گۇاڭجو خىڭدا چىمپىيون بوپتۇ
بايا ئېلىپ بېرىلغان گۇاڭجو خىڭدا بىلەن كورىيە سئول كوماندىسى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئاسىيا چىمپيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە گۇاڭجو خىڭدا يېڭىپ، ئاسىيا چىمپيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ.
ئۇزۇن ئۇزۇن ۋە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بۇنداق چوڭراق بىر چىمپيون بولۇپ باقمىغان جۇڭگو پۇتبولىنىڭ بۇ نەتىجىسى رىياسەتچىلەرنى ئاز ھاياجانلاندۇرمىغاندەك قىلىدۇ.
بۇ بەلكىم جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى خېلى چوڭ ۋەقە بولىشى مۇمكىن.
ئۇشۇقى ئالچۇ چۇشۇپتۇ بۇ خەقنىڭبەزى ۋاقىتتلاردا سۇمۇ دوڭگە ئاقىدۇ ئەمەسمۇ... ئۇشۇقنىڭ ئىشى ئەمەس.خىڭدانىڭ چىمپىيون بولۇشقا سالاھىيىتى تامامەن بار.
كوماندىدىكى بەزى ئەزالارنىڭ سەۋىيىسى بىلەن ياۋرۇپا كۇلۇپلىرىدا پۇت تىرەپ تۇرىشى ئانچە تەسكىمۇ توختىمايدۇ. ۋوي، ھە.. خېڭدا كۇلۇبىما ؟
مەن تېخى دۆلەت كوماندىسىمىكن دەپتىمەن


2- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۇشۇقنىڭ ئىشى ئەمەس.خىڭدانىڭ چىمپىيون بولۇشقا سالاھىيىتى تامامەن بار.
كوماندىدىكى بەزى ئەزالارنىڭ سەۋىيىسى بىلەن ياۋرۇپا كۇلۇپلىرىدا پۇت تىرەپ تۇرىشى ئانچە تەسكىمۇ توختىمايدۇ.
تامامەن سەۋىيسى بولغاچ ئىزچىل<غەلبە>قىلىپ كەلگەن ئەمەسمۇ بۇلار.....
6- قەۋەتتىكى loitumaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
2- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۇشۇقنىڭ ئىشى ئەمەس.خىڭدانىڭ چىمپىيون بولۇشقا سالاھىيىتى تامامەن بار.
كوماندىدىكى بەزى ئەزالارنىڭ سەۋىيىسى بىلەن ياۋرۇپا كۇلۇپلىرىدا پۇت تىرەپ تۇرىشى ئانچە تەسكىمۇ توختىمايدۇ.
تامامەن سەۋىيسى بولغاچ ئىزچىل<غەلبە>قىلىپ كەلگەن ئەمەسمۇ بۇلار.....
بۇ قېتىمقىسى راستلا ئوخشىمايدۇ، خىڭدا بۇ قېتىم يۇز مېلىيونلاپ پۇل خەجلەپ ئادەم سەپلەپتۇ.
خەلقنىڭ پۇتبۇل قىزغىلنىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ تەنتەربىيە ساھەسىدە ئورۇن تۇتۇش ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ياردەم قىلغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلمايمز، بولمىسا جۇڭگودىكى بازاردا بۇنداق چوڭ مەبلەغنى قايتۇرىۋېلىش تەس، بۇنداق چوڭ تەۋەككۈلچىلىككە جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى پۇتبول بازرى ئەرزىمەيدۇ.
ئاڭلىغان مىش مىش پاراڭلارغا ئاساسلانغاندا خىڭدانىڭ كاتتابېشى بېلەن شى سىكىرتار بەك يېقىن ئاغىنىمىششششششش، شى سىكىرتارنىڭ پۇتبول ھەۋىسى بارلىقىنىمۇ ئانچە-مۇنچە كۆردۇق خەۋەرلەردە
3000سومدىن يىلدا بىر كەلسە كىرىپ كۆرۈپ قويار.ھەپتىدە بىر ئوينايدىغان بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە مېسسى ئەمەس،س رو،روبىنلارنى يىغىپ دۇنيا كوماندىسى قىپ تەشكىللىۋالسىمۇ 3000سوملۇق بىلەتنىڭ يېرىمىنىمۇ ساتالمايدۇ.
ئەمما خىڭدانىڭ نەچچە داڭلىقنى ئەكىرىپ ئانچە مۇنچە غۇلغۇلا قوزغاپ لوڭقا كۈتۈرۈپ بىلەت كىرىمى قىلىۋاتقىنى راست.يەنە دەپ كەلسەك شۇ.بېلەت كىرىمى بىلەنلا كوماندىنى بېقىپ كىتىش تەس. كەڭتاشا ھىساپلىساقمۇ خىڭدانىڭ بىلەتتىن قىلىدىغان يىللىق كىرىمى 2-300مىليون ئەتراپىدا بولار
چەتئەللىك توپچىلار بىلەن تېرىنىرغىلا بۇنىڭ يېرىمى كىتىدۇ.
قالغان پەمىدور لازىلارنىمۇ 30چە بار دىسەك ئۇلارمۇ ئالار يىلدا ئازراقى مىليوندىن.
ئەسلھە ئاسراش،چىراق،خىزمەتچى خادىم ئۇ بۇ بولۇپ يەنە بىرمۇنچە پۇل كىتىدۇ.
بىلەت كىرىمى بۇ چىقىمنى قامداپ بولالمايدۇ.
ئېلان،پۇتبولغا مۇناسىۋەتلىك كىيىم كىچەك ئۇ بۇلارنىڭ سېتىلىشى دىگەندەكلەر قوشۇلسا ئاران يەتسە كېرەك.
قالغىنىنى لوبەن يانچۇقىدىن پۇل چىقىرىپ نوچى ئەزا سېتىۋالمىسا كوماندا يېتىپ قالىدۇ.
ئىنگىلانىدتىكى مەنچىستىر بىرلەشمىسى ئارسىنال قاتارلىقلار ئۇششاق چۈششەك ئەزالارنىڭ داڭقىنى چىقىرىپ يۇقىرى باھادا سېتىپ كىرىم قىلىدۇ.
ئەمما چېسلى مانچىستىر شەھرى قاتارلىقلار ھەممىسى پۇل بىلەن ئۆرە تۇرىدىغان كوماندىلار
خىڭدادىكى بىرنەچچە يۇقىرى سەۋىيەلىك چەتئەللىكتىن باشقاچۆپچىلەرنى قايسى كوماندا ئالىدىكىن تاڭ بايا ئۇراۋا قىزىل مەرۋايىت كوماندىسىنىڭ كىرىم چىقىم ئەھۋالىنى ئىزدەپ باقتىم.بۇ نەچچە يىلدىكى ساپ كىرىم ئەھۋالى 2مىليون يىنى ئەتراپىدا ئىكەن.خەلق پۇلىدا 15تۈمەن ئەتراپىدا.مۇشۇنداق تۇرۇپ ئۇراۋا يەنە ياپۇندىكى قىزىل رەقەم كۆرۈلمىگەن ساناقلىق كوماندىلارنىڭ بىرى ئىكەن.بولمىسا ئۇراۋامۇ ھەر بىر مەيداندا 4تۈمەن ئەتراپىدا ئادەم يىغىلىپ بېرىدىغان كوماندا.
ئالدىنقى ئايدا كاشىۋا بىلەن خىڭدا ئويناپ كاشىۋا ئۇتتۇرۋەتتى.تەھلىلچىلەر قاقشاپ،كۇڭكانىڭ مائاشىدا بىزنىڭكىدەك كوماندىدىن ئىككىسىنى پېرقىتىدىكەنمىز دەپ……
كاشىۋانىڭ كىرىم چىقىمى ئۇراۋانىڭكىدىن ئاز بولسا ئاز جىق ئەمەس.
مۇشۇ كوماندىلار چېغىدا ئاران ئۈزىنىڭ جېنىنى جان ئېتىپ كىتىۋاتسا خېڭدا ئۈزىنى باقالايدىغان ھالەتتىن تېخى جىق يىراق.
شاڭخەيمۇ دىروگبانى ئەكەپ قويۇپ باقالماي قوغلىۋەتمىدىمۇ.لوبەننىڭ پۇلى يوق بولسا مۇشۇنداق سەتلىشىدىغان ئىش.خىڭدانىڭ لوبىنىنىڭ پۇلى باركەن شۇ……
ھىم
گەپ قايتىپ كەلسە
15تۈمەن ساپ كىرىم دەپ قالدىم.
15تۈمەن ئۈچۈن پايپاسلاپ بىر كوماندىنى ئايلاندۇرۇپ يۈرۈش ئەرزىمەيدىغان ئىش.ئەمما بۇنىڭ كەينىدىكى غايەت زور كىرىم،ئۇراۋالىقلار ئىشلىتىدىغان قېپقىزىل مىتسىبىشى ماشىنىسىنىڭ سېتىلىشىدىن كىرىدىغان كىرىم كۇلۇپ كىرىم چىقىمى بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى يوق.كاشىۋانىڭ كەينىدىكى خىتاچىنىڭ ماللىرىنىمۇ كاشىۋالىقلار تالىشىپ سېتىۋالىدۇ.
ئارماننىڭغۇ كوماندا قۇرغۇدەك ھالى يوققۇ،ئەگەر كوماندا قۇرۇپ مۇسابىقە ئوينىغىدەك ھالغا كەلگىچە ئىچمىسەكمۇ قۇۋەت ئۇماچلىرىنى سېتىۋالاتتۇق بەلكىم……
ۋاي ۋۇي
گەپنىڭ قىسىقىسى شۇ
پۇلى بولغانكى ئوينايدۇ شۇنداق
قاتار بايلىرىمۇ دۇنيا پۇتبول كۇلۇپلىرىنى قالايماقان قىلىۋاتمامدۇ.
نەچچە يىلغىچە چىقىدۇ *** بايلارمۇ ئىسپانىيەدە ئىتالىيەدە……
نىمىلا دىمەيلى كوماندىدا كىملا بولسۇن خىڭدانىڭ چىمپىيون بولۇشقا سالايىتى بارلىقى راست.
8- قەۋەتتىكى tarimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
جوڭگودا بۇنداق چوڭ مەبلەغنى قايتۇرىۋېلىش تەس ئەمەس بەلكى جوڭگودا بۇنداق چوڭ مەبلەغنى سۈزىۋېلىش ئىنتايىن ئاسان .
جوڭگو ئاۋازى پىروگىراممىسىنىڭمۇ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى مەيدان بىلىتى تۆۋىنى مىڭ سومدىن سېتىلىپ جوڭگودىكى نوپۇس ئەۋزەللىكى بىلەن بىر ھەل قىلغۇچ ناخشا كىچىلىكتىلا 80 مىليون بىلەت كىرىم قىلغان .
ماۋۇ مۇسابىقىدىمۇ 60 مىليوندەك بىلەت كىرىم قىلدىغۇ دەيمەن .
دۆلەت ياردەم قىلمىسىمۇ ، خېڭدانىڭ خوجايىنى جوڭگودىكى 10 چوڭ باينىڭ بىرى .
ئۈرۈمچىدە گۇڭخۇي ئۆي مۈلۈكچىلىكى بولغان بولسا خېڭدا ئۆي مۈلۈكچىلىكى غۇلجىغا پۇت دەسسەپ كىرىپ بولدى ، ئەمدى نۆۋەتتە جەنۇبىي شىنجاڭغا پۇت دەسسەپ كىرىپ كەتسە ، ئاندىن ئەتە ئۆگۈن گۇاڭخۇيدەك كۆمۈر كان ۋە باشقا كانچىلىك ئېنىرگىيە ساھەلىرىگىمۇ يۈرۈش قىلىپ 4-5 كان قۇرۇپ قويسىلا بولامىكىن .
جوڭگو پۇتبولچىلىقىنى چۈشەنسەڭلا ، بۇ دۆلەت كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىدا چېپمىيون بولالمايدىغان لىكىن دۇنايدا پۇل تېپىشتا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئېنگىلاد بىرلەشمىسىگە ئوخشاش ئۇسۇل قوللانماقچى .
مەبلەغ قايتۇرۋېلىش تەس دىگەن نوپۇس ئاز ئۇيغۇرغا ماس كىلىدۇ .
خەنزۇنىڭ ئۇ نوپۇسىدا پۇلنى جۇگېلىياڭنى ئوقيا يىغىۋېلىش ھۈنىرىدەكلا سۈپۈرۈپ يىغىۋالغىلى بولىدۇ .
ئۇلار قانچىلىك مەبلەغ سالدى قانچىلىك سۈپۈرۋالدى ، ھىسابلاپ كۆرسەكلا بولارمىكىن.
ئەگەر مىسسىنى ساتىدىغان ئىش بولسا ھەم ئۇ جوڭگوغا كىلىدىغان ئشى بولسا 500 مىليون بولسىمۇ سېتىۋالسا شۇ جوڭگونىڭ نوپۇسىدا ئىتالىيە - ئېنگىلاد بىرلەشمىسىدە توشمىغان مەيدان توشاپ ، شۇ يەردە 100-200ياۋرودىن سېتىلغان بىلەت باھاسىنى بۇ يەردە 3000 سومدىن سېتىپ دىگۈدەك قىلسا ھەر مەيدىنىغىلا 50-60 مىليون بىلەت كىرىمى قىلىپ پۇلنى جۇگېلىياڭنىڭ ئوقيا يىغىشىدەك سۈزۈپ ماڭىدۇ .
ھېلىمۇ يىلدا بىرەر قېتىم ياۋروپانىڭ كۇلۇپلىرى قۇش چاڭگىسىدا دوستلۇق مۇسابىقىسى ئوينىغىلى تەكلىپ قىلىدۇ ، ئۇلارغا 2-5 مىليون تەكلىپ پۇلىسى بېرىدۇ ، لىكىن بىر مەيدان مۇسابىقىدىلا بىلەت كىرىمى قىلىپ ئۇ پۇلنى نەچچە ھەسسە قاتلاپ سۈپۈرۈپ بولىدۇ .
ئۇ شۇ بىرازىلىيەلىك كونكا ،ئېرىكسون ، ئىتالىيەنىڭ داڭلىق تېرنىرى لىپى بولغاچقا سۈزۈلىۋاتقان پۇل.
مەسىلە كۇلۇپ باشقۇرغۇچىنىڭ سىتىراتىگىيەسىدە .
گېپىڭىز ھاماقەتلەرچە بولدى! ھېلىغۇ بۇ چولتا ئاىيا بازىرىكەن پۈتكۈل دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە خېڭدادىن يۈز ھەتتا مىڭ ھەسسە جىق ئىلان كىرىمى ،مەيدان بىلەت ،ئوبراز كىرىمىگە ئىگە ياۋروپا كاماندىلىرىمۇ ئۇنداق چىقىمنى كۆتۈرەلمەيدۇ كۆتۈردى دىگەنلىرىنىڭ ئارىسىدا پەقەت قىزىل ئالۋاستى،بارسا،خان مادرىىت،بايرون قاتارىق بىرقانچىسى ساغلام مالىيە يولىغا ئىگە قالغانلىرىدىن چېلسى،پارىژ قاتارلىقلارنىڭ كەينىدە كىم بارلىقىنى دۇنيادا سىزلا بىلمەي قالمىغانسىز ؟؟؟؟؟ ۋۇيييييۇۇۇ........ما جىڭ ئالامەت خەۋەركەن . باللار گەپ قىستۇرماڭلار ماۋۇ زىيالى تەيلاڭنىڭ تېمىسىكەن پۇتپولنى مۇنداق ئوينىسىمۇ قىززىيدىكەن ھە