bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-7 10:37:59

NASA: يۇلتۇزلار تۇمانى ھاسىل قىلغان ئايال باخشىنىڭ بېشى

NASA: يۇلتۇزلار تۇمانى ھاسىل قىلغان ئايال باخشىنىڭ بېشى




بىلىمخۇمار

2013-يىلى 6-نويابىر




ناسا مەركىزى JPL دىكى ئالىملار ئىنگلىزچە «Wide-field Infrared Surwey Explorer, WISE» دەپ ئاتىلىدىغان ئالەم تېلېسكوپى بىلەن تارتقان بىر پارچە رەسىمگە قەبىھ ئايال باخشى (wicked witch) نىڭ بېشىغا ئوخشايدىغان بىر پارچە سۈرەت كىرىپ قالغان بولۇپ، بۇ رەسىم 30-ئۆكتەبىر كۈنى سىرتقا ئېلان قىلىندى.  يۇقىرىدىكى ئالەم تېلېسكوپى ئىنفرا-قىزىل نۇرىدا ئىشلەيدىغان بولۇپ، بۇ رەسىمدىكى كۆرۈنۈشنى ئىنتايىن چوڭ كۆلەمدىكى يۇلتۇز تۇمانلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەتىراپىدىكى يۇلتۇزلارنىڭ نۇرىنى قايتۇرۇش نەتىجىسىدە ھاسىل قىلغان.  WISE تېلېسكوپىنى ناسا يەر شارىغا يېقىن جايلاردا ئۇچۇپ يۈرۈيدىغان ئاستېرويدلار (كائىنات ئۇچار تاشلىرى) نى تېپىش ئۈچۈن 2009-يىلى دىكابىردا قويۇپ بېرگەن.  شۇنىڭدىن بۇيان ئۇ نەچچە ئون مىڭلىغان ئاستېرويدلارنى تېپىپ بولدى.  WISE تېلېسكوپى 2011-يىلىدىن كېيىن ئىشلەشتىن ۋاقىتلىق توختۇتۇپ قويۇلغان بولۇپ، JPL ئۇنى پات يېقىندا قايتا ئىشقا چۈشۈرمەكچى.  تۆۋەندىكى 30-ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنغان رەسىم 2011-يىلىدىن بۇرۇن تارتىلغان رەسىملەرنىڭ ئىچىدىن تېپىلغان.  WISE تېلېسكوپى ھازىردىن باشلاپ يەنە 3 يىل يەر شارى بىلەن سوقۇشۇش ئېھتىمالى بار بولغان ئاستېرويدلارنى بايقاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.




پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

http://www.latimes.com/science/sciencenow/la-sci-sn-distant-nebula-creates-a-wicked-witch-head-in-the-sky-20131030,0,1017182.story?track=rss#axzz2jJjsfZox

http://www.nasa.gov/mission_pages/WISE/main/#.UnsSRfmTxCA

http://en.wikipedia.org/wiki/Wide-field_Infrared_Survey_Explorer




رەسىملەر:

http://wise.ssl.berkeley.edu/gallery_images/WISE_witchhead-med.jpg

Massive plumes of gas create a wicked witch profile in the sky in this image taken by the WISE infrared téléscope. (NASA/JPL-Caltech / October 30, 2013)




<http://www.nasa.gov/sites/default/files/styles/946xvariable_height/public/pia17254-full.jpg?itok=TOCrZtTM>




1-resim





2-resim

elikaram يوللانغان ۋاقتى 2013-11-7 11:20:20

ئىنكاس يېزىشقا تەرەت بوش كەلدى.(بىلمخۇمار ئاكىمىزغا چاخچاق قىلىپ قويدۇم)

arqin يوللانغان ۋاقتى 2013-11-7 11:23:55

مۇشۇنداق ئۇچۇرلارنى ئاڭلاپ تۇرساق خېلى بىلىمدار بولۇپ قالغۇدەكمىز ، بىلىمخۇمار ئاكىمىزغا رەھمەت !

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2013-11-7 11:39:37

قەبىھ ئايال باخشى (wicked witch) توغرىسىدا ئاۋۋال بىر ئېنىقلىما بەرسەڭلەرچۇ؟  

باشقا ئاياللارغا ئوخشاتماي، نېمىشقا ئۇنىڭغىلا ئوخشىتىلىدۇ؟ بۇرنى ۋە ئېڭىكى ئۇچلۇق، قورقۇنچلۇق كۆرۈنىدىغان موماي بولغانلىقتىنمۇ يا؟

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-7 11:50:16

3- قەۋەتتىكى shah_senemنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قەبىھ ئايال باخشى (wicked witch) توغرىسىدا ئاۋۋال بىر ئېنىقلىما بەرسەڭلەرچۇ؟

باشقا ئاياللارغا ئوخشاتماي، نېمىشقا ئۇنىڭغىلا ئوخشىتىلىدۇ؟ بۇرنى ۋە ئېڭىكى ئۇچلۇق، قورقۇنچلۇق كۆرۈنىدىغان موماي بولغانلىقتىنمۇ يا؟

بۇ سۆز ئامېرىكا كىنولىرىدىكى بىر قەبىھ ئايال جادىگەرگە ئىشلىتىلىدىغان سۆز بولۇپ، بۈگۈن يۇلغۇن لۇغىتىگە كىرگۈزسەم «قەبىھ ئايال باخشىچى» دەپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنى ئەينەن ئىشلەتكەن ئىدىم

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-11-7 19:55:15

witch، باخشى، پېرىخۇن ئاياللارغا قارىتىلىدۇ، witch لارنىڭ جىق كىنولىرى بار، نىكولاسمۇ بىرنى ئىشلىگەن. 1- رەسىم راستلا كىنولاردىكى پېرىخۇنلارنىڭ ئۇچۇپ كەلگەن كۆرۈنۈشىگە ئوخشاشكەن، ئۇ بىر خىل تويۇقسىز يۆنىلىش ئۆزگەرتكەندەك كۆرۈنىدىكەنغۇ؟

alwun يوللانغان ۋاقتى 2013-11-8 09:20:22

ھېلىقى بېشىدا قارا قالپىقى بار، ئىلمەك بۇرۇن، سۈپۈرگىگە مىنىپ ئۇچىدىغان ئايال پىرخون شۇ.

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-11-9 00:24:54

كۈندە بىر قاراپ باقىمەن، سىلەر دەۋاتقان بۇ پىرخون ئايالنى مەن نىمىشقا كۆرەلمەيدىغاندىمەن؟ \"\"

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-9 23:08:41



ئامېرىكا كىنولىرىدىكى «قەبىھ ئايال جادىگەر» نىڭ بىرى.



\"\"

بەت: [1]
: NASA: يۇلتۇزلار تۇمانى ھاسىل قىلغان ئايال باخشىنىڭ بېشى