tashpolatrozi يوللانغان ۋاقتى 2013-11-6 12:46:13

تاشپولات: يېڭى نىشانغا قەدەم تاشلاشتىن ئىلگىرىكى 10 باسقۇچ

يېڭى نىشانغا قەدەم تاشلاشتىن ئىلگىرىكى 10 باسقۇچ



تەرجىمە قىلغۇچى: مەستۇرە غوجاخمەت








ئاۋسترالىيەدە تۇرۇۋاتقان مەستۇرە
سىڭلىم ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا Facebook دا Claire Hartman نىڭ ئەڭ يېڭى
يازمىسىنى ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇنى قېرىنداشلار
بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن بۇ يەرگە چاپلىدىم.



سىزنىڭ ئارزۇيىڭىز نېمە؟ قانداق ھاياتنى قوغلىشىۋاتامسىز؟ بۇ ئارزۇغا يېتىش
ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىۋاتىسىز؟ تۆۋەندە مەن سىزگە يېڭى نىشانغا قەدەم
تاشلاشتىن ئىلگىرىكى 10 باسقۇچنى ئۆگەتمەكچى:



   1. ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ نىمىنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى
ئېنىقلىۋېلىڭ. بىر پارچە قەغەزگە قايسى كۈننىڭ ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغانلىقىنى
يېزىپ چىقىڭ، ۋە بۇ كۈننى كالېندارىڭىزغا بەلگە قىلىپ قويۇڭ، بەزىلىرىڭلار
مۇكەممەل بىر پىلاننى كۆرۈپ چىقىشىڭلار مۇمكىن ۋە بەزىلىرىڭلار بىر ياكى
ئىككى ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۆزگەرتمەكچى بولغان ئىشنى تىزىپ چىقىشىڭلار مۇمكىن،
مەيلى قايسى خىل بولسۇن، سىز پەقەت نىشانىڭىزنى ئېنىق بەلگىلىۋېلىڭ.



  2. كىچىك قەدەملەر سىزنى ئۈمىدلەندۈرىدۇ، ئالدىڭىزدا كېتىۋاتقان نىشاننى
بىلگىنىڭىزدە سەل خەتەرنىڭمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلىسىز ئەلۋەتتە، سىزدە
شۇنداق ھېسسىيات پەيدا بولىدۇكى، ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغاندەك ھاياتنى باشلاش
ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىڭىزنى ئويلىغىنىڭىزدا ھاياجانلىنىسىز ۋە ھەممە ئىشنى
بىر قېتىمدىلا ئۆزگەرتىۋەتكىڭىز كېلىدۇ، ياق ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئىشلارنى
بىردىن بىردىن قىلىڭ، بولمىسا ھېرىپ كېتىسىزدە ئاسانلا بەل قويۇۋېتىسىز. "
غەلىبە قىلغۇچىلار ھېچقاچان قول ئۈزمەيدۇ، قول ئۈزگەنلەر ھېچقاچان غەلىبە
قىلالمايدۇ" دېگەن ماقال بار. شۇنداق قەدەم تاشلاڭكى ئۆزىڭىزنىڭ بۇرۇنقى
ھاياتىڭىزغا قايتىدىغان ھېچقانداق يول قالدۇرماڭ. بۈگۈندىن باشلاپ ئەڭ
كىچىك قەدەمنى باشلاڭ، بۇ قەدىمىڭىز سىزنى غەلىبىگە ئېلىپ بارىدۇ.



   3. كاللىڭىزنى " نېمە" دېگەن سوئالغا مەركەزلەشتۈرۈڭ، ھەرگىزمۇ "
قانداق" دېگەن سوئالغا ئېسىلىۋالماڭ. ئەگەر سىز قانداق قىلىپ ھاياتىمدا چوڭ
ئۆزگىرىش پەيدا قىلالايمەن دېگەن سوئالغىلا ئېسىلىۋالسىڭىز ھەرگىز ھېلىقى
كىچىك قەدەملەرنى باشلىيالمايسىز، سىز قانداق قىلارمەن دېگەن سوئالنى
ئويلاۋەرسىڭىز نىشانىڭىزغا يېتەلمەيدىغان كۆرۈنۈشلىرىلا كۆز ئالدىڭىزغا
كېلىدۇ، بۇ سىزنىڭ دىققىتىڭىزنى مەركەزلەشتۈرىدىغان ئىش ئەمەس، بۇ
ئىشلارنىڭ بۈگۈن بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، كەلگۈسى توغرىلىق كوپ
ئەندىشە قىلىپ كېتىش سىزنىڭ ۋاقتىڭىز ۋە ئېنېرگىيىڭىزنى ئىسراپ قىلىدۇ
خالاس، پۈتكۈل كۈچ قۇۋۋىتىڭىزنى " مەن نېمىگە ئېرىشمەكچى" دېگەن سوئالغىلا
مەركەزلەشتۈرۈڭ، شۇنداق قىلسىڭىز " قانداق قىلارمەن" دېگەن سوئالىڭىز
ئۆزلۈكىدىن يېشىلىدۇ...



   4. ئۆتمۈشىڭىز توغرىسىدا ھەرگىز ئويلىماڭ، بۈگۈن سىز ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل
بىر كۈن، يېڭى قەدەمنى باشلاڭ، سىز ھازىرقىدەك ياشاۋاتقىلى قانچە ئۇزۇن
بولغانلىقى مۇھىم ئەمەس. ئەتە يەنە تەكرارلاڭ، شۇ پېتى كېتىۋېرىڭ.



  5. ھاياتىڭىز ۋە ھەرىكىتىڭىزگە مەسئۇل بولۇڭ. مەسئۇل بولۇڭ دېگەنلىك
سىزدە نېمە قىلىشنى بەلگىلەش ئىقتىدارى بار دېگەنلىكتۇر، چوڭقۇر نەپەس
ئېلىڭدە سۆزلەشتىن ئىلگىرى ئوبدان ئۆيلىنىۋېلىڭ، سىزنىڭ ئىنكاسىڭىز بىلەن
ھەرىكەت باشلىشىڭىز ئوتتۇرىسىدا ئەركىنلىك بار، سىز ھەرىكەت باشلاشنى
تاللاش ئەركىنلىكىڭىز بار.



  6 . بارلىق پاسسىپلىقلارنى ئۆچۈرۈۋېتىڭ، پاسسىپ ئىدىيىلەر سىزنى ھەر
ۋاقىت ئارقىڭىزغا داجىتىدۇ، كاللىڭىزدىكى نىشان ئۈچۈن توختىماي تىرىشىڭ،
ئۆزىڭىزنى سويۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.



7. كاللىڭىز ئوچۇق بولسۇن، ھەر قانداق ئىمكانىيەتنىڭ ھاياتىڭىزغا  كىرىشىگە
يول قويۇڭ، ئارزۇلىرىڭىز ۋە ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ، شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە
بولسۇنكى سىز ئۆزىڭىز ئويلىغاندىنمۇ بەكرەك كۈچلۈك...



  8. كەچۈرۈشنى ئۆگىنىۋېلىڭ، ئۆتمۈشنى ئۇنتۇڭ ۋە ئارقىغا تاشلاڭ. ئالغا
ئىلگىرىلەش ئۈچۈن چوقۇم سويۇشنى ۋە كەچۈرۈشنى ئۆگىنىۋېلىڭ، چوڭقۇر نەپەس
ئېلىڭ ۋە ئۆتمۈشنى يولغا سېلىۋېتىڭ. ھەسرەت سىزنى پەقەت سىز يول قويغاچقىلا
قىينالايدۇ...



   9. ئېغزى بۇرنىڭىزنى چىڭ ئېتىۋېلىڭ، ئۆزىڭىزنى ياخشى كۆرمىسىڭىز
باشقىلارنى قانداق ياخشى كۆرەلەيسىز. ئۆزىنى ياخشى كۆرۈش شەخسىيەتچىلىك
ئەمەس، باشقىلارنىڭ سىزنىڭ ھاياتىڭىزدىن چىقىپ كەتمەي تۇرۇۋاتقانلىقىغا
رەھمەت ئېيتىشتىن ئىلگىرى ئۆزىڭىزگە رەھمەت ئېيتىڭ ۋە ئۆزىڭىزنى ياخشى
كۆرۈشتىن باشلاڭ. ئۆزىڭىزگە ۋاقىت ئاجرىتىپ ئەڭ مۇكەممەل ئۆزىڭىزنى تىكلەپ
چىقىڭدە ئاندىن ئەتراپىڭىزدىكىلەر بىلەن مۇھەببەتكە تولۇپ ياشاڭ.



  10. قەدىمىڭنى ئاستىلىتىڭ ۋە ئەتراپىڭىزدىن ھۇزۇرلىنىشنىمۇ بىلىۋېلىڭ،
تەشەككۈر ئېيتىشنى بىلىشتەك پوزىتسىيە گۈزەل ھاياتقا ئېرىشىشتىكى بىرىنچى
قەدەمدۇر... ھەر كۈنى بىر مۇنچە تەشەككۈر ئېيتىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى
تىزىملاش بىلەن باشلاڭ " رەھمەت" دېگەن سۆزنى بىر قانچە قېتىم تەكرارلاڭ.
ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن، كېيىنكى يازمامدا كۈرىشەيلى

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2013-11-6 15:55:48

جەمىيتىمىزدە تاماكا تاشلاشمۇ تەس بۇلىۋاتقان ياشلار خېلى بار، بۇ تىمىنى ياخشى ئەكىپلا تاشپۇلات ئاكا...

taxtapan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-6 21:11:10

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تاشپولات ئاكا، بۇ بىر ياخشى تېما ئىكەن. مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشقا ئائىت تېمىلار ھازىر ۋەتەندىكى كۆپلىرىمىزنىڭ ئانچە بەك دىققىتىنى قوزغاپ كەتمەسلىكى ھەم مۈمكىن. چۈنكى يېقىنقى يەتتە-سەككىز يىلدا بۇ تېمىدا تىلىمىزدا ئاز بولمىغان كىتاپلار نەشىر قىلىندى ھەم قىلىنىۋاتىدۇ. كۆپ كىشىلەر بۇ ئارقىسىدا ياخشى مەنپەئەتلەنگەنمۇ بولدى، ئوقۇپلا تاشلاپ قويغانلارمۇ ئاز ئەمەس.

سىز موشۇ مەنزىللەرگە يەتكىچە يەڭگەن قېيىچىلىقلارمۇ ھەرگىز ئاز ئەمەس. مۈمكىن بولسا، سىزنىڭ باشتىن-ئاخىر توختاپ قالماسلىقىڭىزغا نېمە سەۋەبچى، سىزمۇ ئىككىلەنگەن چاغلار باردۇ، سىزنىڭ ھەرىكەنلەندۈرگۈچىڭىز زادى نېمە، بىلىپ قالساق ۋە بىزمۇ ھاياتىمىزغا تەدبىقلىساق دەيمەن. رەھمەت.
بەت: [1]
: تاشپولات: يېڭى نىشانغا قەدەم تاشلاشتىن ئىلگىرىكى 10 باسقۇچ