tashpolatrozi يوللانغان ۋاقتى 2013-11-3 11:22:28

تاشپولات: ياپونىيە كائىنات زەمبىرىكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبە قىلدى



ياپونىيە كائىنات زەمبىرىكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبە قىلدى



تاشپولات روزى










   ياپونىيە، كائىنات
زەمبىرىكى ئارقىلىق كائىنات ئۇچار تاشلىرىنى (asteroid) نى ئېتىش
تەجرىبىسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى ئېلان
قىلغاندىن بېرى دۇنيانى ھەيران قالدۇردى. ئامېرىكانىڭ داڭلىق گېزىتلىرى ھەم
تېلېۋىزورلىرىدا مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. مۇنازىرىچىلارنىڭ
دېيىشىچە ئامېرىكانىڭ كائىنات زەمبىرىكىنى ياساشتا باشقا دۆلەتلەردىن كېيىن
قېلىشى ئامېرىكا ئالەم تەتقىقاتىنىڭ كەينىگە چېكىنىشى بولۇپ بۇ ئامېرىكا
ھۆكمىتىنىڭ ھەم پارلامېنتنىڭ NASA غا ئاجراتقان پۇلىنىڭ يىلدىن يىلغا
ئازىيىپ كېتىپ بېرىشى نەتىجىسىدىن بولۇۋاتىدۇ دەپ قارىغان.



   بۇ كائىنات زەمبىرىكىنى، ھايابۇسا 2 ئالەم ئۇچقۇرى (Hayabusa 2
Spacecraft) كائىناتقا ئېلىپ چىقىپ، ئىسمى "1999JU3" دەپ ئاتىلىدىغان
كائىنات ئۇچار تېشىنى ئاتىدىكەن. ھايابۇسا 2 ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ ماسسىسى 600
كىلوگرام بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 1.4 مېتىر، كەڭلىكى 1 مېتىر، ئېگىزلىكى 1.6
مېتىر ئىكەن.ئاتماقچى بولغان جىسىمنىڭ چوڭلۇقى 900 مېتىر بولۇپ ئۇنۇڭ ئوز
ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرلىكى 7.6 سائەت ئىكەن.



    ھايابۇسا 2 ئالەم ئۇچقۇرى ئاتماقچى بولغان ئۇچار تاشقا
يېقىنلاشقاندا،تىكەن سىمان مېتالنى ئۇنۇڭ يۈزىگە ئاتىدىكەن. بۇ ئېتىلىش
بىلەن ئۇچار تاشنىڭ يۈزىدە بىر بوشلۇق پەيدا بولىدىكەن. بۇ جەريان
تاماملانغاندىن كېيىن ھايابۇسا 2 ئالەم ئۇچقۇرى، ئۇچار تاشنىڭ يۈزىگە قونۇپ
ئۇ يۈزدىكى توپا ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ ئۇ يەردىن ئايرىلىدىكەن (بۇ پەقەت
تاشنىڭ يۈزىدىن ئېلىنغان ئەۋرىشكە). ئالەم ئۇچقۇرى ئۇچار تاشتىن مەلۇم
ئېگىزلىكتە ئايرىلغاندىن كېيىن، ئالەم زەمبىرىكى ئارقىلىق بايا ئاشقان
يۈزگە مېتال ئوقنى ئېتىپ ئېچىلغان بوشلۇقنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئاچىدىكەن. ئوق
ئۇچار تاشقا ئېتىلغاندا ھايابۇسا 2 ئالەم ئۇچقۇرى ئۆزىگە زەخىم كەلمەسلىك
ئۈچۈن تاشنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتىۋالىدىكەن. پارتلاش تۈگىگەندىن كېيىن،
ھايابۇسا 2 ئالەم ئۇچقۇرى ئېچىلغان تاشنىڭ يۈز تەرىپىدە پەيدا بولۇپ تىكەن
سىمان مېتالنى ئۇ يۈزگە قارىتىپ يەنە ئاتىدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئالەم
ئۇچقۇرى ئۇ يەرنى چوڭقۇر ئاشقاندىن كېيىن، ئۇنۇڭ يۈزىگە قونۇپ چوڭقۇر
يەردىن توپا ئەۋرىشكىسىنى ئالىدىكەن.



   ياپونىيەنىڭ ھازىرقى پىلانى بويىچە ئېيتقاندا ھايابۇسا 2 ئالەم
ئۇچقۇرى 2014-يىلى كائىناتقا ئۇچۇرۇلىدىغان بولۇپ، 2018-يىلى كائىنات ئۇچار
تېشىغا قونىدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇ 2020-يىلى يەر شارىغا قايتىپ
كېلىدىكەن.



    بۇ قېتىم ئاتماقچى بولغان ئۇچار تاش C تىپتىكى تاش بولۇپ، ئۇنۇڭ
تەركىبىدە ئورگانىك ماتېرىياللار ھەم سۇ بار دەپ قارىلىدىكەن. قۇياش
سىستېمىسى بەرپا بولغاندىن بۇيان بۇ تاشلار بولغان دەپ قارالغاچقا، ئۇ
يەردىن ئەكەلگەن توپا ئەۋرىشكىلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق يەر شارىنىڭ
پەيدا بولۇش سىرىنى، دېڭىز سۈيىنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ھەم ھاياتلىقنىڭ ئەسلى
مەنبەسىنى بىلىش ئىكەن.



    تۆۋەندىكى ئۇلىشىنى چەكسىڭىز ھايابۇسا 2 ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ ئۇچار
تاشلارنى قانداق پارتلاتقانلىقىنى ھەم ئۇ يەردىن قانداق قىلىپ توپا
ئەۋرىشكىسىنى ئالغانلىقىنى كۆرەلەيسىز.



http://www.youtube.com/watch?feature=player_embedded&v=pyqmLfGZ-IE



تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چەكسىڭىز بۇ توغرىلىق كوپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشىسىز.



http://gizmodo.com/japan-just-su ... attering-1451371986

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-3 18:18:47

رەسىم بىلەن ئۇلىنىش ئادېرىسى ئېچلمىدى دېسە.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-11-3 23:35:57

نەچچە يىل بۇرۇن دىمۇكراتلار پارتىيەسى ھاكىمىيەتتە ۋاقتىدا ھۈكۈمەت مالىيەنىڭ كىرىم چىقىم ئىشلىرىغا مەسئول ۋەزىر لېڭخو «نىمىشقا بىرىنچى بولمىسا بولمايدىكەن؟ئىككىنچى بولسا بولمامدىكەن»دەپ ئاۋانگارات پەنلەرنىڭ مالىيە ئىقدىسادىنى قىسقارىتقان ئىدى.

بۇ پاراڭ بىر مەزگىللەرگىچە مودا بولغان.

ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىقدىسادى كىسىۋېتىلگەن ئايپىئەس مولىكولا تەتقىقاتى تۈرىدە نوبىل ئالدى{:92:}

ئەمدى مالىيە چىقىمى قىسقارتىلغان يەنە بىر تۈردىن نەتىجە چىقىپتۇ.

لېڭخونىڭ شۇ گىپى بەلكىم يەنە قايتىدىن ئەسلەنسە كېرەك……



مۇشۇلارنى ئەسلەپ كەلسە 4يىل بۇرۇنقى ھاكىمىيەت ئالمىشىش ماڭا بىر سۈيقەسىتتەكلا بىلىنىۋاتىدۇ \"\"

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2013-11-4 12:39:05

سۇنئى ھەمرالارنىمۇ ئاتقىلى بولارما ؟ \"\"

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-4 13:15:56





   ئۇ زەمبىرەكلەر يەر يۈزىدىكى نىشانلارنى ، ھەم سۈننى ھەمرانى ئاتالارمۇ ؟

esir يوللانغان ۋاقتى 2013-11-4 15:51:59

3- قەۋەتتىكى yollughنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سۇنئى ھەمرالارنىمۇ ئاتقىلى بولارما ؟ \"\"

سۈنئىي ھەمرانى ئېتىش ئا بىرمىنى ئېتىشتىن جىق ئاساندۇ ..

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-11-5 11:15:37

3- قەۋەتتىكى yollughنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سۇنئى ھەمرالارنىمۇ ئاتقىلى بولارما ؟ \"\"



سۈنئىي ھەمراھنى ئېتىش بىز تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا سىناق قىلىنىپ بولغان ئىش، سوقۇلۇپ ۋەيران قىلىمىش. سائىتىگە كىلومېتىركېتىۋاتقان ماشىنا سوقۇلسا قانداق بولىدۇ بىلىسىلەر، سىكونتىغا كىلومېتىر مېڭىۋاتقان سۈنئىي ھەمراھقا تىك- تاك توپ چوڭلۇقتىكى ئوخشاش تېزلىكتىكى نەرسە قارشى تەرەپتىن كەلسە، بولدى.


70- يىللاردىلا، ھازىرقى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى توسىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياسىلىشتىن بۇرۇن، ئاتوم بومبىسىنى ئاتوم بومبىسى بىلەن توسۇيدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى تەييارلاپتىكەندۇق، ئامېرىكا بىلەن سوۋىتنىڭ ۋاقتىدا.

بەت: [1]
: تاشپولات: ياپونىيە كائىنات زەمبىرىكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبە قىلدى