ئۆلۈمدىن قورقماي خەۋەر يازىدىغان مۇخبىرلار[كۆچۈرۈلمە]
مۇخبىرلىق خىزمىتى شەرەپلىك، ئەمما جاپالىق بىر خىزمەت، ئۇلار كىشىلەرنى دۇنيانىڭ ئىشلىرىدىن، دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەردىن بىرىنچى بولۇپ خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى بۇ كەسىپكە ئاتىۋەتكەن. بىز تۆۋەندىكى رەسىملەرنى كۆرۈپ چىقساق، ئۇلارغا ھەقىقەتەن ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايمىز.
سۈرەتتە، شۇ يەر ۋاقتى 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى، تۈركىيە ئىستانبۇل، ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش داۋاملىشىپ، پۈتكۈل دۆلەت ئىچىدە ئاز دېگەندە 2300 ئادەم يارىلانغان، ئىستانبۇلدىلا 140 ئادەم يارىلانغان. سۈرەتتە، ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىس-تۈتىكى ئىچىدىكى مۇخبىر.
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋەر، شېۋىتسارىيىدىكى نارېت كۆلى، بىر غەۋۋاس مۇز قاتلىمى ئاستىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.
2013-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى، ھاۋاي ئارىلىدىكى ماگما ئۈستىدە تۇرۇپ سۈرەتكە تارتىۋاتقان فوتوگراف.
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى، چاڭچۈندىكى ئېگىز بىنا ئۈستىدە تۇرۇپ سۈرەتكە تارتىۋاتقان فوتوگراف.
شۇ يەر ۋاقتى 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى، تايلاندتا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسى، بۇ ۋەقەدە يارىلانغان كىشىلەرنىڭ ئىچىدە بەش نەپەر مۇخبىر بار.
2010-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى، جياڭشى، مۇخبىر قوراللىق ساقچى قىسمىنىڭ ئادەم قۇتقۇزغانلىقىدەك تەسىرلىك ئىش-ئىزلىرىنى خاتىرلىمەكتە.
شۇڭا دۇنيا نوپۇسىىنىڭ بەشتىن بىرىنى ئىگەللەيدىغان جۇڭگۇ مۇخبىرلىرىدىن چەتئەلدە ئېزىپ تېزىپ ئۈلۈپ تاتىپ قاممىسا ئۇنداق خەۋەرنى يىللاپ يىللاپ ئاڭلىمايمىز،ئەكىسچە ھەر يىلى نۇرغۇن ئامىركا ياۋرۇپا موخبىرلىرىدىن ئۈلۈپ كىتىشىدىن ئۇلارنىڭ باتۇرلىقىغا قول قويماي تۇرالمايمىز.
بىرىنچىسى چىقماپتۇ پىنھان ؟ بۇ مۇخبىرلار ئۆلۈپ كەتسە ناھايىتى ئۆزىلام ئۆلۈپ كېتىدۇ. لېكىن ئائىلىسىدىكلەرمۇ تەڭ چېتىلىپ قالىدىغان مۇخبىرلار ھەرگىز يازالمايدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ مۇخبىرلىرى قەيەردە ياخشى ئىش،گۈللىنىش،مەدھىيە ئوقۇش بولسا شۇ يەردە بار
شۇنىڭغا قارىغاندا ئۇلار ئاۋۇلارغا قارىغاندا بەك خاتىرجەممۇ قانداق؟