bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-7 11:33:49

NASA: تاشقىي پلانېتانىڭ سانى بۇرۇنقى مۆلچەردىن كۆپ ئىكەن




NASA: تاشقىي پلانېتانىڭ سانى بۇرۇنقى مۆلچەردىن كۆپ ئىكەن




بىلىمخۇمار

2013-يىلى 6-نويابىر




مەن 2013-يىلى 24-ئاۋغۇست كۈنى تورغا چىقارغان بىر پارچە ماقالەمدە ناسا نىڭ كەپلېر ئالەم تېلېسكوپى ئىشلەشتىن توختىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدىم.  گەرچە ئۇ تېلېسكوپ ئىشتىن توختىغان بولسىمۇ، ئۇ يەر يۈزىگە ماڭدۇرۇپ بەرگەن رەسىملەر ۋە ئىلمىي ئۇچۇرلار ئۈستىدىكى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتلار ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن بولۇپ، ئامېرىكىدىكى تەتقىقاتچىلار تاشقىي پلانېتالار ھەققىدە توختىماي يېڭى سىرلارنى بايقاۋاتىدۇ.  ئاشۇنداق بايقاشلارنىڭ بىرى 4-نويابىر كۈنى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ قېتىم تارقىتىلغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، سامان يولى گالاكسىسىدىكى يەر شارىغا ئوخشاش جانلىقلار ياشىيالايدىغان تاشقىي پلانېتىلارنىڭ سانى 40 مىلياردتەك بولۇش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.  ئالدىنقى 20 يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە ئاسترونومىيە مۇتەخەسسىسلىرى بىر مىڭغا يېقىن تاشقىي پلانېتىلارنى بايقاپ بولدى.  كەپلېر ئالەم تېلېسكوپى بولسا نورمال ئىشلىگەن 4 يىل جەريانىدا 3500 تاشقىي پلانېتا كاندىداتلىرىنى تىزىملاپ چىقتى.  بۇ پلانېتالارنىڭ ئانا يۇلتۇزى ئىچىدىكى بىزگە ئەڭ يېقىن يۇلتۇزنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى 12 نۇر يىلى بولۇپ، بىز ئۇنى كۆزىمىز بىلەن بىۋاستە كۆرەلەيمىز. بۇ قېتىم كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بېركېلېي شۆھبىسىنىڭ بىر دوكتۇرلۇق ئوقۇغۇچىسى قاتارلىق بىر گۇرۇپپا تەتقىقاتچىلار كەپلېر تېلېسكوپى يىققان 42000 دانە يۇلتۇزلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈپ، جەمى 603 پلانېتا تاپقان.  ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 10 پلانېتىنىڭ دىيامېتىرى بىر يەر شارى دىيامېتىرى بىلەن ئىككى يەر شارى دىيامېتىرىغا تەڭ ئىكەن.  ھازىر ئالىملار يەنە بىر قانچە ئون يىل ئىچىدە ئىككىنچى يەر شارىنىڭ تېپىلىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.




پايدىلىنىش ماتېرىيالى:

http://www.nytimes.com/2013/11/05/science/cosmic-census-finds-billions-of-planéts-that-could-be-like-earth.html?hp&_r=2&




NASA كەپلېر تېلېسكوپىنى رېمونت قىلىشنى توختاتتى

http://bbs.misranim.com/thread-110084-1-1.html







رەسىم:

http://graphics8.nytimes.com/images/2013/11/05/science/space/05planét/05planét-articleLarge.jpg <http://graphics8.nytimes.com/images/2013/11/05/science/space/05planet/05planet-articleLarge.jpg>

A rendering of Keplér 62f and two outer planéts, which may lie in a habitable zone where liquid water could exist on the surface.



facebook يوللانغان ۋاقتى 2013-11-7 14:24:45

ئەسسالام،

شۇ تېلىسكوپ يەريۈزىگە يوللىغان ماتىرياللارنى قانداق قىلغاندا كۆرگىلى بولىدۇ، دىمەكچى قانداق قىلغاندا ئۆزىمىزنىڭ تەتقىقاتىغا ئىشلىتىش رۇخسىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ؟ پەقەت ناساغا بارغاندىلا ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2013-11-7 14:27:21

رەسىم قويۇلغان بوشلۇقتا مەسىلە بارمۇ بىلمىدىم، رەسىم ئادرىسى ئېچىلمىغاچقا تەھرىرلەپ تۈزىتىشكە ئىمكان بولمىدى

86 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-7 14:37:26

سامان يولى گالاكسىسىدىكى يەر شارىغا ئوخشاش جانلىقلار ياشىيالايدىغان تاشقىي پلانېتىلارنىڭ سانى 40 مىلياردتەك بولۇش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن(bilimxumar)

------

دەھشەت كۆپ ئىكەن. ساناشقىمۇ ئاز ۋاقىت كەتمىگۈدەك.

بىراق، ئىنسانلار شۇ يىراق يۇلتۇزلارنىڭ نەق ھازىرقى ھالىتىنى كۆرۈش، ۋە شۇ يۇلتۇزغا يېقىنلاپ بېرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان تېخنىكىغا ئىگە بولسا بۇلاتتى. نۇرنىڭ تېزلىكىدىنمۇ يۇقۇرى سۈرئەتتە ماڭىدىغان ۋە كۆرىدىغان تېخنىكا بولسا ئۇلارنى تەكشۈرۈشتە ئارىلىقنىڭ يىراقلىقى ۋە تېزلىكنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغان قىيىنچىلىق يەڭگىللەركەنتۇق.
بەت: [1]
: NASA: تاشقىي پلانېتانىڭ سانى بۇرۇنقى مۆلچەردىن كۆپ ئىكەن