tashpolatrozi يوللانغان ۋاقتى 2013-11-3 11:27:07

تاشپولات: تارىختىكى داڭلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرى

تارىختىكى داڭلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرى: Lagrange Joseph Louis



تاشپولات روزى










   لاگىرانج بولسا ئىتالىيەنىڭ
Torino شەھىرىدە، 1736-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، 1753-يىلى
مۇشۇ شەھەردىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەيدۇ.
1766-يىلى Friedrich پادىشاھنىڭ تەكلىپى بىلەن بېرلىنغا كۆچۈپ بېرىپ، Euler
نىڭ ئىزباسارى بولۇش سۈپىتى بىلەن بېرلىن ئاكادېمىيىسىنىڭ ماتېماتىكا
مۇدىرى بولىدۇ. 1787-يىلى ئۇ پارسقا يۆتكىلىپ، يېڭى قۇرۇلغان فىرانسىيە
يۇقىرى مائارىپ ئورگىنىدا پروفېسسور بولۇپ، 1790-يىلى مېتىر ئۇسۇلىنى
بەلگىلەش كومىتېتنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلەيدۇ. ھەمدە 1795-يىلى فىرانسىيە
Ecole Poly Technique مەكتىپىنى قۇرۇپ چىقىپ مەكتەپنىڭ پرېزىدېنتى بولىدۇ.
بەختكە قارىشى 1813-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى ۋاپات بولىدۇ.



    ئۇ ماتېماتىكا تارىخىدا Eulerبىلەن P.S. Laplacedin قالغان 18
ئەسىردىكى داڭلىق ماتېماتىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ تەڭ دەۋرلىك مەسىلىنى
تەتقىق قىلىش ئارقىلىق پەرق ھېسابلاش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىپ، ئۇنىڭغا نورمال
كوردىنات سىستېمىسىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئانالىتىك مېخانىكىنى قۇرۇپ
چىقىدۇ. ئۇ بۇ ئارقىلىق ھەرقانداق Lagrange ھەرىكەت تەڭلىمىسىنى يېشىپ
چىقىدۇ. ئۇ ئانالىتىك ئىلمىدىكى نەتىجىلىرىدىن باشقا ئالگېبراغىمۇ كۆپ
نەتىجىلەرنى قوشىدۇ. ئۇ دەرىجە قاتارى ئارقىلىق دىففېرېنسىئال ئىنتېگرال
ئىلمىنىڭ ئاساسىنى بەلگىلەپ چىقىشقا ئىنتىلىدۇ. ئۇ يەنە ئالگېبرالىق
تەڭلىمىنىڭ ئالگېبرالىق يېشىش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىپ، يېشىمنىڭ گۇرۇپپا
ئالمىشىش چۈشەنچىسىنى بېرىدۇ. ھازىر بۇ چۈشەنچە Abel Galois نىڭ
نەتىجىسىدىن بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇلغان دەپ قارىلىدۇ.

kanjebatur يوللانغان ۋاقتى 2013-11-5 17:23:49

تاشپولاتكا،ئالىملارنى تور ئارقىلىق بىزگە تونۇشتۇرۋاتىسىز رەھمەت سىزگە.بولسا بۇشۇلارنى بىر كىتاپ قىلىپ نەشىر قىلدۇرسىڭىز قانداق؟ئۇيغۇر تىلىدا پەننى ئوقۇشلۇق كىتاپلار يوق دىيەرلىك.تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا ئالىملارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئۇقۇشقا ئامراقتىم،بىراق كىتاپ بولمىغاچقا،دەرسلىك كىتاپنىڭ ئاخىرىدىكى كىچىك خەتلىك ئوقۇشلۇقنى ئوقۇيتىم،ھازىرغۇ لازىم بولسا خەنچىسىنى ئوقۇيدىغان گەپ.مىنىڭچە پەننى ئوقۇشلۇقنىڭ ياش-ئۆسمۇرلەرنى پەنگە قىزىقتۇرۇشتا رولى چوڭ.
بەت: [1]
: تاشپولات: تارىختىكى داڭلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرى