tashpolatrozi يوللانغان ۋاقتى 2013-11-5 13:15:58

تاشپولات: بوۋاق بالىياتقۇ ئىچىدىمۇ سىرتقى دۇنيادىكى ئاۋازنى ئاڭلاپ ئۆگىنىش قىلال

بوۋاق بالىياتقۇ ئىچىدىمۇ سىرتقى دۇنيادىكى ئاۋازنى ئاڭلاپ ئۆگىنىش قىلالايدىكەن



تاشپولات روزى








       بۇ ماقالە ئىلمى ژۇرنال
"PLOS ONE" دا ئېلان قىلىنغان. ھامىلدار بولۇپ تۇغۇشقا ئاز قالغان 24
ئايالنىڭ تەڭ يېرىمگە، ھەپتىسىگە 5 كۈن ئامېرىكانىڭ ئەللەي بالام ناخشىسى
چاقنىغان كىچىك يۇلتۇز (Twinkle Twinkle Littele Star) دىكى مۇزىكىنى
ئاڭلىتىپ تەجرىبە قىلغان. بۇ ئاياللار بوۋاقنى تۇغقاندىن كېيىن، مۇزىكىنى
ئاڭلاپ تۇغۇلغان بالىلار بىلەن مۇزىكىنى ئاڭلىماي تۇغۇلغان بالىلارنىڭ مېڭە
دولقۇننى ئۆلچىگەن. مۇزىكىنى ئاڭلاپ تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ مۇزىكىغا بولغان
ئىنكاسى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان. بۇ دېگەنلىك بوۋاق بالىياتقۇ سىرتىدىكى
ئاۋازنى ئاڭلاپ ئۆگىنىش قىلالايدۇ دېگەندىن ئىبارەت ئىكەن.

      بۇ قېتىم ئېرىشكەن نەتىجىدىن، بوۋاقنىڭ بالدۇرلا ئۆگىنىش
قابىلىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىشكە بولىدىكەن. ھەمدە بۇ نەتىجە بوۋاق
ئۆگەنگەن نەرسىنى مېڭىسىدە ئۇزۇن مۇددەت ساقلاپ قالالايدىغانلىقىنىمۇ
ئىپادىلەپ بېرىدىكەن.

   بىزلەر كىچىك ۋاقتىمىزدا ئانىمىزنىڭ ئەللەي بالام دېگەن ناخشىلىرىنى
ئاڭلاپ چوڭ بولغان بولساقمۇ قورساق ئىچىدە ئۇ ناخشىلارنى قانچىلىك ئاڭلىدۇق
ئۇ ماڭا نامەلۇم. قانداقلا بولمىسۇن ھازىرقى ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ئىلمى
ئۇسۇلدا تەربىيىلىشى بۇ ئارقىلىق دۇنياغا ھەم مىللىتىمىزگە ياراملىق،
قابىلىيەتلىك بوۋاقلارنى كۆپ يېتىلدۈرۈپ بېرىشى لازىم.

         تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كوپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشىسىز.




http://news.sciencemag.org/brain-behavior/2013/08/babies-learn-recognize-words-womb



تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن ئامېرىكانىڭ ئەللەي ناخشىسىنى ئاڭلىيالايسىز.



http://vimeo.com/53070294

elikaram يوللانغان ۋاقتى 2013-11-5 17:00:40

مەنى تۆكۈلۈپ 40 كۈندىن كىيىن جان بولىدۇ،جان بولغان ئىكەن ھاياتلىق دىگەن گەپ.ئەنە شۇ 40 كۈندىن كىيىن ياشاش ئۈچۈن كۆرەشكە ئاتلىنىدىغان گەپ؟

ayalman77 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-5 20:58:35

ayalman77 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-5 21:01:39

apsana123 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-6 08:17:12

2- قەۋەتتىكى ayalman77نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھازىرغىچە ھەيران قالىدىغان ئىشتىنبىرسى بار ئىدى.

بىرىنچى بالامغا ھامىلدار بولۇپ ،ئاي- كۈنۈم توشاي دەپ قالغاندا، بىچاۋدا تەكشۈرەتسەم ئوقىنى 3 قېتىم يۆگىۋاپتۇ، دىگەن ئىدى. 预算期غا 22كۈن قالغاندا، باش سۈيى يېرىلىپ كېتىپتۇ دىيىشتى. شۇنىڭ بىلەن تەجرىبىلىك تۇغۇت دوختۇرىنىڭ ئامبىلاتورىيەسىدە،引产قىلىپ ، بالام تۇغۇلدى. بالام تۇغۇلغاندا كۆزىنى پەقەت ئاچمىغان، باشقا بالىلاردەك يىغلاپمۇ كەتمىگەن، پەقەت قويلار مەرىگەندەك بىر ئىككىنى توۋلاپ قويۇپلا جىم ياتقان. ئامبىلاتۇرىيەنىڭ شارائىتى ياخشى بولمىغاچقا، ئەتىسى ئەتىگەندە ئۆيگە چىقىپ كەتكەن ئىدۇق.

ئۆيگە چىقىپ بالىنى يۆگەككە ياتقۇزۇپ قويۇپ، بىر دەمدىن كېيىن قارىسام، كۆزى ئېچىلمىغان بالا ھە دەپ كۈلۈپ كېتىپتۇ. بۇنداق ئىش بىرقانچە قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن ئاپامغا « ئاپا قارا ماۋۇ بالا كۈلۈۋاتىدۇ. ۋاي توۋۋا بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغاچقا، ئۆزىنىمۇ ئاچمىغان تۇرسا، سۈت ئىمىشنىمۇ بىلمىسە، كۈلۈشنى قانداق بىلىدۇ؟» دىسەم ئاپام« جىم تۇر بالىنى پەرشتىلەر ئەركىلىتىۋاتىدۇ » دىگەن ئىدى.

بۇنى ئىشنى ئامرىكا ئالىملىرى قانداق چۈشەندۈرەر؟



بالىڭىز قارىغاندا ناھايتتى ئىچ مىجەز ۋە ناھايتتى پىكىرلىك ۋە تۇغۇلما تەپەككۇرلۇق تۇغۇلغان ئوخشىمامدۇ . ھازىرچۇ ، بالىڭىزنىڭ ئەھۋالى باشقا بالىلارغا قارىغاندا باشقىچە ئەھۋال بارمۇ ؟

ayalman77 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-6 19:42:06

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-11-6 20:15:26

ھېكايە ئوقۇپ بەرسە ئىنكاس قايتۇرىدىكەن.
بەت: [1]
: تاشپولات: بوۋاق بالىياتقۇ ئىچىدىمۇ سىرتقى دۇنيادىكى ئاۋازنى ئاڭلاپ ئۆگىنىش قىلال