enzerbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-5 21:48:48

ئوغلۇم تاماق يىمەس بولىۋالدى ،قانداق قىلىمەن ؟

ئوغلۇم تۇغۇلغىلى ئالتە يېرىم ئاي بولغان،ھازىرغا قەدەر 35 كۈنلۈك بولغاندا بەدەن تېمپىراتۇرسى 37.6گىرادۇس قىزىپ باققىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا باشقا مەسىلە يوق ئىدى .تۇغۇلغاندا 53سانتېمىتېر ئىدى ،ھازىر 73سانتېمېتىر كېلىدۇ ،ئېغىرلىقى 11.5ىلوگىرامتى ،ھازىر 10 كۈنچە بولۇپ قالدى ،تۈزۈك تاماق يىگىلى ئۇنىمايدۇ ،مېنى ئېمىدۇ .تاماقنى ئەكەلسەملا ئېغىزىنى قاچۇرۇپ بېشىشنى چايقاپ تۇرىۋالىدۇ ،زولاپمۇ باقىمەن ،تىركىشىپ باشلىرىدىن تەر چىقىپ كېتىدۇ .شۇنىڭ بىلەن بولدى قىلىمەن.بۇرۇن بېرىدىغان تاماقلىرىم ئاساسەن تەرىتىگە قاراپ تاماق بېرىمەن .

پاقلاننىڭ قويرۇق مېيى سېلىنغان بۇلماق،بۇ بۇلماق ئىككى خىل ،يەنى بۇغداي ئۇنىدىن ئەتكەن بۇلماق بىلەن بۇغداي ۋە قوناق ئۇنى ئارلاشۇرۇلغان بۇلماق .

ھەر خىل سەيلەر بىلەن قويرۇق ماي قوشۇپ تۈگۈلگەن چۆچۈرە.

سەيلەر قوشۇلغان سۇيۇقئاش .

سەيلەر قوشۇلغان ياكى قوشۇلمىغان شوۋگۈرۈچ.

بىرە -بىرە ئەتىگەندە بىر تال بادام بىلەن نان چايناپمۇ بېرەتتىم.10 كۈن ئىلگىرى قارىسام تەرىتىدە بادام ھەزىم قىلىنماپتۇ.ئىچى سۈرگەندەك قىلمىغىنى بىلەن تەرىتىنىڭ پۇرىقى ئىچى سۈرۈپ قالغاندەك كەلدى،شۇنىڭ بىلەن سامساق توغرالغان باشقا نەرسە توغرالمىغان شوۋگۈرۈچ قاينىتىپ بېرىپ ئوڭشىۋالدىم.

ھازىر قانداق قىلسام ئۇنى تاماق يىيىشكە يەنە بۇرۇنقىدەك كۆندۈرەرمەن ،ياردەم قىلساڭلار؟

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-9 16:05:02

بولىدۇ، ئامىلە دىگەن دورىنى زورلاپراق يىگۈزۈڭ ئىككى ئۈچ ۋاق .

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-6 09:48:16

ساپ بىھى شەربىتىدىن بىرەر قۇشۇق، نارپىننە شەربىتىدىن بىرەر قۇشۇق، ئۆلچەملىك ياسالغان ئامىلە نۇشدارى دىگەن دورىدىن ئىككى گرام مىقدارىدا بېرىپ بېقىڭ.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-6 09:48:25

سەي ئەمەس كۆكتات.

بالىڭىزنى تاماقتىن زېرىكتۈرۈپ قويۇپسىز، مايسىزراق، ئاسان ھەزىم بولدىغان تاماقلارنى ئويلىشىپ بېقىڭ! قورسىقىنى بەكراق ئاچۇرۋەتسىڭىز تاماق يىمەي ئامالى يوق. \"\"

elikaram يوللانغان ۋاقتى 2013-11-6 10:07:32

بالىڭىزغا بىرىدىغان يىمەكلىكلەردىن كەم قالغىنى بۆرەك كاۋاپ،ئامېرىكىنىڭ روھلاندۇرۇش دورىللىرى،باھنى قۇۋۋەتلەيدىغان كۇمۇلاچلار،كىيىك،توشقان زەدىكى،چېنىقىش ئۈسكۈنىللىرى...قاتارلىقلاركەن...

مەن ئۇنتۇلۇپ قالغان يەرلىرى بولسا باشقا تورداشلار تولدۇرۇپ قويسۇن!

(بوۋاققا شۇنداق كۈچلۈك تاماقلارنى بېرىش ئەقىلسىزلىق،ئەسەبى دۆتلۈك خالاس.كۈچلۈك يىمەكلىكەر بەدەندىكى قاننى قىزىتىپ ،كۆپەيتىپ،بېسىمنى ئاشۇرۇپ  ئۇششاق قان تومۇرلارنى  يېرىۋىتىدۇ.ئۇ بوۋاق  شۇ سۈپەتتە چوڭ بولسا ياراملىق بىر قارا تەلۋىگە ئايلىنىدۇ.مانتا كۆرمىگەن قەلەندە قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۇ دىگەندەك ئىش قىلماي بالىڭىزنى تەبىئى ئوزۇقلىنىشقا قويۇپ بىرەرسىز.ئەمچىكىڭىز يەنە لازىم بولىدۇ).

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-6 10:14:25

{:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}   {:92:}

enzerbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-6 10:28:20

3- قەۋەتتىكى elikaramنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بالىڭىزغا بىرىدىغان يىمەكلىكلەردىن كەم قالغىنى بۆرەك كاۋاپ،ئامېرىكىنىڭ روھلاندۇرۇش دورىللىرى،باھنى قۇۋۋەتلەيدىغان كۇمۇلاچلار،كىيىك،توشقان زەدىكى،چېنىقىش ئۈسكۈنىللىرى...قاتارلىقلاركەن...

مەن ئۇنتۇلۇپ قالغان يەرلىرى بولسا باشقا تورداشلار تولدۇرۇپ قويسۇن!

(بوۋاققا شۇنداق كۈچلۈك تاماقلارنى بېرىش ئەقىلسىزلىق،ئەسەبى دۆتلۈك خالاس.كۈچلۈك يىمەكلىكەر بەدەندىكى قاننى قىزىتىپ ،كۆپەيتىپ،بېسىمنى ئاشۇرۇپ  ئۇششاق قان تومۇرلارنى  يېرىۋىتىدۇ.ئۇ بوۋاق  شۇ سۈپەتتە چوڭ بولسا ياراملىق بىر قارا تەلۋىگە ئايلىنىدۇ.مانتا كۆرمىگەن قەلەندە قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۇ دىگەندەك ئىش قىلماي بالىڭىزنى تەبىئى ئوزۇقلىنىشقا قويۇپ بىرەرسىز.ئەمچىكىڭىز يەنە لازىم بولىدۇ).

ياردەم سوراپ تېما يازسا ئادەمگە قېيدىماي بىلگەنلىرىڭىزنى يول كورسەتمەمسىز.سىز دىمەكچى مەن بەرگەن تاماقلار كۈچلۈك كەپ قالغان ،شۇنداقمۇ ؟ئۇنداقتا يىنىكلىرى قايسى ؟تەبىئى ئوزۇقلۇنۇش دىگەن نىمە گەپ ئۇ ؟ھېلىمۇ سىرتنىڭ نەرسىلىرىنى بەرمەيمەن .

enzerbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-6 10:28:21

enzerbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-6 10:30:28

1- قەۋەتتىكى tadubegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ساپ بىھى شەربىتىدىن بىرەر قۇشۇق، نارپىننە شەربىتىدىن بىرەر قۇشۇق، ئۆلچەملىك ياسالغان ئامىلە نۇشدارى دىگەن دورىدىن ئىككى گرام مىقدارىدا بېرىپ بېقىڭ.

نارپىننە شەربىتى بىلەن ئامىلە نۇشدارى شەربىتى دىگەننى قەيەردىن تاپقىلى بولىدۇ ؟

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-6 10:38:10

تۇرۇشلۇق جايىڭىزدىكى تېۋىپلاردىن . ئامىلە نۇشدارى دىگگن شەربەت ئەمەس،ئۇماچتەك دورا.

enzerbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-6 10:40:12

2- قەۋەتتىكى xahla91نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سەي ئەمەس كۆكتات.

بالىڭىزنى تاماقتىن زېرىكتۈرۈپ قويۇپسىز، مايسىزراق، ئاسان ھەزىم بولدىغان تاماقلارنى ئويلىشىپ بېقىڭ! قورسىقىنى بەكراق ئاچۇرۋەتسىڭىز تاماق يىمەي ئامالى يوق. \"\"

مايسىز تاماقنىمۇ بېرىپ باقتىم ،ئوخشاشلا يىمەي تۇرىۋالىدۇ ،چىنە قوشۇقلارنى كۆرگەندىكىنلا قېچىشقا باشلايدۇ ،سۇيۇقئاش ،شوۋگۈرۈشتىنمۇ باشقا يەنە نىمە تاماق ئاسان ھەزىم بولار ؟

enzerbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-6 10:42:09

8- قەۋەتتىكى tadubegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تۇرۇشلۇق جايىڭىزدىكى تېۋىپلاردىن . ئامىلە نۇشدارى دىگگن شەربەت ئەمەس،ئۇماچتەك دورا.

سىزنىڭچە بالامنى ئوزۇقلاندۇرۇشۇمدا مەسىلە بارمۇ ؟

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-11-6 10:42:09

ئالتە ئايلىق بوۋاقنى تاماققا زورلاش ئارتۇقچە. ئانىسىنى بەكرەك ئەمسۇن. كۈندە بىرەر ۋاق يېنىك تاماقلارنى قوشۇمچە قىلىپ قويسا بولىدۇ. مېنىڭ ئوغلۇم يەتتە ئايلىق بولغاندا ئانىسىنىڭ سۈتىگە تويماي بىر نەرسە يەيمەن دەپ تۇرۋېلىپ ئۇبدان يېدى دەپ تاماقنى بېرىۋېرىپتىمىز. ئاندىن ئىچى سۈرۈپ بالنېستا بىر ھەپتە ياتقۇزدۇق.

elikaram يوللانغان ۋاقتى 2013-11-6 10:44:34

5- قەۋەتتىكى enzerbegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى elikaramنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بالىڭىزغا بىرىدىغان يىمەكلىكلەردىن كەم قالغىنى بۆرەك كاۋاپ،ئامېرىكىنىڭ روھلاندۇرۇش دورىللىرى،باھنى قۇۋۋەتلەيدىغان كۇمۇلاچلار،كىيىك،توشقان زەدىكى،چېنىقىش ئۈسكۈنىللىرى...قاتارلىقلاركەن...

مەن ئۇنتۇلۇپ قالغان يەرلىرى بولسا باشقا تورداشلار تولدۇرۇپ قويسۇن!

(بوۋاققا شۇنداق كۈچلۈك تاماقلارنى بېرىش ئەقىلسىزلىق،ئەسەبى دۆتلۈك خالاس.كۈچلۈك يىمەكلىكەر بەدەندىكى قاننى قىزىتىپ ،كۆپەيتىپ،بېسىمنى ئاشۇرۇپ  ئۇششاق قان تومۇرلارنى  يېرىۋىتىدۇ.ئۇ بوۋاق  شۇ سۈپەتتە چوڭ بولسا ياراملىق بىر قارا تەلۋىگە ئايلىنىدۇ.مانتا كۆرمىگەن قەلەندە قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۇ دىگەندەك ئىش قىلماي بالىڭىزنى تەبىئى ئوزۇقلىنىشقا قويۇپ بىرەرسىز.ئەمچىكىڭىز يەنە لازىم بولىدۇ).

ياردەم سوراپ تېما يازسا ئادەمگە قېيدىماي بىلگەنلىرىڭىزنى يول كورسەتمەمسىز.سىز دىمەكچى مەن بەرگەن تاماقلار كۈچلۈك كەپ قالغان ،شۇنداقمۇ ؟ئۇنداقتا يىنىكلىرى قايسى ؟تەبىئى ئوزۇقلۇنۇش دىگەن نىمە گەپ ئۇ ؟ھېلىمۇ سىرتنىڭ نەرسىلىرىنى بەرمەيمەن .

ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئەڭ ياخشى،بوۋاقنىڭ كىچىك ۋاختىدىكى تاللىشى چوڭ بولغاندىكى تاللىشىدۇر.سىز يەڭگىل،ئاسان ھەزىم بولىدىغان تاماقلار بىلەن بوۋىقىڭىزنى ئوزۇقلاندۇرۇڭ.ئۇنداق كۈچلۈك تاماقلارنى،يىمەكلىكلەرنى ئۆزىڭىز يەڭ،سۈتىڭىز كۆپىيىدۇ،ساپلىشىدۇ،ئېرىڭىزنىمۇ ئوبدان رازى قىلالايسىز.

تاس قاپسىز بالىڭىزنى ئۆلتۈرۈپ قويغىلى.دوختۇرغا بېرىپ بوۋاقنىڭ قان-تومۇرلىرىنى تەكشۈرتۈپ بېقىڭ!

ئۇنداق تاماقلارنى،يىمەكلىكلەرنى ئۇ بوۋاق ئۆيلۈك ئوچاقلىق بولغاندىن كىيىن ئۆزى يىسۇن.

ھازىر بىر قىسىم بايلار،باشلىقلار باللىرىنى ئەنە شۇنداق قۇۋۋەتلىك يىمەكلىكلەر بىلەن زورلاپ بېقىپ باللىرىنىڭ بالدۇر يىتىلىپ بالدۇر يولدىن چىقىپ كىتىشىگە سەۋەپ بولىۋاتىدۇ.سىز بالىڭىزنى قانداق بېقىشنى قايتا ئويلىنىڭ.

enzerbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-6 10:46:46

11- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئالتە ئايلىق بوۋاقنى تاماققا زورلاش ئارتۇقچە. ئانىسىنى بەكرەك ئەمسۇن. كۈندە بىرەر ۋاق يېنىك تاماقلارنى قوشۇمچە قىلىپ قويسا بولىدۇ. مېنىڭ ئوغلۇم يەتتە ئايلىق بولغاندا ئانىسىنىڭ سۈتىگە تويماي بىر نەرسە يەيمەن دەپ تۇرۋېلىپ ئۇبدان يېدى دەپ تاماقنى بېرىۋېرىپتىمىز. ئاندىن ئىچى سۈرۈپ بالنېستا بىر ھەپتە ياتقۇزدۇق.

مەن تاماق بەرسەممۇ شۇ ئاران 3 تال چۆچۈرە،كىچىك پىيالىدە يېرىم پىيالە سۇيۇقئاش دىگەندەكلەر ،بۇنىڭدىنمۇ جىق  بەرمەيمەن .تۆت يېرىم ئايلىق بولغاندىن باشلاپ بىر قوشۇقتىن بېرىشكە باشلاپ ھازىر ئاستا ئاستا مۇشۇنچىلىك يەيدىغان بولغان .تۆت يېرىم ئايلىق بولۇشتىن ئىلگىرى تاماق بەرمىگەن.

enzerbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-6 10:50:19

12- قەۋەتتىكى elikaramنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

5- قەۋەتتىكى enzerbegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى elikaramنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بالىڭىزغا بىرىدىغان يىمەكلىكلەردىن كەم قالغىنى بۆرەك كاۋاپ،ئامېرىكىنىڭ روھلاندۇرۇش دورىللىرى،باھنى قۇۋۋەتلەيدىغان كۇمۇلاچلار،كىيىك،توشقان زەدىكى،چېنىقىش ئۈسكۈنىللىرى...قاتارلىقلاركەن...

مەن ئۇنتۇلۇپ قالغان يەرلىرى بولسا باشقا تورداشلار تولدۇرۇپ قويسۇن!

(بوۋاققا شۇنداق كۈچلۈك تاماقلارنى بېرىش ئەقىلسىزلىق،ئەسەبى دۆتلۈك خالاس.كۈچلۈك يىمەكلىكەر بەدەندىكى قاننى قىزىتىپ ،كۆپەيتىپ،بېسىمنى ئاشۇرۇپ  ئۇششاق قان تومۇرلارنى  يېرىۋىتىدۇ.ئۇ بوۋاق  شۇ سۈپەتتە چوڭ بولسا ياراملىق بىر قارا تەلۋىگە ئايلىنىدۇ.مانتا كۆرمىگەن قەلەندە قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۇ دىگەندەك ئىش قىلماي بالىڭىزنى تەبىئى ئوزۇقلىنىشقا قويۇپ بىرەرسىز.ئەمچىكىڭىز يەنە لازىم بولىدۇ).

ياردەم سوراپ تېما يازسا ئادەمگە قېيدىماي بىلگەنلىرىڭىزنى يول كورسەتمەمسىز.سىز دىمەكچى مەن بەرگەن تاماقلار كۈچلۈك كەپ قالغان ،شۇنداقمۇ ؟ئۇنداقتا يىنىكلىرى قايسى ؟تەبىئى ئوزۇقلۇنۇش دىگەن نىمە گەپ ئۇ ؟ھېلىمۇ سىرتنىڭ نەرسىلىرىنى بەرمەيمەن .

ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئەڭ ياخشى،بوۋاقنىڭ كىچىك ۋاختىدىكى تاللىشى چوڭ بولغاندىكى تاللىشىدۇر.سىز يەڭگىل،ئاسان ھەزىم بولىدىغان تاماقلار بىلەن بوۋىقىڭىزنى ئوزۇقلاندۇرۇڭ.ئۇنداق كۈچلۈك تاماقلارنى،يىمەكلىكلەرنى ئۆزىڭىز يەڭ،سۈتىڭىز كۆپىيىدۇ،ساپلىشىدۇ،ئېرىڭىزنىمۇ ئوبدان رازى قىلالايسىز.

تاس قاپسىز بالىڭىزنى ئۆلتۈرۈپ قويغىلى.دوختۇرغا بېرىپ بوۋاقنىڭ قان-تومۇرلىرىنى تەكشۈرتۈپ بېقىڭ!

ئۇنداق تاماقلارنى،يىمەكلىكلەرنى ئۇ بوۋاق ئۆيلۈك ئوچاقلىق بولغاندىن كىيىن ئۆزى يىسۇن.

ھازىر بىر قىسىم بايلار،باشلىقلار باللىرىنى ئەنە شۇنداق قۇۋۋەتلىك يىمەكلىكلەر بىلەن زورلاپ بېقىپ باللىرىنىڭ بالدۇر يىتىلىپ بالدۇر يولدىن چىقىپ كىتىشىگە سەۋەپ بولىۋاتىدۇ.سىز بالىڭىزنى قانداق بېقىشنى قايتا ئويلىنىڭ.

سۇيۇقئاش ،شوۋىگۈرۈشتىنمۇ يىنىك تاماق قايسى ؟

قوناق ئۇنى بىلەن بۇغداي ئۇنى ئارلاشتۇرۇلغان بۇلماق بېرىشنى تېۋىپلاردىن مەسلىھەت سوراپ ئاندىن بېرىشكە باشلىغان ،بىر ئايچە بولغان.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-6 10:53:23

ئۇزۇقلاندۇرىشىڭىزدا مەسىلە يوق، كىچىككىنە تەكلىپ: ھازىرچە قوناق ئۇنى بەرمەي تۇرۇڭ.

ئاندىن قۇرۇپ پىشقان كاكچا نان، بىر كاكچا نانغا بەش تال بادام، ئىككى تال ياڭاق، مۇۋاپىق شىكەر،تاپالىسىڭىز ئامىلە نۇش جەۋھىرىدىن بىر بولاق، نارپىننە جەۋھىرىدىن بىر بولاق،سەل قەۋزىيەت بولۇپ قالسا ئازراق يانتاق شىكىرى ئارىلاشتۇرۇپ، يۇمشاق سوقتۇرۇپ شۇنى بۇلماق ئورنىدا يىگۈزۈپ بېرىڭ. مەن ۋە مەن بىلىدىغانلار شۇنداق قىلىمىز. ئامىلە نۇش جەۋھىرى بىلەن نارپىننە جەۋھىرىنى ئىشتىھاسى ياخشى ئەمەس بوۋاقلارغا قوشىدۇ ئادەتتە.

enzerbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-6 10:55:41

elikaramدىگەن تورداشنىڭ يازغان ئىنكاسىنىڭ نىمە ئاساسى بار ؟

enzerbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-6 10:58:21

15- قەۋەتتىكى tadubegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇزۇقلاندۇرىشىڭىزدا مەسىلە يوق، كىچىككىنە تەكلىپ: ھازىرچە قوناق ئۇنى بەرمەي تۇرۇڭ.

ئاندىن قۇرۇپ پىشقان كاكچا نان، بىر كاكچا نانغا بەش تال بادام، ئىككى تال ياڭاق، مۇۋاپىق شىكەر،تاپالىسىڭىز ئامىلە نۇش جەۋھىرىدىن بىر بولاق، نارپىننە جەۋھىرىدىن بىر بولاق،سەل قەۋزىيەت بولۇپ قالسا ئازراق يانتاق شىكىرى ئارىلاشتۇرۇپ، يۇمشاق سوقتۇرۇپ شۇنى بۇلماق ئورنىدا يىگۈزۈپ بېرىڭ. مەن ۋە مەن بىلىدىغانلار شۇنداق قىلىمىز. ئامىلە نۇش جەۋھىرى بىلەن نارپىننە جەۋھىرىنى ئىشتىھاسى ياخشى ئەمەس بوۋاقلارغا قوشىدۇ ئادەتتە.

يانتاق شىكىرىنى كىچىك ۋاقتىدا ئىچسە ياش چوڭايغاندا سىيەلمەيدىغان كىسەل بولۇپ قالىدۇ دەپ ئاڭلاپ ئۇنى بەرمىگەنتىم.

elikaram يوللانغان ۋاقتى 2013-11-6 10:58:48

بالىڭىزنى مۆتىدىل يىمەكلىكلەر بىلەن بېقىڭ،ئاز-ئازدىن مىۋە سۈيى ئىچكۈزۈڭ.بىراقلا كۆپ يىگۈزمەڭ.ھېچنەرسىگە زورلىماڭ.مۇشۇنداق قىلسىڭىز مىجەزى بىر مەزگىلدىن كىيىن ئۆزلىكىدىن تەڭشىلىدۇ.

ھازىر كۈچلۈك تاماقلار ئىشتىيىنى تۇتۇۋاپتۇ.يەڭگىل،مۆتىدىل تائاملار بالىڭىزنى ئۆز تەبىئىتىگە قايتتۇرىدۇ.خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئاز-ئازدىن پۇرۇتۇڭ،بۇرنىغا تېڭىپ قويماڭ،كوپ پۇراتماڭ،يېنىدا ئۇزۇن قويماڭ.ساپ ھاۋادا كۆپرەك نەپەسلەنسۇن.(بۇ پەيلىڭىزدە كۆز تەگمىسۇن دەپ،سوغۇق ئۆتۈپ كىتىدۇ دەپ بالىڭىزنى قاتمۇ قات ئوراپ تالاغىمۇ ئېپچىقىپ باقمىغان ئوخشايسىز؟)

مۇشۇ خىل ئوزۇقلاندۇرۇش،پەرۋىش قىلىش بىر مەزگىل داۋاملاشسا بالىڭىز تىزلا ئەسلىگە قايتىدۇ.
بەت: [1] 2 3
: ئوغلۇم تاماق يىمەس بولىۋالدى ،قانداق قىلىمەن ؟