ھۆججەت نامىنىڭ تەرجىمىسىدىن ياردەم سورايمەن
مەن بىر ھۆججەتنى تەرجىمە قىلىۋېتىپ مۇنداق بىر خەنزۇچە قىسقارتىلما ھۆججەت بېشىنى تەرجىمە قىلىشقا توغرا كېلىپ قالدى. تەجرىبىلىك تەرجىمانلىرىمىزنىڭ مەسلىھەت بېرىشىنى سورايمەن:
新计价能价字 2004 年X号
بۇنىڭدا مەن ھۆججەت چۈشۈرگەن ئورۇننىڭ تولۇق نامىنى تەرجىمە قىلىپ ئالماقچىدىم، مەسىلەن: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پالان كومىتېتى (نازارىتى، ئىدارىسى) نىڭ 2004-يىل پالان نومۇرلۇق ھۆججىتى دەپ. مەسىلەن : 新发改字نى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى ھۆججىتى» دېگەندەك.
5- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ھۆججەت نۇمۇرىدىكى شۇ قىسقارتىلما خەتنىڭ مەنىسىنى بىلىش ئۈچۈن، بىر قۇر ئۈستىگە قارىسىڭىز، ياكى بەتنى ئۆرۈپ كەينىدىكى تامىغىنى ئوقۇسىڭىز بىلگىلى بولار. بۈگۈن مەنمۇ بىر خەنچە قىسقارتىلما ھۆججەت نومۇرى ياسىدىم.
شۇنداق قىلسامغۇ بولاتتى، بىراق مەندە ئەسلى ھۆججەت يوق. پەقەت ئاشۇ ھۆججەتنىڭ نامىلا بار.
新疆维吾尔自治区发件计划委员会=新计
价باھا نى كۆرسىتىدۇ. ئاۋۇ خەتنىڭ تولۇق يىزىلىشى تەرجىمە قىلىپ، ئاندىن شۇنىڭ باش ھەرىپىنى ئالسىڭىز بولىدۇ. باھا، ئۆلچەم ، ئىنىرگىيە گە مۇناسىۋەتلىك ئىدارىسىنىڭ چىقارغا ئىدارىنىڭ ھۆججىتى بولسا كىرەك توك باھاسى، توك بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتىدىكى ئېلىنىدىغان ھەقلەرگە دائىر چىقىرىلغان ھۆججەت.
新计价 نىڭ تولۇق ئاتىلىشىنى بىلمەيۋاتىمەن شۇ. 2004-يىللىرى پىلان كومىتېتى، مال باھا ئىدارىسى دەيدىغان ئورۇنلار بولىدىغان، شۇلار چىقارغان ھۆججەتمىدۇ يا؟ شۇنداق بولسا، تولۇق ئاتىلىشى قانداق بولىدۇ؟
3- قەۋەتتىكى kalamyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
توك باھاسى، توك بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتىدىكى ئېلىنىدىغان ھەقلەرگە دائىر چىقىرىلغان ھۆججەت.
新计价 نىڭ تولۇق ئاتىلىشىنى بىلمەيۋاتىمەن شۇ. 2004-يىللىرى پىلان كومىتېتى، مال باھا ئىدارىسى دەيدىغان ئورۇنلار بولىدىغان، شۇلار چىقارغان ھۆججەتمىدۇ يا؟ شۇنداق بولسا، تولۇق ئاتىلىشى قانداق بولىدۇ؟
http://www.fwxgx.com/sd/sd/show/20101204/141389.html ھۆججەت نۇمۇرىدىكى شۇ قىسقارتىلما خەتنىڭ مەنىسىنى بىلىش ئۈچۈن، بىر قۇر ئۈستىگە قارىسىڭىز، ياكى بەتنى ئۆرۈپ كەينىدىكى تامىغىنى ئوقۇسىڭىز بىلگىلى بولار. بۈگۈن مەنمۇ بىر خەنچە قىسقارتىلما ھۆججەت نومۇرى ياسىدىم.
بەت:
[1]