baxtax يوللانغان ۋاقتى 2013-11-5 20:45:40

ئانا تىل -ئۇيغۇر تىلى تور بېتىنىڭ يانفون نۇسخسىسى ئېلان قىلىندى[كۆچۈرۈلمە]

ئانا تىل -ئۇيغۇر تىلى تور بېتىنىڭ يانفون نۇسخسىسى ئېلان قىلىندى




ئانا تىل -ئۇيغۇر تىلى تور بېتى قۇرۇلغىلى 1 يىلدىن ئېشىپتۇ، بۇ جەرياندا نۇرغۇن تورداشلار ۋە قېرىنداشلار ئىزچىل قوللاپ، ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك پىكىر- تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ياردەملەرنى قىلدى. بۇ يەردە مەن بارلىق قېرىنداشلارغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن.



تور بەت قۇرۇلغاندىن بۇيان بەزى ئىشلارنى قىلىشنى ئويلاشقان ۋە قېرىنداشلار، دوستلار ئوتتۇرىغا قويغان ، تەلەپ قىلغان تەرەپلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئويلىغان بولساقمۇ، ئايرىم سەۋەبلەر تۈپەيلى قىلىش ۋە روياپقا چىقىرىش مۇمكىن بولمىدى. بۇ ئىشلارمۇ ئاستا-ئاستا ئىزىغا چۈشەر.



ئانا تىل -ئۇيغۇر تىلى تور بېتى قۇرۇلغاندىن باشلاپلا نۇرغۇن قوللىغۇچىلىرىمىز جۈملىدىن ئانا تىلغا كۆڭۈل بولىدىغان قېرىنداشلىرىمىز تېلېفون نۇسخىسىنى ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تېخنىكا كەمچىللىكى سەۋەبلىك بۇ مەسىلە ھەل قىلىنماي كەلگەن ئىدى. مانا 10 كۈن بۇرۇن دەسلەپكى سىناق نۇسخىسى ئېچىلىپ، بۈگۈن بۇ ئىشنىڭ ھەقىقىي نەتىجىسى چىقتى. بۇ تېمىنى يېزىشتىكى مەقسەت ئۇزۇندىن بىرى ئانا تىل -ئۇيغۇر تىلى تور بېتىنى قوللىغان ۋە تېلېفون نۇسخىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن، بىزگە نۇرغۇن ئېسىل ، قىممەتلىك پىكرلەرنى بەرگەن تورداشلارغا ئۇچۇر دەۋرىگە ماسلاشقان ئانا تىل -ئۇيغۇر تىلى تور بېتىنىڭ تېلېفون نۇسخىسىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش.



نۆۋەتتە ئانا تىل - ئۇيغۇر تىلى تور بېتىنىڭ ئادرېسى http://www.anatil.org نى تېلىفۇندا ئاچسا ئاپتوماتىك يانفون بېتىگە ئالمىشىدۇ. كومپىيۇتېردا ئاچسا ھەم ئاپتوماتىك كومپيۇتېر نۇسخىسى ئېچىلىدۇ، ئاۋارىچىلىقنى ئازايتىش ئۈچۈن تېلېفون ياكى كومپىيۇتېردا ئىككى نۇسخىنى ئالماشتۇرۇش ئويلىشىلمىدى.



ئەمدىكى گەپ تېلېفون نۇسخىسى پۈتكەندىن كېيىن ھەرقانداق يانفوندا نورمال كۆرسىتىش، ھازىر مەن سىنىغان تېلېفونلاردا ئاساسەن نورمال كۆرۈندى، باشقا مەسىلىلەر بولسا، قېرىنداشلار ئوتتۇرىغا قويسا ئىمكانقەدەر تۈزىتىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.



ئانا تىل - ئۇيغۇر تىلى تور بېتىنىڭ ئادرېسى: http://www.anatil.org



tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-6 09:51:15

نورمال،سۈرئىتىمۇ تىز،مەسىلە بايقىمىدىم.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-11-6 14:05:34

تور بەتنىڭ خەت نۇسخىلىرى بىردەك ئەمەس، ياكى شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلغانمۇ بىلمىدىم. مېنىڭ ئىشلەتكىنىم IE8
بەت: [1]
: ئانا تىل -ئۇيغۇر تىلى تور بېتىنىڭ يانفون نۇسخسىسى ئېلان قىلىندى[كۆچۈرۈلمە]