tashpolatrozi يوللانغان ۋاقتى 2013-11-8 13:30:56

تاشپولات: بىلىمنىڭ پايدىسى ۋە بىلىمسىزلىكنىڭ زىيىنى ھەققىدە

مەن بۇ شېئىرنى ئارىلاپ-ئارىلاپ
ئوقۇپ تۇرىمەن. بۇ شېئىردا بىلىمنىڭ پايدا-زىيىنى بەك ئېنىق تەسۋىرلەنگەن.
تۈرداشلارنىڭمۇ بۇ شېئىردىن ھۇزۇرلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.




ئەتەبەتۇلھەقايىق



ئاپتورى: ئەدىب ئەخمەت بىننى مەخمۇت يۈكنەكى



بىلىمنىڭ پايدىسى ۋە بىلىمسىزلىكنىڭ زىيىنى ھەققىدە




سۆزۈمگە بىلىمدىن ئاساس سالىمەن،

ئەي دوستۇم، بىلىملىككە ئۆزۈڭنى باغلا .

سائادەت يولى بىلىم بىلەن ئېچىلىدۇ،

بىلىم ئال، سائادەت يولىنى ئاچ .



بىلىملىك كىشى قىممەتلىك دىناردۇر،

بىلىمسىز نادانلار قىممەتسىز ياماقتۇر .

بىلىملىك بىلەن بىلىمسىز ھېچقاچان تەڭ بولالمايدۇ .

بىلىملىك ئايال گويا ئەر، نادان ئەر گويا ؟ .



ئادەمدە بىلىم بولۇشى سۆڭەكتە ئىلىك بولغانغا ئوخشايدۇ،

ئادەمنىڭ زىننىتى ئەقىل بولسا، سۆڭەكنىڭ ئىلىكتۇر .

بىلىمسىز(كىشى) ئىلىكسىز سۆڭەكتەك كاۋاك بولىدۇ،

(ھالبۇكى) ئىلىكسىز سۆڭەككە ھېچكىم قول ئۇزاتمايدۇ .



ئادەم بىلىمى بىلەن تونۇلىدۇ،

بىلىمسىزلەر تىرىك تۇرۇپ كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ .

بىلىملىكلەر ئۆلسىمۇ، نامى تىرىك قالىدۇ،

بىلىمسىزلەر تىرىك بولسىمۇ نامى ئۆلۈك بولىدۇ .



بىر بىلىملىك مىڭ بىلىمسىزگە تەڭ كۈلىدۇ،

تەڭلەشتۈرگەندە بىلىمنىڭ سالمىقى ئايان بولىدۇ .

ئەمدى ئەقلىڭ بىلەن بايقاپ كۆرگىن،

بىلىمدىن پايدىلىق يەنە قانداق نەرسە بار .



ئالىملار بىلىم بىلەن يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ،

بىلىمسىزلىك ئەرنى يەرگە چۆكۈردى .

بىلىمنى زېرىكمەي ئىزدە، شۇنى بىلگىنكى،

ھەق رۇسۇل: "بىلىم جۇڭگودا بولسىمۇ ئىزدەڭلا" دېگەن .



بىلىمنى دائىم بىلىملىكلەر ئىزدەيدۇ،

بىلىم تەمىنى ئەي دوست، بىلىملىك بىلىدۇ .

بىلىڭكى، بىلىم قەدرىنى بىلىم بىلدۈرىدۇ ،

بىلىمسىز ئەخمەق بىلىمنى نېمە قىلىدۇ؟



بىلىمسىزگە ھەق سۆز تەمسىز بىلىنىدۇ،

ئۇنىڭغا پەند - نەسىھەت پايدىسىز تۇيۇلىدۇ .

ھەرقانداق كىرنى يۇيۇپ تازىلىغىلى بولىدۇ،

(لېكىن)نادانلىق يۇيۇپ تازىلىغىلى بولمايدىغان كىردۇر .



قارا، بىلىملىك كىشى ئىشنىڭ پەيتىنى بىلىدۇ،

ئۇ ئىشنى بىلىپ قىلىدۇ، كېيىن ئۆكۈنمەيدۇ .

بىلىمسىز ھەممە ئىشقا ئۆكۈنىدۇ .

ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن باشقا قىسمەت يوق .



بىلىملىكلەر كېرەكلىك سۆزنى قىلىدۇ،

كېرەكسىز سۆزلەرنى كۆمۈپ تاشلايدۇ .

بىلىمسىزلەر دائىم بىلمەستىن سۆزلەۋېرىدۇ .

ئۇنىڭ ئۆز تىلى ئۆز بېشىنى يەيدۇ .



ياراتقۇچى ئىگە بىلىم بىلەن تونۇلىدۇ،

بىلىمسىزلىكتىن ياخشىلىق كۆرگەن(كىشى)بارمۇ؟.

بىلىمسىزلىكتىن بىرمۇنچە خەلق،

ئۆز قولى بىلەن بۇت ياساپ، شۇنى ئىگەم دېدى .



بىلىملىكنىڭ سۆزى پەند - نەسىھەت ۋە ئەدىبتۇر،

بىلىملىكنى ئەجەممۇ، ئەرەبمۇ ماختىدى .

مۈلۈكسىزگە بىلىم تۈگىمەس مۈلۈك،

نەسەپسىزگە بىلىم ئۈزۈلمەس نەسەب .


nur يوللانغان ۋاقتى 2013-11-8 16:29:36

باشلانغۇچنىڭ ئىككىنجى يىللىقىدا بولسا كىرەك بىر بالا مەكتەپتە ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوق دەل باللانى

ئىلىپ قاچاتتى.بىر كۇنى ئانامدىن ؛ئانا راستىنلا ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوقمۇ دىسەم ئانام ئارقا ھويلىدىكى يەرلىك ھاجەتخانىدىن گەندە تارتىۋاتقان ئىككى ئادەمنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئوقىمىغان ئادەم كىيىن ئاشۇنداق بولىدي دەپ نەسىھەت قىلغانتى

ulukjan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-8 20:58:34

ئاڭلىسام بىلىمسىز كىشى جاھاننىڭ ئاچچىق قىسمەتلىرىنىڭ تىگىگە يەتمىگەچ ۋە ئۇ توغرىسىدا ئويلانمىغاچ بەكمۇ خۇشال ياشايمىش.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-11-8 22:11:01

ئىشقىلىپ ئوقۇمىغان بالىلار يېشىغا يەتسە بەك قورقۇنۇچلۇق بولىدىكەن.

ئالدىنقى كۈنى، ئاق قۇۋۇقتا كېتىۋاتسام، ئالدىمدىن كەلگەن بىر يۈزىنى توسقان ئايال: «توختاڭا، سىزگە گەپ باتتى..» دەيدۇ، تۈز ئۆتۈپ كەتتىم، بۈگۈن دۆڭكۆۋرۈكتە بىر يىگىت جىم تۇرغان ئىككى قىزغا ئىشلەمسىلەر، ئىشلەمسىلەر دەپ كېتىپ بارىدۇ. توۋا.. ھەممە بالىلارنى ئوبدان بىلىم ئېلىپ، دۇرۇس ئادەم بولۇشقا نېسىپ قىلسۇن ئىگەم..

oghuzxan68 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-9 00:03:01

بئلئم بئلەن پۇل-مالئڭ وڭ تاناسئپتۇرتۇر.






























































Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-11-9 02:54:32

يەشمە نۇسخىسى بولمىغان ئەسلى مىسرالىرى مەسنەۋى شەكىلدىكىدەك يادىمدا شۇنىڭدىكى« سۆڭەككە يىلىكتەك ئەرەنگە بىلىك» شۇنداقراققۇ دەيمەن، مۇشۇ مىسراسى بەك ئېسمدە قىلىغلىقكەن...
بەت: [1]
: تاشپولات: بىلىمنىڭ پايدىسى ۋە بىلىمسىزلىكنىڭ زىيىنى ھەققىدە