wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-7 21:17:43

شەيتاننىڭ خىزمەتلەرنى مەخپىي تەكشۈرۈشى


يىل ئاخىرىدا ئېچىلىدىغان خۇلاسىلەش ،تەقدىرلەش يىغىنىغا كۆپ ۋاقىت قالمىغان ئىدى ،يىلدا بىر ئېچىلىدىغان بۇ يىغىنغا ئەلۋەتتە ياخشى تەييارلىق قىلىپ خىزمەتلەرنى خۇلاسىلاش ئۈچۈن سېكرىتار شەيتان  خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگىلى ئادەملەر ئارىسىغا كەلدى ،خىزمەت مەخپىيىتى ئۈچۈن ئۇ مۇئاۋىنىنىمۇ ئەگەشتۈرمىگەن ئىدى .

ئۇ بىر چىرايلىق قىزنى سىياقىغا كىرىپ جەنۇبىي قوۋۇقتىن چوڭ يولنى بويلاپ ماڭغاچ يالغان دىۋانىدىن نەق 101نى ساناپ دەرھال دەپتىرىدىكى بۇلتۇرقى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قارىدى دە ،قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى .بۇلتۇرقىدىن كۆپىيىپتۇ دېدى ئۇ رازىمەنلىك بىلەن بېشىنى لىڭشىتىپ ،بىرىنچى گۇرۇپپا خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپتۇ ،گۇرۇپپا باشلىقى ھەييار شەيتاننىڭ مۇكاپاتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك دېدى دە دەپتەردىكى بىر قانچە ئىسىمغا توغرا بەلگىسىنى ئۇرۇپ قويدى .ئۇ دەقىقە ئىچىدىلا كاتتا خوجايىنغا ئۆزگەردى دە ئارقا كوچىدىكى بازىرى ئىتتىك بىر ئىشرەتخانىغا كىرىپ كەلدى .

-كەلسىلا خوجام ،كەلسىلە ،دەپ خۇش چىراي ئاچتى بىر ئايال ۋە ئالدىغا كېلىپ كۆڭۈل ئاچامسىز مېھمان ،ھەممىسى بار ،قايسى مىللەتتىن دېسىڭىز ،شۇنىڭدىن بار ،كىملىكىگە قاراپ مال تاللايسىز ،ياش يوشۇرۇپ يۈرمەيمىز بىز دەپ شالىنى ئېقىتىپ سۆزلەپ كەتتى .

خوجايىن ئىچكىركى ئۆيگە كىردى ،ئۇدۇلدىكى كرېسلودا مالدىن تۆتى نازلىنىپ ئولتۇراتتى ، ئۇ بۇ مالنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كىچىكىگە قارىدى دە قايسى كۈنى ئازغۇن شەيتاننىڭ ئۇنىڭغا :"بۇ قىزنىڭ مەكتەپتىن چېكىنگەنلىكىنى ،ئەڭ بەلىنى بىر يىل ئىچىدىلا ئۈچ ئائىلىنى بۇزغانلىقىنى دەپ بەرگەنلىكىنى ئەسلىدى .

-كەچتە كېلەي دېدى خوجايىن ھېلىقى دەللالغا قىستاپ كەتكەن كۈلكىسىنى تەستە بېسىپ ،ئۇ بۇ يەردىن چىقىپ دەپتىرىگە :شەيتان ئازغۇننىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈش ،شەيتانلارنىڭ خىزمەت  ئاكتىپلىقىنى ئاشۇرۇپ ئامال چارە بىلەن ئىشرەتخانىلارنى خالتا كوچىلاردىن چوڭ رەستىلەرگە ،ئاھالىلەر رايونلىرىغا مەسچىت يانلىرىغا يۆتكىتىش كېرەك دېگەنلەرنى قوشۇپ قويدى ....

ھەممە ئىشلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇۋاتقانلىقىدىن خۇشھال بولغان سىكىرتار شەيتان بىر ھەشەمەتلىك رېستۇرانغا كىرگىنىدە ئاللىقاچان 10 بارمىقىغا 10 ئۆزۈك تاقىۋالغان ئوتتۇرا ياشلىق  بىر گۈزەلگە ئۆزگەرگەن ئىدى ،ئۇ تېخىمۇ خۇشھال بولدى ،رېستۇراندا توي بولۇۋاتقان بولۇپ كېلىنچەكنىڭ كۆكسى ئوپمۇ-ئوچۇق كۆرۈنۈپ قالغان ئىدى ،قىزنىڭ بۇ ھالىدىن قىلچىمۇ خورلۇق ھېس قىلماي   ئۈستەلدە ئولتۇرغان قۇدىلار ۋە توي  يىگىتىگە قاراپ ئۇ نىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى .

مانا ۋىجدان ،مانا ئىمان دېدى سېكرىتار شەيتان ئىچىدە ،ئۇلار شۇنچىلىك خارلىقتا ،لېكىن ھېس قىلىدىغانلىرى ساناقلىق ،  ئۇلارنىڭ ۋىجدانى ئۆلدى ،بۇ خەق بۇرۇن كوچىلىرىدا قايچىلىشىپ قالغان ئىتلارنى خىجىللىقتىن قوغلىۋېتەتتى ،ھازىر بۇلار ئىتتىن بەتتەر ، لالما ئىتلاردەك بىھايا ،نومۇسسىز ،سەھەرلىرى ئىمان ئېيتىپ نىكاھ قىلىشىدۇ ،چۈشلىكى  يىگىتلەر ئىچىدۇ ،قىزلار  ئەڭ نازۇك يەرلىرىنى ياپالمايدىغان كىيىملەرنى كىيىشىدۇ ،توغرىسى چۈشتە خىرىستىيانلىشىدۇ ،ئىچىدۇ ،ئوينايدۇ ،ئېچىلىپ قالغان كۆكسىلەرنى سورۇندىكى بارچە ئەرلەر ،ھەتتاكى يىگىتنىڭ ئاتا ۋە قېرىنداشلىرى ھوزۇرلۇق ئىچىدە كۆرىشىدۇ .ئۇلار بۇنىڭغا كۆندى ،خۇددى شۇنداق بولۇشى كېرەكتەك !بۇ ئەل ئۇشبۇ خىل تويلۇق ھالىتىنى قۇبۇل قىلىپ بولدى ،ھاكىمىيەت ئېڭىغا ئىگە ئەمەسلەر باشقىلارنىڭ باشقۇرۇشىنى ھاقارەت بىلمىگەندەك ، ئەرلىرى زەيپانە  قەۋممۇ ئاياللىرىنىڭ ئېچىلغان ئەۋرەتلىرىدىن نومۇس ھېس قىلىشمايدۇ !دېدى ئۇ رېستۇراندىن كەيپى چاغ چىقىپ ،ئۇلارنى شۇنداق ئازدۇرايلىكىن ھەيھانناس ......

ئۇ ماڭا ماڭا تۇت كوچا دوقمۇشىدىكى قايناق كىتابخانىغا كېلىپ قالدى دە ،قاپاقلىرى تۈرۈلدى ،كىشىلەر بىردىن -ئىككىدىن بولۇپ كىتابخانىغا كىرىپ كېتىپ باراتتى ،ياق ! بۇ يەرلەر ئىشرەتخانىلارغا ،گىرىمخانىلارغا ،ھورداقخانىلارغا ئالمىشىشى كېرەك ! ئۇ يەنە يۇقىرىغا مېڭىپ ئۇنىۋېرسىتېت دەرۋازىسى يېنىدا ئولتۇرۇپ ئادەملەرنى كۆزەتكەچ خىيالغا پاتتى ،بۇ چاغدا ئۇ بىر ياش يىگىت سىياقىدا ئىدى .

بۇ كۈنلەرگە يېتىش ئۈچۈن شەيتانلار قانچىلىك جاپا تارتمىدى ھە ،جاپانىڭ تېگى ئالتۇن دەپ ھازىر شەيتانلارمۇ سەل يېنىكلەپ قالدى ،چۈنكى ئادەملەر شەيتانلىشىپ كەتتى ،بىز بۇزاتتۇق ،بۇ ئەلنىڭ ئارىسىدا جامائەت ئۇقۇمى كۈچلۈك بولغاچ قوشنىلار چاي سۇنۇشۇپ ،گەپ قىلىشماسنى ئەپلەشتۈرۈپ ،بويتاقنى ئۆيلەپ ....ھەي ،مانا ھازىر ئۇ كۆرۈنمەس تۈۋرۈك ئۆرۈلدى ،مەھەلىلەردىن كاتەك كاتەكلەرگە كۆچكەن بۇلارنىڭ قوشنىدارچىلىق مەدەنىيىتى ئاستا -ئاستا غايىپ بولماقتا ،قوشنا قوشنىغا چاي سۇنىدىغان ،ھال مۇڭ بولىدىغان ،ئۇرۇشقاننى ئەپلەشتۈرىدىغان مومايلار ھازىر قاتار چاي غېمىدە ،بوۋايلار پىنسىيەگە چىقىپ ناماز باشلىۋالغان بولسىمۇ بىر ۋاق نامازنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ ،ياشلارنى دېمەيلا قوياي ،ياشلار تۈگىشىشى لازىم ،جىمى ئەركەك زاتى بورت تايىقىنى ئالدى كەينى دەپ ئۇرۇپ كېتىدۇكى ،خۈتبە تايىقىنى 10000دىن بىرى يا تۇتالايدۇ ،يا ئادەم ئالدايدۇ .....ھېچكىمنىڭ ھېچكىم بىلەن كارى يوق ،قىزلار كىيىم -كېچەك غېمىدە ،ئۇلار شۇنداق بۇزۇلدىكى ،تويلاردا قېيىن ئاتىلار كېلىنى بىلەن تانسا ئوينايدۇ !..پاھ  پاھ  پاھ ،ئۇلار بۇ ئىنسانلار ئارىسىنى شۇنداق دەرىجىدە بۇزدىكى ھەيھانناس ئۆگە ي بولسىمۇ ئاتىلار   قىزلىرىغا زورلۇق قىلىشىدۇ ،ھەقراسكى ئەرلەردىن ۋىجدان يۈتسە ئىمان ھەم يۈتىدىكەن .

لېكىن مەغرۇرلىنىشقا قەتئىي بولمايدۇ  دېدى ئۇ خىيالدىن ئويغىنىپ ،ھەم ئادەم بايلىقى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شەيتان نامەھرەمگە تېلېفون قىلىپ ":بىر قەۋمنى تاپتىن چىقىرىش ئۈچۈن ئاياللىرىنى تاپتىن چىقارماق ،بۇنىڭ ئۈچۈن ئەرلىرىنى ۋىجدانسىز قىلماق لازىمدۇر ،قول ئاستىڭدىكى گۇرۇپپا باشلىقلىرى ھاراق ،نەشە...لەرگە بۇيرۇق قىل ئاخىرقى ئىككى ئايدا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ  قىزلارغا نۇقتىلىق "ھۇجۇم "باشلىسۇن ،قىزلار تۈگەشسە يىگىتلەر ئالدىنىدۇ ،ئائىلىلەردە جېدەل ماجرا قۇرۇمايدۇ ،ئىشلىرىمىز تېخىمۇ روناق تاپىدۇ دېدى دە تېلېفوننى قويدى . بۇ چاغدا مۇئەللىم سۈپەت بىرى  چىرايلىق بىر قىزنىڭ قولىدىن تۇتۇپ :يۈرۈڭ ،دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ،كەچتە ئەكىلىپ قويىمەن ،خاتىرجەم بولۇڭ دەپ ماشىنىغا زورلاۋاتاتتى ،بەلەن دېدى سېكرىتار شەيتان بۇنى كۆرۈپ ،يەنىلا ئادەمىي شەيتانلار يارايدۇ دېدى دە قانداق خوشاللىقلارنى كۆرەرمەن دەپ  مەكتەپ قورۇسىغا سىڭىپ كەتتى .......


2000-يىلى شىنجاڭ سانائەت ئىنىستىتۇتى

mamattoxti يوللانغان ۋاقتى 2013-11-7 21:41:57

كۆپ ۋارىيانىتلىق ئىتوتنىڭ مەلۇم بىرقىسمى

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-7 23:51:33

يا پانا ما شەيتانلار ھەجەپ ھەددىدىن ئېشىپ كەتتىيا

ئىھ ئاللاھ ئادەم نىڭ پەسلىرىدىن شەيتاننىڭ نەسلىرىدىن يىراق قىلغىن

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2013-11-8 11:18:04

ئۆزۈم تۇرۇۋاتقان يۇرتنىڭ ئەھۋالى بۇرۇنقىدىن ياخشىلىنىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن . دىمەكچى بولغۇنۇم شەھەر ئىچى . قوشۇمچە تىجارەت بىلەن شۇغۇنلانقاچقىمۇ ئەتراپتىكى ئادەملەرنى چۈشىنىش پۇرسىتى كۆپ بولۇدىكەن . مەن دوكان سېتىۋالغان سودا سارىيدا ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ ئىچىدە مەيلى ئەر بولسۇن ، ئايال بولسۇن ، چوڭ بولسۇن كىچىك بولسۇن دىنىي ئەقىدە جەھەتتە ھەرقانداق بىرى مەندىن خېلىلا كۈچلۈك . ئەلۋەتتە ، دىمەكچى بولغۇنۇم االلاھ بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان نامازدىن ئىبارەت بۇ ئىبادەتنى تەرك قىلمايدۇ . بۇلارغا قاراپ بىر خىل ياخشىلىقنىڭ باشلىنىشىنىڭ بىشارىتىنى كۆرگەندەك سۆيۈنۈپ قالىمەن .

  يېزىدىن بىر جاي سېتىۋالغان ، ئىككى ئۈچ يلنىڭياقى شۇ يەرگە چىقىپ كېلىش جەريانىدا يېزا تۇرمۇشى بىلەنمۇ تونۇشۇش پۇرسىتى بولۇپ قالدى . شۇ جەرياندا يېزىلاردىكى ئەھۋال بىلەن شەھەرنىڭ خېلى كۆپ پەرقلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم . بىكار ئۆتكۈزىدىغان ۋاقتى بەك كۆپ ، شەھەرلىكلەر تەرىپىدىن ئاللىقاچان تاشلانغان بىر قىسىم تۇرمۇش ئادەتلىرى بۇلارنىڭ نىشانىغا ئايلانغان .  ياش چوكانلار بىر كۈن ، بىر كۈن قۇرۇق پاراڭ سېلىپ ئولتۇرىدۇكى يا قوراغا ئىشلىگەننىڭ تايىنى يوق ، يا ئوقۇغان نامىزىنىڭ تايىنى يوق . تېخىمۇ يامان يېرى شۇلارنىڭ ئەتراپىدا ئۇلارنى مەلۈم يۆلىنىشكە قاراپ يېتەكلەيدىغان ئادەملەرنىڭمۇ تايىنى يوق ئىكەن . سوراپ كۆرسەم مەسچىتلەردە سۆزلىنىدىغان تەبلىغلەرنىڭمۇ كۆپىنچىسى قانداقتۇر ئىلمۇ - ئىرپان ئۈگىنىشكە دەۋەت قىلىشقا ، ھازىرقى ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشكە تەشەببۇس قىلىدىغان تەبلىغلەردىن كۆرە ، ساپلا ئادەم قورقىتىدىغان گەپلەر تولىكەن . ئەمما بۇ ئادەملەر شۇنچىلىك ئاقكۆڭۈل ، مېھماندوست ، گەپ خۇمار ... يەنە ئۆز نۆۋىتىدە كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئالاقىدار  ئىجدىمائى ئىبادەتلەرنى شۇ قەدەر ۋايىغا يەتكۈزىۋەتكەن بۇ كىشىلەرنى ئاغزىدىن اللاھنى چۈشۈرمەيدىغان ، ئەمما كىشىلىك ئالاقىدا شەيتاننى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر قىسىم كىشىلەرگە قارىغاندا اللاھقا تېخىمۇ يېقىندەك ھېس قىلىپ قالىمەن .

tayker يوللانغان ۋاقتى 2013-11-8 15:37:46

يەكەن ناھىيمىزنىڭ شەرقى - جەنۇپ ئولتۇراق رايۇنى پۈتۈنلەي دىگۈدەك 1 - قەۋىتى ئەشۇنداق شەيتانلرنىڭ ئۇۋىسى بولۇپ ، قېزىل مەلەڭزىلىك دۇككانلار بىر ئالدى . بۇ مەينەتچىلىكلەرنى تازىلايدىغان تەشكىلات ھىچقانداق تەدبىر قوللانمايلا قالماستىن تېخى ئۇلارنىڭ دېيىشىچە : بۇنداق تىجارەت ئورۇنلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيىتمەكچى ئىكەنلىكىنى ، بۇ تىجارەتنىڭ ئىستىمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ بولالمىغانلىقىنى ، بۇ تىجارەتنى پۈتۈنلەي توختىتىۋەتسە دۇككانلارنى ئېتىۋەتسە ، جەمئىيەتتە باسقۇنچىلىققا ئائىت دىلولارنىڭ كۆپىيىپ كېتىدىغانلىقى ، بۇ تىجارەتنى روناق تاپقۇزۇشنىڭ ئۆزى مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلغانلىق بولارمىش ...

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-9 22:44:26

ناچار دېگەن خەتكە قولى بارغان ئاشۇ؟؟؟؟؟؟؟؟قولنىڭ مۇددىئاسىنى بىلەلمىدىم، ئىزدىنىشتا شەيتان شۈجىنىڭ ئىشرەت كاتىپىمۇ باردەك قىلىدۇ.

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-10 15:20:43

بىر ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا قەشقەردىكى ئارىسلانخان مەسچىتىنىڭ ئۇددۇلىدا قاتار كەتكەن پايىشە خانىلارنى كۆرگۈنۈمدە ئىنتايىن غەزەپلەنگەن ئىدىم ، ،،ھازىر تاقىۋەتكەندەكمۇ قىلىدۇ ،،،بىر يۇرىتنىڭ بەركىتىنىڭ خاسىيتىنىڭ

نىم ئۈچۈن كۆتۈرۈلۈپ كىتىدىغىننى ھىس قىلىش ئانچە قىيىن ئەمەس \"\"

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-10 22:13:20

مەھەلىمىزدىكى مەسچىتنىڭ يان تەرىپىدە بىزنىڭ كونا ئۆيگە تۇتىشىدىغان بىر ئەسكى خالتا كوچا بار ،كىچىك چاغلىرىمىز مۇشۇ خالتا كوچىدا توپ تېپىپ ئوينايتۇق ،ھازىر ئۇ كوچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تەتەيلەر بار ،قىشىمۇ ياز تۇرىشىدۇ ،بەزىدە چوڭ يولدا ماڭماي يېقىن كۆرۈپ مۇشۇ خالتا كوچىدىلا قوراغا كىرىپ كېتىمەن ، گەپ قىلارمىكىن دەپ تەلمۈرۈشۈپ كېتىدۇ مەينەتلەر ،،،،،،
بەت: [1]
: شەيتاننىڭ خىزمەتلەرنى مەخپىي تەكشۈرۈشى