tashpolatrozi يوللانغان ۋاقتى 2013-11-8 11:02:58

تاشپولات: تارىختىكى داڭلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرى

تارىختىكى داڭلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرى: John Von Neumann



تاشپولات روزى








     نايمان (John Von Neumann)
بولسا ۋېنگىرىيە (Hungary) نىڭ پايتەختى بۇداپېشت (Budapest)دا، 1903-يىلى
12-ئاينىڭ 28-كۈنى بىر يەھۇدىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى
ئادۋوكات بولۇپ بانكىدا ئىشلەتتى. ئۇ 23 يېشىدا بۇداپېشت ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ
ماتېماتىكا كەسپىدىن دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالىدۇ. ئۇ ئوقۇش جەريانىدا Fekete
بىلەن بىرلىكتە ماقالە ئېلان قىلىدۇ. 1926-يىلىدىن 1930-يىلىغىچە ئۇ
گېرمانىيسىنىڭ Hamburg ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەخسى لېكتور بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئۇ
1930-يىلى ئامېرىكىغا كۆچۈپ كېلىپ، پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى
بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1957-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى بەختكە قارشى 53 يېشىدا ۋاپات
بولىدۇ.



    1954-يىلى نايمان بولسا ئامېرىكا ئاتوم ئېنېرگىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى
بولىدۇ. ئۇ ئامېرىكانىڭ ئاتوم بومبىسى ياساپ چىقىشتا ئەڭ ئاساسلىق
تەتقىقاتچى ھەم ئاساسلىق ۋەزىپىلەردە بولىدۇ. نايمان، دەسلىپىدە ئاساسلىقى
توپلام نەزەرىيىسى، ھەقىقىي سانلار نەزەرىيىسى، ماتېماتىكا ئاساسى
نەزەرىيىسى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىپ، توپلامنىڭ ئاكسىومالاشتۇرۇشتا
مۇھىم تۆھپە قوشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتىدا، ئۇ نەزەرىيە فىزىكا ئىلمى
ھەم كۋانت مېخانىكىنىڭ ماتېماتىكىلىق ئاساسىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئۇنى خىلبېرت
بوشلۇق نەزەرىيىسىگە تەتبىقلاپ، ئەكس ئېتىش نەزەرىيىسىگە نىسبەتەن ئاساسلىق
نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. ئۇ ئەكس ئېتىش ھالقا نەزەرىيىسىگە نىسبەتەن ئۈزلۈكسىز
گېومېتىريەنى كىرگۈزۈپ، گۇرۇپپا ئۇستىدىكى دەۋرلىك فۇنكسىيە نەزەرىيىسىنى
مۇكەممەللەشتۈرىدۇ ھەم خىلبېرتنىڭ 5-مەسىلىسىنى ھەل قىلىش قاتارلىقلاردا
كۆپلىگەن داڭلىق نەتىجىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ياشانغاندا ئۇ يەنى
ئويۇن(Game) نەزەرىيىسى ھەم ھېسابلاش ماشىنىسىنى پىلانلاش جەھەتتىنمۇ مۇھىم
تۆھپىلەرنى قوشۇپ، ئامېرىكانىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە بولغان ماتېماتىكىنىڭ
قوللىنىشىدىكى مۇھىم ۋەزىپىلەرنى يىغىنچاقلايدۇ.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-11-9 02:33:44

سالام تاشپۇلات مۇئەللىم، بىزنى تارىختىكى كىلاسسىك ئالىملارنى تونۇش پۇرسىتىگە ئېگە قىلىۋاتىسىز، رەھمەت سىزگە!

بىر نەرسىگە بەك قىزىقىمەن، بۇرۇنقى ئالىملار نېمىشقا شۇنچە ئەقىللىق بولغىيتتى دەپ. بەزىلەر دەيدۇ، ھازىرمۇ شۇنداق دەپ، لېكىن مەن بۇرۇنقى ئالىملارنىڭ پاكىز، سېستىمىلاشقان ئۇنۋېرسال مول بېلىمىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىمەن... يۈز يىل، ئىككى يۈز يىللار ئىلگىركى، ماتېماتىكا، فىزىكا ئالىملىرىنىڭ نەزەرىيەلىرىنى، تەڭلىمىللىرىنى ھازبرنىڭ ئۆزىدىمۇ ئاسانلىقچە چۈشىنىپ بولالمايمىز. ئەمەلىيەتتە، ھازىرقى پەنگە ئەڭ مۇستەھكەم ئاساس سالغانلار شۇلار. بۇرۇن مەن بىر كىتاپتىنمۇ بىر يەردە ئوقۇغان يادىمدا، 19- ۋە 20- ئەسىر ئارلىقىدا كۆپ ساندىكى گېگانىت ئالىملار، نىمە ئۈچۈن شۇ ۋاقىتتا ئوتتۇرىغان چىققان؟ دېگەن سۇئالغا «قوياشنىڭ چاقنېشى سەۋەبىدىن» دەپ چۈشەندۈرۈش بېرىپتىكەنمىش، بۇنىڭ قانچىلىك ئىلمىي ئاساسى بار بىلمەيمەن.

fizika1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 15:23:23

دوستۇم  ئىلىم پەندىكى ،ئاسان بايقاشلار ئاسانلا بايقىلىپ ئسپاتلىندۇ، لىكىن  تەسلىرى ،ئاستا ئاستا بايقىلدۇ،،
بەت: [1]
: تاشپولات: تارىختىكى داڭلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرى