polatbay يوللانغان ۋاقتى 2013-11-3 14:01:59

ئالما5s ۋە سەنشىڭ note3تېلفۇنىدىن قايسى ياخشى

يېقىندىن بېرى ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلفۇن سېتىۋىلىش ئىشتىياقىدا بولۇپ قالدىم،سەپلىمە جەھەتتىن ۋە سېستىما جەھەتتىن تاللاپ -تاللاپ ئالما5s ۋەسەنشىڭ note3تېلفۇنىدىن قايسىسىنى تاللاش توغرىسىدا ئىككىلىنىپ قالدىم،كۆپىنچى كىشىلەر ئالما تېلفۇنىنى سېتىۋاپتۇ،لېكىن سەنشىڭ تېلفۇننىڭ ئېكران يۈزى چوڭ،كىشىگە راھەت بېشغىشلايدىكەن،ئالما تېلفۇنىنىڭ سېستىمىسى بىر قەدەر ئىلغار ئىكەن.لېكىن قاتتىق دېتال سەپلىمىلىرى سەنشىڭغا يەتمەيدىغاندەك ھېس قىلدىم.ئىزدىنىشتا بۇ جەھەتتە بىلىملىك تورداشلار كۆپ دەپ ئويلايمەن،ئالدىنقى بىر تېمىدا توردىشىمىز ئارسلان مەمەت ئەپەندىنىڭ ۋىۋو تېلفۇنى توغرىسدىكى بايانلىرىنى كۆرۈپ ئىزدىنىشتا ئېلىكتىرون ساھەسىدە بىلىملىك تورداشلار ھەقىقەتەن كۆپكەن دەپ بىلدىم،ئالما5s ۋەسەنشىڭ note3تېلفۇنىدىن قايسى ياخشى،دوسلار بىلگەنلىرىڭلارنى ئايىماي سۆزلەپ بەرسەڭلار.

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-3 17:13:23

ھەر ئىككىلىسى ياخشى يانفۇن، بولسا ھەر ئىككىلىسىنى ئالغۇم بار.

Umun99 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-3 17:19:44

مەنچە نوت3 ياخشى .ھازىر نوت 2 دىن بىرئاز ئىلغار سامسوڭ ئىشلىتىۋاتىمەن.ھەقىقەتەن سىستىمىسى ئىلغار،ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش،ئەپ قوللۇنۇش جەھەتتە سامسۇڭ بەك قولايلىق.

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-3 18:04:46

ئىككلىسنى ئېلىڭ، سامسۇڭنى چاپان يانچۇققا. ئالمىنى ئىشتان يانچۇققا سېلىپ قويسا بۇلىدۇ.



نوت 3 مەنمۇ بىرنى ئالايمىكىن دەۋاتىمەن.

polatbay يوللانغان ۋاقتى 2013-11-3 18:07:45

3- قەۋەتتىكى zaparنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىككلىسنى ئېلىڭ، سامسۇڭنى چاپان يانچۇققا. ئالمىنى ئىشتان يانچۇققا سېلىپ قويسا بۇلىدۇ.



نوت 3 مەنمۇ بىرنى ئالايمىكىن دەۋاتىمەن.



بىرنى ئېلىشقا ئاران قۇربىم يېتەر...




zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-3 18:09:46

4- قەۋەتتىكى polatbayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


3- قەۋەتتىكى zaparنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىككلىسنى ئېلىڭ، سامسۇڭنى چاپان يانچۇققا. ئالمىنى ئىشتان يانچۇققا سېلىپ قويسا بۇلىدۇ.



نوت 3 مەنمۇ بىرنى ئالايمىكىن دەۋاتىمەن.



بىرنى ئېلىشقا ئاران قۇربىم يېتەر...



سامسۇڭ ئېلىڭە بولدى، 5ئېس دېگەن قولى ئىنچكە، ئالقىنى كىچىك قىزلارغا بەكرەك ماس كېلىدۇ\"\"







polatbay يوللانغان ۋاقتى 2013-11-3 18:11:14

http://item.taobao.com/item.htm?spm=1020.3.9.40.96cEfv&id=27332632677

تاۋباۋ يۇقاردىكى سودا دۇككىنىنىڭ سېتىۋاتقان نوت 3 تېلفۇنلىرى باھا جەھەتتىن مۇۋاپىقكەن،ئىشەنچىلىك دەرىجىسى باھالاش سۆزلىرىگە قارىغاندا ياخشىكەن،ھەقىقى مالدەك قىلىدۇ،بۇندق ئەرزان بولىشىدىكى سەۋەب نىمىدۇ؟

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-3 18:45:04

سىزگە مۇنداقلا تەكلىپ بېرەي،

ئىككىلا تېلىفوننىڭ يېتىشسىزلىكى ۋە ئارتۇقچلىقى بار. مەسىلەن سېستىمىنىڭ مۇقىملىقى، ئىلغارلىقى جەھەتتە گەپ يوق ئالمىنى تاللايسىز. سىزگە دېسەم ئالما تېلىفونغا ئۈگىنىپ قالغاندىن كېيىن باشقا تېلىفونلارنى ئىشلەتسىڭىز سەل يارىمىغاندەك تۇيغۇغا كەپ قالىسىز. مەسىلەن ئالما تېلىفوننى مۇتلەق بىر قول بىلەنلا ھەممە مەقسىتىڭىزگە يەتكۈدەك ئىشلىتەلەيسىز. سامسۇڭنىڭ ئېكرانى چوڭ بولغاچقا كۆپىنچە ھاللاردا يەنە بىر قولىڭىزنىمۇ ئىشلىتىپ بىر مەقسەت ئۈچۈن ئىككى قولنى ئاۋارە قىلىدىغان بىر ئىشى بار. تۇرمۇش دىگەندە ھەرخىل ئىشلار، بەزىدە يەنە بىر قولىڭىزدا بىر نەرسە بوپ قېلىپ تېلىفوننىڭ بىر يەرلىرىنى چۇقچىلىماقچى بولسىڭىز ئەپسىزرەك. بۇ جەھەتتە ئالمىنىڭ ھەجمىنى قانداق بىر كاللا ئىشلىتىپ لاھىيلىۋەتكەن بولغىيتى دەپ قالىمەن. يەنە بىرى ، ئالما تېلىفوننى نەچچە يىل ئىشلەتسىڭىزمۇ بىر كەمچىلىكى \"\" كونىرىغىلى ئۇنىمايدىغان بىر يېرى بار. يېڭىچىرەك بىر نۇسخىغا ئالماشتۇرۇۋەتكۈڭىز كەپ قالىدۇيۇ، بىراق ئالماشتۇرۇشقا باھانە تاپالماي ئىسراپخور خىيالىڭىز ئالدىدا خىجىل بوپ يەرگە قاراپ قالىسىز(مەندەك) \"\"، ئەمما پۇلىسى مۇۋاپىق بولۇش، سېستىمىسى جاھانغا ماسلاشقان بولۇش جەھەتلەردە سامسۇڭمۇ ھەرگىز قېلىشمايدۇ.



ئېھتىياج تۈپەيلىدىن قولۇمدا ئالما ۋە ئاندرويت سېستىلىقتىن بىر بوپ ئىككى تېلىفون بوپ قالدى. ئىككىسىنىڭ سېستىمىسى جەھەتتە روشەن سېلىشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. ئىشقىلىپ ئىككىلىسى بولىدىغان تېلىفونلار جۇمۇ

polatbay يوللانغان ۋاقتى 2013-11-3 18:58:41

تېلفۇن بىلەن كۆپرەك ھەپىلىشدىغانغا سامسۇڭ بولىدىكەندە ئەمىسە....

keyum007 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-3 19:46:40

يېقىندىن بۇيان يانفون تېمىسىدىكى تېمىلار جىقلاپ كەتتىمۇ يا \"\"

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2013-11-3 20:04:36

توردىن سەمسۇڭنىڭ تېلېفونلىرى بىلەن ئايغوننىڭ ئېگىزدىن تاشلاش سىناقلىرىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن قايسىنى ئېلىشنى ئويلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن !!

سەمسۇڭنىڭ تېلېفونىنىڭ ئىكرانى ئالاھىدە چوڭ بولغاچقا يەرگە چۈشكەندە ئىكرانى چېقىلىش ئېھتىمالى خېلى يۇقىرى ، تېلېفوننى قولدىن چۈشۈپ كەتمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ ، يەرگە چۈشۈپ ئىكران بۇزۇلسا نۇرغۇن پۇل خەجلەشكە توغرا كېلىدۇ، مەندە ئايغون 4s تىن بىرسى بارتى لېكىن شۇنچە چۈشۈپمۇ ئىكرانى چېقىلمىدى ، مەن دۇكاندا ئايغون ساتمايمەن جۇمۇ!! پەقەت ئۆزۈم ئەمىلىيەتتىن ئۆتكۈزگەن ئىشنى دېدىم ، پايدىلانسىڭىز تېخى ياخشى !!

parakende يوللانغان ۋاقتى 2013-11-3 20:14:50

10- قەۋەتتىكى pervazنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

توردىن سەمسۇڭنىڭ تېلېفونلىرى بىلەن ئايغوننىڭ ئېگىزدىن تاشلاش سىناقلىرىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن قايسىنى ئېلىشنى ئويلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن !!

سەمسۇڭنىڭ تېلېفونىنىڭ ئىكرانى ئالاھىدە چوڭ بولغاچقا يەرگە چۈشكەندە ئىكرانى چېقىلىش ئېھتىمالى خېلى يۇقىرى ، تېلېفوننى قولدىن چۈشۈپ كەتمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ ، يەرگە چۈشۈپ ئىكران بۇزۇلسا نۇرغۇن پۇل خەجلەشكە توغرا كېلىدۇ، مەندە ئايغون 4s تىن بىرسى بارتى لېكىن شۇنچە چۈشۈپمۇ ئىكرانى چېقىلمىدى ، مەن دۇكاندا ئايغون ساتمايمەن جۇمۇ!! پەقەت ئۆزۈم ئەمىلىيەتتىن ئۆتكۈزگەن ئىشنى دېدىم ، پايدىلانسىڭىز تېخى ياخشى !!



قوللايمەن . بۇرۇن مەنمۇ ئايفۇننى قىممەت كۇرەتتىم . بۇ يىل 4s تىن بىر ئېلىپ ئىشلىتىپ سېتىۋېتىپ ئاندىروئىد سېستىمىلىق تېلىفۇندىن ئېلىپ ئىشلىتىپ باقتىم . ئەمما ماڭا سەل يارىماي 4s تىن بىرنى يېڭىدىن سېتىۋالدىم .


كاساپەت بوپ قۇيىدۇ . ئەمما سامسۇڭمۇ دەششەت ياخشى دىيىشىدۇ يېقىنلار ....

Umun99 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-3 22:11:27

مىنىڭ تىلفۇنۇم كۈنىگە 5قىتىم چۈشىدۇ يەگە.ساپمۇساق ھىچنىمە بولمايدۇ.سامسوڭمۇ بەك چىداملىق.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-3 22:17:34

سامسوڭدىن نوچى تېلېفۇن بار دىسە مەن پەققەت ئىشەنمەس بوپ قالدىم. سامسوڭ ئېلىڭ!

Batush يوللانغان ۋاقتى 2013-11-4 06:23:02

Note3 نىلا ئېلىڭە.

مەنمۇ 10 كۈن بۇرۇن بىرنى ئالغان ، SM-N9005 دىن بىرنى 4250 سومغا. يېپيىڭى ، شىياڭگاڭ نۇسخىسى . (سۇ مال دەيمىزما ،水货دېگەننى) ،ھازىر باھاسى قانداقكىن.

RAM 3 GB دېگەن بىلەن ئۈچ گىگابايتس كۆرۈنمەيدىكەن. ئەمما باتارىيەسى ئوبدان يېتىدىكەن، توكى ئاسانلىقچە تۈگەپ كەتمەيدىكەن.








uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2013-11-4 08:19:29

Galaxy Note III

uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2013-11-4 08:22:45

ئالدىمىزدىكى 11-چىسلا باھا چۈشىدۇ. Tmall دىن ئالسىڭىزمۇ بۇلىدۇ. يامان يىرى گوگولنىڭ مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلىتەلمەيسىزدە

jesurmen يوللانغان ۋاقتى 2013-11-4 08:46:33

نوتنى قانداقسىگە ئالما 5 كە سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ؟

2نى ئىشلىتىپ باققان، ئاسانلا توك تۈگەيدۇ، قىززىيىدۇ بىر دەم ۋېيشىن ئوينىسا. ئالما 5 ئىشلىتىپ باقساڭلار بىلسىلەر قانداق ئىسىللىقىنى. سېستىمىسىنىڭ ئىلغارلىقىدا ئاندرويدنى ئالمىغا تېخى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ

nuzgum يوللانغان ۋاقتى 2013-11-4 09:49:12

مەن ئالمىنى يورغا ئاتقا، سەنشىڭنى قوتۇر ئىشەككە ئوخشىتىمەن،...قولۇمدا بەش ئەس بىلەن گالاكسى ئەس 4 بار...98% ۋاقتىمدا ئالمىنى ئىشلىتىمەن..ios بىلەن ئاندىرويىد تېلفۇنلارنىڭ قاتتىق دېتالىنى سىلىشتۇرۇش ئاقىلانە ئىش ئەمەس...ئالما تېلفۇنلارنىڭ سىستېمىسى ئۇنچىۋالا يۇقىر قاتتىق سەۋىيەدىكى قاتتىق دېتال تەلەپ قىلمايدۇ. شۇڭا ئالما تېلفۇنغا 8 يادرولۇق مېڭە قوشۇشنىڭ ئورنى يوق...ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالما تېلفۇنلاردا ھەر قانداق ئەپ سىزنىڭ رەسىملىرىڭىزنى، ئورنىڭىزنى، كالىندارىڭىزنى، تېلفۇن دەپتىرىڭىزنى، ئۇچۇرلارنى كۆرمەكچى بولسا سىزدىن سورايدۇ..سىز ھە دىگەندە كۆرەلەيدۇ...ئاندىرويىدتىكى ئەخلەت ئەپلەرنىڭ ھەممىسى سىزدىن سورىماي يۇقارقى ئۇچۇرلىرىڭىزغا ئېرىشەلەيدۇ..بۇ جەھەتتە ئالما سىستىمىسى ئىشلەتكۈچىگە بەك ھۆرمەت قىلىدۇ..ئۇندىن باشقا ھەرقانداق ئەپنىڭ ئالما سىستىمىسىدا ئىشلىشى بەك راۋان..بەك نوچى...ئاندىرويىدمۇ يىتىشىپ قالغان بولسىمۇ..يەنىلا ئالما ئىشلەتكەن ئادەمگە يارىمايدۇ...سەنشىڭىنىڭ شۇ ئېكراننىڭ چوڭلىقى، ئېكران ئىنىقلىقى چوڭلىقىدىن باشقا نەرى بار؟ ئىشقىلىپ ئالما تېلفۇن ئىشلىتىپ باقمىغانلار سامسۇڭ نوچى ديىشى ئىنىق....بېنىز ماشىنا ھەيدەپ باقمىغان ئادەم..ئۆزي ھەيدەپ باققان سانتانانى نوچى دىگەندەك..

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-4 09:53:27

Nokia Lumia1020 ئېلىڭ. ھازىرقى يانتېلفون مەشغۇلات سېستىمېسىنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا ئاندروئىدنى بەك ئەخلەت قاپلاپ كەتتى. سامسۇڭ، سونىي دېگەندەك شىركەتلەر كېيىنكى يانتېلفونلىرىغا ۋىندوۋس فون مەشغۇلات سېستېمىسىنى ئىشلىتىش ئېھتىماللىقى يۇقۇرى. ۋىندوۋس فون مەشغۇلات سېستېمىسىنىڭ مۇقۇملۇقى، تېزلىكى ئالاھىدە ياخشى. ۋىندوۋس مەشغۇلات سېستېمىسى بىلەن ئالاھىدە ياخشى ماسلىشىدۇ، پروگرامما تۈزۈشنى ئۈگەنمەكچى بولسىڭىزمۇ ھازىرقى بىلىدىغان بىرەر كومپيۇتېر تىلى ئاساسىدا ئازراق XML بىلىملىرىنى ئۈگەنسىڭىزلا ئاسانلا قول سېلىپ كېتەلەيسىز. ۋىندوۋس فون ئەپ بازىرىمۇ بارغانسىېرى موللىشىپ كەتتى، XBOX نىڭ ئويۇنلىرىنىمۇ ۋىندوۋس فون سېستىمىسىغا ماسلاشتۇرۇپ ياسالغانلىرى بار. يەنە كېلىپ مىكرو سوفت شىركىتىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلىرى يېزىقىمىزنى تولۇق قوللايدۇ. كېيىنكى ۋىندوۋس فون مەشغۇلات سېستېمىسىغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قېتىۋېتىش ئىھتىماللىقى خېلى يۇقۇرى. مىكرو سوفتتىن بىر تال ئابونت نامى ئېلىپ قويسىڭىز تېلفونىڭىزنى روتلايمەن، تۈرمىدىن قاچۇرىمەن دەپ ئاۋارە بولمايسىز، بىۋاستە ئۈچىنچى تەرەپ ئەپلىرىنى قاچىلاپ ئىشلىتەلەيسىز.
بەت: [1] 2 3
: ئالما5s ۋە سەنشىڭ note3تېلفۇنىدىن قايسى ياخشى