alpbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-7 18:58:16

تور كۆرگۈچنى ئاچقاندىكى لۈكچەك تور بېكەتلەرنى ئۇجۇقتۇرۇشتىن ياردەم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى، يېقىندىن بېرى دىققەت قىلدىڭلارمىكىن تور كۆرگۈچنى ئاچقان ھامانلا توختىماي ھەلەق - لۈكچەك تور بېكەتلەر ئۆزىچىلاتىنلا ئېچىلىۋالىدىغان بولۇپ قالدى. خوش، بۇنى سىستېمامنىڭ ئىشمىكىن دەپ سىستېمىنى قايتا قاچىلاپمۇ باقتىم. سىستېمام ۋىن 8 8.1 ئىدى. بۇ ئىككى سىستېمىدىمۇ ئوخشاش ئەھۋال.

  ھەممىدىن غەزىۋىمنى كەلتۈردىغىنى ئالدىنقى ھەپتىلەردە كۈيتۈندە بولدۇم، شۇنى بايقىدىمكى كۈيتۈندە ئۇ خىل ھەلەق بېكەتلەرنىڭ ئېچىلىشى ئاز بولدى. قەشقەرگە تۈنۈگۈن كەچتە كېلىپ تور كۆرگۈچۈمنى ئاچسام توختىماي ئېچىلىۋاتىدۇ يۈزى قېلىن  -  ھەلەقلار. تېلېگىرافدىكىلەرگە ئەھۋال مەلۇم قىلاي دېسەم تۇتامىغا چىققۇدەك سەۋەب يوق. ئەگەر بۇ IP بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا قەشقەردىكى تورغا چىقىۋاتقانلاردىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋال بولسا تېلېگىراف شىركىتىگە ئەھۋال مەلۇم قىلىمەن.

  يۇقارىقى ئەھۋالنى بىر تەرەپ قىلالايدىغانلار بولسا گۇمپاڭلارنى  بىر كۆرسەتسەڭلەر...

  باشقۇرغۇچى  بەگ - تارقانلارنىڭ ئۇشبۇ تېمامنى تەستىقلاپ قويۇشىنى  ئۈمىد قىلىمەن

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-11-7 19:34:21

شۈنلېينى ئۈچۈرۈۋېتىپ كۆرۈپ بېقىڭ، مەنچە شۇ. Flashget نى قاچىلىساملا تېخىمۇ ۋەھشىيلىرى پەيدا بولاتتى، ئۇنى قاچىلىماس بولدۇم. ئەگەر شۈنلېينى ئۈچۈرۈپ تىنچلىنىپ قالسا، شۈنلېينىڭ mini نەشىرىنى ئىشلىتىڭ.

alpbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-7 19:43:07

1- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

شۈنلېينى ئۈچۈرۈۋېتىپ كۆرۈپ بېقىڭ، مەنچە شۇ. Flashget نى قاچىلىساملا تېخىمۇ ۋەھشىيلىرى پەيدا بولاتتى، ئۇنى قاچىلىماس بولدۇم. ئەگەر شۈنلېينى ئۈچۈرۈپ تىنچلىنىپ قالسا، شۈنلېينىڭ mini نەشىرىنى ئىشلىتىڭ.




مەن ئادەتتە سۈنلېينى ئىشلەتمەيمەن. بايا تېخى ۋىن8.1 نى قايتا قاچىلىساممۇ يەنە شۇ ھەلەقلەر ئېچىلىۋاتىدۇ.  بولمىسا س رايوننى پۈتۈنلەي فورماتلاپ قاچىلىغان




yulhun يوللانغان ۋاقتى 2013-11-7 20:20:16

8.1 نىڭ ئۆزىنىڭ ۋىرۇسخورى بۇلىدۇ،تور تىمىمۇ ياخشى.بىر تەكشۇرۇپ بىقىڭ،يەنە بولمسىا dnsنى ئۆزگەرتىپ بىقىڭ.dnsنى گورۇگە ئىلىپ كورگەن تور بەتكە ئىلان قىستۇرىدىغان ئىشمۇ بار،dnsنى 8.8.8.8 ھەم 8.8.4.4 گە.مىنىڭ بىر ئايدىن ئاشتى تاۋباۋ قاتارلىق تور بەتنى ئاچسام باش بەت رەسىملەر ئىچىلماي خاپا قىلىپ،كىيىن توردىن نەچچە ئىزدەپ تەكشۇرسەم(ھەتتا سىستىمىنىمۇ قايتا قاچىلدىم) ئاخىرى بولماي مۇشۇ dnsنىڭ شامىلىنى مالا خىلى يىغىپ قويغان ئوخشايدۇ،تەكشۇرسەم ttlقىممىتتى بەك توۋەن 40 نەچچە چىققان يەنە كىلىپ (قانچە يۇقىرى چىقسا شۇنچە ياخشى) ئۇچۇر چۇشۇرۇپ قۇيۇشمۇ 50% ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن تەيۋەننىڭ 168.95.192.1 گە ۋە ئىككىنچىسىنى 8.8.8.8 گە قىلىپ قويسام ياخشى بولدى،ئىلاندىمۇ قۇتۇلدۇم. 2011 يىلى googleنى dnsنى گورۇگە ئىلىپ ئىخەتنى ئوينىۋەتكەن ئىدى خىلى داڭلىق كىشلەرنىڭكى خاپا بۇلۇپ چىقىپ كەتكەن، ھازىر tcpنى گورۇگە ئىلىش مودىكەن، بۇنداق قىلسا ئامال يوق بۇلۇپ ئادەتتىكى كىشلەر ئۇچۇر مىنىستىرلىكىگە خەت يازسا ئوڭشاپ بىرىدۇ،كىيىن يەنە قىلىۋالدىكەن،مۇشۇ ئارقىلىق ئىلان قاتارلىقلارنى كورگەن تور بەتكە قۇشۇپ يوللاپ زىرىكتۇرمەيدىكەن،بۇنىڭغا ھازىرچە ئامال يوق.google يەنە بىرخىل تور كىلىشمىنى يولغا قويغان لىكىن بىزدە يوق.شۇ بولسا تەكشۇرۇش ئىلان قىستۇرۇش يوق بۇلىدۇ. سىز 8 بولسا ئىشلەتكەن سىستىما win بىلەن rنى بىسىپ چىققان كوزنەكتىن 命令提示符 管理员 نى تاللاپ ،چىققان كوزنەككە ping 8.8.8.8 نى كىرگۇزۇپ قاراپ بىقىڭ.ttlقىممىتى قانچە ئىكەن ،قانچە يۇقىرى چىقسا شۇنچە ياخشى،يەنە 114.114.114.114 لارنى ياكى باشقا 168.92.1.1 لارنى تەكشۇرۇپ بىقىڭ.يۇقىرى چىقسا 100 دىن يۇقىرى بولسا ئىتتىككە كىرىدۇ.شۇلارنى ئىشلىتىڭ ماۋۇ بۇلىدىغان دىتال سىزگە ياخشى بولغان dnsنى كوزسۇتۇپ بىرىدۇ..http://www.xiazaiba.com/html/4057.html ئامال بار ياخشى بولغان hipsنى ئىشلىتىڭ كاسپىرىسكىنىڭ kisبۇلىدۇ،nod32نىڭ essمۇ hipsسى يۇلىدۇ.




ماۋۇ يەردە ھەقسىز dnsبار http://www.williamlong.info/archives/1842.html

talmas يوللانغان ۋاقتى 2013-11-7 20:21:23

قايسى كۆرگۈچ؟؟ قايسى تۇر بىكەتكەن؟ئادەتتە ئۈچىنچى تەرەپ كۈرگۈچلىرى ئۈزىنىڭ باش بىتىنى،ياكى مۇناسىۋىتى ياخشى تۇربەتلەرنى مەجبۇرى باش بەت قىلۋالىدۇ.ئۈچۈنچى تەرەپ كىنو قويغۇچ ،چۈشۈرۈش ،زىننەتلەش،سۈزلىشىش ھەتتاكى كىرگۈزەۈچلەردىن تارتىپ ئۈز ئىلانلىرنى چىقىرىدۇ.بۇ ئىلانلاردا سىز دىگەندەك نەرسىلەرنىڭ بولىشى تەبىئى،سىستىمى قايتا قاچىلىسىلا ھىساپ ئەمەس.باشقا رايۇنلاردىكى ۋىرۇسلار تۇلۇق يۇقىتىلدىمۇ يۇق.جەزىملەشتۈرۈڭ!!بار بولسا سېستىمىنى قايتا قاچىلغان بىلەن شۇ رايۇنغا تىگىپلا كەتسىڭىز!!س رايۇنغا كېڭىيىدۇ.ئاۋۋال 360 قاراۋۇلى بىلەن لۆكچەك،مەجبۇرلاش خارەكتىرىنى ئالغان دىتاللارنى تازلاڭ!!1ئۈنۈمى يامان ئەمەس.ئاندىن تۇر كۆرگۈچنىڭ باش بىتىنى ئۆزگەرتىڭ!!!!

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-11-7 20:23:06

ھەلەق تور بەتلەرگە چىقماڭ.

ۋىرۇس تازلىغۇچنىڭ (مەسلەن: avast) نوچىسىدا ۋىرۇس تازىلاڭ، ۋىندوۋىسنىڭ مۇداپىئە تېمىنى قوزغىتىڭ. تىرويان، لۈكچەك قىستۇرما دېگەن نەرسىلەرنى تازىلاڭ.

كومپىيۇتېر قوزغالغاندا بىللە قوزغىلۋالدىغانلارنى ئۆچۈرۋېتىڭ.

ئىشلەتمەيدىغان يۇمشاق دېتاللارنى ئۆچۈرۋېتىڭ.

يۇمشاق دېتال قاچىلىغاندا بولۇپمۇ جۇڭگونىڭ يۇمشاق دېتاللىرىنى قاچىلىغاندا قاچىلاش تۈگەي دېگەندە تور كۆرگۈ، مېدىيا قويغۇ.... پالانى، پۇكۇنى نەرسىلەرنى قاچىلايمەنمۇ دەپ تاللاش تۈرى بار، شۇ يەرگە دىققەت قىلماي تاماملاشنى بېسىۋەتسە بىر پاتمان ئەخلەتلەرنى قاچىلاپ كومپىيۇتېرىڭىزنى ئېلانغا توشقۇزۋېتىدۇ.

سىز ئاچمىسىڭىزمۇ ئۆزلىكىدىن ئېچىلۋالدىغان ئېلانلارنىڭ ھەممىسى كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ تۆۋەنلىكىنىڭ ياكى ئۆزىڭىزنىڭ سەۋەبىدىن بولىدۇ.

alpbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-7 20:28:53

4- قەۋەتتىكى talmasنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قايسى كۆرگۈچ؟؟ قايسى تۇر بىكەتكەن؟ئادەتتە ئۈچىنچى تەرەپ كۈرگۈچلىرى ئۈزىنىڭ باش بىتىنى،ياكى مۇناسىۋىتى ياخشى تۇربەتلەرنى مەجبۇرى باش بەت قىلۋالىدۇ.ئۈچۈنچى تەرەپ كىنو قويغۇچ ،چۈشۈرۈش ،زىننەتلەش،سۈزلىشىش ھەتتاكى كىرگۈزەۈچلەردىن تارتىپ ئۈز ئىلانلىرنى چىقىرىدۇ.بۇ ئىلانلاردا سىز دىگەندەك نەرسىلەرنىڭ بولىشى تەبىئى،سىستىمى قايتا قاچىلىسىلا ھىساپ ئەمەس.باشقا رايۇنلاردىكى ۋىرۇسلار تۇلۇق يۇقىتىلدىمۇ يۇق.جەزىملەشتۈرۈڭ!!بار بولسا سېستىمىنى قايتا قاچىلغان بىلەن شۇ رايۇنغا تىگىپلا كەتسىڭىز!!س رايۇنغا كېڭىيىدۇ.ئاۋۋال 360 قاراۋۇلى بىلەن لۆكچەك،مەجبۇرلاش خارەكتىرىنى ئالغان دىتاللارنى تازلاڭ!!1ئۈنۈمى يامان ئەمەس.ئاندىن تۇر كۆرگۈچنىڭ باش بىتىنى ئۆزگەرتىڭ!!!!



IE11  ۋە كرومنى ئىشلىتەتتىم. 360 قاراۋۇلى بىلەن لۆكچەك،مەجبۇرلاش خارەكتىرىنى ئالغان دېتاللارنى ھەرگىزمۇ قاچىلاپمۇ سالمايمەن بولمىسا.




talmas يوللانغان ۋاقتى 2013-11-7 20:40:53

مىنىڭ دىگىنىم 360 قاراۋۇلىنى قاچىلاپ ،شۇ لۈكچەكلەرنى چەكلەڭ دىمەكچى ئىدىم .360 گەرچە ماڭا مائاش بەرمىسىمۇ جۇڭگو تۇر ساھەسىدە نۇچى دەپ قارايمەن(چىدىماس ئەمەس)!تىز ھازىرلا 360 قاراۋۇلىنى چۈشۈرۈپ (立即体检)ئاندىن،سەل توختاپ نۇمۇر قۇيۇپ چاتاقلارنى تېپىپ بولسا(一键修复) قىلىپ يېرىم سائەت ئۈز ئىشىڭىزنى قىلىپ تۇرسڭىز مىنىڭچە ئۇڭشىلىپ قالدىغاندەك،ئوڭشالمىسا باشقا گىپىم يوق.قاچىلغاندە ۋىرۇسخۇرىنى ،تۇركۆرگۈچىنى قۇشۇپ قاچىلاڭ!!!!  {:92:}   {:92:}

alpbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-7 20:45:06

3- قەۋەتتىكى yulhunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

8.1 نىڭ ئۆزىنىڭ ۋىرۇسخورى بۇلىدۇ،تور تىمىمۇ ياخشى.بىر تەكشۇرۇپ بىقىڭ،يەنە بولمسىا dnsنى ئۆزگەرتىپ بىقىڭ.dnsنى گورۇگە ئىلىپ كورگەن تور بەتكە ئىلان قىستۇرىدىغان ئىشمۇ بار،dnsنى 8.8.8.8 ھەم 8.8.4.4 گە.مىنىڭ بىر ئايدىن ئاشتى تاۋباۋ قاتارلىق تور بەتنى ئاچسام باش بەت رەسىملەر ئىچىلماي خاپا قىلىپ،كىيىن توردىن نەچچە ئىزدەپ تەكشۇرسەم(ھەتتا سىستىمىنىمۇ قايتا قاچىلدىم) ئاخىرى بولماي مۇشۇ dnsنىڭ شامىلىنى مالا خىلى يىغىپ قويغان ئوخشايدۇ،تەكشۇرسەم ttlقىممىتتى بەك توۋەن 40 نەچچە چىققان يەنە كىلىپ (قانچە يۇقىرى چىقسا شۇنچە ياخشى) ئۇچۇر چۇشۇرۇپ قۇيۇشمۇ 50% ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن تەيۋەننىڭ 168.95.192.1 گە ۋە ئىككىنچىسىنى 8.8.8.8 گە قىلىپ قويسام ياخشى بولدى،ئىلاندىمۇ قۇتۇلدۇم. 2011 يىلى googleنى dnsنى گورۇگە ئىلىپ ئىخەتنى ئوينىۋەتكەن ئىدى خىلى داڭلىق كىشلەرنىڭكى خاپا بۇلۇپ چىقىپ كەتكەن، ھازىر tcpنى گورۇگە ئىلىش مودىكەن، بۇنداق قىلسا ئامال يوق بۇلۇپ ئادەتتىكى كىشلەر ئۇچۇر مىنىستىرلىكىگە خەت يازسا ئوڭشاپ بىرىدۇ،كىيىن يەنە قىلىۋالدىكەن،مۇشۇ ئارقىلىق ئىلان قاتارلىقلارنى كورگەن تور بەتكە قۇشۇپ يوللاپ زىرىكتۇرمەيدىكەن،بۇنىڭغا ھازىرچە ئامال يوق.google يەنە بىرخىل تور كىلىشمىنى يولغا قويغان لىكىن بىزدە يوق.شۇ بولسا تەكشۇرۇش ئىلان قىستۇرۇش يوق بۇلىدۇ. سىز 8 بولسا ئىشلەتكەن سىستىما win بىلەن rنى بىسىپ چىققان كوزنەكتىن 命令提示符 管理员 نى تاللاپ ،چىققان كوزنەككە ping 8.8.8.8 نى كىرگۇزۇپ قاراپ بىقىڭ.ttlقىممىتى قانچە ئىكەن ،قانچە يۇقىرى چىقسا شۇنچە ياخشى،يەنە 114.114.114.114 لارنى ياكى باشقا 168.92.1.1 لارنى تەكشۇرۇپ بىقىڭ.يۇقىرى چىقسا 100 دىن يۇقىرى بولسا ئىتتىككە كىرىدۇ.شۇلارنى ئىشلىتىڭ ماۋۇ بۇلىدىغان دىتال سىزگە ياخشى بولغان dnsنى كوزسۇتۇپ بىرىدۇ..http://www.xiazaiba.com/html/4057.html ئامال بار ياخشى بولغان hipsنى ئىشلىتىڭ كاسپىرىسكىنىڭ kisبۇلىدۇ،nod32نىڭ essمۇ hipsسى يۇلىدۇ.




ماۋۇ يەردە ھەقسىز dnsبار


http://www.williamlong.info/archives/1842.html





  سىز دېگەندەك تەكشۈرسەم  45 ، 45،45 كەن. بەكلا تۆۋەنكەن. 168.92.1.1 مانى ھەر ئىككىسگە يېزىپ ساقلىسام ئۇخىل بېكەتلەرنىڭ ئەدىپىنى بەرگەن چېغىۋا.  رەھمەت سىزگە.

yulhun يوللانغان ۋاقتى 2013-11-7 20:45:16

360 دىن ئامال بار يىراق تۇرۇڭ.http://news.mydrivers.com/1/268/268123_1.htm

talmas يوللانغان ۋاقتى 2013-11-7 20:50:28

ئاندىن ئۇ ۋىرۇسخۇر بىلەن ئۇمۇميۈزلۈك تازلاش ئېلىپ بىرىڭ!!!

360 قاراۋۇلىدىن(优化加速)dh) دىگەندىن)启动项)نىڭ ئىچىدىن ئاۋاز،كۆرسىتىش كارتىسى،سىمسىز كارتا،كىرگۈزگۈچ قارتارلىقلاردىن باشقا بارلىق ،چۈشۈرگۈچ،قۇيغۇچ،كۆرگۈچ،زىننەتلىگۈچلەرنى قوزغالماس قىلىپ قۇيۇڭ!!

yulhun يوللانغان ۋاقتى 2013-11-7 20:59:47

توت 8 بۇلغانغىلى خىلى بولدى، ئاۋۇ كورسەتكەن دىتال خىلى بۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئىتتىكنى تاللاپ قوللىنىشنى بىسىپ تورغا چىقىپ بىقىڭ.

بەزىدە ئاۋۇ بۇيرۇق كىرگۇزۇدىغان كوزنەككە

ipconfig /release

ipconfig /renew  

ماۋۇ 2 قۇر بۇيرۇقنى كىرگۇزۇپ (ئاۋال ئالدىنقىسىنى كىيىن يەنە بىرنى كىرگۇزۇپ ئايرىم كىرگۇزۇپ بۇيرۇقنى بىسىپ) قىلسىمۇ خىلى تەڭشىلىپ قالىدۇ تور سۇرئىتى.

ئەگەر قولايسىز بولسا ۋىرۇسخورلارغا، nod32 نىڭ ess نۇسغىسىنى ئىشلىتىڭ. hipsئىقتىدارى ۋە تور تىمى ئىقتىدارى ياخشى.كەسپىنى ئىشلىتىمەن دىسىڭىز كاسپىرىسكى بۇلىدۇ،kis نۇسغىسى .11.11 كۇنى پائالىيەت قىلىدۇ شۇ ۋاقىتتا ئەرزان قاراپ بىقىڭ.



يوۋكۇنىڭ شامىلىنى يىغىپ قۇيۇپتۇ uyghur دەپ ئىزدىسە ھىچ نىمە يوق.

talmas يوللانغان ۋاقتى 2013-11-7 21:00:34

ئوھ ،،دىمەك ئۇ تاشقى سەۋەپكەندە؟؟؟ بۇنداق ئىشقا ئۇچراپ باقماپتىمەن!!!!!بىلۋالىدىغان ئىشكەن.  {:107:}   {:107:}   {:107:}

kadir7448 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-7 21:20:57

مەنمۇ ئۇچرىغان ئىدىم بۇ ئىشقا.

ئاخىرى بولماي يەنىلا چ چ نىڭ 电脑管家سنىى ئىشلىتىپ ئاخرى توختاتتىم.

مەنمۇ 360نى ئىشلەتكەن ئۇمۇ ئۆچۈرەلمىدى.

hezine يوللانغان ۋاقتى 2013-11-7 21:36:59

www.ad-safe.com.     ماۋۇ تور بەتتىكى دېتالنى ئىشلىتىپ بېقىڭ, ئۆتكەندە بىرەيلەن ئالىپ تورىدا مۇشۇنى تەۋسىيە قىلغان ئىدى, ھەقىقەن ئېسىل دېتالكەن. سەكرەپ چىقىدىغان, بۇلۇڭدا قادىلىپ تۇرىدىغان ئېلانلارنى, فىلىم توربەتلىرىدىكى باشتا چىقىدىغان ئېلانلارنى ئوبدان سۈزىۋېتىدىكەن.

alpbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-8 08:45:41

11- قەۋەتتىكى yulhunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

توت 8 بۇلغانغىلى خىلى بولدى، ئاۋۇ كورسەتكەن دىتال خىلى بۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئىتتىكنى تاللاپ قوللىنىشنى بىسىپ تورغا چىقىپ بىقىڭ.

بەزىدە ئاۋۇ بۇيرۇق كىرگۇزۇدىغان كوزنەككە

ipconfig /release

ipconfig /renew

ماۋۇ 2 قۇر بۇيرۇقنى كىرگۇزۇپ (ئاۋال ئالدىنقىسىنى كىيىن يەنە بىرنى كىرگۇزۇپ ئايرىم كىرگۇزۇپ بۇيرۇقنى بىسىپ) قىلسىمۇ خىلى تەڭشىلىپ قالىدۇ تور سۇرئىتى.

ئەگەر قولايسىز بولسا ۋىرۇسخورلارغا، nod32 نىڭ ess نۇسغىسىنى ئىشلىتىڭ. hipsئىقتىدارى ۋە تور تىمى ئىقتىدارى ياخشى.كەسپىنى ئىشلىتىمەن دىسىڭىز كاسپىرىسكى بۇلىدۇ،kis نۇسغىسى .11.11 كۇنى پائالىيەت قىلىدۇ شۇ ۋاقىتتا ئەرزان قاراپ بىقىڭ.



يوۋكۇنىڭ شامىلىنى يىغىپ قۇيۇپتۇ uyghur دەپ ئىزدىسە ھىچ نىمە يوق.



بولىدىغان ئۇسۇللاركەن. ھازىر كومپيۇتېرىم شۇنداق نورمال ئىشلەۋاتىدۇ. ئىزدىنىپ باقسام، ھازىر بىر قىسىم خاككېرلار ئاشۇ ئېلانلارنى  ھەرقايسى مۇنبەرلەرنىڭ مۇلازىمېتىرىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ ئورنۇتۇپ قويىدىكەن.




arqin يوللانغان ۋاقتى 2013-11-8 11:17:49

شۇڭا ئەڭ ياخشىسى گوگېلكامنىڭ چىرومى Chrome غا ئىشلەتسىڭىز ، بۇنداق ئاۋارچىلىقتىن بىراقلا قۇتۇلىسىز !

abd282 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-8 14:08:11

ئەڭ ياخشى ئۇسۇل chrome كۆرگۈچ بىلەن AdBlockقىستۇرمىسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش، ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى! سۈرئىتى تىز

jasur971 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-8 23:51:07

مەنمۇ يېقىندا سىز يۇلۇققان مەسىلگە يۇلۇققان، ئورنۇم خوتەندە، مىنىڭ سىستىماممۇ win8.1 , ۋىروسخور قاچىلمغان.

ئويدىكى كومپىيۇتىردا ياكى يانفۇندا تورغا چىقسام شۇنداق قالايمىقان تور بەتلەر تولا چىقىۋالغان ، مەن شۇنىڭغا قاراپ روتىر (路由器(ۋىرۇسلانغان ئوخشايدۇ دەپ گۇمانلىنپ توردا ئىزدىسەم توردىمۇ شۇنداق چۈشەندۈرۈشلەر باركەن ، ھەم باشىقىلار 360 قاراۋۇلى بىلەن بىر تەرەپ قىلشنى تەۋسىيە قىپتۇ ، مەنمۇ ئادەتتە ۋىرسخور ئىشلەتمەييتىم بولۇپمۇ تورداشلار دىگەندەك 360 قاراۋۇلىنى ئىشەنچىلك ئەمەس دەپ ئويلىغان .

لىكىن قانداق قىلپمۇ ئوڭشىيالماي ئاخىرى شۇ 360 قارۋۇلىنى قاچىلاپ تەكشۈرسەم ، بۇ قاراۋۇلمۇ بەك يامانكەن روتىردا مەسىلە بار دەپ چىقىرىپ بەردى ، شۇنداق قىلپ 360 قاراۋۇلى بىلەن ئوڭشىۋالدىم . ھەمدە 360 قاراۋۇلى ۋە ۋىرسخورىنى قاچىلىۋالدىم. نىمە دىگەن بىلەن يەنىلا بىخەتەرلىك قوراللىرىنى قاچىلۋالغان ياخشىكەن ..



سىز سىستىمنى قايتا قاچىلغان بولسىڭىزمۇ ئوڭشالمىغان بولسا ، ئەگەر سىز روتىر ئىشلەتكەن بولسىڭىز ،مىنىڭچە روتىر ۋىرۇسلانغان ، شۇنداق بولسا مەن قوللانغان ئۇسۇل بىلەن ئوڭشاپ باقارسىز...
بەت: [1]
: تور كۆرگۈچنى ئاچقاندىكى لۈكچەك تور بېكەتلەرنى ئۇجۇقتۇرۇشتىن ياردەم