nazugum يوللانغان ۋاقتى 2013-11-6 11:39:41

‹‹قۇرئان كەرىم›› دىكى سودا ۋە سودا ئەخلاقىغا دائىر بەزى چۈشەنچىلەر

‹‹ قۇرئان كەرىم ›› دىكى سودا ۋە سودا ئەخلاقىغا دائىر بەزى چۈشەنچىلەر






ئاپتۇر:     ئابدۈشكۈر مۇھەممەد





‹‹ قۇرئان كەرىم›› ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كالامى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلۇغلىنىپلا قالماستىن، يەنە ئۆزىگە سىغدۇرغان مەزمۇنىنىڭ چەكسىزلىكى ۋە چۇڭقۇرلىقى بىلەن 1400يىلدىن بىرى بۈيۈك قامۇس سۈپىتىدە جىمى مۇسۇلمانلارنىڭ، جۈملىدىن پۈتۈن ئىلىم ئەھلىنىڭ قەدىرلىشىگە مۇيەسسەر بۇلۇپ كەلمەكتە.



‹‹ قۇرئان كەرىم›› دە سودا ۋە سودا ئەخلاقىغا دائىر چۈشەنچىلەر گەرچە مەلۇم بىر يەرگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ نوقتىلىق بايان قىلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق بىرقانچە سۈرە ۋە ئايەتلەردىكى مەزمۇنلار مۇكەممەل سېستىما ھاسىل قىلغان بۇلۇپ، سودىگەرلەرنىڭ سودا بىلەن شۇغۇللىنىش پائالىيىتىنى ئەخلاقىي مىزان ۋە ئۆلچەملەر بىلەن تەمىن ئەتكەن.



ئىسلام دىنىدا سودا- سېتىق بىلەن بىلەن شۇغىللىنىش ھالال كەسىپ قاتارىدا ئۇلۇغلىنىدۇ، يەنى ئۇنىڭغىمۇ شەخىسنىڭ ھالال ئەمگىكى سىڭگەن دەپ قارىلىدۇ. ئۆز كۈچىگە تايىنىپ مىھنەت قىلىپ ياشاش ئىسلام دىنىدا ھەممىدىن بەك تەكىتلىنىدىغان ھالال ئىشتۇر. شۇڭا ‹‹ قۇرئان كەرىم ›› نىڭ ‹‹ جۇمۇئە›› سۈرىسىدە مۇنداق دىيىلگەن:

ناماز ئۇقۇلۇپ بولغاندا زىمىنغا تارىلىپ (يەنى ئۆز مەشغۇلاتىڭلار بىلەن بۇلۇپ)، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار، مەقسىدىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھنى كۆپ ياد ئىتىڭلار.

-سۈرە ‹‹ جۇمۇئە ››(62-سۈرە)،10- ئايەت





مىقدام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن: ‹‹ كىشىنىڭ ئۆز ئەمگىكىگە يۆلىنىپ يىگەن تامىقى ھالال تاماقتۇر، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى داۋۇد ئەلەيھىسالام ئۆز ئەمگىكىگە يۆلىنىپ ياشايتى.››



پەقەت قىيامەت كۈنىلا سودا-سېتىق بولمايدۇ، ئۇنىڭغىچە ئىنسانلار ئۆز ھاياتىنى ساقلاش، جېنىنى ئوبدان بېقىش ئۈچۈن تىرىكچىلىك قىلىدۇ، سودا-سېتىق بىلەن شۇغىللىنىدۇ؛ سودىدا ھەر كىم ئۆز ئەجرى، رىزقى، نىسىۋىسىگە ھەم نىيەت- ئىقبالىغا لايىق پايدىغا، تۇرمۇش مەئىشەتلىرىگە ئېرىشىدۇ. ‹‹ قۇرئان كەرىم›› ۋە ھەدىسلەردە سودا- سېتىق ئىشلىرى (جۈملىدىن ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش تىرىكچىلىكىگە ۋە بۇ دۇنيادىكى بەخت- سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا ئىشلىرى) قوللاپ- قۇۋۋەتلىنىش بىلەن بىرگە، سودىگەرچىلىك پەزىلىتى(جۈملىدىن ئىنسانىي پەزىلەتنىڭ ئۆلچىمى) ۋە شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئاڭلىق ھەم چۇقۇم رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك بىر قاتار سودا- سېتىق ئەخلاقلىرى قانۇن تۈسىگە ئىگە بولغان ئاساستا بېكىتىلگەن. بۇ بەلگىلىمىلەر ئىسلام دىنى روناق تاپقان 1400يىلدىن بۇيان ئىسلام دۇنياسىدىكى مۇسۇلمان بەندىلەر سودا- سېتىق ئىشلىرىدا ئۆزلىكىدىن رىئايە قىلىدىغان كىشىلىك ئەخلاق- پەزىلەتكە ئايلانغان. تارىختىن بۇيان سودا- تىجارەتكە ماھىرلىقى بىلەن پۈتۈن دۇنياغا نام چىقارغان ئۇيغۇرلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. بۇلۇپمۇ، ئىمانى كامىل، دىلىدا ئاللاھنى ھەر ۋاقىت ياد ئېتىپ تۇرىدىغان پەزىلەتلىك سودىگەرلىرىمىزئەنە شۇ سودا-سېتىق ئەخلاقىنىڭ ئىزچىل ھىمايىچىللىرىدىن بۇلۇپ، روناق تېپىپ، ئىناۋەت تىكلەپ، داڭقىنى يىراق-يېقىنغا تارىتىپ، تەسىرىنى كېڭەيتىپ ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىگە ۋە ھۆرمىتىگە ھەر ۋاقىت سازاۋەر بۇلۇپ كەلمەكتە.



بىراق، شۇنىمۇ تەكىتلەپ ئۈتىشىمىز كېرەككى، ھازىر ئارىمىزدا بىرمۇنچە سودىگەرلەر ۋە ئېلىپ- ساتارلاربۇ خىل ئىسىل سودا- سېتىق پەزىلىتىدىن چەتنىگەن ھالدا پايدا ئېلىش، مال-دۇنياغا بىرىلىش ھەۋىسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئاللاھتائالانىڭ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ كۆرسەتمىسىگە، چاقىرىقىغا ئاسىيلىق قىلىپ ، ئادىمىي ئەخلاق، ئەقەللىي ئىنساپ- دىيانەتنىمۇ يوقاتماقتا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلماقتا. بۇنداقلارنى ئاللاھ تائالامۇ، كىشىلىك ۋىجدانمۇ، قانۇنمۇ كەچۈرمەيدۇ. پەيغەمبىرىمىز سودىگەرلەر ھەققىدە توختىلىپ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىرىنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلغان: ‹‹ئەڭ پاك كەسىپ شۇنداق سودىگەرلەرنىڭ كەسپىدۇركى، ئۇلار سۆزدە يالغان ئېيتمايدۇ، ئامانەتكە خىيانەت قىلمايدۇ، ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ، نەرسە سېتىۋالغاندا ئۇنى كەمسىتمەيدۇ، نەرسە ساتقاندا ئۇنى كۆپتۈرۈپ داڭلىمايدۇ، ئۆز ئۈستىدىكى قەرزنى ئادا قىلىشتا كىچىكتۈرمەيدۇ ۋە قۇلى قىسقا ئادەملەردە ئېلىشى بولسا ئۇنى قىستىمايدۇ››.



‹‹قۇرئان كەرىم›› ۋە ھەدىسلەردىكى سودا- سېتىق ۋە سودىگەرچىلىك ئەخلاقىغا دائىر چۈشەنچىلەر ئېنىق، ئىخچام، چۇڭقۇر ھەم ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بۇلۇپ، ئۇلارنى يىغىنچاقلىغاندا، ئاساسەن مۇنداق بەش تۈرلۈك مەزمۇن كىلىپ چىقىدۇ:



بىرىنچى، سودىدا ئادىل بۇلۇش

‹‹قۇرئان كەرىم ›› نىڭ بىرمۇنچە سۈرىلىرىدە سودىدا ئادىل بۇلۇش، تارازا- ئۆلچەمدە توغرا بۇلۇش، ساختىلىق قىلماسلىق، تارازا- ئۆلچەمدىن كەم بىرىپ باشقىلارنىڭ ھەققىنى يەۋالماسلىق ھەققىدە بىۋاستە، ئېنىق بايانلار بار.

ئى قەۋمىم! سىلەر ئۆلچەمنى توغرا ئۆلچەڭلار، تارازىنى توغرا تارتىڭلار، كىشىلەرگە نەرسىنى كەم بەرمەڭلار.

-سۈرە‹‹ ھۇد››(11-سۈرە)،85-ئايەت

ئۆلچەمنى تولدۇرۇپ بىرىڭلار، كەم بەرگۈچىلەردىن بولماڭلار، (نەرسىلەرنى) توغراتارازىدا تارتىڭلار، كىشىلەرگە نەرسىلەرنى(يەنى قايسى يول بىلەن بولمىسۇن، كىشىلەرنىڭ ھەقلىرىنى)كەم بەرمەڭلار.

-سۈرە ‹‹شۇئەرا›› (26-سۈرە)،181-183-ئايەتلەر

سىلەر(باشقىلارغا ئاشلىق قاتارلىقلارنى) ئۆلچەپ بەرگەندە تۇلۇق ئۆلچەڭلار ۋە توغرا تارازىدا تارتىپ بىرىڭلار، بۇنداق قىلىش(سىلەرگە دۇنيادا)ياخشىدۇر، ئاخىرەتلىكىڭلار ئۈچۈن تېخىمۇ ئوبداندۇر.

-سۈرە ‹‹ بەنى ئىسرائىل ›› (17-سۈرە)، 35-ئايەت

ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا كەم بەرگۈچىلەرگە ۋاي! ئۇلار كىشىلەردىن ئۆلچەپ ئالغان چاغدا تۇلۇق ئالىدۇ، كىشىلەرگە ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەن چاغدا كەم بىرىدۇ.

-سۈرە‹‹ مۇتەففىفىن››(83-سۈرە)، 1-3- ئايەتلەر

ئۆز مەنپەتى ئۈچۈن باشقىلارنى قارا باستۇرۇش ، ساختىپەزلىك قىلىش ھەقىقەتەن ئىنسانىي پەزىلەتكە يات، قاباھەتلىك قىلمىشتۇر. بۇنداق قىلغان كىشىلەر ئاقىۋەتتە ئۈزىنىڭ پۇتىغا ئۈزى پالتا چاپىدۇ، تۈگمىدەك پايدىنى دەپ تۆگىدەك پايدىدىن قۇرۇق قالىدۇ. سودىگەرلەرنىڭ سودىدا ئادىل بۇلىشى باشقىلار ئۈچۈن بولماستىن، بەلكى ئۈزى ئۈچۈندۇر، ئۈزىنىڭ روناق تېپىشى ، بەركەت تېپىشى ئۈچۈندۇر.





ئىككىنچى، سودىدا ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، لەۋزىدە تۇرۇش، توختام تۈزۈش، ئىناۋەتلىك سودا قىلىش



ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، راستچىل بۇلۇش ئىسلام دىنىدا كۆپ تەكىتلىنىدىغان ئىمان ئەمەللەرنىڭ مۇھىم بىر تۈرىدۇر. ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، لەۋزىدە تۇرۇش مەيلى ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلەردە ياكى كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردە بولسۇن شۇ شەخىسنىڭ پۈتۈن ئوبرازى ۋە ئىقتىسادى مەنپەئەتى بىلەن، شۇنداقلا قارشى تەرەپنىڭ ئىقتىسادى مەنپەتى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش. ئەگەر ۋەدە، توختام بۇيىچە سودا قىلىنمىسا ئىناۋەتلىك سودىغا خەۋپ يىتىدۇ، ۋەدىگە ۋاپا قىلمايدىغان ھەتتا توختامغا خىلاپلىق قىلىدىغان ھەرقانداق سودىگەر ئۈزىنىڭ كىشىلەر ئالدىدىكى ئىنسانىي پەزىلىتىگە داغ تەگكۈزۈش، ئىناۋىتىنى تۈكۈش، ئۈزىگە زىيان سېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يەنە قارشى تەرەپنىڭ مەنپەتىنىمۇزىيانغا ئۇچرىتىدۇ. ئۇنداق گۇناھلىق ئىشنى ئاللاھ تائالامۇ كەچۈرمەيدۇ. شۇڭا ‹‹قۇرئان كەرىم››دە دەل شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سۈرە ۋە ئايەتلەر نازىل قىلىنغان:

سىلەر ئەھدى تۈزۈشكىنىڭلاردائاللاھنىڭ ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار، قەسىمىڭلارنى(ئاللاھنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ)پۇختىلىغاندىن كىيىن بۇزماڭلار، چۈنكى سىلەر ئاللاھنى گۈۋاھچى قىلدىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.

-سۈرە ‹‹ نەھىل››(16-سۈرە)،91-ئايەت

ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى، قەسەملىرىنى ئازغىنا بەدەلگە تىگىشىدىغانلار ئاخىرەتتە (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) ھىچقانداق نىسىۋىگە ئىرىشەلمەيدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائاللا ئۇلارغا (ئۇلارنى خوش قىلىدىغان) سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارغا( رەھمەت كۈزى بىلەن )قارىمايدۇ، ئۇلارنى(گۇناھلىرىدىن) پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازاپقا قالىدۇ.

-سۈرە‹‹ئال ئىمران››(3-سۈرە)،77-ئايەت

ئى مۆمىنلەر! بىربىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى( ئوغرىلىق، خىيانەت قىلىش، بۇلاش، جازانىخورلۇق، قىمار ئويناش قاتارلىق) ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار، ئىككى تەرەپ رازى بۇلۇشۇپ قىلىشقان سودا-سېتىق ئارقىلىق ئىرىشكەن نەرسە بۇنىڭدىن مۇستەسنا.

-سۈرە‹‹نىسا››(4-سۈرە)،29-ئايەت







ئۈچىنچى، جازانىخورلۇق، بېسىمدارلىق قىلماسلىق

ئىسلام دىنىدا سودىگەرلەرنىڭ ئۆزئارا قەرز ياكى ئۆتنە بىرىشكەن پۇل ۋە مال-مۇلكىدىن ئۈسۈم ئېلىشى ھارام دەپ قارىلىدۇ. چۈنكى ئىسلام دىنىدا، بايلارنىڭ كەمبىغەللەرگە، قۇلى ئۇزۇنلارنىڭ قۇلى قىسقىلارغا، كۈچلىكلەرنىڭ ئاجىزلارغا ياردەم قۇلىنى سۇنۇپ، ئۇلارغا پۇل ۋە مال قەرز بىرىشى، ئۇلارغا ئىمكان قەدەر خالىسانە يار- يۆلەك بۇلىشى مۇسۇلماندارچىلىقنىڭ ئەقەللىي ئۈلگىسى، ئاللاھ تائاللا ئالدىدىكى ساۋاپلىق ئىش دەپ قارىلىدۇ.

ئىسلام دىنىدا جازانىنىڭ ھارام ھىسابلىنىشىدىكى سەۋەپ شۇكى، جازانىدىن كىلىدىغان ناھەق پايدىغا جازانىخورنىڭ ھىچقانداق ھالال ئەمگىكى سىڭمىگەن بۇلىدۇ؛ جازانىخور ئەگەر پۇل قەرز ئالغۇچىلارغا ياكى مال-مۈلۈك ئۆتنە ئالغۇچىلارغا بېسىم ئىشلەتسە گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ ئۆتكۈزگەن بۇلىدۇ. ‹‹قۇرئان كەرىم ›› دىكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سۈرىلەردىن بۇنىڭ ئېنىق دەلىلىنى كۈرىۋالغىلى بۇلىدۇ:

جازانە، ئۈسۈم يىگەن ئادەملەر(قىيامەت كۈنى گۆرلىرىدىن)جىن چېپىلىپ قالغان ساراڭ ئادەملەردەك قوپىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشنى ھالال بىلىپ: ‹‹سودا-سېتىق جازانىگە ئوخشاش››، (جازانە نىمىشقا ھارام بۇلىدۇ؟)دېدى. ئاللاھ سودا- سېتىقنى ھالال قىلدى، جازانىنى(بەدەلسىز بولغانلىقى، شەخىسكە ۋە جەمىيەتكە زىيانلىق بولغانلىقى ئۈچۈن) ھارام قىلدى.

-سۈرە‹‹بەقەرە››(2-سۈرە)،275-ئايەت

ئى مۆمىنلەر! جازانىنى قاتمۇقات ئاشۇرۇپ يىمەڭلار.

-سۈرە‹‹ ئال ئىمران››(3-سۈرە)،130-ئايەت

سودىگەرلەر ئارىسىدىكى نائىنساپلىقنى ۋە بىر-بىرىنىڭ ھەققىنى يەۋېلىش ئارقىلىق پايدىغا ئىرىشىدىغان بۇنداق يامان ئىشلارنى ئىسلام دىنى ئەزەلدىن چەكلەيدۇ.







تۆتىنچى، پۇل ۋە مال-مۈلۈكنى ياخشى ئىشلارغا ئىشلىتىش، غېرىپ- مىسكىنلەرگە يار- يۆلەك بۇلۇش



ئىسلام دىنىدا سودىگەرلەرنىڭ پۇل ۋە مال- مۈلىكىنى ياخشى ئىشلارغا سەرپ قىلىشى، خەير-ئېھسان قىلىشى پەرز ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائاللاھ  جىمى ئاۋام خەلققە ، جۈملىدىن يېتىم- يىسىر، غېرىپ- مىسكىنلەرگە سودىگەردىن ئىبارەت بۇ بىر تائىپە ئادەملەر ئارقىلىق مېھىر-شەپقەت يەتكۈزىدۇ. شۇڭا سودىگەرلەرنىڭ رىزقى كەڭ، تۇرمۇش مەئىشەتلىرى مول يارىتىلغاندۇر. ئەگەر ئۇلار ئاللاھ تائاللاھ  ئاتا قىلغان ئامەت ۋە بايلىقنى ئاۋام مەنپەتى ۋە ياخشى ئىشلار ئۈچۈن ئىشلەتمەي ئۆز نەپسىگىلا بېرىلىپ، بېخىللىشىپ، ئاشكۆزلىشىپ كېتىۋەرسە تويماس نەپسىنى دەپ ئاللاھ تائاللاھ كۆرسەتكەن توغرا يول، ھەق ئىشلاردىن ۋاز كەچسە ، ئۇلارنىڭ تاپقان بايلىقى ئۇلار ئۈچۈن ھارامدۇر. بۇ دۇنيالىق تىجارىتى بەرىكەتسىزدۇر، ئاخىرەتلىكى ئازاپلىقتۇر. ‹‹قۇرئان كەرىم›› دە ياخشى ئىش، خەير- ئېھساننىڭ دەلىلى بولغان زاكات ۋە سەدىقە توغۇرلۇق ئايەتلەر بار. بولۇپمۇ ئاۋام مەنپەتىگە پايدىلىق، ئاۋام ئورتاق بەھرىمان بولالايدىغان ئىشلارغا پۇل-مال سەرپ قىلىش ئىسلارم دىنىدا ھەممىدىن بەك ئۇلۇغلىنىدىغان ساۋاپلىق ئىش ھېسابلىنىدۇ.

مەسىلەن: يول ياساش، كۆۋرۈك سېلىش، مەكتەپ قۇرۇش، مەسچىت سېلىش، غېرىپ- مىسكىنلەرگە نەزىر بېرىش قاتارلىقلار. ‹‹قۇرئان كەرىم›› دە مۇنداق دېيىلگەن:

ئى مۆمىنلەر، سودا-سېتىق، دوستلۇق ۋە (ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز)شاپائەت بولمايدىغان كۈنى(يەنى قىيامەت كۈنى)يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن سىلەرگە بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن مال-مۈلۈكلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا)سەرپ قىلىڭلار. كۇفرانى نېمەت قىلغۇچىلار (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغۇچىلاردۇر.

- سۈرە ‹‹بەقەرە›› (2-سۈرە)، 254- ئايەت



كىمكى ئاللاھقا قەرزىي ھەسەنە بېرىدىكەن (يەنى ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل مېلىنى خۇشاللىق بىلەن سەرپ قىلىدىكەن) ئاللاھ ئۇنىڭغا نەچچە ھەسسە (يەنى ئون ھەسسىدىن 700 ھەسسىگىچە) كۆپ قايتۇرىدۇ. ئاللاھ (سىناش ئۈچۈن بەزى كىشىلەرنىڭ رىسقىنى) تار قىلىدۇ، (بەزى كىشىلەرنىڭ رىسقىنى)كەڭ قىلىدۇ.

-سۈرە «بەقەرە››(2-سۈرە)، 245-ئايەت



ئاللاھنىڭ يولىدا (پۇل-مال) سەرپ قىلىڭلار. ئۆزەڭلارنىڭ ھالاكەتكە تاشلىماڭلار. ئېھسان قىلىڭلار، ئېھسان قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ.

-سۈرە «بەقەرە››(2-سۈرە)، 195-ئايەت









بەشىنچى، ئاللاھ بەرگەن مال- مۈلىكنى خالىغانچە ئىسراپ قىلماسلىق، بۇزۇپ چاچماسلىق



بۇ دۇنيانىڭ مەئىشەتلىرى چەكسىزدۇر،ئاللاھ خالىغان ئادەملەرنىڭ رىسقىنى كەڭ قىلدى، ئۇلارنى مال- مۈلىكتىن خالىغانچە بەھرىمان قىلدى، بىراق ئۇلار بۇ پۇل ۋە مال- مۈلۈكلەرنى خالىغانچە بۇزۇپ-چاچسا، بەتخەنجلىك قىلسا، ئىسراپچىلىق قىلسا بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. بۇلۇپمۇ ھازىر بىر قىسىم تىجارەتچىلەر پۇل تاپقاندىن كېيىنلا تويماس نەپسىگە قارىغۇلارچە بېرىلىپ، شۆھرەتپەرەسلىك، سۆلەتۋازلىق قىلىشىپ، ئۆزىدىنمۇ رىزقى كەڭلەرگە، ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئىگىلىك تىكلەۋاتقانلارغا ۋە جاھان تەرەققىياتىغا كۆز سالماي ھاماقەتلەرچە ياشاۋاتىدۇ؛ياراتقان ئىگىسىنى ئۇنتۇپ، نامرات، ئارقىدا قالغان قەۋم- قېرىنداشلىرىنى ئېسىدىن چىقىرىپ، كەيپ- ساپا كوچىلىرىدا ئەيش- ئىشرەتكە پېتىپ، خۇدىنى بىلەلمەي يۈرىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ، ئىسلام دىنىدا ئىسراپچىلىق، كەيپ- ساپاغا ئوخشاشلار ئىنتايىن يامان كۆرىلىدىغان قىلىقتۇر. بىزنىڭ تۇرمۇش ئەنئەنىمىزگە ئىسلام دىنىنىڭ ئىسراپچىلىقنى يامان كۆرۈش ئىدىيىسى چوڭقۇر سىڭگەن، مەسىلەن: تاماقنى ئاشۇرۇپ قويماسلىق، يىمەكلىكلەرنى يەرگە تۆكۈۋەتمەسلىك، ناننى يەرگە تاشلىماسلىق، ناننىڭ ئۇۋاقلىرىنى تېرىپ ئېلىۋېتىش، ئۇتۇنننىڭ پارچىلىرى ۋە تەمەشنى تېرىپ ئوتقا قالىۋېتىش  قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىسلام دىنىدىكى روزا تۇتۇش ۋە تاماقنى بەك تۇيۇنۇپ يىمەسلىك، ئاددىي بولسىمۇ پاكىز كىيىنىش قاتارلىق پەرز سۈننەتلەردىمۇ ئىسراپچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش خاھىشى گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ.



‹‹قۇرئان كەرىم›› دىمۇ ئىسراپچىلىققا ياتىدىغان ھەر قانداق ئىشنى قىلماسلىق ھەققىدە ئېنىق بايانلار بار.



ئى ئادەم بالىلىرى! ھەر ناماز ۋاقتىدا (ياكى تاۋاپ ۋاقتىدا ئەۋرىتىڭلارنى سەترە قىلىپ تۇرىدىغان) كىيمىڭلارنى كىيىڭلار، يەڭلار، ئىچىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار، ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن ياقتۇرمايدۇ.

‹‹سۈرە ئەئراپ›› (7-سۈرە)31-ئايەت



تۇغقانغا، مىسكىنگە، ئىبنى سەبىلەرگە (خەير- ساخاۋەتتىن)ھەققىنى بەرگىن، (پۇل- مېلىڭنى ناتوغرا يوللارغا) ئىسراپ قىلمىغىن، ئىسراپ قىلغۇچىلار ھەقىقەتەن شەيتانلارنىڭ قېرىنداشلىرىدۇر.

‹‹سۈرە بەنى ئىسرائىل››(17-سۈرە)-26-27-ئايەتلەر



ئىسراپچىلىق ئاخىرقى ھېسابتا ئىسراپخورنىڭ ئۆزنى تۈگەشتۈرىدۇ. ئىسراپخور سودىگەر باي بولۇشقا ھەر قانچە تىرىشسىمۇ تاپقان پۇلنىڭ بەركىتى، ئۈنىمى بولمىغاچقا مەڭگۈ باي بولالمايدۇ. دىيانەتلىك سودىگەرلەر بايلىقى ئېشىپ- تېشىپ تۇرسىمۇ ئورۇنسىز بۇزۇپ- چاچماي، بەلكى پۇل- مېلىنى ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىپ ئۆزى ئاددىي تۇرمۇش كەچۈرسىمۇ، كەمبەغەل ۋە ئاجىزلارغا سەدىقە بېرىشنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇلماي ئاللاھتائالاھنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ، ئاۋام- خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ تۇرغاچقا ئۇلار ھەر ئىككى ئالەمدە بەخت سائادىتىنى تاپىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇداق تەۋسىيە قىلىدۇ: ‹‹ئىسراپ قىلماستىن ۋە چوڭچىلىق قىلماستىن يەڭلار، ئىچىڭلار، كىيىڭلار ۋە سەدىقە قىلىڭلار››.

قىسقىسى ‹‹قۇرئان كەرەم›› دىكى سودا  ۋە سودا ئەخلاقىغا دائىر چۈشەنچىلار رېئال تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كەتكەن، كىشىلەرنى ھىدايەتكە، دىيانەتكە يېتەكلەيدىغان مۇكەممەل ئەخلاقىي نىزامدۇر. ھەر قانداق سودىگەر بۇنىڭغا ھېچكىمنىڭ زورلىشى بېسىم ئىشلىتىشى بىلەن ئەمەس، بەلكى دىلىدىكى پاك ئېتقاد كۈچى، ئىنسانىي پەزىلىتى، كىشىلىك ۋىجدانىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئۆزلۈكسىز ئەمەل قىلسا ناھايىتى ئۇلۇغ، بەرىكەتلىك ئىش قىلغان بولىدۇ، ئىككىلا ئالەمدە سائادەتمەن بولالايدۇ.



مەنبە: ئۇيغۇرچە‹‹جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى ژۇرنىلى››جەۋھەرلىرى- ‹‹ھىدايەت گۈلزارى›› ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.
بەت: [1]
: ‹‹قۇرئان كەرىم›› دىكى سودا ۋە سودا ئەخلاقىغا دائىر بەزى چۈشەنچىلەر