nazugum يوللانغان ۋاقتى 2013-11-5 09:07:14

بالىلىرىمىز تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرگە مۇھتاج

بالىلىرىمىز تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرگە مۇھتاج


تۇرسۇنمۇھەممەت پەخرىدىن، ئېزىزجان خۇدابەردى



(سۆھبەت خاتىرىسى)





سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم تۇرسۇن مۇھەممەد پەخرىدىن ئاكا! سىز ئۇيغۇر
ئەدەبىياتىدىكى ئاجىز ساھە بولغان بالىلار ئەدەبىياتىغا بىر ئۆمۈر يۈرەك قېنىڭىزنى
سەرپ قىلىپ، بىر تۈركۈم ئېسىل ئەسەرلىرىڭىز ئارقىلىق بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر بالىلار
ئەدەبىياتىمىزنىڭ رەڭدار باغچىسىغا ھۆسن قوشتىڭىز ھەمدە نەشرىياتچىلىق
ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى سىلجىتىشتا سەمەرىلىك ئەمگەكلەرنى ئىشلەپ، بۇ ساھەدىمۇ
بەلگىلىك تۆھپە ياراتتىڭىز. سىزنىڭ ئەدەبىياتقا ئىشتىياق باغلىشىڭىزغا چۆچەكچى بوۋا
- مومىلىرىڭىز تەسىر كۆرسەتكەنمۇ ياكى باشقا سەۋەبلەر بارمۇ؟





جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئۇكام ئېزىزجان، مەن 1934- يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ
توغرىكۆۋرۈك مەھەللىسىدە ئۇششاق تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغانىكەنمەن. شۇنىڭدىن
تارتىپ 1941- يىلىغىچە ئائىلە تەربىيەسىدە بوپتىمەن. شۇ چاغدىكى بىر ئىش زادى
ئېسىمدىن چىقمايدۇ: 1940- يىلىنىڭ بىر كۈز كۈنى، دادام مېنى يېتىلەپ غۇلجا شەھەرلىك
5 - مەكتەپكە («ئۈمىد» مەكتەپ) ئېلىپ باردى. بۇ ئوقۇشقا يېڭىدىن كىرىدىغان
بالىلارنى تىزىملاۋاتقان كۈن ئىدى، بىز ئوقۇشقا تىزىملاۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ
ئالدىغا باردۇق.


−− بالا بىر ئاز كىچىككەن، يېشى سەككىزگە تولمىسا قوبۇل
قىلالمايمىز، −− دېدى بىر ئوقۇتقۇچى.


دادام خېلى بىرنېمىلەرنى دەپ باقتى.
ئوقۇتقۇچى: «ئامالسىزمىز، بۇ مەكتەپ تۈزۈمى. كېلەر يىلى چوقۇم قوبۇل قىلىمىز» دەپ
تۇرۇۋالدى. ئۆپكەم ئۆرلەپ كۆزلىرىمگە ياش كەلدى. دادام مېنى بەزلەپ ئۆيگە ئېلىپ
كەتتى، شۇ كۈنىلا دادام ماڭا سومكا، دەپتەر، قېرىنداش، ھەتتا »ئېلىپبە« ئەكېلىپ
بەردى. بۇلارنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بىرئاز ئېچىلدى. ئەتە - ئاخشاملىرى »ئېلىپبە«
كىتابىدىن بەزى ھەرپلەرنى دادامدىن سوراپ ئۆگىنىپ، بەزى خەتلەرنى ئوقۇيالايدىغان
بولدۇم. كېيىنكى يىلى 5 - مەكتەپنىڭ 1 - سىنىپىغا كىرىپ رەسمىي ئوقۇشنى
باشلىۋەتتىم. مەن مانا شۇ چاغلاردىلا چۆچەك، قوشاق، تېپىشماق ئاڭلاشقا ئامراق
ئىدىم. دادام كىتابخۇمار ئادەم ئىدى. ھەر كۈنى گېزىت - ژۇرنال ياكى كىتاب ئوقۇپ
تۇراتتى، ئوقۇغانلىرىدىن سۆزلەپ بېرەتتى. مومام ماڭا چۆچەكلەرنى ئېيتىپ بېرەتتى.
يېزىدا بىر نەۋرە ئاكام بار ئىدى. ئۇ چۆچەك، بېيىت، تېپىشماقلارغا بەك ئۇستا ئىدى.
ئۇمۇ بىزگە نۇرغۇن چۆچەكلەرنى ئېيتىپ بېرىدىغان. ئۇ چۆچەك، داستانلارنى شۇنداق
تەبىئىي ئېيتاتتىكى، ئاۋازلىرىنى ھەر خىل چىقىرىپ، ھەر خىل ھايۋانلارنى دورايتتى،
پېرسوناژلار بوۋاي بولسا بوۋايچە، بالا بولسا بالىچە سۆزلەپ بىزنى ئۆزىگە قاتتىق
رام قىلىۋالاتتى. ھەتتا «تاھىر - زۆھرە»، «غېرىب - سەنەم» داستانلىرىدىكى
بېيىتلارنى ئاھاڭلىرى بىلەن ئېيتىپ بېرەتتى. مەكتەپتە بولسا تىل - ئەدەبىيات
مۇئەللىمىمىز دەرسنى قىزىقارلىق ئۆتەتتى. شېئىر، ھېكايە، مەسەللەرنى سۆزلەپ
بېرەتتى. ئاستا - ئاستا ساۋاتىم چىقىپ، ئۆزۈممۇ دادام ئېلىپ كەلگەن گېزىت -
ژۇرناللارنى ئوقۇپ تۇراتتىم. مانا بۇ مېنىڭ ئەدەبىياتقا، ئەدەبىي ئەسەرلەرگە بولغان
قىزىقىشىمنى ئاشۇرغان خېمىرتۇرۇچ. دەم ئېلىش ۋە تەتىل كۈنلىرىم كىتابسىز ئۆتمىدى،
بۇ مېنىڭ دەسلەپكى يېزىقچىلىق مەشىقلىرىمگە ئاساس بولدى.





سوئال: سىز ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قاچان كىرىشكەن؟ تۇنجى ئەسىرىڭىزنى يېزىشقا
نېمە تۈرتكە بولغان؟





جاۋاب: مەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققان چاغلىرىمدا تىل - ئەدەبىيات
دەرسىگە، جۈملىدىن ئەدەبىي ئەسەرلەرگە تېخىمۇ قىزىقىپ قالدىم. مېنىڭ بۇ قىزىقىشىمغا
يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك ئالدى بىلەن ئائىلە مۇھىتىمىز، ئاندىن مەكتەپ چوڭ
تەسىر كۆرسەتتى. مەكتەپ چوڭ تەسىر كۆرسەتتى دېيىشىمدىكى سەۋەب، شۇ چاغلاردا بىزگە
تىل - ئەدەبىيات دەرسىنى دەسلەپتە كېۋىر نىياز مۇئەللىم، كېيىن خۇدابەردى تالىپ
مۇئەللىم ئۆتتى. ھەر ئىككىلىسىلا شۇ چاغدىكى ئىلىدىكى يازغۇچى، شائىرلار قاتارىدىن
ئورۇن ئالغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن ئۇلار تىل - ئەدەبىيات دەرسىنى ناھايىتى
جانلىق، قىزىقارلىق ئۆتەتتى. دەرسكە بىرلەشتۈرۈپ شېئىر، ھېكايىلەرنى ئوقۇپ بېرەتتى.
ئەسەر ئاپتورلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇراتتى. شېئىرلارنى يادلاپ كېلىشكە بېرەتتى،
سىنىپتا ياكى يىغىلىشلاردا شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلدۇراتتى. شېئىر ۋە باشقا
ژانىردىكى ئەسەرلەرنى مەشىق قىلىپ يېزىشقا ئۇيۇشتۇراتتى. كېۋىر نىياز مۇئەللىمنىڭ
ئوتلۇق شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ «چىن مودەن» دىرامىسىنى، خۇدابەردى تالىپ
مۇئەللىمنىڭ ئۇلۇغ رۇس يازغۇچىسى لېف. تولىستوينىڭ «كاۋكاز ئەسىرى» دېگەن پوۋېستىنى
ئوقۇپ بەرگەنلىكى ھېلىمۇ ئېسىمدە. كېۋىر نىياز مۇئەللىم 1949- يىلى بىز تولۇقسىز
ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگىتىدىغان يىلى −− مەشىق قىلپ يازغان شېئىرلىرىمىزنى توپلاپ،
تەھرىرلەپ شىپوگىرافتا باستۇرۇپ «ئەستىلىك» دېگەن نام بىلەن چىقارغان ئىدى. مانا
شۇنداق بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر مېنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان ھەۋىسىمنى تەدرىجىي
كۈچەيتكەن ئىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن بەزى شېئىرلارنى مەشىق قىلىپ يېزىپ
تۇردۇم.


مانا شۇلارنىڭ بىرى «چاۋشيەن ئوغلىغا» دېگەن شېئىرىم. مەن بۇ شېئىرنى
يازغان چېغىمدا «ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش
ھەرىكىتى» مەملىكىتىمىزدە تازا دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈۋاتقان مەزگىل ئىدى. مەن جۇڭگو -
چاۋشيەن خەلقلىرىنىڭ قان بىلەن يۇغۇرۇلغان دوستلۇقىدىن ئىلھاملىنىپ ئاشۇ شېئىرنى
يېزىپ چىقتىم. بۇ شېئىر شۇ چاغدا يەنى 1951- يىلىنىڭ بېشىدا «ئىلى گېزىتى» دە
بېسىلىپ چىقتى. بۇ ئىش ماڭا چوڭ ئىلھام بولدى. ئاڭلىغان - بىلگەنلەر مېنى
تەبرىكلەشتى. شۇنىڭدىن باشلاپ شېئىر يېزىشنى توختاتمىدىم. 1951- يىلى 2 - ئايدا
شىنجاڭ ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كەلدۇق. تەلىپىمىزگە ئاساسەن، مەكتەپ بىزگە تىل -
ئەدەبىيات سىنىپى ئېچىپ بەردى، مۇئەللىملەرنى تولۇقلىدى. شۇنىڭ بىلەن دەرسلىرىمىز
يۈرۈشۈپ كەتتى. مەنمۇ باشقا ساۋاقداشلىرىم قاتارى ئۈرۈمچىدە چىقىدىغان گېزىتلەرگە
يازغان شېئىرلىرىمنى ئەۋەتىپ ئېلان قىلدۇرۇپ تۇردۇم. ئىنستىتۇتنى پۈتكۈزۈپ خىزمەتكە
چىققاندىن كېيىن «بىزنىڭ قانۇن»، «بەخت قوشىقى»، «بۈيۈك بەختىم»، «چىن قەلبتىن»
دېگەنگە ئوخشاش شېئىرلارنى يازدىم. بۇلارنىڭ ھەممىسى گېزىت - ژۇرناللاردا بېسىلدى. «بەخت قوشىقى» دېگەن شېئىرىم 1955- يىلى 10- ئاينىڭ 1 - كۈنى چىققان، شىنجاڭ ئۇيغۇر
ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىغا بېغىشلاپ چىقىرىلغان «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ مەخسۇس
سانىغا بېسىلىپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ شېئىرىم يەنە بېيجىڭدا چىقىدىغان «مىللەتلەر»
ژۇرنىلىنىڭ خەنزۇ، ئۇيغۇر، موڭغۇل، زاڭزۇ، چاۋشيەن، قازاق تىللىرىدىكى سانلىرىدا
ئېلان قىلىندى.





سوئال: سىز بالىلار ئەسەرلىرى ئىجادىيىتى بىلەن قاچاندىن باشلاپ
شۇغۇللانغان؟ دەسلەپكى چاغلاردا بالىلار ئەدەبىياتى ژانىرىنىڭ ئەھۋالى ۋە
ئەدەبىياتىمىزدا تۇتقان ئورنى قانداق ئىدى؟





جاۋاب: بالىلار ھەققىدە مەن دەسلەپتە بەزى شېئىرلارنى يېزىپ باققان. بالىلار
ئەدەبىياتى ئىجادىيىتى بىلەن 1954- يىلىدىن باشلاپ رەسمىي شۇغۇللاندىم. بۇنداق
بولۇشنىڭ سەۋەبى، 1954- يىلىنىڭ بېشىدا مېنى ئۆلكىلىك 2 - دارىلمۇئەللىمىندىن
شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىغا يۆتكەپ كەلدى. شۇ چاغدىن باشلاپ خەلق نەشرىياتىنىڭ دەرسلىك
بۆلۈمىدە ئىشلەشكە باشلىدىم. دەرسلىك بۆلۈمىدە ئىككى گۇرۇپپا بار ئىدى. بىر گۇرۇپپا
ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ، يەنە بىر گۇرۇپپا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكىنى
تۈزەتتى. مەن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىس مەشھۇر ئېلىباقىيېۋنىڭ
ئۇستازلىقىدا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ «ئېلىپبە»، «ئانا تىل»، «ئوقۇش كىتاب» لىرىنى
تۈزۈشكە كىرىشتىم. دەرسلىكلەرنى شۇ چاغلاردا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلتۈرۈلگەن
كىتابلارغا ئوخشىتىپ تۈزۈش، لېكىن كىتابقا كىرگۈزۈلىدىغان تېكىستلەرنى تاللاشتا
ئۆزىمىزنىڭكىنى ئاساس قىلىش پىرىنسىپى بويىچە ئىش ئېلىپ باردۇق. بىر كۈنى م.
ئېلىباقىيېف ماڭا: «3 - سىنىپ ئوقۇش كىتابىغا ۋەتەن ھەققىدە ياخشىراق بىر شېئىر
كېرەك. ئىزدەشتۈرۈپ بېقىڭ» دېدى. ۋەتەن ھەققىدە بىزدىكى ئۇيغۇر شائىرلىرى يازغان
شېئىرلاردىن ئىككى - ئۈچنى تاللاپ مەشھۇركامغا بەرسەم، ئوقۇپ كۆرۈپ ياراتمىدى.
شۇنىڭ بىلەن بۇ شېئىرنى تېيىپجان ئېلىيېفقا زاكاز قىلدۇق. شائىر تېيىپجان ئېلىيېف «ئانا تۇپراق» ناملىق شېئىر يېزىپ ئەكېلىپ بەردى. بۇ شېئىرنى 3 - سىنىپ ئوقۇش
كىتابىنىڭ 1 - بېتىگە بەردۇق. مۇشۇ بىر ئەھۋالدىن شۇ چاغدا ئۇيغۇر بالىلار
ئەدەبىياتىنىڭ ئىنتايىن ئاجىز ھالقا ئىكەنلىكىنى، بالىلار ھەققىدىكى شېئىرلارنىڭ
بەك قىس ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. راست دېگەندەك 1950- يىللارنىڭ
ئوتتۇرىلىرىغىچە بىزدە مەخسۇس بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرى يوق ئىدى. بالىلار
ئۈچۈن يېزىلغان ئەسەرلەر يوقنىڭ ئورنىدا ئىدى. بار ئەسەرلەرنىڭمۇ سۈپىتى يۇقىرى
ئەمەس ئىدى، شائىر تېيىپجان ئېلىيېف 1956- يىلى 10- ئايدا «شىنجاڭ ئەدەبىيات -
سەنئىتى» (ھازىرقى «تارىم») ژۇرنىلىنىڭ 10- سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئەدەبىياتىمىزنىڭ بۈگۈنىگە نەزەر» دېگەن ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئومۇمىي
ئەھۋالى ئۈستىدە كەڭرى توختىلىپ كېلىپ: «... ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى ھەققىدە سۆز
ئېچىش تولىمۇ كۆڭۈلسىز. داۋۇت تۇرەخمەتوف، تۇرسۇنمۇھەممەد پەخرىدىن، كېۋىر
نىيازلارنىڭ بىرنەچچە شېئىرلىرىدىن باشقا ھېچنېمە يوق. بارلىرىمۇ ئانچە ياخشى
ئەمەس، بالىلىرىمىزنىڭ تەلىپىنى قاندۇرالمايدۇ...» دەپ يازغانىدى. ئەھۋال راستتىنلا
شۇنداق ئىدى. بەزى تەرجىمە ئەسەرلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۆزىمىزنىڭ ئاپتورلىرى
يازغان بالىلار ئەسەرلىرى بەكلا ئاز ئىدى. دەرسلىكلەرگە، بولۇپمۇ باشلانغۇچ مەكتەپ
ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تىل - ئەدەبىيات ئوقۇشلۇقلىرىغا ئۆزىمىزنىڭ
يازغۇچى - شائىرلىرى يازغان ئەسەرلەرنى تاپالمايتتۇق، تېپىلغانلىرىمۇ تەلەپكە
ئۇيغۇن كەلمەيتتى. مەن شۇ چاغلاردا ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ ئىنتايىن ئاجىز
ھالقا ئىكەنلىكىنى، بالىلار ھەققىدە يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكىنى
ئېنىق تونۇپ يەتتىم. بۇ ھال مېنى قاتتىق ئويغا سېلىپ قويدى. بىر كۈنى مەشھۇركام
ماڭا: «ئۇكام، ئاڭلىسام سىزمۇ بەزى شېئىرلارنى يازغان ئىكەنسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە تىل
- ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇپسىز. شۇنداق بولغاندىن كېيىن سىزمۇ يازمامسىز» دەپ قالدى،
بۇ گەپ بىلەن جۈرئەتلىنىپ بالىلار ئۈچۈن بەزى شېئىرلارنى يېزىپ باقتىم. شۇ
شېئىرلىرىمدىن «داھىيغا»، «ماي خاتىرىسى» دېگەن شېئىرلىرىم باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ
ئوقۇش كىتابلىرىغا كىرگۈزۈلدى. «ئەلاچى سىنىپ»، «مېنىڭ جان دوستۇم»، «مەكتىپىم»
دېگەن شېئىرلىرىم «شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى»، (ھازىرقى «تارىم») ژۇرنىلىغا، «پىيونېر قوشىقى» دېگەن شېئىرىم شۇ چاغدىكى «شىنجاڭ گېزىتى»گە بېسىلدى. بەزى
پېشقەدەم شائىرلار، دوست - بۇرادەرلەر مېنى داۋاملىق بالىلار ھەققىدە يېزىپ
تۇرسىڭىز بولغۇدەك دەپ ئىلھاملاندۇردى. 1956- يىلى ئۈرۈمچىدە «شىنجاڭ پىيونېرى» (ھازىرقى «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى») گېزىتى نەشر قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن بالىلار
ئەدەبىياتى سەھنىسى يەنە كېڭەيدى. بالىلار ھەققىدە يېزىلغان شېئىرلار كۆپىيىشكە
باشلىدى. بالىلار ئۈچۈن ئەسەر يازىدىغان ئاپتورلارنىڭ سانىمۇ ئېشىشقا باشلىدى.
بىراق بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ باشقا ژانىرلىرىدا مەسىلەن: نەسر، دىراما تۈرلىرىدە
ئەسەرلەر يەنىلا يوق ئىدى. شۇڭا 1950- يىللاردىكى ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنى تېخى
شەكىللەنمىگەن، يېڭى بىخ سۈرۈۋاتقان ئەدەبىيات دېيىشكە بولاتتى.





سوئال: بالىلار ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان «مەن سۇ ئىچكەن بۇلاقلار»، «تىنىش
بەلگىلىرى سۆھبەتتە» ناملىق شېئىرىڭىزنىڭ يېزىلىش جەريانىنى سۆزلەپ بېرەمسىز؟





جاۋاب: «تىنىش بەلگىلىرى سۆھبەتتە» دېگەن شېئىرىم 1979- يىلى ئۈرۈمچىدە
يېزىلغان. تىنىش بەلگىلىرى خەت ساۋاتى بار ھەر قانداق ئادەمنىڭ بىلىشىگە تېگىشلىك
ئىلمىي ساۋات. شۇڭا تىنىش بەلگىلىرىنى قائىدە - قانۇنىيەتلىرىگە ئاساسەن ئىشلىتىش
زۆرۈر. لېكىن بۇ مەسىلىدە ، مېنىڭ ئۇزاق يىللىق كۆزىتىشىم بويىچە ئېيتقاندا، نۇرغۇن
يېتەرسىزلىكلەر ساقلىنىپ كەلدى. بۇ مەكتەپ يېشىدىكى بالىلار ئارىسىدىلا ئەمەس،
چوڭلار ئارىسىدىمۇ دەرىجىسى ئوخشىمىغان ھالدا سېزىلىپ تۇردى. ئۆيدە بالىلارنىڭ
تاپشۇرۇقىنى كۆرۈپ بەرگەن چاغلىرىمدىمۇ بۇ ھال بايقالدى. نەشرىياتقا نۇرغۇن قول
يازمىلار كېلىدۇ، بۇلاردىمۇ ئاپتورلارنىڭ تىنىش بەلگىلىرىنى توغرا
ئىشلەتمىگەنلىكىنى ھېس قىلىپ قالىمەن. تىنىش بەلگىلىرىنى جايىدا، توغرا، ئورۇنلۇق
ئىشلەتمەسلىك ھادىسىلىرى تەھرىرلەر بىلەن كوررېكتورلاردىمۇ ئۇچراپ قالىدۇ. بۇنىڭغا
گېزىت - ژۇرنال، كىتابلاردىن ۋە باشقا يازمىلاردىن كۆپلەپ مىساللارنى كەلتۈرۈش
مۇمكىن. تىنىش بەلگىلىرىنى ئىشلىتىشتىكى يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارنى كۆرسىتىپ بېرىش،
تىنىش بەلگىلىرىنى توغرا، ئورۇنلۇق ئىشلىتىش مەقسىتىدە، يۇقىرىقى شېئىرنى يازغان
ئىدىم.


«مەن سۇ ئىچكەن بۇلاقلار» دېگەن شېئىرىم 1993- يىلى يېزىلدى. بۇ شېئىردا «مەن»نىڭ مەكتەپكە كىرىش، مەكتەپ قوينىدا ئوقۇپ تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرگە ئىگە بولۇش
ئارزۇسى، پەنگە بولغان تەشنالىقىنى قاندۇرۇش ئىدىيەسى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئوقۇش
يېشىغا يەتكەن بالىنىڭ مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشتىن باشقا يۈكسەك ئارزۇسى بولمايدۇ. «مەن» ئەنە شۇنداق ئارزۇسىغا ئېرىشىش يولىدا نۇرغۇن كۈن - تۈنلەرنى ئۆتكۈزىدۇ،
دادىسى ئېلىپ بەرگەن دەپتەر، قېرىنداش، ئېلىپبەنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك
ئاسراپ ئاخىر مەكتەپ قوينىغا كىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن «مەن» نىڭ ئائىلىسىدىن ئالغان
بىلىملىرىگە مەكتەپ، كىتاب، جەمئىيەت بەرگەن بىلىملەر قوشۇلۇپ بىلىم ئۇپۇقى
كېڭىيىدۇ، بىلىمگە بولغان تەشنالىقى ئارقا - ئارقىدىن كۆز ئاچقان بۇلاق سۇلىرى
بىلەن ياشىرىپ تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئېلىشقا، كېلەچەككە تەلپۈنىدۇ. مەن بۇ جەرياننى
لىرىكىلىق چېكىنىش بىلەن يورۇتۇپ بېرىشكە ھەرىكەت قىلدىم.





سوئال: سىز بالىلار ئەسەرلىرىنى يازغاندا «بالىلىق» مەزگىلىڭىزگە قايتىپ
تۇرۇپ يازامسىز؟ سىزنىڭچە، بۇ ساھەدە يېزىشنىڭ قىيىنلىقى نەدە؟





جاۋاب: مەن بالىلار ئۈچۈن بىرەر ئەسەر يېزىش نىيىتىگە كەلسەم ئالدى بىلەن
بالىلارنى قىزىقتۇرالايدىغان، تەسىرلەندۈرەلەيدىغان تېما تاللايمەن. بۇ تېمىدىكى
ئەسەرنى قايسى ياشتىكى بالىلار ئۈچۈن يېزىشنى كاللامدا پىشۇرۇۋېلىپ، ئاندىن قەلەمنى
قولۇمغا ئالىمەن. قەلەم تەۋرەتكەن چېغىمدا شۇ ياش باسقۇچىدىكى بالىلارنىڭ يېشىغا
قايتىپ تۇرۇپ يېزىشنى داۋاملاشتۇرىمەن. مانا بۇ بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى
ئىجاد قىلىش ۋە تەرجىمە قىلىشتىكى تۈپ پىرىنسىپ. بۇ پىرىنسىپقا يەنى بالىلارنىڭ ياش
ئالاھىدىلىكىگە ئېتىبارنى كۈچەيتىشكە، بۇنى بالىلار ئەسەرلىرىنى يېزىشتا ئۆلچەم
قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بىزدە بەزى بالىلار ئەسەرلىرى باركى، قارىسىڭىز بالىلار
ئۈچۈن يېزىلغاندەك قىلىدۇ. ئوقۇسىڭىز تىلى ئېغىر، چۈشىنىكسىز، بالىلار تىلىغا
ئوخشىمايدۇ. بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلۈۋەرسە ئۇ بالىلارنى كىتاب ئوقۇشتىن بىزار قىلىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن تەكرارلاپ ئېيتىمەنكى، بالىلار ئۈچۈن ئەسەر يازغاندا ئۇلارنىڭ ياش
ئالاھىدىلىكىنى، چۈشەنچىسىنى، دىتىنى، بىلىم دەرىجىسىنى ئېنىق ھېسابقا ئېلىش كېرەك.
بۇ شەرت ئورۇنلانمىسا يازغان ئەسەرلىرىمىزنىڭ بالىلارغا مەنپەئەتى، ئۈنۈمى، رولى
بولمايدۇ.





سوئال: سىز بالىلار ئۈچۈن ئەسەر يازغاندا قايسى نۇقتىلارغا ئالاھىدە
ئەھمىيەت بېرىسىز؟





جاۋاب: مەن بالىلار ئۈچۈن ئەسەر يازغاندا ئالدى بىلەن ئوبيېكتنى
بېكىتىۋالىمەن. ئوبيېكتنىڭ ياش باسقۇچىنى، شۇ باسقۇچتىكى بالىلارنىڭ فىزىيولوگىيە
ۋە پىسخولوگىيە جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى، بىلىمىنى، چۈشەنچىسىنى، دىتىنى ھېسابقا
ئالىمەن. ئاۋۋال بېكىتىۋالغان تېمامنى يورۇتۇش ئۈچۈن ئەسەرنىڭ قىزىقارلىق، يۇمۇرلۇق
بولۇشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىمەن. مەلۇمكى، قىزىقىش −− ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ.
كىچىك كىتابخان ئاشۇ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە ئەسەرگە بېرىلىدۇ،
ئەسەردىن تېگىشلىك ئېستېتىك زوق ئالىدۇ. ئەسەر قىزىقارلىق بولمىسا، ۋەقە، دېتاللار
ئۇنى ئۆزىگە تارتالمىسا كىتابخان ئەسەردىن زېرىكىش ھېس قىلىپ قالىدۇ. مۇنداق
ھالەتنىڭ پەيدا بولماسلىقى ئۈچۈن ئەسەرنى مەيلى شېئىر بولسۇن، مەيلى ھېكايە ياكى
دىراما بولسۇن، قىزىقارلىق، يۇمۇرلۇق قىلىپ يېزىشقا، چۈشىنىشلىك، بالىلار دىتىغا
ماس بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بەزىلەر شېئىرنى ئاددىي يېزىپ بالىلارنىڭ
ئاغزىغا سېلىپ بەرمەي، ئۇنى بالىلار ئوقۇپ، ئۆزى تەھلىل قىلىپ، پىكىر
يۈرگۈزەلەيدىغان قىلىپ يېزىش كېرەك دەپ، يازغان نەرسىلىرىنى تېپىشماققا ياكى سىرلىق
مەسىلىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. مېنىڭچە، ئەسەرنىڭ ئىدىيە - مەزمۇنى قانچە ئوقۇشلۇق،
مەنىلىك، شەكلى ئاددىي، ئىخچام بولسا شۇنچە ياخشى. مەن يازماقچى بولغان شېئىرنى
ۋەقەلىك قىلىپ يېزىشقا، شادىيانە، يۇمۇرلۇق ئىپادىلەپ بېرىشكە تىرىشىمەن. مۇنداق
ئەسەرلەر بالىلارنىڭ ئېسىدە ئاسان قالىدۇ. ئۇلار بۇنداق ئەسەرلەردىن تېگىشلىك نەپ
ئالالايدۇ. چۈشىنىكسىز، پىكرى قاتمال، ۋەز - نەسىھەت، شوئارۋازلىق تەرغىب قىلىنغان
ئەسەرلەردىن بولسا ئاسانلا زېرىكىپ كېتىدۇ.


بۇ مەن ئەسەر يېزىشتا دىققەت
قىلىدىغان بىر نۇقتا. يەنە بىر نۇقتا شۇكى، بالىلار ئۈچۈن ئەسەر يازغاندا ئەسەرنىڭ
تىلىغا بەكرەك دىققەت قىلىمەن. مەلۇمكى ئەدەبىيات −− تىل سەنئىتى. بالىلار
ئەدەبىياتىمۇ شۇنداق. شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارغا يېزىلغان ئەسەرنىڭ تىلى بالىلار
چۈشىنىدىغان، ئويناق، بالىلار تىلى بولۇشى كېرەك. ئەسەر تىلىنىڭ گۈزەللىكىنى،
راۋانلىقىنى، ئاھاڭدارلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېزىپ بولغان ئەسىرىمنى يەنە بىر ئوقۇپ
گەپ - سۆزلەرنى پەردازلايمەن. ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكى، قۇرۇلمىسى، تىلى كۆڭلۈمگە
ياققاندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك رېداكسىيەلەرگە يوللايمەن.





سوئال: بەزىلەر «چوڭلارنى يېزىشتا تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈش كېرەك، بالىلار
ئەدەبىياتى بىلەن شۇغۇللىنىشتا ئۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق» دەپ قارايدىكەن. سىزنىڭ
بۇ ھەقتىكى قارىشىڭىزنى بىلىپ بېقىشقا بولامدۇ؟





جاۋاب: ئەدەبىيات −− ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئىنكاسى. ئىجتىمائىي تۇرمۇش
ئەدەبىياتنىڭ مەنبەسى ۋە تەسىر كۆرسىتىش ئوبيېكتى. يازغۇچى، جۈملىدىن بالىلار
يازغۇچىسى بالىلار ئەسەرلىرىنى يېزىشتا ئالدى بىلەن پۈتكۈل ئىجتىمائىي تۇرمۇش، ھەر
خىل ياشتىكى بالىلارنىڭ تۇرمۇش سەرگۈزەشتلىرى توغرىسىدىكى بىلىم جۇغلانمىسىغا ئىگە
بولۇشى كېرەك؛ بالىلار يازغۇچىسى بالىلار تۇرمۇشىنى ياخشى بىلگەندە، ماھىيەتلىك
تۇرمۇش پاكىتلىرىغا ئىگە بولۇپ ئۇلارنى ئۆز تەجرىبىسىدىن ئۆتكۈزگەندىلا ياخشى تېما
تاللىيالايدۇ، پېرسوناژلار ئوبرازىنى كۆڭۈلدىكىدەك يارىتالايدۇ. بالىلىق تۇرمۇش
چوڭلار تۇرمۇشىدەك ئانچە مۇرەككەپ بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇمۇ رەڭگارەڭ، خېلى
زىددىيەتلىك بولىدۇ. شۇڭا بالىلار يازغۇچىسىنىڭمۇ بالىلار تۇرمۇشى ھەققىدە خىلمۇخىل
بىلىملەرگە ئىگە بولۇشى مۇھىم، ھالقىلىق مەسىلە. بۇنى ھەرقانداق بالىلار يازغۇچىسى
ئەستە تۇتۇشى، ئورۇنلىشى كېرەك. جۈملىدىن ئۆزۈممۇ بىرەر بالىلار ئەسىرى يازماقچى
بولغىنىمدا بالىلىقىمغا قايتىپ ئويلايمەن، ئويلىرىم بىر نۇقتىغا كەلگەندە يېزىشنى
باشلايمەن. دەۋر پۇرىقى چىقىرىش ئۈچۈن ھەرقايسى دەۋردىكى بالىلارنى، ئۇلارنىڭ
تۇرمۇش سەرگۈزەشتلىرىنى ئەسلەيمەن، سېلىشتۇرىمەن. بولۇپمۇ ھازىرقى دەۋر بالىلىرىنىڭ
تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتە ئائىلىدىكى بالىلارنىڭ ياكى نەۋرىلەرنىڭ تۇرمۇش
ئادەتلىرىگە، مىجەز - خۇلق، سۆز - ھەرىكەتلىرىگە، قىزىقىشلىرىغا دىققەت قىلىمەن ۋە
ئۇنى چوڭقۇر كۆزىتىمەن. شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئۆيدىكى، تالادىكى، مەكتەپتىكى تۇرمۇش
ئادەتلىرىگىمۇ ئالاھىدە ئېتىبار بېرىمەن. بالىلار تۇرمۇشىغا قارىتا مانا شۇنداق
كۆزىتىشلەر، تەتقىق قىلىشلار بالىلار ئۈچۈن ئەسەر يېزىشقا مەلۇم دەرىجىدە ئاساس
ھازىرلايدۇ.





سوئال: بالىلار ئەدەبىياتى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە قانداق رول
ئوينايدۇ؟





جاۋاب: مەلۇمكى مائارىپ ئوقۇتقۇچىنى ئاساسىي ۋاسىتە قىلىپ، تۈرلۈك ئوقۇتۇش
ئۇسۇلى، شەكلى، دەرسلىك ۋە كۆرسەتمىلىك قوراللاردىن پايدىلىنىپ تەربىيەلەش ئېلىپ
بارسا، بالىلار يازغۇچىسى تۈرلۈك بەدىئىي ئوبرازلارنى يارىتىپ، شۇ ئوبرازلار
ئارقىلىق بالىلارغا ئېستېتىك زوق بېغىشلايدۇ. بالىلار ئاشۇ ئېستېتىك زوق، بەدىئىي
تەسىرلەندۈرۈش تۈرتكىسىدە نېمىنىڭ ياخشى، نېمىنىڭ يامانلىقىنى، نېمىنىڭ گۈزەل،
نېمىنىڭ سەتلىكىنى پەرق ئېتىپ چوڭ بولىدۇ. بەدىئىي ئوبرازلار ئىچىدىكى ئىجابىي
ئوبرازلارنى ئۈلگە قىلىپ، سەلبىي ئوبرازلاردىن نەپرەتلىنىدۇ ۋە ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى
چەتكە ئالىدۇ. ئەخلاقلىق، راستچىل، باتۇر ئادەملەردىن بولۇشنى نىشان قىلىپ،
يالغانچى، ھۇرۇن، ياۋۇز ئادەملەردىن يىرگىنىپ، ئىلگىرىلەش يولىنى تاللاپ، پارلاق
ئىستىقبالى ئۈچۈن تىرىشىدۇ ۋە ئىزدىنىدۇ. مانا بۇ بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ بالىلارغا
كۆرسىتىدىغان رولى. بالىلار يازغۇچىلىرى بۇ جەھەتتە مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە
ئالغان. چۈنكى بالىلار بىزنىڭ كېلەچىكىمىز، ئۈمىدىمىز. ئۇلارنى ئۆزىمىزنىڭ ئەدەبىي
ئەسەرلىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارغا زوق، مەنىۋى ئوزۇق ئاتا قىلىشىمىز بىزنىڭ
ئۇلارغا كۆيۈنگەنلىكىمىز، پارلاق كېلەچىكىنى ئويلىغانلىقىمىز، ئۇلارنىڭ ئۆزىگىلا
ئەمەس، كېلەچىكىگە، ئىستىقبالىغا مەسئۇل بولغانلىقىمىز.





سوئال: تۇرسۇنمۇھەممەد پەخرىدىن ئاكا، مەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ »بالىلار
ئەدەبىياتىمىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئاجىز ساھە«، »ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىدا
ئادەمنىڭ قەلب تارىنى چەككۈدەك ئەسەرلەر بەك ئاز« دېگەنلىرىنى پات - پات ئاڭلاپ
تۇرىمەن. سىزنىڭچە بۇ قاراش توغرىمۇ؟ قانداق قىلغاندا بالىلار ئەدەبىياتىمىزنى
جانلاندۇرغىلى، بالىلارنىڭ قەلبىگە ياققۇدەك، ئۇلارنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن ئورۇن
ئالغۇدەك ئەسەرلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ؟





جاۋاب: ئىنىم ئېزىزجان، سىزنىڭ ئاڭلىغانلىرىڭىزدا مەلۇم ھەقىقەت بار. بىزنىڭ
ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىمىز بەزى مىللەتلەرنىڭكىگە قارىغاندا خېلىلا ئارقىدا.
لېكىن بىزنىڭ بالىلار ئەدەبىياتىمىزدا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-، 60- يىللىرىغا
قارىغاندا ئىلگىرىلەش خېلى بار. بالىلار ئەدەبىياتى قوشۇنى خېلى زورىيىپ قالدى،
ئەسەرلەرمۇ كۆپىيىپ قالدى. لېكىن بۇ ئەسەرلەر مىليونلىغان بالىلىرىمىزنىڭ تەلىپىنى،
ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرالمايدۇ. مۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب بالىلار ئەدەبىياتىمىز ھەممە
ژانىرلار بويىچە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىپ كەتمىدى. بالىلار ئۈچۈن ئىزچىل ئەسەر
يېزىۋاتقانلار كۆپ ئەمەس. يېزىلىۋاتقان ئەسەرلەرمۇ ئاز، ھازىر بالىلار ئۈچۈن ئەسەر
يېزىپ كېلىۋاتقان ئاپتورلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلار. بۇ
ساھەدە ئۇزاقتىن بېرى قەلەم تەۋرىتىپ كېلىۋاتقانلار ساناقلىقلا، ئۇلارمۇ ھازىر
ياشىنىپ قالدى.


ھازىر ئۈمىدىمىز ياشلار بىلەن ئوتتۇرا ياشلىقلاردا بولۇپ قالدى.
ئۇلارنىڭ يېزىپ، ئېلان قىلدۇرغان ئەسەرلىرى بالىلار ئەدەبىياتى خەزىنىسىنى
بېيىتىۋاتىدۇ. بۇ ئەسەرلەر كىچىك كىتابخانلارنىڭ قىزىقىشىنى، كىتابقا بولغان
تەشنالىقىنى قاندۇرماقتا. بالىلار ئەدەبىياتىدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ ئەھۋالنى
بىر قەدەر ياخشى دېيىشكە بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ نەتىجىلەرگە كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ.
1970- يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ھازىرغىچە بالىلار ئەدەبىياتىمىزدا بالىلار
ياقتۇرىدىغان ئەسەرلەر خېلى كۆپ ئىجاد قىلىندى. بۇ ئەسەرلەردىن بەزىلىرى
مەملىكەتلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئېلىپ
بېرىلغان ئۈچ قېتىملىق بالىلار ئەدەبىياتىنى باھالاشتا نۇرغۇنلىغان ئاپتورلارنىڭ
ئەسەرلىرى مۇكاپاتلاندى، بۇ پاكىتلاردىن باشقا يەنە ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان بىر
ئەھۋال يىرىك، چوڭ ھەجىملىك بالىلار ئەسەرلىرىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكى. بۇنىڭغا
پەرھات ئېلىياس، جاسارەت جاپپار، ئەخمەتجان قۇربان سابىرى، پەرھات كازىملارنىڭ
يېقىندا نەشر قىلىنغان رومانلىرىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ. شۇ رومانلاردىن
پەرھات ئېلىياسنىڭ كۆپ قىسىملىق رومانى »كىرورانلىق بالىلار« مەملىكىتىمىز بويىچە
ئەڭ يۈكسەك مۇكاپات −− »بەش بىر قۇرۇلۇش« مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ بىزنىڭ
ئەدەبىياتىمىزنىڭ، جۈملىدىن بالىلار ئەدەبىياتىمىزنىڭ شان - شەرىپى، زور ئۇتۇقى.
مەن بىزنىڭ بالىلار ئەدەبىياتىمىز قولغا كەلگەن مۇشۇنداق نەتىجىلىرىدىن
پەخىرلىنىمەن. بالىلار ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىن مەمنۇنمەن،
ئەدەبىياتىمىزنىڭ كەلگۈسىدىن تېخىمۇ ئۈمىدۋارمەن.


بارلىق بالىلار يازغۇچى -
شائىرلىرى، بالىلار ئۈچۈن ئەسەر يېزىشنى خالايدىغان ئاپتورلار ئالدى بىلەن بالىلار
ئەدەبىياتى نەزەرىيەسى، بالىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىگە ئائىت بىلىملەر بىلەن
تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، بالىلارنىڭ تۇرمۇش قانۇنىيەتلىرىنى ئىگىلەپ، كۆزىتىشكە،
بايقاشقا ماھىر بولساق، يېزىقچىلىق بىلىمى ۋە يېزىقچىلىق ئىقتىدارىمىزنى تىرىشىپ
يۇقىرى كۆتۈرسەك بالىلار ئۈچۈن ياخشى، نادىر ئەسەرلەرنى كۆپلەپ بارلىققا
كەلتۈرەلەيمىز، گەپ تىرىشىشتا، ئىزدىنىشتە.





سوئال: بالىلار ئەدەبىياتىمىزدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە بوشلۇقلار
قايسىلار؟





جاۋاب: بالىلار ئەدەبىياتىمىزدىكى بوشلۇقلار ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا
تولۇپ قالغاندەك قىلىدۇ. مۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەب، بالىلار ئەدەبىياتىدا شېئىر
كۆپ، نەسرىي ئەسەرلەر ئاز، دىراما يوق ئىدى. ھازىر نەسرىي ئەسەرلەر خېلى كۆپىيىپ
قالدى. دىرامىلارمۇ بار بولدى. يىرىك ئەسەرلەردىن باللادا، داستان، پوۋېستلار
مەيدانغا كەلدى. بالىلار ئەدەبىياتىمىزدا رومان بولماسلىق، بالىلار
ئەدەبىياتىمىزدىكى چوڭ بوشلۇق ئىدى. 2000- يىللارنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ بىر نەچچە
بالىلار رومانى كەڭ كىچىك كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بۇ بالىلار ئەدەبىياتىمىز
تەرەققىياتىدىكى زور بۆسۈش. بۇ بۆسۈشنىڭ ئىلھامىدا يەنىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنىڭ،
بولۇپمۇ يىرىك، چوڭ ھەجىملىك ئەسەرلەرنىڭ مەيدانغا چىقىشىنى ئۈمىدۋارلىق بىلەن
كۈتمەكتىمىز. بۇ ئۈمىدنى ھازىر قىزغىنلىق بىلەن بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى
يېزىۋاتقان ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىق يازغۇچى - شائىرلىرىمىزنىڭ ئاقلىشىغا ئىشەنچىم
زور.


ھازىر بالىلار ئەدەبىياتىمىزدا ساقلىنىۋاتقان يەنە بىر بوشلۇق بالىلار
ئەدەبىياتى ئوبزورچىلىقى. يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمدەك بالىلار ئۈچۈن يېزىلىۋاتقان
ئەسەرلەر ھازىر بىر قەدەر كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلارنى باھالايدىغان،
ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن يېتەرسىزلىكلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەدەبىي تەنقىد
ئەسەرلىرى ئاز. ئەدەبىياتنى، جۈملىدىن بالىلار ئەدەبىياتىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ
تۇرىدىغان ئوبزورچىلار قوشۇنىنى كېڭەيتىش، ئوبزورلارنى كۆپرەك يېزىش بالىلار
ئەدەبىياتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئېھتىياجى.





سوئال: بالىلار ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ۋە تەنقىدچىلىكىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىغا
قانداق قارايسىز؟ سىز بۇ خىزمەتتىن رازىمۇ؟





جاۋاب: بالىلار ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بالىلار ئەدەبىياتى تەنقىدى بىلەن زىچ
بىرلەشكەن. بۇ ئاساسەن بالىلار ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىلىرى بىلەن بالىلار ئەدەبىياتى
تەنقىدچىلىرىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن يۈكسەك ۋەزىپە. بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىشتا
ئالدى بىلەن بالىلار ئەدەبىياتى تەنقىدىنى توغرا ۋە ئىلمىي ئۇسۇلدا قانات
يايدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. مەلۇمكى بالىلار ئەدەبىياتى تەنقىدى بالىلار ئەدەبىياتىدا
ۋە بالىلار ئەدەبىياتى ئىلمىدە كەم بولسا بولمايدىغان زۆرۈر نەرسە. بالىلار
ئەدەبىياتى تەنقىدى بولماي تۇرۇپ، بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى
سۈرگىلى بولمايدۇ. بۇ نۇقتىنى تەدرىجىي چۈشەنگەن بىزنىڭ بالىلار ئەدەبىياتى
ئەدىبلىرىمىز 1980- يىللارنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ، بالىلار ئەدەبىياتىمىزنىڭ
شەكىللىنىش ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتۇپ بالىلار ئەدەبىياتىغا دائىر بەزى ماقالە،
ئوبزورلارنى يېزىشقا باشلىدى. 1990- يىللارغا كەلگەندە بالىلار ئەدەبىياتى
تەتقىقاتى ۋە بالىلار ئەدەبىياتى تەنقىدچىلىكى بىر قەدەر جانلىنىشقا باشلىدى. بۇ
ئەھۋال بالىلار ئەدەبىياتىمىزنىڭ توغرا، ساغلام تەرەققىي قىلىشىدا بەلگىلىك رول
ئوينىدى. بالىلار ئەدەبىياتىمىزدىكى كالېندارچىلىق، تەقلىدچىلىك، شەكىلۋازلىق
ھادىسىلىرى ئازلاپ، بالىلار ئەسەرلىرى بالىلارنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇشىغا ياندىشىشقا
يۈزلەندى.


بالىلار ئەدەبىياتىمىزنىڭ شەكىللىنىشى، تەرەققىي قىلىشى، بېيىشىغا
ئەگىشىپ، مەتبۇئات يۈزىدە يورۇق كۆرگەن بالىلار ئەسەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ساھىبلىرى
توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان ماقالە، ئوبزور، تەسىراتلار كەڭ كىتابخانلارغا سۇنۇلدى. بۇ
ماقالە، ئوبزورلاردا بالىلار يازغۇچى - شائىرلىرىنىڭ يەككە ئەسەرلىرى، ئەدەبىي
توپلاملىرى، ئىجادىي پائالىيەتلىرى ، سەنئەت قاراشلىرى مىسالغا ئېلىنىپ، ئۇلارنىڭ
سەمەرىلىك ئەمگەكلىرى، ئىجادىيەت قىزغىنلىقى، ئەدەبىي ماھارەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرى
بىلەن يېتەرسىزلىكلىرى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى. بۇ ئوبزورلار ئىچىدە دىققەتنى
تارتىدىغان مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، بالىلار ئەدەبىياتىمىزدا بۆسۈش خاراكتېرىگە ئىگە
بولغان رومان ئىجادىيىتىنىڭ تەلقىن قىلىنىشى. بۇ ھال، بۇ باھالار گېزىت - ژۇرنال،
كىتابلاردىلا ئەمەس، ھەتتا رادىيو ، تېلېۋىزورلاردىمۇ تەكىتلەندى. بۇ ئەلۋەتتە
بالىلار ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىغا، نادىر، يىرىك ئەسەرلەرنىڭ
تېخىمۇ كۆپىيىشىگە پايدىلىق. مەن بالىلار ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا
كۆرۈلۈۋاتقان بۇ خۇشاللىنارلىق كۆرۈنۈشلەردىن تولىمۇ مەمنۇنمەن ھەم خۇشالمەن.





سوئال: بىزدە ئۆزگىلەرنىڭ بالىلار ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىش
خىزمىتىدە قانداق مەسىلىلەر بار؟





جاۋاب: بىزدە ئۆزگىلەرنىڭ بالىلار ئەسەرلىرىنى تەرجىمە - نەشر قىلىش خېلى
ياخشى بولۇۋاتىدۇ. بۇنى ھەرقايسى كىتابخانىلارنىڭ بالىلار كىتابلىرى تىزىلغان كىتاب
جاھازىلىرىدىن كۆرۈپ بىلەلەيمىز. بىزدە، دەسلەپكى چاغلاردا، بالىلار ئەسەرلىرى بەك
قىس بولغاچقا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلتۈرۈلگەن رۇسچە ۋە باشقا تىللاردىن ئۇيغۇرچىغا
تەرجىمە قىلىنغان، جۈملىدىن خەنزۇ بالىلار ئەدەبىياتىدىن تەرجىمە قىلىنغان بالىلار
كىتابلىرى بالىلىرىمىزنىڭ قىسمەن بولسىمۇ تەلىپىنى قاندۇرغان، بالىلار
ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەنىدى. ھازىر دۇنيادىكى
ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ بالىلار ئەدەبىياتىغا دائىر نادىر ئەسەرلىرى توختاۋسىز تەرجىمە
- نەشر قىلىنىپ، بالىلار ئەدەبىياتىمىزنىڭ بوشلۇقىنى تولدۇرماقتا...





سوئال: سىز بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيىتىدە شېئىرىيەت ژانىرىدىن باشقا
ژانىرلاردىمۇ ئەسەر يېزىپسىز. شۇ ھەقتە بىرئاز توختىلىپ بېرەمسىز؟





جاۋاب: بولىدۇ. ئەدەبىي ئىجادىيەتتە مەن پۈتۈن زېھنىمنى بالىلار شېئىرلىرىنى
يېزىشقا قاراتتىم. شۇڭا مېنىڭ يازغان بارلىق ئەسەرلىرىم ئىچىدە بالىلار شېئىرلىرى
ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ. شېئىر يېزىشنى ھازىرمۇ داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمەن.
كېيىنكى چاغلاردا، يەنى 1980- يىللاردىن باشلاپ بالىلار پىروزىسىغىمۇ ئېتىبارىمنى
كۈچەيتتىم. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ 1980- يىللاردىن ھازىرغىچە بالىلار ئۈچۈن يازغان
ھېكايەم 03دىن ئاشتى. بۇلاردىن بىرقىسمى يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن «بىزنىڭ كوچىنىڭ
بالىلىرى» ناملىق توپلىمىمغا كىرگۈزۈلدى. بىرقىسمى گېزىت - ژۇرناللاردا ئېلان
قىلىندى. بالىلار ئۈچۈن يازغان ھېكايىلىرىمدىن «بوتكا ئالدىدا»، «قاسىمكامنىڭ
مىجەزى»، «شاكىلات»، «يېڭى ھېكايە»، «تەلپۈنۈش» ماڭا بەك ياقىدۇ. «بوتكا ئالدىدا»
ناملىق ھېكايە 2008- يىلى شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى تۈزۈپ نەشر قىلغان «گۇمانتار
ئوقۇشلۇق» قا كىرگۈزۈلدى. «قاسىمكامنىڭ مىجەزى» ناملىق ھېكايە تولۇقسىز ئوتتۇرا
مەكتەپ 2 - يىللىقلىرىنىڭ تىل - ئەدەبىيات ئوقۇشلۇقىغا كىرگۈزۈلدى.


مەن بالىلار
ئەدەبىياتىنىڭ دىراما ژانىرىدا ئەسەرلەرنىڭ كەملىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، بالىلار ئۈچۈن «قەلبداشلار»، «خىجىللىق»، «ئۇچراشقاندا» ناملىق سەھنە ئەسەرلىرىنى يازدىم. بۇلار «پەرۋاز» ژۇرنىلىغا بېسىلىپ چىقتى.


مەن 1980- يىللارنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ بەزى
ئوبزور، ماقالىلەرنىمۇ يازدىم. بۇلار 20پارچىدىن ئاشىدۇ. شۇلارنىڭ تۇنجىسى 1984-
يىلى«تارىم» ژۇرنىلىغا بېسىلغان «ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى»
ناملىق ماقالە. ئۇنىڭدا ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى، تارىخىي
ئارقا كۆرۈنۈشى، بالىلار ئەدەبىياتىمىزدا يېقىندىن بېرى پەيدا بولغان يېڭىلىقلار −−
بالىلار ھەققىدە يېزىلغان ئەسەرلەر، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى، يېتەرسىزلىكلىرى
قىسقىچە تەھلىل قىلىندى، جۈملىدىن بالىلار ئۈچۈن ئەسەر يازغان ۋە يېزىپ كېلىۋاتقان
ئاپتورلارنىڭ ئىسىملىرى ئاتاپ ئۆتۈلدى. بۇ ماقالە 1985- يىلى شىجياجۇاڭ شەھىرىدە
ئېچىلغان مەملىكەتلىك بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيىتى يىغىنىدا ئوقۇلدى، كېيىن
شاڭخەيدە چىقىدىغان «بالىلار ئەدەبىياتى تەتقىقاتى» ژۇرنىلىغا بېسىلدى.


يۇقىرىقى
ماقالىدىن باشقا يەنە «مەن نېمىشقا
<شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى> گېزىتىگە ئامراق»، «پەرھەتىنىڭ بالىلار شېئىرلىرى توغرىسىدا قىسقىچە بايان»، «مەن قانداق قىلىپ
بالىلار ئۈچۈن ئەسەر يېزىش ئويىغا كېلىپ قالدىم» ناملىق ماقالىلەرنى يازدىم.





سوئال: سىز بالىلار تېمىسىدا رومان يېزىشنى ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟





جاۋاب: مەن نەشرىياتتا ئىشلەپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىمدا چەت ئەل يازغۇچىلىرىنىڭ
بالىلار ئۈچۈن يازغان رومانلىرىدىن بىرنەچچىنى زوقلىنىپ ئوقۇغان، ئۇلارنى تەرجىمىگە
ئۇيۇشتۇرۇپ، تەھرىرلەپ نەشرگە تەييارلىغان ئىدىم. شۇ چاغلاردىن باشلاپ بىزنىڭ
بالىلار ئەدەبىياتىمىزدا نېمىشقا رومان يوقتۇ، دەپ ئۆكۈنەتتىم. ئۆزۈم بالىلار ئۈچۈن
رومان يېزىش نىيىتىگىمۇ كەلگەن. بىراق شۇ چاغدىكى ئىجتىمائىي مۇھىت، خىزمەت
ئالدىراشچىلىقى مېنىڭ بۇ ئارزۇيۇمنىڭ روياپقا چىقىشىنى توسۇپ قويغان ئىدى، ئەمدى
ياشىنىپ قالدىم. نىيەت، ئارزۇيۇمغا تۇشلۇق مادار يوق. شۇنداق بولسىمۇ داستان،
باللادىلارنى يېزىپ تۇردۇم، رومان يازالمىغانلىقىمغا بەك ئەپسۇسلىنىمەن.





سوئال: بالىلار ئەدەبىياتى نەزەرىيەسىدە بالىلار ئەدەبىياتىغا تەۋە
ئەسەرلەرنى تۆت تارماققا ئايرىيدىكەن. سىزنىڭ بالىلار ئەسەرلىرىڭىز قايسى تارماققا
تەۋە؟





جاۋاب: سىز ئېيتقاندەك بالىلار يېشىغا يەنى فىزىيولوگىيەلىك ۋە
پىسخولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن تۆت تۈرگە ئايرىلىدۇ. مەن بالىلار ئۈچۈن
ئەسەر يازغىنىمدا ئۇلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتىمەن. مەن تاللىۋالغان
تېمىنىڭ قايسى ياش باسقۇچىدىكى بالىلارغا ماس كېلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىۋېلىپ،
ئاندىن شۇ ياش باسقۇچىدىكى بالىلىقىمغا قايتىپ قەلەم تەۋرىتىمەن. مېنىڭ شېئىرلىرىم
بولسۇن ياكى نەسرىي ئەسەرلىرىم بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە باغچا بالىلىرى (4 -، 5 -،
6 ياشلىق بالىلار) ئۈچۈن يېزىلغانلىرى بار، مەكتەپ يېشىدىكى بالىلار(7 -، 8 -، 9
ياشلىق بالىلار) ئۈچۈن يېزىلغانلىرى بار، باشلانغ−ۇچ م−ەكت−ەپنىڭ يۇقىرى يىللىقلىرى (10-، 11 -، 12ياشلىق بالىلار) ئۈچۈن يېزىلغانلىرى بار، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ
يېشىدىكى (13- 14-، 15ھەتتا 61ياش ئەتراپىدىكى) بالىلار ئۈچۈن يېزىلغانلىرىمۇ بار.
دېمەك، مەن بالىلارنىڭ ھەرقايسى تۈركۈمدىكى ياش باسقۇچلىرىنى ئۆز ئەسەرلىرىمنىڭ
چېگراسى قىلىپ پەرقلەندۈرىمەن.





سوئال: سىز جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك بالىلار يازغۇچىلىرىدىن كىملەرنى
ياقتۇرىسىز؟





جاۋاب: مەن جۇڭگودىكى بالىلار يازغۇچى - شائىرلىرىدىن چېن بوچۈي، رېن
رۇڭرۇڭ، كې يەن، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، تېيىپجان ئېلىيېفلارنىڭ بالىلار ئۈچۈن يازغان
ئەسەرلىرىنى ياخشى كۆرىمەن. چەت ئەل يازغۇچىلىرىدىن ئاندېرسون، لېف. تولىستوي،
مارشاك، مېخالكوف، زەپەر دىيار، قۇددۇس مۇھەممىدى، ئۆمەر مۇھەممىدى، ئېلىيار
بەختىيارلارنىڭ بالىلار ئۈچۈن يازغان ئەسەرلىرىنى ياخشى كۆرىمەن.





سوئال: ئۆزىڭىزنىڭ بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيىتىدە شەكىللەندۈرگەن خاس
ئۇسلۇبىڭىز ۋە بەدىئىي ماھارەت جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكلىرىڭىز ھەققىدە سۆزلەپ
بېرەمسىز؟





جاۋاب: مېنىڭ بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيىتىدە شەكىللەندۈرگەن ئۆزۈمگە خاس
ئۇسلۇبۇم يوق. لېكىن باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان بەزى ئادەتلىرىم بار. ئەسەرنى يېزىش
ئالدىدا ۋە يېزىش جەريانىدا يازماقچى بولغان ئەسەرلىرىمنىڭ چۈشىنىشلىك، قىزىقارلىق،
يۇمۇرلۇق بولۇشىغا، گەپ - سۆزلىرىمدە ۋەز - نەسىھەت، چاقىرىق بولۇپ قالماسلىققا
دىققەت قىلىمەن. يېزىشقا يېڭى كىرىشكەن چاغلىرىمدا كاللامغا كەلگەن بىرەر تېمىنى
تولۇق ئويلانمايلا قەغەزگە چۈشۈرۈشكە باشلايتتىم. بەزى گەپ - سۆزلەر قاملاشماي
قالسا تۈزىتىمەن دەپ زورۇقۇپ ئولتۇرۇپ كېتەتتىم. تۈزىتىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن
دەرھال ئاققا كۆچۈرۈپ مەتبۇئاتقا يوللايتتىم. ئاشۇنداق يازغان شېئىرلىرىمدىن كۆپى
ماڭا كېيىن ياقماي قالدى. شۇنىڭ بىلەن مەن شېئىر ئىجادىيىتىمدىكى بۇ ئاددىي ئۇسۇلنى
يەكۈنلەپ، تەجرىبىلەرنى ئۆزۈمگە ساۋاق قىلدىم. كېيىنكى چاغلاردا ئەسەرنى يېزىشتىن
ئاۋۋال بالىلار تۇرمۇشىنى ئەتراپلىق، چوڭقۇر كۆزىتىپ، بالىلار ياقتۇرىدىغان،
قىزىقىدىغان، ئىجتىمائىي ئۈنۈمى بار تېما تاللايمەن، ئاندىن شۇ تېما ئۈستىدە
ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزىمەن. پىكىرلەر كاللامدا بىر نۇقتىغا مەركەزلەشكەندىن كېيىن،
ئۇنى قانداق ئىپادىلەپ بېرىش توغرىسىدا ئويلىنىمەن. تەكرار ئويلىنىش داۋامىدا
يازماقچى بولغان ئەسىرىمنىڭ قۇرۇلمىسىمۇ كاللامدا پىشىپ قالىدۇ. شۇ چاغدا قولۇمغا
قەلەم ئېلىپ، ئەسەرنىڭ كاللامدا (كۆڭلۈمدە) تۇرغۇزۇلغان جاھازىسى بويىچە يېزىشنى
باشلايمەن. بۇنىڭدا ۋاقىت تاللاپ ئولتۇرمايمەن. ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلارنىڭ
قايسىسىدا بولسۇن (مەيلى كېچە، مەيلى كۈندۈز) يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىمەن. ھەتتا
رادىيو (مۇزىكا) ئاڭلاپ ئولتۇرۇپمۇ يېزىۋېرىمەن. ئەسەرنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى
پۈتكەندىن كېيىن، بەدىئىي جەھەتتىن ئىشلەشكە، ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا،
پەردازلاشقا ئۆتىمەن. بۇ باسقۇچتا ئەسەر تىلىنىڭ چۈشىنىشلىك، ئويناق، بالىلارچە تىل
بولۇشىغا، سۆز - جۈملىلەرنىڭ ئوبرازلىق بولۇشىغا ، تەسۋىرنىڭ، بەدىئىي ئىپادىلەشنىڭ
راۋان، ئورۇنلۇق بولۇشىغا كۈچ سەرپ قىلىمەن. بۇ جەرياندا كاللامغا ئىككىنچى بىر
يېڭى، ياخشىراق تېما كېلىپ قالسا، بۇرۇنقى يېزىۋاتقىنىمنى ۋاقتىنچە قويۇپ تۇرۇپ،
كېيىنكى تېما (ئەسەر) ئۈستىدە ئىشلەۋېرىمەن. ئەسەر يېزىشقا مۇنداق مۇئامىلە
قىلىشىمنىڭ سەۋەبى، ئەسەرنىڭ پىششىق بولۇشىنى، تاكامۇللىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە
قىلىش، جۈملىدىن ئۆزۈمنىڭ زېھنىي قابىلىيىتىمنى تاۋلاپ، قەلىمىمنىڭ ئۆتكۈرلىشىشىنى
قولغا كەلتۈرۈش.


يىغىپ ئېيتقاندا، بالىلار ئۈچۈن يازغان ئەسەرلىرىمدە بالىلار
ئاسان چۈشىنەلەيدىغان ئاممىباب، گۈزەل تىل، بالىلارغا خاس دىت ۋە تەسەۋۋۇر بىلەن
سۇغىرىلغان ئوبرازلىق پىكىر، ئەستە قالغۇدەك قىزىقارلىق ۋەقە، دېتال بولۇشى لازىم.
بۇنداق يېزىلغان ئەسەر بالىلارنى چوڭقۇر تەسىراتقا، ئوبدان ئۈلگىگە ئىگە قىلىدۇ.
مەن بالىلاردىكى ئەنە شۇنداق ئالاھىدىلىكنى، قىزىقىشنى كۆزدە تۇتۇپ «ياردەم»، «ئېيتىڭلارچۇ توغرىمۇ»، «سېيىت ئۇيالدى»، «تۈگمىنىڭ زارى» قاتارلىق شېئىرلارنى
يازدىم. بالىلار يۇمۇرلۇق، ھەجۋىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە بۇ شېئىرلارنى قىزىقىپ ئوقۇپ،
تېگىشلىك نەپ، مەنىۋى ئوزۇق ئالىدۇ.





سوئال: بالىلىرىمىزنىڭ ۋە بالىلار ئەدەبىياتىمىزنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە كۆپ
ئويلىنامسىز؟





جاۋاب: بالىلار بىزنىڭ كەلگۈسىمىز. شۇنداق ئىكەن مېنىڭ بالىلارنى
ئويلىغىنىم، بالىلار ئۈچۈن ئەسەر يېزىۋاتقانلىقىم ئەلۋەتتە كەلگۈسىنى
ئويلىغانلىقىم، بالىلارنى سۆيگەنلىكىم، كەلگۈسىنى سۆيگەنلىكىم. شۇڭا مېنىڭ ھازىر
قىلىۋاتقان ئىشىم بۈگۈننىڭلا ئىشى بولۇپ قالماي، بەلكى كەلگۈسىنىڭ ئىشى. بىز
بالىلار يازغۇچىلىرىنىڭ ئىشى ئىنتايىن ئېغىر، ئىنتايىن شەرەپلىك. بۇنىڭ مەسئۇلىيىتى
تېخىمۇ ئېغىر. بىز بالىلار ئۈچۈن ئەسەر يازغۇچىلار ئىكەنمىز، ئەلۋەتتە
مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىمىزنى تارتماي، تىرىشىپ، ئىزدىنىپ بالىلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى
بېيىتىدىغان، ئەقىل بۇلىقىنى ئاچىدىغان، تەسەۋۋۇرىنى كېڭەيتىدىغان نادىر،
قىزىقارلىق ئەسەرلەرنى يېزىش ئارقىلىق ئۇلارغا يارقىن بەدىئىي ئوبرازلارنى −−
ئۈلگىلەرنى تىكلەپ بېرىشىمىز كېرەك. مەلۇمكى، ئۈلگىنىڭ كۈچى چەكسىز. بالىلار مانا
شۇنداق زوق، روھ ئاتا قىلىدىغان ئۈلگىلەردىن كۈچ تېپىپ، مەنىۋى دۇنياسىنى
ئۇرغۇتىدۇ، خەلققە ياراملىق ئادەملەردىن بولۇشقا تىرىشىدۇ. بالىلار يازغۇچى -
شائىرلىرىنىڭ بالىلار ئۈچۈن ئەسەر يېزىشتىكى مەقسىتىمۇ ئاشۇ.





سوئال: ھازىرغىچىلىك قانچىلىك ئەسەر يازدىڭىز؟ قايسى ئەسەرلىرىڭىز قانداق
مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى؟ بالىلىرىمىزغا يەنە قانداق ئەسەرلەرنى سوۋغا قىلماقچى
بولۇۋاتىسىز؟




جاۋاب: مەن 1950- يىللاردىن باشلاپ شېئىر يېزىشنى مەشىق قىلىپ كەلدىم. «چاۋ شيەن
ئوغلىغا» دېگەن شېئىرىم تۇنجى قېتىم مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن رەسمىي
شېئىر يېزىشقا كىرىشىپ چوڭلارغا خاس 05 پارچە شېئىر يازدىم، بۇ شېئىرلارنىڭ كۆپى
گېزىت - ژۇرناللارغا بېسىلىپ چىقتى.


بالىلار ئۈچۈن ئەسەر يېزىشقا 1955- يىلىدىن
باشلاپ كىرىشتىم. ھازىرغىچە بالىلار ئۈچۈن 300پارچە شېئىر، 30پارچە ھېكايە،
بىرقانچە دىراما يازدىم. بالىلار ئۈچۈن يازغان شېئىرلىرىم «قىزىل گالىستۇك»، «ئىناق
دوستلار»، «سالام بالىلار»، «مەن سۇ ئىچكەن بۇلاقلار» دېگەن ناملار بىلەن تۆت
توپلام بولۇپ چىقتى. بالىلار ئۈچۈن يازغان ھېكايىلىرىم «بىزنىڭ كوچىنىڭ بالىلىرى»
دېگەن نام بىلەن توپلام بولۇپ چىقتى. 30پارچىدىن ئارتۇق ماقالە، ئوبزور يېزىپ
مەتبۇئاتتا ئېلان قىلدۇردۇم. خەنزۇ، قازاق، ئۆزبېك تىللىرىدىن 50پارچىگە يېقىن
ئەدەبىي ئەسەرنى تەرجىمە قىلدىم. تەرجىمە قىلغان بۇ ئەسەرلىرىمدىن ھەممىسى دېگۈدەك
گېزىت - ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى، بەزىلىرى كىتابچە بولۇپ چىقتى. يازغان
ئەسەرلىرىمدىن «بەخت قوشىقى»، «ياردەم»، «بىزنىڭ جاۋاب» (شېئىرلار)، «ئۇيغۇر
بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى» (ماقالە)، «كىتابلارنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى
كۆتۈرۈشتە مۇھەررىر بىلەن كوررېكتورنىڭ رولى» (ماقالە) خەنزۇچىغا، «بىزنىڭ ۋەتەن»، «رەنانىڭ خىتابى»، «ئەيىب كىمدە» قاتارلىق ئون نەچچە شېئىرىم قازاق، ئۆزبېك، قىرغىز
تىللىرىغا تەرجىمە قىلىندى.


«تىنىش بەلگىلىرى سۆھبەتتە» (شېئىر) 1979- يىلى «تارىم» ژۇرنىلى ئۇيۇشتۇرغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنى باھالاشتا 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا
ئېرىشتى.


«ياردەم» (شېئىر) 1979- يىلى مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن 2 - نۆۋەتلىك
بالىلار ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا
ئېرىشتى. بۇ شېئىرىم يەنە 1980- يىلى ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر
يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى باھالاشتا «تۇلپار» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.


«مېنىڭ جان
دوستۇم» ناملىق شېئىر 1981- يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ئەدەبىي
ئەسەرلەرنى باھالاشتا 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىگە بولدى.


«ئىناق دوستلار»
دېگەن شېئىرىم ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئېلىپ بېرىلغان 1 - قېتىملىق بالىلار
ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 2 - دەرىجىلىك؛ «زور بەخت، مۇھىم مەسئۇلىيەت»
ناملىق ماقالەم 2 - قېتىملىق بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 1 -
دەرىجىلىك؛ «بوۋامنىڭ ھېكايىسى» ناملىق داستانىم 3 - قېتىملىق بالىلار ئەدەبىياتى
ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 2 - دەرىجىلىك مۇكاپات بىلەن مۇكاپاتلاندى.


«ئىناق
دوستلار» دېگەن شېئىرلار توپلىمىم 1990- يىلى مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن بالىلار
ئوقۇشلۇقلىرىنى باھالاشتا 3 - دەرىجىلىك مۇكاپات بىلەن مۇكاپاتلاندى.


«ياخشى
بالا بولىمەن»(1989- يىلى)، «مەن» (1990- يىلى) «گۈزەل ۋەتەن» (1997- يىلى) ناملىق
ناخشا تېكىستلىرىم ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە مۇنەۋۋەر ناخشا تېكىستى بولۇپ
باھالاندى.


« ‹ماۋزېدۇڭ ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى› ناملىق كىنونىڭ ئىجتىمائىي
ئەھمىيىتى» ناملىق كىنو ئوبزورۇم ئاپتونوم رايونلۇق كىنو شىركىتى تەرىپىدىن
مۇنەۋۋەر ئەسەر بولۇپ باھالاندى، جۈملىدىن ماڭا يەنە 1995- يىلى مۇنەۋۋەر كىنو
ئوبزورچىسى دېگەن شەرەپ گۇۋاھنامىسى بېرىلدى.


1982- يىلى ئىككى تەرجىمە شېئىرىم «كۆۋرۈك» (ئەدەبىي تەرجىمىلەر) ۋە «شىنجاڭ مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرناللىرى
باھالاش ھەيئىتىنىڭ 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولدى.


2003- يىلى ماڭا «خانتەڭرى» مۇكاپاتىنى باھالاش ھەيئىتى بىلەن «تارىم غۇنچىلىرى» تەھرىر بۆلۈمى
تەرىپىدىن «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى تۆھپىكارى» دېگەن شەرەپلىك
مۇكاپات بېرىلدى. مەن ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق
يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى.


مېنىڭ بالىلار ئۈچۈن يازغان ئەسەرلىرىم ئانچە
كۆپ ئەمەس. لېكىن ماڭا بېرىلگەن شان - شەرەپ بەك كۆپ. بۇ شەرەپلەر مېنىڭ بالىلار
ئەدەبىياتى ساھەسىدە تېخىمۇ كۆپرەك، ياخشىراق ئەسەر ئىجاد قىلىشىمغا تۈرتكە ۋە
ئىلھام بولۇپ كەلدى، شۇنىڭدەك بالىلار ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس
قىلدۇردى. سالامەتلىكىم يار بەرسىلا بالىلار ئۈچۈن ئەسەر يېزىپ تۇرىمەن.





سوئال: تۇرسۇنمۇھەممەد پەخرىدىن ئاكا، سىز ئۇزاق يىللاردىن بېرى نەشرىيات
ساھەسىدە ئىشلەپ، ئىزچىل تۈردە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، نۇرغۇنلىغان
نادىر كىتابلار بىلەن سۆيۈملۈك بالىلىرىمىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىپ كەلدىڭىز.
ئۆزىڭىزنىڭ خىزمەت ۋە ئىجادىيەت ئىشلىرىڭىزغا باھا بېرىپ باقامسىز؟





جاۋاب: مەن 1951- يىلى 9 - ئايدىن 1954- يىلى 3 - ئايغىچە ئوقۇتقۇچىلىق
قىلدىم. 1954- يىلى 4 - ئايدىن 1994- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە نەشرىيات ساھەسىدە
ئىشلىدىم. نەشرىياتچىلىق بىلەن ئۆتكەن 40 يىلدا 500 پارچىگە يېقىن كىتاب ۋە ژۇرنالنىڭ
تەھرىرلىكىنى ئىشلەپتىمەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە يىرىك ئەسەرلەرمۇ، ئادەتتىكى
ئەسەرلەرمۇ، چوڭلار ئۈچۈن تەييارلانغانلىرىمۇ، بالىلار ئۈچۈن تەييارلانغانلىرىمۇ
بار. ئايرىم كىتاب بولۇپ چىققانلىرى زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا «شانلىق يىللار» (شېئىرلار توپلىمى)، «ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىدىكى نەمۇنىلەر» (ئەدەبىي توپلام) قاتارلىق كىتابلارنى تۈزۈپ نەشر قىلدۇردۇم. بالىلار كىتابلىرىنى
ئىشلەش جەريانىدا ئەسەر كۆرۈش، تېما تاللاش، پىلانغا ئېلىش، تەھرىرلەش، نەشر قىلىش
ئىشلىرىنى ئەستايىدىل ئىشلەپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ، جامائەتچىلىكنىڭ ئىجابىي
باھالىرىغا ئېرىشتىم. «ئىزدىنىش»(رومان)، «تەدبىرلىك بالا» (بالىلار ھېكايىلىرى
توپلىمى) مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ئەسەر بولۇپ باھالىنىپ، ماڭا تەھرىرلىك مۇكاپاتى
بېرىلدى. مەن تەھرىرلىگەن كىتابلاردىن يەنە »ئۈچ بولكا« قاتارلىق بىرقانچە كىتاب
ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە مۇكاپاتقا ئېرىشتى. 1982- يىلى مەن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ
مەخسۇس ژۇرنىلى بولماسلىقتەك ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، رەھبەرلىككە پىكىر سۇندۇم. بۇ
پىكرىمنى نەشرىيات رەھبەرلىكى تەستىقلىدى ۋە قوللىدى. شۇنىڭ بىلەن قەرەلسىز
چىقىرىلىدىغان «تارىم غۇنچىلىرى» نى نەشر قىلىپ كەڭ ئۆسمۈرلەرگە تارقاتتۇق. بالىلار،
جۈملىدىن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بۇ ئىشتىن خۇرسەن بولۇشتى. مەن شۇ يىللاردا بالىلار
ئوقۇشلۇقلىرى تەھرىر ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇللۇقىنى، قوشۇمچە «تارىم غۇنچىلىرى » ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرلىكىنى ئۆتىدىم. بۇ ژۇرنال 1985- يىلىدىن باشلاپ پوچتا
ئارقىلىق تارقىتىلىدىغان بولدى. شۇنىڭدىن تارتىپ بۇ ژۇرنالنىڭ ماقالىلىرىنى بېكىتىپ
بېرىش خىزمىتىنى 1994- يىلىغىچە ئىشلىدىم. ماڭا 1983- يىلى كاندىدات ئالىي
مۇھەررىر، 1994- يىلى ئالىي مۇھەررىر ئۇنۋانى بېرىلدى. پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ
نەشرىياتنىڭ كىتابلىرىنى تەھرىرلەپ بېرىش، پىكىر تەييارلاش ئىشلىرىنى 2010-
يىلىغىچە قىلىپ تۇردۇم.





ئاخىرىدا دېمەكچى بولغىنىم، مەن نەشرىياتچىلىقنى، مۇھەررىرلىكنى ياخشى
كۆرىمەن. شۇڭا مېنىڭ نەشرىياتچىلىق بىلەن ئۆتكەن40 يىلىم ماڭا بىر كۈندەك بىلىنىدۇ.
نەشرىيات قوينىدا ئۆتكەن چاغلىرىم ئېسىمگە چۈشسە كۆڭلۈم يايراپ كېتىدۇ. چۈنكى
نەشرىياتچىلىققا، مۇھەررىرلىككە ئىشقىيار بولۇپ كەتكەنىكەنمەن. شۇڭا ھازىرمۇ
نەشرىياتچىلىققا، مۇھەررىرلىككە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بولسا قىلىپ تۇرۇۋاتىمەن.
ئەدەبىي ئىجادىيەتتىمۇ شۇنداق. ئەپسۇس، ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان بولمىغاچقا چوڭ
ئىشلارنى قىلالمايۋاتىمەن. مېنى نەشرىياتچىلىققا ھەۋەسمەن، پىداكار قىلىپ
تەربىيەلىگەن، مېنىڭ بۇ ساھەدىكى ئىشلىرىمنى قوللىغان ئۇستازلارغا، ئالاقىدار
خادىملارغا، ئوقۇرمەنلىرىمگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن.

kartanesi يوللانغان ۋاقتى 2013-11-5 10:11:29

مۇشۇنداق يازمىلارنى سۆھبەت خاتىرىسى دېمەي، سوراق خاتىرىسى دېسەك قانداق بولار؟ سۆھبەت دېگەن سۆھبەتلەشكۈچىلەر كۆڭۈل ئازادىلىكى ئىچىدە ئەركىن ئازادە ئولتۇرۇپ، كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىدىغان پائالىيەت دەپ قارايمەن. ھالبۇكى مەن ھازىرغىچە كۆرگەن ئاتالمىش سۆھبەت خاتىرىلىرىدە بىرسى سوئال سورايدۇ، بىرسى جاۋاب بېرىدۇ، ئاخىرىدا سۆھبەت خاتىرىسى دەپ ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ قانداقمۇ سۆھبەت خاتىرىسى بولسۇن؟ سوراق خاتىرىسى دېسەك مۇۋاپىق بولىدۇ. « قىيادىكى ئوۋچىنىڭ ئاھۇ - زارى »نى ھەقىقىي سۆھبەت خاتىرىسى دەيمىز.

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-5 12:02:40

ھازرىقى باللارنىڭ نوچى ئەسىرى

يۈگاڭنىڭ ئىدىش چىقىشى

سىماچىيەن ...

قاتارلىق شەرىق تۈسىگە باللار ھچىكايىسى بوپ كەتتى بۇنىڭ پايدىسدىن زىينى جىق

ئەڭ ياخشىسى ئۆزىمىزنىڭ بالىلار ئەسىرى ئاساسلىق ئورۇندا. باشقىلارنىڭ 20% ئەتراپىدا بولىشى كىرەك

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-5 16:41:15

سوراق خاتىرىسى بولدىغان گەپ ئىكەن ! لىكىن بۇنۇڭدا سۇئاللار تولىمۇ سىپايە سورلىدۇ ئەمدى.

سۇئال سورغۇچىنىڭ ئاپتۇر، ئۇنىڭ ئىجادىيتى ۋە ئەدەبىيات توغرىسىدا مۇكەممەل بىلىمى بولمىسا موشۇنداق بىرسىسۇئال سورايدىغان يەنە بىرسى كۆز ياش قىلىپ تۇرۇپ جاۋاپ بىردىغان ئىش بولدىكەن .
بەت: [1]
: بالىلىرىمىز تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرگە مۇھتاج