چەتئەلگە چىقىپ باققانلار ياردەم قىلىڭلار
بىر تونۇشۇم بۇنى قانداق قىلارمىزكىن دەپ بىر دۆۋە ئىنگىلىزچە ماتىرىيال ئەكەپتۇ، ماتىرىيال پوچتا ئارقىلىق ئاۋىسترالىيەدىن كەلگەن ئىكەن، بۇنىڭدا بىر پارچە ئىلتىماس state of victoroia atatutory declaration , بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاۋىستىرالىيە پۇقرالىق گۇۋاھنامىسى certificate of australian citizenship, ئۇنىڭدىن باشقا application for a visitor visa--tourist stream دەيدىغان بىر جەدىۋەل بار ئىكەن، جەدىۋەلنى قارشى تەرەپ بىر قۇر تولدۇرۇپ ئەۋەتىپتۇ.
بۇنى ئاۋىسترالىيەدىكى بىرەيلەن بۇ تەرەپتىكى بىرەيلەننى تەكلىپ قىلغان ئىش ئىكەن، تەكلىپ قىلىنغۇچىنىڭ پاسپورتى بارمىش، بىراق يۇقارقى ماتىرىياللارنىڭ كىلىشىدىكى سەۋەپ، بۇنى قانداق قىلىش توغرىسىدا بىلمەيدىكەن، مەنمۇ شۇ، بىلىدىغانلار بۇ ھەقتە ياردىمىڭلارنى ئايىمىساڭلار، رەھمەت!
بۇ ماتىرىياللار ئاۋىستىرالىيە ئەلچىخانىسىدا ۋىزا بىجىرىش ئۈچۈن لازىم بولىدۇ، شۇڭا ئەۋەتىلىپتۇ. ئەڭ ياخشىسى شۇنى ئەۋەتكەن دوستى بىلەن سۆزلىشىپ تەپسىلىي ئەھۋاللارنى سوراپ باقسا ئىش ئايدىڭ بولىدۇ. بىر دۆۋە ئېنگىلىزچىنى بىلمىسە ئاۋىستىرالىيەدە قانداق قىلار؟بېرىپ ئۆگىنەمدىكەن-يا؟يېقىنراق تونۇش بىلىشلىرىڭلار ئىچىدە چىقىپ باققانلار بولسا ياردەملەشسە ئوبدانراق بولار ئىكەن.ھازىرغۇ ئۈندىداردا ۋىزا بىدىكلىرى كۆپىيىپ قاپتۇ. ئالدى بىلەن شاڭخەيگە بارسۇن. ئاندىن شاڭخەيدىن سېدنىيغا بىلەت ئالسۇن، ئايرۇپورتتا تەكشۈرۈپ قالسا بىردۆۋە بىر دۆۋە ئىنگىلىزچە ماتىرىيالنى كۆرسىتىپ قويۇپ ئۆتۈپ كەتسۇن.

مۇنداق قىلىڭ، ئۈستى تەرەپ بۇرجىكىگە قاراپ بېقىڭ 48 دېگەندەك سانلىرى بولىدۇ، شۇ سانىنى ماڭا دەپ بېرىڭ. مەن قانداق تولدۇرۇشنى دەپ بېرەرمەن، ئەگەر قەتئىي تولدۇرالمىسىڭىز مەن تولدۇرۇپ بەرسەممۇ بولىدۇ، مەن قارامايدا. application for a visitor visa--tourist stream ئەگەر مۇشۇ راست بولسا بۇ ئىش تەس ئەمەس، ھازىر ۋىزا ئېلىش ئىشىنى ۋاستىچى قىلىۋاتامدۇ ياكى شەخسەن ئۆزى مېڭىۋاتامدۇ؟ ئوقۇغان ئوغۇل ئاتىدىن ئولۇغ دەپ..بىلىملىك بالىلارغا خەيرلىك بولسۇن. بىلمسىزلەرگىمۇ شۇ.
5- قەۋەتتىكى joshuaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
application for a visitor visa--tourist stream ئەگەر مۇشۇ راست بولسا بۇ ئىش تەس ئەمەس، ھازىر ۋىزا ئېلىش ئىشىنى ۋاستىچى قىلىۋاتامدۇ ياكى شەخسەن ئۆزى مېڭىۋاتامدۇ
تىمىغا دىققەت قىلىغىنىڭىزغا رەھمەت؟ يۇقارقى راسىت. مەن ئىنگىلىز تىلىنى ئازراق بىلىدىغان ئىدىم، شۇڭىلاشقا بىر تونۇشۇمنىڭ ۋاستىسى بىلەن ھىلىقى ماتىرىياللارنىڭ ئىگىسى بۇنى تەرجىمە قىلساق دەپ كەلگەن ئىكەن، مەن تەرجىمە قىلىپ بىرىشنى ئويلىغان بولساممۇ بىراق، بۇنىڭ ئانچە مۇھىم ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىپ، (بۇ ئىشقا تۇنجى قتىم يۇلۇقۇشۇم) بىلگەجان قاتارلىق تورداشلارنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن بۇ ئىشنى ماتىرىيال ئەۋتكۈچى بىلەن ئالاقىلىشىشنى ئويلىشىۋاتىمەن. مەن ۋاستىچى بولالماسلىقىم مومكىنم شەخىسكە ياردەم قىلىۋاتىمەن دىسەم بولارمىكىن؟
4- قەۋەتتىكى joshuaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مۇنداق قىلىڭ، ئۈستى تەرەپ بۇرجىكىگە قاراپ بېقىڭ 48 دېگەندەك سانلىرى بولىدۇ، شۇ سانىنى ماڭا دەپ بېرىڭ. مەن قانداق تولدۇرۇشنى دەپ بېرەرمەن، ئەگەر قەتئىي تولدۇرالمىسىڭىز مەن تولدۇرۇپ بەرسەممۇ بولىدۇ، مەن قارامايدا.
ئۈستىدە<< 1419دىن >> دىگەن سان بار ئىكەن. ئۇنداق بولسا نەق توغرا دەپسىز، بۇنى تەرجىمە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەگەر ئەۋەتىلگىنى پاسپورتى يوق ئادەمگە چاقىرىق بولغاندا ئىدى، تەرجىمە قىلىپ ساقچىغا بېرەتتۇق، ھازىر تەرجىمە قىلماي، ئۆزىنىلا تولدۇرۇپ، ئەگەر شەخسىي ماڭغان بولسا ئەلچىخانىغا؛ ئەگەر ۋاستىچىغا ھاۋالە قىلغان بولسا شۇ ۋاستىچىنىڭ ئۆزىگە بېرىپ قويسا بولىدۇ.
1419 دېگەننى مەن كۆرۈپ باقمىغان ئىكەنمەن، مەن نەچچە يىللار بۇرۇن تاغامنىڭ ماتېرىيالىنى توشقۇزغان، ئەھۋالدىن قارىغاندا ھازىر ئىسىملىرى سەل-پەل ئۆزگەرگەن ئوخشايدۇ، تاغام ئاۋىسترالىيەگە چىقىپ كەتكەنگە 6 يىل بولۇپ قالدىمىكىن.
مېنىڭ كومپيوتىرىمدىكى مەسىلىمۇ ياكى تور كۆرگۈچتىكى مەسىلىمۇ بىلمىدىم، قىسقا ئۇچۇر تازا نورمال كۆرۈنمەس بولۇپ قالدى، شۇڭا جاۋاپ قايتۇرالمىدىم، رەنجىمەڭ، ئەگەر يەنە مەسلىھەت كېرەك بولسا، مۇشۇ تېمىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويسىڭىز، ئاندىن ئېلخەتتە ئالاقىلاشساقمۇ بولىۋېرىدۇ.
9- قەۋەتتىكى joshuaنىڭ يازمىسىدىن نەقىلتورداشلارنىڭ ئالدىنقى قىتىمدىكى پىكىر ۋە مەسلىھەت تىپىدىكى ياردىمىدىن كىيىن ھىلىقى ماتىرىياللارنى بىر تەرەپ قىلىپ بولدۇم، ئەمدىكى ئىش ۋىزا ئۈچۈن ئاۋىستىرالىيە ھۆكۈمەت ئورنىغا پۇل تاپشۇرۇش ئىكەن. مەن ئادىرىسقا كىرىپ WWW.immi.gov./fees-charges كۆرۈپ باقتىم، پۇلنىڭ مىقدارىمۇ ئايان بولدى ، بىراق قايسى ھىساپ نۇمۇرىغا، قانداق پۇل ئەۋەتشنى بىلەلمەي قالدىم. كۆپچىلىك بۇ ھەقتىكى ياردىمىڭلارنى ئايىمىساڭلار. چەتئەلگە چىققانلار ياكى چەتئەلدىكىلەر بۇگۈن تورغا چىقمىدىمۇ نىمە، بۈگۈن بىر كۈن كۈتتۈمغۇ، راسىت چەتئەلنىڭ سائىتى بىر ئاز كىيىن بولسا كىرەك، ئۈمىدۋار بولاي. ياردەم قىلىدىغانلار چوقۇم چىقىسىلەرغۇ؟
ئۇنداق بولسا نەق توغرا دەپسىز، بۇنى تەرجىمە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەگەر ئەۋەتىلگىنى پاسپورتى يوق ئادەمگە چاقىرىق بولغاندا ئىدى، تەرجىمە قىلىپ ساقچىغا بېرەتتۇق، ھازىر تەرجىمە قىلماي، ئۆزىنىلا تولدۇرۇپ، ئەگەر شەخسىي ماڭغان بولسا ئەلچىخانىغا؛ ئەگەر ۋاستىچىغا ھاۋالە قىلغان بولسا شۇ ۋاستىچىنىڭ ئۆزىگە بېرىپ قويسا بولىدۇ.
1419 دېگەننى مەن كۆرۈپ باقمىغان ئىكەنمەن، مەن نەچچە يىللار بۇرۇن تاغامنىڭ ماتېرىيالىنى توشقۇزغان، ئەھۋالدىن قارىغاندا ھازىر ئىسىملىرى سەل-پەل ئۆزگەرگەن ئوخشايدۇ، تاغام ئاۋىسترالىيەگە چىقىپ كەتكەنگە 6 يىل بولۇپ قالدىمىكىن.
مېنىڭ كومپيوتىرىمدىكى مەسىلىمۇ ياكى تور كۆرگۈچتىكى مەسىلىمۇ بىلمىدىم، قىسقا ئۇچۇر تازا نورمال كۆرۈنمەس بولۇپ قالدى، شۇڭا جاۋاپ قايتۇرالمىدىم، رەنجىمەڭ، ئەگەر يەنە مەسلىھەت كېرەك بولسا، مۇشۇ تېمىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويسىڭىز، ئاندىن ئېلخەتتە ئالاقىلاشساقمۇ بولىۋېرىدۇ.
مىنىڭ كوت كوت نۇمۇرۇم 913450223