ئانار يەيدىغان پەيت كەلدى
بۇ ئانار ئائىلىسىدىكى ئۈسۈملۈك ئانار دەرىخىنىڭ پىشقان مېۋىسى بولۇپ، كۈزدە مېۋىسى پىشقاندا ئۈزۈۋېلىنىدۇ.
ئانار تاتلىق،ئاچچىق دېگەندەك تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. چېچىكى ، ئۇرۇقى، مېۋە پوستى ، مېۋىسى ، يىلتىزى قاتارلىقلار دورىلىققا ئىشلىتىلىدۇ. تۆۋەندە ئانار مېۋىسىنى تونۇشتۇرىمىز.
تەبىئىتى مۆتىدىل.
تەسىرى ۋە ئاساسى داۋالايدىغىنى: يات ماددىلارنى تازىلاپ، تېرىنى سىلىقلاشتۇرۇپ، چىراينى ياخشىلايدۇ. يۈرەككە مەنپەئەت قىلىپ، قان كۆپەيتىدۇ. يۈرەك سېلىش، كەم قانلىق، تۇمۇرلار راۋان بولماسلىق، ئىچى تىتىلداش، يۆتىلىش،گال – كېكىردەك ئاغرىش، بەدەن ئۇرۇقلاشلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
مىقدارى: سىقىلغان سۈيىدىن يېرىم پىيالىدىن بىر پىيالىگىچە، مېۋىسىدىن بىر دانىگىچە.
ئۇرۇقى بىلەن يىسە قەۋزىيەت قىلىپ قويىدۇ. شۇڭا قەۋزىيەت كىشىلەر سۈيىنى ئىچىشى، ئىچى سۈرۈپ كەتكەنلەر ئۇرۇقى بىلەن يىسە ياخشى.
ئانارنى كۆپىنچە ئاشقازان ئاجىزلىقى، قان ئازلىق ۋە يۈرەك كىسىلىگە ئىشلىتىمىز. تۆۋەندە ئانار تەركىبلىك بىر نەچچە نۇسخا :
يۈرەككە قان يىتىشمەسلىك، يۈرەك رىتىمسىزلىقى بار كىشىلەر كۈندە بىر تالدىن ئانار يەپ بەرسە ۋە بۇنى بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرسا ياخشى پايدا قىلىدۇ، ئىسسىقچانلار ئاچچىق ئانار، سوغۇقچانلار تاتلىق ئانار يىسە ياخشى.
سەپرا خىلىتى ئېشىپ كەتكەنلەر ئاچچىق ئانارنى پوستى بىلەنلا سىقىپ سەھەردە ئاچ قورساققا بىر پىيالىدىن ئىچىپ بەرسە سەپرانى سۈرىدۇ.
تاتلىق ئانار سۈيىدىن بىر كىلو، ئاچچىق ئانار سۈيىدىن 500گرام، شىكەردىن ئىككى كىلو ئېلىپ، بۇلارنى يۇمشاق ئوتتا قاينىتىپ قىيام قىلىپ ئىچىپ بەرسە قان ئازلىققا ۋە ئاياللاردىكى ماغدۇرسىزلىق، چىرايى نۇرسىزلىققا بەك ياخشى پايدا قىلىدۇ.
ئانار سۈيى بىر كىلو، پىننە سۈيى 500گرام ، شىكەردىن 1500گرام ئېلىپ، بۇلارنى يۇمشاق ئوتتا قىيام قىلىپ ئىچىپ بەرسە ئىشتىھانى ئېچىپ، ئاشقازاننى ياخشىلايدۇ، قان كۆپەيتىدۇ.
ئانار سۈيى 2520گرام، بىھى سۈيى 500گرام، قىزىل ئۈزۈم سۈيى 840گرام، سەۋزە سۈيى 840گرام، شىكەردىن 4كىلو ئېلىپ، يۇمشاق ئوتتا قىيام قىلىپ، كۈندە ئۈچ قېتىم ئىچىپ بەرسە ۋە بۇنى بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرسا، يۈرەك، جىگەر، ئاشقازاننى كۈچەيتىدۇ، قان كۆپەيتىپ، ماغدۇر تولۇقلايدۇ، جىنسى قۇۋۋەتنى كۈچەيتىدۇ.
ئۇنتۇپ قېلىش قابىلىيىتىم كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ. قانداق قىلسام بولاكىن؟ تاس قالىمەن بەزىدە ئاچقۇچنى ئۆيدە قوياپ قوياپ سىرتقا چىقىپ كەتكىلى، ئامال يوق بىر تال ئاچقۇچنى شوينا بىلەن باغلاپ بوينامغا ئېسىپ يۈرىدىغان بولدۇم.


2- قەۋەتتىكى qarushtiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۇنتۇپ قېلىش دەپ قابىلىيەت بارلىقىنى بۈگۈن ئاڭلاپتىمەن جۇمۇ![]()
قابىلىيەت بولماي، مەن ھازىرغىچە ئۇنتۇيالماي خاتۇندىن -ھە!!!، يەنە ئويلاپ قالدۇقما!!!!
دەپ ئىزا ئىشتىپ دەڭە ، ئۇنتۇلغاقلىقمۇ ئىسىل قابىليەت ئوخشايدۇ.
ئەممازە مۇشۇ ھۇشۇر 800گىرام دائىملا،-كېسلە شوجاڭ كېسىلە! ئاشنىلىرىدەك تاتلىق ئانادىن قاسسىدە بىژ كىلو تاتايما!؛-دەپ ساتقان ئانىرنىڭ ھەممسى ئاچچىق!
بەك ئىسىل يۇرىت جۇمۇ، مېۋە-چىۋە دېگەن بەكمۇ ئسىل نېمەتكەن.
5- قەۋەتتىكى zaparنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەممازە مۇشۇ ھۇشۇر 800گىرام دائىملا،-كېسلە شوجاڭ كېسىلە! ئاشنىلىرىدەك تاتلىق ئانادىن قاسسىدە بىژ كىلو تاتايما!؛-دەپ ساتقان ئانىرنىڭ ھەممسى ئاچچىق!
بەك ئىسىل يۇرىت جۇمۇ، مېۋە-چىۋە دېگەن بەكمۇ ئسىل نېمەتكەن.
ئانارغا بەك ئامراق مەن سەل ئاۋارىچىلىق بولسىمۇ گەرچە يېيىش
ئەمما ئاچچىق ئانارنى پەقەت يېيەلمەيمەن سۈيىنى سوغۇق بولسا ئىچەلەيمەن ئەمما
ئەجەپ يىگۈم كەلدى. كۈندە بىر ئانار يەپ بېرىشنى ئادەت قىلسام بولغۇدەك ئىزدىنىشلىق دوسلار قەشقەردىن ئانار ئالماقچى بولۇپ ئاچچىق ئانار ئەپ قېلىشتىن ئەنسىرسە پېقىرنى ئىزدىسەڭلار بولىدۇ كاپالەت بىلەن تاتلىق ئانار ئېلىشىپ بىرىمەن ۋاقىت چىقىرىپ.
بالىلارمۇ بار، ھەم ئۆزەممۇ بىر قاراپلا تونۇيالايمەن تاتلىق ئانارنى



12- قەۋەتتىكى ziltarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن ئاچچىق ئانارغا ئامراق، ئانارنى جىق ئېلىپ قويۇپ ساقلاپ قويسا بۇزۇلۇپ قالامدۇ (2~3 ئايدا)؟
تادۇبەگ دېگەندەك سەھرادىكى تۇغقانلىرىڭكىدىن بىر خالتا سامان ئېلىپ، بالكونغا تۆكۈپ، ئىككى يېشىك ئانار ئېلىپ ئارىسىغا كۆمبەتسەڭ قىشىچە بۇزۇلمايدۇ. بالكون دىمەي سامانلىق دەيدىكەنمىزدە.
سامان قىممەت تۇختاپ كېتىدىغان بولدى. تۇققانلار بۇغداي تېرىماپتۇ. 石榴补血糖浆 قان تولۇقلاش دورىسىنىڭ ئۈنىمى ھەقىقەتەن ياخشىكەن.خوتەندە ياسالغانغۇ دەيمەن.

بەت:
[1]
2