدىكەن.  {:90:}
بەت: [1]
: سازقان