2008-يىلنىڭ بېك 50000 غا يارامدۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى
نىمكەش ماشنىدىن بىرنى ئالاي دەپ ئىزلەپ يۈرۈپ مۇنۇ ماشىنىنى 50000 غا كېلىشكەن ئىدىم.
http://akesu.ganji.com/ershouche/720510322x.htm
2008- يىل 9- ئاينىڭ بېك ئەكسىلىي ماشنا، 100000 كېلومېتىر يۈرگەن، خېلى پاكىز 80 لىك كۆپ توچكىلىق گېزى بار ماشنىكەن.
مۇشۇ ماشنا مۇشۇ پۇلغا يارامدۇ؟ئۇستازلار مەسلىھەت كۆرسەتسەڭلەر، جىددىي ئىدى...
ماشىنا قاتتىقراق سوقۇلۇپ موتۇر قىسمى رىمىنۇتقا چۈشۈپ قالمىغان بولسا ئەرزان ماشىنا .... گازدا ئۇزۇن ھەيدەپ ماتورىنى بەك ھالسىرتىۋەتمىگەن بولسا ئەرزان ئىچكىرىنىڭ نىمكەش ماشىنا تورىدا كۆرۈپسىز بۇ ماشىنىنى . نىمكەش ماشىنا تور بېتىكەن . ماشىنا 2008 - يىلنىڭ بولسا ھەقىقەتەن ئەرزانكەن . مەن بۇ ماشىنىنىڭ سۈپىتىدىن سەل گۇمان قىلىپ قالدىم . چوقۇم مەسىلىسى بار . 2002 - نىڭ مۇشۇنداق ئازادە بېكىمۇ 40 مىڭلاردىن سېتىلغان بۇ يىل يىل بېشىدا .(بەلكىم سەپلىمىسى سىز كۆرگەن بىلەن سەل پەرىقلىنار) يەنىمۇ كۆرۈڭ . ئەڭ ياخشىسى ئىچكىرىدىن ماشىنا ئاچىقىۋاتقان ياخشى ئىشەنچلىك دوست بۇرادەرلەر بولسا شۇلارغا ھاۋالە قىلىڭ . ھازىر بەزى شەھەرلەرگە ئىچكىرىنىڭ 2009- يىلنىڭ تۆۋىنىدكى ماشىنىنى نوپۇسقا ئولتۇرغۇزمايدۇ . شۇڭا بەزىلەريىلى كوناراق مۇشۇنداق نوچى ماشىنىلارنى ئىچكىرىدىن ئاچىقىپ سانجىدا نوپۇسقا ئالغۇزىۋاتىدۇ . سانجى نوپۇسىدىكى يىلى كونا ماشىنىلار ھازىر جەنۇپ شىمالدىكى ھەر قايسى شەھەرلەردە كۆپيىىپ قالدى . بۇ خىلدىكى ماشىنىلارنىڭ كونا نۇسخىدىكى 2002 - 2005 يىلنىڭكىگىچە ئىچكىرىدىن ئەكىلىپ ھەيدەۋاتقانلار كۆپ . ماشىنا ھەقىقەتەن نوچى ئېغىر ئۇزۇن مۇساپە ماڭسىڭىز بۇ ماشىنىنىڭ نوچىلىقىنى بىلىسىز . ھەم ئىچىمۇ ئازادە . تاماقنىڭ نوچىسى مىفەنماشىننىڭ نوچىسى لىفەن قىمانىڭ نوچىسى تاۋكا
ماشنىنىڭ نوچىسى باۋما ماشىنىنىڭ باھاسى تۇرقىغا قارىغاندا ئەرزانكەن لىكىن سىرلىغان .ئۆرۈلگەن ، ئاستى قىسمىدىن چاتاق چىققان ماشىنىنى ئېلىپ قېلىشتىن خۇدا ساقلىسۇن شۇڭا تەجىربىلىكرەك بىرەرسى بىلەن كۆرۈشۈپ سېتۋېلىڭ .
يەنە بىر مەسلىھەت ئاشۇ 5 تۈمەن پۇلغا ئۈزىڭىز تۇرۇشلۇق نىمكەش ماشىنا بازىرىدىن كىيانىڭ 2008 چىققان پاكىزلىرىنى سېتىۋېلىشقا بۇلىشى مۇمكىن . ئامال بار ئۈزىڭىز كۆرۈپ سېتىۋالغانغا يەتمەيدۇ .
ماشىنا ئاقسۇدا، دەپتىغۇ. تەجرىبىسى بار ئادەمدىن بىر نەچچىنى باشلاپ ئاپىرپ كۆرۈپ باقسىڭىز بىلىسىز، تەجرىبىلىك كىشىلەر سىرلانغانمۇ يوق، سوقۇلغانمۇ يوق، ماتورنىڭ ھالى قانداق ماشىنىنى كۆرۈپ، ھەيدەپ بېقىپ بىلەلەيدۇ. ئاغىنەمنىڭ ئىسمى مەۋلان،
ماشىنىنىڭ نوچى فورلان.

كىنىشكەم چىقسىلا فورلاندىن بىرنى ئالىمەن خۇدايىم بۇيرىسا. مال توشۇشقا ئەپلىك.
4- قەۋەتتىكى Musicfanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تاماقنىڭ نوچىسى مىفەن
ماشىننىڭ نوچىسى لىفەن
دەل ئەكسى
تاماقنىڭ ئەسكىسى مىفەن
ماشىننىڭ ئەسكىسى لىفەن
بىيادى ، يولدا قۇيار پىيادى .
ماشىنىنىڭ چوڭ چاتىغى بولمىسا، يەنى قاتتىق ئۇرۇلۇپ سوقۇلۇپ دىگەندەك ئىشلىرى بولمىسا، ماتورى پاكىز، راملىرى ئاجراپ كەتمىگەن نورمال ماشىنا بولسا، باھاسىنى مۇنداق ھېساپلايمىز.
ماشىنىنى نوپۇسقا ئېلىش، نومۇر تاختىسى دىگەندەك چىقىملىرىنى چىقىرۋېتىپ ھېساپلىنىدۇ.
80 مىڭنىڭ ئۈستىدىكى ماشىنا بىرنچى يىلى 20 مىڭ چۈشىدۇ. ئىككىنچى يىلى 10 مىڭ چۈشىدۇ. ئۈچۈنچى يىلىدىن باشلاپ يىلىغا 5 مىڭدىن چۈشىدۇ.
مەسىلەن:
سىز ئالماقچى بولغان بۇ بېك ماشىنىنىڭ باھاسى رەسمىيەت ھەققىنى قوشماي، 100 مىڭ دېسەك،
2009-يلى نىمكەش باھاسى 80 مىڭ بولىدۇ.
2010-يىلى 70 مىڭ
2011-يىلى 65 مىڭ
2012-يىلى 60 مىڭ
2013- يىلى 55 مىڭ
ھازىر 2014 كەت تەۋە بوپ بولدى باھاسى 50 مىڭ
يۇقۇرقىسى پەقەت بۇ بېكنىڭ باھاسى 100 مىڭ سوم دەپ پەرەز قىلىنىپ ھېساپلانغان باھا جۇمۇ. خاتا چۈشىنىۋالماڭ. ئەسلى باھاسىنى توردىن سۈرۈشتۈرۈپ كۆرۈڭ.
ماشىنىنىڭ يىلىنى ئەينەككە قاراپ بىلگىلى بولىدۇ. ماشىنىنىڭ ئەينىكىدە ئەڭ ئاستىدا 2، 3 قۇر خەت ۋە سانلار بار. ئەڭ ئاستىدىكى 08.. دىگەن بۇ سان زاۋۇتتىن چىققان ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ. ئالدى كەينى ۋە يان تەرەپ بولۇپ جەمئې 6 پارچە ئەينەكتىكى چىققان ۋاقىت ئوخشاش بولسا، ئەينەكنى ئالماشتۇرماپتۇ دەپ بىلگىلى بولىدۇ. ھەم قاتتىق سوقۇلۇش بولمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلالايمىز.
08.. دەپ يېزىلغان بولسا 2008 -يىلنىڭ ماشىنىسى. 09.. بولسا 2009 - يىلنىڭ ماشىنىسى
ئالدى قاپقاقنى ئېچىپ ماتور ۋە راملارنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. بولۇپمۇ رامنىڭ پاياتلانغان ئورنىنى ياخشى تەكشۈرىسىز، ئىگىلىپ شەكلى ئۆزگەرگەن، ياكى ئاجراپ كەتكەن بولسا، قاتتىق ئۇرۇلغان ماشىنا دىگەن گەپ.
مۇشۇنچىلىك بىلىدىكەنمەن. ئەسلى ماشىنىنى كۆرمەي تۇرۇپ باشقا باھا بەرگىلى بولمايدۇ. ئۆزىڭىز ياكى دوسىتلىرىڭىزدىن ماشىنىغا ياخشى باھا بېرەلەيدىغانلار بولمىسا، ئەڭ ياخشىسى نىمكەش ماشىنا ئالماڭ!
ئېلىپ بىر مەزگىل ھەيدەپ قول كۆندۈرمەكچى بولسىڭىز، 30 مىڭ ئەتىراپىدىكى خالىغان ماشىنا بولسا بولىۋېرىدۇ. يېرىم يىل ھەيدەپ كېلەر يىلى 5 مىڭ سوم ئەتىراپىدا تۆۋەنلىتىپ سېتىۋەتسىڭىز بولىدۇ. مۇنبەرنىڭ ياخشىسى ئىزدىنىش
ماشىننىڭ ياخشىسى خافو 长城哈佛 H3
قاپىيە كەلمىدى ھە

ماشنىنىڭ يېڭىسى...
تۆمۈرنىڭ كونىسىنى ئامال بار ئالماڭلار. بېك دېگەن بېنزىننى سۇ ئىچكەندەك ئىچىدىغان ماشنا. بەش تۈمەنگە ئازراق پۇل قوشسا يېڭى ماشنا كېلىدۇ.
13- قەۋەتتىكى kokkaptarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بىر ئۇزۇن يىللىق شوپۇر ئاغىنەم، ئۆمرۈمدە نىمكەش بىككە يىقىن يولىمايمەن دەپ ئولتۇراتتى. مەنمۇ دەۋەتتىم، ئۆمرۈمدە نىمكەش سانتاناغا يىقىن يولىمايمەن. شەندەي، كىئا، فورت قاتارلىقلارغا كۆز سىلىپ قويۋاتىمەن.![]()
نىسسان ،كىيا،شىيەندەيلەرنى ئويلىشىڭ
ھەممىڭلارغا تەشەككۈر
مەن ئۇ ماشنىنى ئالدىنقى كۈنى كۆرگەن ئىدىم يۈزتۇدانە.
ئۇ خەنسو شىن كۈەن دېگەن ئىدى، بۈگۈن بىر بۇرادىرىم كۆرۈپ لاۋكۈەنكەن… ، ھەم قايتا سىرلىغانىكەن.بۇ باھا ا قىممەت دېۋىدى يېڭى ماشنا بازىرىغا بارسام يېڭى نۇسخىسىنىڭ قول خوتنى 88000 دىن ئدپتوماتىك خوتنى 98000 دىن ساتقىلى تۇرۇپتۇ.
شۇڭا ئالمايدىغان بولدۇم
ئارسلان مەمەتنىڭ ھېساپلىغىنىمۇ مۇۋاپىقكەن ، لېكىن بۇنى 20000يۈەندىن دېگەننى 20 پىرسەنت دېسەك توغرا بولغىدەك
ھەي.... ئۇنىمۇ بۇنىمۇ دەيمىز... يەنىلا:
بىزنىڭ باشلىقنىڭ ئىسمى ئازوڭ،
ماشىنىنىڭ ئەركىكى داجوڭ!

مېنىڭچە 50000غا ئازراق چىداپ يىگىرمەمىڭلارنى قوشسىڭىز خېلىلا يېڭى لەۋىدا ئالغىلىمۇ بولىدۇ. بولسا پاسسات، ماگوتان بولسىغۇ كارامەت ياخشى تېخى...
بولمىغاندا لەۋىدا، ياكى بولو ماشىنىسىمۇ بوپ قويىدۇ. بولو سەل كىچىك ئىچى تارراق ئەمما لەۋىدا بەك ياخشى. يەنىلا داجوڭ ئېلىڭ... ئارتۇق كاشىلىسى يوق، مەشھۇر ماركا. ئالامەت ماشىنا نىسسانsunnyقاندراق ماشىنا مۇشۇ، سەتلىكنى دېمىگەندە ئىچى خېلى كەڭرى تۇرىدۇ، ھەيدەپ باققانلار تەسراتىڭلارنى تاشلاڭلار. sunny 阳光 نىڭ كونا نۇسقىسى بولسا قارنى يامانكەن، لىكىن يىڭى چىققانلىرى ماي سەرپىياتى تۆۋەن دەيدۇ.
بەت:
[1]
2