tashpolatrozi يوللانغان ۋاقتى 2013-11-9 12:41:51

تاشپولات: ئالتە قۇيرۇقلۇق ئۇچار تاش بايقالدى

ئالتە قۇيرۇقلۇق ئۇچار تاش بايقالدى



تاشپولات روزى








NASA نىڭ Hubble ئالەم تېلېسكوپى، 6 تە قۇيرۇقى بار خۇددى قۇيرۇقلۇق
يۇلتۇزدەك قۇيرۇقى چاچرىغان چاڭ توزاڭ چىقىرىدىغان ھەم پىر-پىر
پىرقىرايدىغان ئۇچار تاشنى بىرىنچى قېتىم بايقىدى.



بۇ ئۇچار تاشنىڭ ئىسمى P/2013 P5 بولۇپ، ئۇ باشقا ئۇچار تاشلارغا
ئوخشىمايدىكەن. بۇ تاشنىڭ كىچىك بىر نۇر نۇقتىسىلا بولۇپ، ئۇ خۇددى
ھويلىلاردا ئىشلىتىدىغان سۇ سەپكۇچكە ئوخشايدىكەن. ھازىرغىچە بۇنداق ئۇچار
تاشلارنىڭ نېمە ئۈچۈن باشقا ئۇچار تاشلارغا ئوخشىمايدىغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە
ئىكەنلىكى ئاسترونومىيە ئالىملىرى ئارىسىدا سىر بولۇپ كېلىۋاتقان ئىدى.



بۇ تاشنى بايقىغان گۇرۇپپا باشلىقى David Jewitt مۇنداق دەيدۇ: "بىز بۇ
ئۇچار تاشنى بىرىنچى قېتىم كۆرگىنىمىزدە ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇق". "بىزنىڭ
تېخىمۇ ھەيران قالغىنىمىز بۇ ئۇچار تاشنىڭ قۇيرۇقى 13 كۈندە   ئاجايىپ
ئۆزگەرگەنلىكىدە بولدى". "بۇنداق مەنزىرىنى بايقاپ چىقىشنىڭ ئۆزى  ئاجايىپ
ئىش بولسىمۇ، يەنىلا ئۇنۇڭ قۇيرۇقى بۇ ئۇچار تاشنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى
ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان بىر ئىشتۇر".



پروفېسسور Jewitt نى مەركەز قىلغان تەتقىقات گۇرۇپپىسى بۇ ماقالىنى "The
Astrophysical Journal Letters" دېگەن ئىلمى ژۇرنىلىدا ئېلان قىلدى.



ئاسترونومى ئالىملىرى بۇ ئۇچار تاش كەم دېگەندە 5 ئايدەك چاڭ توزاڭ
چىقىرىۋاتقان بۆلىشى مۇمكىن ياكى ئۇ ئۇچار تاش ناھايىتى يۇقىرى تېزلىكتە
ئايلىنىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ھالاك بولۇشنى باشلىغان بۆلىشى مۇمكىن دەپ
قارىماقتا. يەنە بەزى ئالىملار بۇ تاشنىڭ قۇيرۇقى بىر قېتىملىق سوقۇشۇشتىن
كېلىپ چىقمىغان بۆلىشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا. ئەگەر ئۇ سەۋەب بولغان بولسا،
چاڭ توزاڭ  بىراقلا پۈركۈلۈپ چىقىپ كەتكەن بولاتتى.



پروفېسسور Jewitt نىڭ يەنە مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئۇچار تاش 200 مىليون يىل
ئىلگىرى ئۇچار تاشلارنىڭ سوقۇلۇشى ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن بۆلىشى مۇمكىن"



تېخىمۇ كوپ ئۇچۇرغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىڭ.



http://www.sci-news.com/space/sc ... ix-tails-01530.html

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2013-11-10 10:20:33

ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق

RGB يوللانغان ۋاقتى 2013-11-10 13:34:15

بۇنىڭ بىرەر پايدىلىنىش قىممىتى بامۇ؟

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-10 23:18:57

ئالەم ھەقىقەتەن سىرلارغا مۆجىزىلەرگە تولغان.

تاشپولاتكامغا تەشەككۈر!

bariber يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 17:29:45

مۆجىزىلەرگە تولغان كائىنات.
بەت: [1]
: تاشپولات: ئالتە قۇيرۇقلۇق ئۇچار تاش بايقالدى