[ياردەم] Android تىن ياردەم
ئەسسالام دوستلار!
مەن مۇنۇ ئىككى كىچىك ئىشقا ياردەم سورايمەن، بىلىدىغانلار مالال كۆرمەي ياردەم ،مەسلىھەت بېرىڭلار
يانفونۇم : moto me865 سېستىما نەشرى :4.0.4
1. يانفونۇمدا google play يوقتى، قاچىلىسام نورمال ئىشلىگىلى ئۇنىماي رېكوۋېري بىلەن gapps گوگىل مۇلازىمەت بولىقىنى قايتا يازدىم ، ئوڭشالغان بولدى، لېكىن ھەر قېتىم يانفوننى قوزغاتسام قارشى ئېلىش ئېكرانىدىن كېيىنلا android正在升级 دەپ مەن يانفونغا قاچىلىغان بارلىق ئەپلەرنى بىر قېتىم تەكشۈرۈپ ، ئۇلارغا قارىتا ئەلالاشتۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ، نەتىجىدە قوزغىلىشقا 5-10 مىنۇت كېتىدۇ،ئالدىرىغان ۋاقىتتا ئىچىم سىقىلىپ كېتىدۇ، سېستىمىنى قايتا قاچىلىغۇم يوق، قانداق قىلسام بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالايمەن؟
2. يانفونۇمنىڭ SD كارتىسىنىڭ سىغىمى ئاز قاپتىكەن ، ئېكران ئۈستى تەرىپىدە سەت ھەم مايماق ئەسكەرتىش بەلگىسىدىن بىرسى چىقىپ تۇرۇۋېلىپ كۆزۈمگە بەك سەت كۆرۈنۈپ كېتىۋاتىدۇ يەنى 存储空间不足 ئەسكەرتىشى . قانداق قىلسام بۇنى چىقمايدىغان قىلىپ چەكلىۋەتكىلى بولىدۇ ؟
gapps نى قاچىلىغاندا frameworkنىڭ ئىچىگە قوشۇلۇپ كېتىدىغان ئىككى تال ئارتۇقچە jarھۆججىتى شۇنداق قىلىپ قويىدۇ. ئىسمى يادىمدا قالماپتۇ. gappsنىڭ ئىچىدىن قوشۇلغان ھۆججەت بويىچە ئىزدەپ ئۆچۈرۈۋىتىپ سىناپ بېقىڭ. ئۇ ئىككى تال jarھۆججىتى ئۆچۈرۈۋىتىلسە ھېچنىمە بولمايدۇ. gapps بەك ئارتۇقچە نەرسىلەرنى قاچىلىۋىتىدۇ. ئامال بار لازىملىقىنى تاللاپ ئېلىپ قېلىپ ئارتۇقىنى ئۆچۈرۈۋىتىپ ئاندىن قاچىلاڭ. قايسى ئىككى ھۆججەت بولغىيتى ئۇ، بىر ئېسىڭىزگە ئېلىڭە بىرسىنىڭ ئىسمىدا drmدىگەن گەپ بار. ھازىر ئىشلىتىۋاتقىنىم قاپاق تېلىفۇن بولغاچقا جەزىم قىلالمايمەن.gapps نى پىرىستىن يېشىپ frameworkنىڭ ئىچىدىكى قوشۇلىدىغان ھۆججەتلەردىن سېلىشتۇرۇپ تاپقىلى بولىدۇ. ئىلگىرى مەنمۇ شۇنداق تاپقان. كۆپ بولسا يېرىم سائەت ئېتىشىسىز. سىمسىز تور ھالەتتە نىمە ئۈچۈن گوگىل پىلايغا ئۇلانمايدۇ، قارىغاندا تېلېفوننىڭ ئىچىدىكى ساقلىغۇچىسى توشۇپ قالغان ئوخشايدۇ. تۆۋەندىكى تازىلىغۇچنى سىناپ بېقىڭ. ئاندىن يۇمشاق دېتال ئورناتقاندا كونا نەشرىنى ئۆچۈرۈۋەتمەي يېڭىلانسا بوشلۇق ئاسان توشۇپ قالىدۇ. ئاشۇ كونا نەشرىدىكى زاپاس ھۆججەتلەرنى مۇشۇ تازىلىغۇچتا ئۆچۈرۈۋەتكىلى بولىدۇ. ئاندىن بەزى سىرتقى كارتىغا ئىجرا بولىدىغان ئەپلەرنى سىرتقى كارتىغا يۆتكىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
https://play.google.com/store/apps/details?id=com.cleanmaster.mguard