hkaraqkesh يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 10:35:06

دۇنيادىكى مەشھۇر ئاشىق-مەشۇقلار...

تارىختىن بويان ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان تېمىلاردىن بىرى
ئىشقى – مۇھەببەت تېمىسىدۇر. ئىشقى – مۇھەببەت بەزىدە تولىمۇ ئازاب – ئوقۇبەتلىك،
دەرت – ئەلەملىك بىر ئىش ۋە پالاكەت، بەزىدە ئىلاھى ھەدىيە، مۇرادىغا يېتىش، خۇشاللىق،
بەخت – سائادەت، يەنە بەزىدە تارىخنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتەلەيىدىغان بىر كۈچتۇر. مەسىلەن،
يەر يۈزىدە لەيلى – مەجنۇن ئەپسانىسى ۋە دىۋان شائىرى ئابدۇلباقىنىڭ قانۇنى سۇلتان
سۇلايماننىڭ كېنىزەكلىرىدىن تۇتىغا ئاشىق بولغىنىغا ئوخشىغان قانچىلىغان ئىشقىي – مۇھەببەتلەر
ئوتتۇرىغا چىقىپ، تىللارغا داستان بولغاندۇر.



ئۇلارنىڭ ھېكايلىرى، ئىشقى – مۇھەببەت بابىدا مۇرادىغا يېتىش
ئىنكانسىز دەپ قارىلىۋاتقان بىر پەيتتە، بۇنىڭ مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەندۇر.



:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::


   1.


ئابدۇلباقى ئەپەندى قانۇنى سۇلتان سۇلايمان زامانىدا ياشاپ ئۆتكەن
ئاتاغلىق شائىر بولۇپ، «شائىرلارنىڭ سۇلتانى» دەپ ئاتىلاتتى.



ئابدۇلباقى ئەپەندى بىر مۇئەززىننىڭ بالىسى ئىدى. ياش ۋاقتىدا
«سۇمبۇل قەسىدىسى» ناملىق شېئىرى ئارقىلىق نام چىقىرىشقا باشلىغاندا، مەردانىلىك
بىلەن قولىغا بىر شېئىرنى ئېلىپ زاتى ئەپەندىنىڭ كىتاب دۇككىنىغا بارغانىدى. بىراق
شۇ ۋاقىتتا ئەڭ مەشھۇر شائىر ھېسابلىنىدىغان زاتى، شېئىرنى ئابدۇلباقىنىڭ يازغانلىقىغا
ئىشەنمىگەنىدى. ئابدۇلباقى دەرھال قولىغا قەلەپ ئېلىپ، قاپىيەلىك سۆز دۇردانىلىرىنى
قەغەزنىڭ يۈزىگە قوندۇرۇپ، شېئىرنىڭ ئۆزىگە ئائىت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن
چاغدا، شائىر زاتى ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئەقلى قابىلىيىتىگە ھاڭ – تاڭ قالغان ۋە ئۇنى
ھىمايىسى ئاستىغا ئېلىپ، شېئىرنىڭ قانداق دېكلاماتسىيە قىلىنىدىغانلىقىنى ئۆگەتكەنىدى.



ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئابدۇلباقىنىڭ تەسىرلىك شېئىرلىرى
داڭلىق زاتلارنىڭ سورۇنلىرىدا ئوقۇلىدىغان بولدى. ھەتتا خان سارىيىدىمۇ قۇلاقتىن قۇلاققا
كۇسۇرلىنىشقا باشلىدى. مەشھۇر شائىرلاردىن بولۇش يولىدا كۈنسېرى ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقى
ئۈچۈن ئابدۇلباقىدا ئۆزىنى فۇزۇلىدىنمۇ ئۈستۈن كۆرىدىغان بىر خىل ئادەت يېتىلگەنىدى.
ھەۋەسكار تەبىئىتى بىلەن بىر كۈن قازىلىق ماقامىغا ئېرىشىشنى تولىمۇ ئارزۇ
قىلاتتتى. شۇ ۋەجىدىن بەزىدە، كىم ئۇنىڭغا مەنپەئەت يەتكۈزسە شۇنىڭغا يېقىنلىشىشقا
تىرىشسا، يەنە بەزىدە، تۈرلۈك ھىيلە – مىكىرلەرنىمۇ ئىشلىتەتتى.



ئابدۇلباقى قاپىيەگە ئۇستا، ئەقىلللىق كىشى ئىدى، شۇنىڭ بىلەن
بىر ۋاقىتتا پاكار ۋە قارغا بۇرۇنلۇق كۆرۈمسىز ئادەم ئىدى. بىراق تەقدىرنىڭ
چاقچىقى پەلەكنىڭ چاقىنى ئايلاندۇرۇپ، ئابدۇلباقىنىڭ كۆڭلىنى بىر نازىنىن قىزغا
تارتتۇرۇپ قويدى.


ئابدۇلباقى ئەپەندى، بىر كۈنى سارايغا بارغاندا، ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى
ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان قانۇنى سۇلتان سۇلايماننىڭ ھۇزۇرىدىن ئايرىلىۋاتقاندا، ھەرەم
ئاغىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا بىر گۇرۇپپا كېنىزەك ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇلارغا
يول بېرىپ بېشىنى ئەگكەنىدى. دەل شۇ چاغدا بىردىنلا شامال چىقىپ، ئەڭ ئارقىدىكى
دىلبەرلەردىن بىرىنىڭ ھىلھىلە چۈمبىلىنى يەرگە چۈشۈرۈۋەتتى. قىزنىڭ تولۇن ئايدەك
جامالى ئابدۇلباقىنى ھەيرانۇ – ھەس قالدۇردى. ئابدۇلباقى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە
بولغان ئارىلىقتا قىزغا بىر قۇر نەزەر تاشلىدى. نازىنىن قىزنىڭ گىلاس رەڭلىك لەۋلىرىگە،
ئالتۇن بويلىرىغا ۋە ئاق يۈزىدىكى قىزغۇچ مەڭزىگە ئاشىق بىقارارلىق ھىسىياتىنى يۇشۇرالمىغان
كۆزلىرى بىلەن تويماي قارايتتى، دەل شۇ دەقىقىلەردە قىز ئاغىلىرىنىڭ بىرى ئۇنى
ئاگاھلاندۇردى. نازىنىنمۇ دەرھال گۈل يۈزىنى يۆگىدى. دەل شۇ چاغدا ئابدۇلباقى ئۇنىڭ
ئىسمىنىڭ تۇتى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدى.


شۇندىن تارتىپ، ئابدۇلباقى پۈتكۈل شېئىرلىرىنى ئاشۇ كېنىزەك
قىزغا ئاتاپ يېزىشقا باشلىدى. گاھى ئۇ، «بۇ قىز جەننەتتىن چۈشكەن بىر پەرىشتە، ئۇنىڭ
ۋىسالىغا قانداقمۇ يېتەلەرمەن» دەپ ئۆكسۈپ– ئۆكسۈپ يىغلايتتى. ھېلىقى نازىنىن
قىزنىڭ ۋىسالىغا يېتىش ئۈچۈن كىچە – كۈندۈز خىيال دۇنياسىغا غەرق بولۇپ كېتىدىغان
ئابدۇلباقىنىڭ يۇقىرى ماقامغا ئېرىشىش ھەۋىسىمۇ ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇپ كەتكەنىدى،
ئۇنىڭ بىردىن – بىر ئارزۇسى قانداقلا بولمىسۇن بۇ گۈزەل دىلبەرنىڭ ۋىسالىغا يېتىش
ئىدى. ئەمما شۇنچىلىك كۆپ توسالغۇلار بار ئىدىكى...



ئابدۇلباقى ئەپەندى گۈزەللىك دۇنياسىدىن مەھرۇم ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ
شائىر رەقىبلىرى شېئىر يېزىشتا ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەي، ئۇنىڭ ئەگرى بۇرنىغا تىل تەككۈزۈپ،
«قارغا بۇرۇن باقى» دېيىش ئارقىلىق ئىنتىقام ئېلىشاتتى. تۇتى بولسا، بەئەينى رەڭگارەڭ
گۈزەل بوستانلىقتىكى ئەڭ چىرايلىق قۇشنىڭ ئۆزى ئىدى...شۇنداق چىرايلىق نازىنىن
ئىدىكى، ئۇنى ھەرقىقىي رەۋىشتە تەسۋىرلەپ بېرىشكە ھەقىقەتەنمۇ تىل ئاجىزلىق
قىلاتتى.



بىراق ئەسلى پالاكەت، تۇتىنىڭ قانۇنى سۇلتان سۇلايماننىڭ ھەرىمىدىكى
بىر كېنىزەك بولۇشى ئىدى. چۈنكى بىراۋ ھەدەمدىن بىرەر ئايالغا كۆڭلىنى تارتتۇرۇپ
قويغان ھامان بېشىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپى بار ئىدى.



شۇڭا، ئابدۇلباقى نائىلاج تۇتىنى ئۇنتۇش ئۈچۈن ھەلەپكە كېتىشكە
قارار قىلدى. ئەسلىدە ئۇ «ھەلەپكە بارغاندىن كېيىن بەلكىم قايتىدىن يۈكسەك ماقامغا
ئېرىشىش ھەۋىسىم قەلبىمنى مەشغۇل قىلار، شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ تۇتىنى ئۇنتۇپ كېتەرمەن»
دەپ ئويلايتتى. بىراق ھەلەپتە ئىككى يىل تۇرغىنىغا قارىماي تۇتىنى ھېچ ئۇنۇتالمىدى،
شۇڭا ئۇ ئىستانبۇلغا قايتىپ دەردىگە داۋا ئىزدەشكە باشلىدى. ناھايەت قانۇنى سۇلتان
سۇلايماننىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشىشنى بىردىن بىر چارە دەپ ئويلىدى، بۇنداق بولغاندا،
قانۇنى سۇلتان سۇلايماندىن كېنىزىكىنى تەلەپ قىلالايتتى.


لېكىن بۇنداق قىلغىنىدا، ھۆكۈمدارنىڭ ئىلتىپاتىدىن مەھرۇم قېلىش
ئېھتىماللىقىمۇ يوق ئەمەس ئىدى. يەنە كېلىپ خەلق ۋە شائىرلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىشى،
ھەتتا بېشىدىن ئايرىلىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. بىراق ئابدۇلباقى ۋىسالىغا يېتىش ئۈچۈن
جېنىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىنمۇ قورقمايتتى. چۈنكى ئۇ ھەممىگە تەييار ئىدى.


قانۇنى سۇلتان سۇلايمان پۈتكۈل زېمىن يېشىل كىمخابتىن
يارىشىملىق تون كىيىپ، يېڭىچە ھاياتقا خۇشاللىق بىلەن كۈلۈمسىرىگەن باھار كۈنلىرىنىڭ
بىرىدە ھەرەم ئاغىلىرى بىلەن بىرلىكتە سەيلىگە چىقتى. قانۇنى سۇلتان سۇلايمان قېيىققا
چىققىنىدا كوچىلاردىكى مۇھاپىزەتچىلەر ئەتراپتا بىرەر قۇشنىڭ ئۇچۇشىغىمۇ يول
قويمايتتى. ھۆكۈمداردىن كېيىن ۋەزىرلەر بىلەن دۆلەت ئەركانلىرىمۇ قېيىققا چىقىشتى.
ئەمدى نۆۋەت ھەرەم خەلقىگە كەلگەن ئىدى. دەل شۇ چاغدا ئابدۇلباقى بىردىنلا تۇتىنى
كۆرۈپ قالدى...


ئابدۇلباقى ئۇدا بىرقانچە يىل ئىشقى ئوتىدا تالاي كېچىلەرنى
ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگەن دىلبىرىنى تۇنجى قېتىم تېخىمۇ يېقىن يەردىن كۆرۈش ۋە پۇرسەتنى
قولدىن بېرىپ قويماسلىق مەقسىتىدە تۇتىغا يېقىنلاشتى. دەل شۇ چاغدا كۈتۈلمىگەن بىر
ئىش يۈز بەردى.


قېيىققا چىقىش ئۈچۈن ماڭغان تۇتىنىڭ يىقىلىپ چۈشەي دەپ
قالغانلىقىنى كۆرگەن ئابدۇلباقى قوللىرىنى ئۇزىتىپ ئۇنى تۇتۇۋالدى. بىراق سۇلتاننىڭ
ھەرىمىدىكى بىر كېنىزەكنىڭ قولىنى تۇتۇش ناھايىتى چوڭ خاتالىق ئىدى.


بۇ ئەدەپ ئەخلاققا خىلاپ ئەھۋالغا قارىتا مەيدانغا يىغىلغان
كىشىلەر جىمجىتقىنە ئابدۇلباقى ئەپەندى بىلەن نانىزىن تۇتىنى كۆزىتىۋاتاتتى. قانۇنى
سۇلتان سۇلايمان بولسا ئابدۇلباقى بىلەن تۇتى تەرەپكە قاراپ ماڭدى ۋە مەسلىھەت ئۈچۈن
شەيخۇل ئىسلامنى يېنىغا چاقىردى. نە كېنىزىكىنىڭ نە شېئىرلىرىنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدىغان
ئابدۇلباقى ئەپەندىنىڭ بېشىغا بىر ئىش كېلىپ قېلىشنى خالىمىغان سۇلتان، خۇددى داۋۇد
پەيغەمبەرنىڭكىدەك يېقىملىق ئاۋازى بىلەن «ھەممىڭلار شاھىت بولۇڭلار! كېنىزىكىمىز
تۇتى خاتۇننى دوستىمىز ئابدۇلباقى ئەپەندىگە بەردۇق... خەيرلىك بولسۇن... » دېدى.


ئابدۇلباقى ئەپەندى شۇ كۈندىن تارتىپ تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر؛
«ھامىيىم سۇلايمان خان ماڭا بىر تېپىلغۇسىز ئۈنچە – مارجاننى بېغىشلىدى» دەيتتى. ئابدۇلباقى
ئەپەندى ۋىسالىغا يەتكەنلىكى ئۈچۈن باشقا شائىرلارنىڭ كەمسىتىشلىرىگە قىلچە پەرۋا
قىلمايتتى. چۈنكى ئۇ ئۇزۇن يىللار ئاشىق بىقرار بولۇپ، ئوتىدا كۆيگەن تۇتىغا ئېرىشكەنىدى.
ئەمدىلىكتە ئۇ ئەڭ گۈزەل شېئىرلىرىنى دىلبىرىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ يازاتتى، ھەمدە تۇنجى
قاپىيەلەرنى ئالدى بىلەن ئۇنىڭغا ئوقۇپ بېرەتتى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن غەزەللەرنى ئېيتاتتى...



داۋامى بار




مەنبە: تور دۇنياسىدىن يىغىپ رەتلەندى

hkaraqkesh يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 11:40:44

2.





ئانادولۇ شەھەرلىرىدىن بىرىدە تۇغۇلغان ئەبۇ بەكرى قانى، 20 ياشلىرىدا تۇنجى پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، ئىستانبۇلغا كەلگەندىن كېيىن، ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ئارزۇ - ئارمانلارنى قوغلاپ يۈرگەنىدى. كاتىپلىق قىلىۋاتقان مەزگىللەردە، شائىرلىق روھى سايىسىدا، ساز ۋە شېئىر ئوقۇش سورۇنلىرىدا ھەممە ئۇنىڭ يولىغا تەلمۈرۈپ قارايدىغان بىر خىل ۋەزىيەت شەكىللەنگەنىدى. ئەبۇ بەكرى قانى، ھەم ئۆتمۈش ھەمدە كەلگۈسىدىكى غەم - قايغۇلاردىن يىراق ھالدا قانداق خالىسا شۇ بويىچە ھايات كەچۈرەتتى. ئۇ كۈندىلىك ھاياتىنى ئەنە شۇنداق ئارزۇ - ئارمانلارغا غەرق بولۇپ ئۆتكۈزۈۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئانادولۇ قىشلاقلىرىدا مېڭىسىگە مۆھۈردەك بېسىلىپ كەتكەن دۇئالارنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتكەنىدى. بۇغداي ئۆڭلۈكتىن قوڭۇر تەڭلىككە قەدەر نۇرغۇنلىغان قىزلارنى ياخشى كۆرگەن، بۇ جەرياندا يىللارنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ۋە بېشىغا قانداق ئاق چۈشكەنلىكىنىمۇ قىلچە سەزمىگەنىدى.

40 ياشلارغا كىرگەن چاغدا ئەبۇ بەكرى قانىنىڭ يولى ئەلى پاشانىڭ دىۋان كاتىپى سۈپىتىدە سىلىسترەگە چۈشكەنىدى. يېشى كامالىغا يەتكەنلىكى ئۈچۈن بۇ يەردە بىر ئائىلە قۇرۇشنىڭ مۇناسىپ بولىدىغانلىقىغا قارار قىلدى. ئۇ پىشىپ يېتىلگەن ئىشقى - مۇھەببىتىگە ماس كېلىدىغان ياش بىر مەشۇق تېپىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى.



ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسى بىر كۈنى تۇنا دەرياسى قىرغىقىدا ئەمەلگە ئاشتى. ئۇ دەريا بويىغا بارغىنىدا، تولۇن ئايدەك بىر ساھىپجامال قىز سوغا چۆمۈلۈۋاتاتتى. ئۇ شۇنچىلىك چىرايلىق ئىدىكى، قۇياش كۆرسۇن دەپ ئوچۇق قويغان مۈرىلىرى بىلەن ھۆل بولۇپ كەتمىسۇن دەپ تۈرۈۋالغان كۆڭلىكىنىڭ ئېتەكلىرىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان پاچاقلىرى بەئەينى ھەيكەللەردەك تۈز ۋە سۈزۈك بولۇپ، بىراۋنىڭ كۆزىتىۋاتقانلىقىدىن خەۋەرسىز ھالدا سۇدا بەخىرامان ئويناۋاتاتتى.



ئەبۇ بەكرى قانى ئەپەندى بىر ھازا نېمە قىلارىنى بىلەلمەي ھاڭ - تاڭ قالدى. دەل شۇ چاغدا رۇم نازىنىن بۇنى سېزىپ قېلىپ، تولىمۇ خىجىل بولۇپ كەتتى. ئەبۇ بەكرى قانى ئەپەندى بۇ قېتىم قىزنىڭ نومۇسچان ۋە ئىپپەتلىك ئىكەنلىكىگە ھەيران قالدى. قىزغا يامان نىيەتلىك كىشى ئەمەسلىكىنى ئىزھار قىلماقچى بولدى، بىراق قىز ئالدىراپ - تېنەپ كېتىشكە تەمشەلدى. ئەبۇ بەكرى قانى ئەپەندى ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشتى. چۈنكى درەھال ھەرىكەتكە ئۆتمىسە قىزنى كۆزدىن قاچۇرۇپ قوياتتى. ئۇ ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ ئاخىرى قىزنىڭ يولىنى توسۇپ، «يا مېنىڭ جېنىمنى ئېلىشىڭ، ۋەياكى سالىمىمنى ئىلىك ئېلىشىڭ كېرەك» دېدى. بىراق قىز ئەبۇ بەكرىنىڭ يېشىنى ئىما قىلغاندەكلا قوشۇمىسىنى تۈرۈپ يولىنى داۋاملاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ بەكرى نائىلاج يېزىغا قەدەر قىزنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ ماڭدى.

قىز ئەبۇ بەكرىنىڭ ئىزىغا چۈشكەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن ھەم ئۈركۈپ كەتتى ھەمدە تولىمۇ سۆيۈندى. ئەسلىدە ئەبۇ بەكرىنىڭ مەنىلىك سۆزلىرى قىزنىڭ يۈرىكىنىڭ قۇلۇپىنى ئاللىقاچان ئېچىۋەتكەنىدى.

ئەبۇ بەكرى، قىزنىڭ سىلىسترەدىكى راھىپنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ پوپنىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ، نېمە قىلارىنى بىلمەي قالدى. ئەتىسى ۋە كېيىنكى كۈنلەردە قىزنىڭ يولىنى كۆزەتتى، كېچىلىرىنى بولسا تۈرلۈك خىياللار ۋە ئارزۇ - ئارمانلار بىلەن ئۆتكۈزەتتى. ئىشلىرىنى ئاقسىتىپ قويغان بولسىمۇ قىلچە كارى بولمىدى. بىراق كۈنلەر بىر بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتۈپ كېتىۋەرگەن بولسىمۇ قىزنى كۆرەلمىگەندىن كېيىن ئەبۇ بەكرىنىڭ ھەسرەت - نادامەتلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى. بولۇڭ پۇچقاقلاردا يېتىپ قانچىلىغان تاڭلارنى ئاتقۇزىدىغان ۋە ناھايىتى گۈزەل ئىشقى - مۇھەببەت شېئىرلىرىنى يازىدىغان بولغانىدى.

ئەبۇ بەكرى ئۆزىنى ياخشى كۆرۈپ - كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان قىزنى سىلىسترە يېزىسىدىن سۈرۈشتە قىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە راھىپنىڭ قىزىنى بىر مۇسۇلمانغا بېرىپ - بەرمەيدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. 40 ياشلارغا يېقىنلىشىپ قالغاندا ياش بىر قىزغا ئۆيلىنىشنى تەلەپ قىلىشى ئەقىلغا مۇۋاپىقمۇ ئەمەسمۇ بۇنىمۇ بىلمەيتتى. ئۆزىنى يەنە چارىسىز ھېس قىلغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەبۇ بەكرىنىڭ سەۋرى - تاقەت قاچىسى تاشتى. بېشىمغا نېمە كەلسە شۇنى كۆرەرمەن دەپ چىركاۋنىڭ ئىشىكىنى چەكتى.

غىچىلداپ ئېچىلغان ئىشىكنىڭ ئالدىدا راھىب، ئارقىسىدا قىز ھەيرانلىق ئىلكىدە قاراپ تۇراتتى. ئەبۇ بەكرى غەيرەتكە كېلىپ، قىزىغا ئۆيلىنىش ئارزۇسى بارلىقىنى دادىسىغا ئېيتتى. يېشى چوڭ بولسىمۇ ھەۋەسكار ۋە كەسپى ياخشى بولغانلىقتىن قىزىغا ئوبدان قارايدىغانلىقىنى ئىزھار قىلدى.



بىراق راھىب قىزىنى بەرمەيلا قالماي ئەبۇ بەكرى قانى ئەپەندىنى ھەممە ئادەمنىڭ ئالدىدا؟؟؟؟؟؟؟قىلدى. خەلق پوپنىڭ قىزىغا، يەنە كېلىپ يېشىنىڭ چوڭلۇقىغا قارىماي ئۆيلىنىشنى تەلەپ قىلغان ئەبۇ بەكرىنى مازاق قىلىشتى. ئەمما ئەبۇ بەكرى بۇنىڭغا قىلچە پىسەنت قىلماي ئۇدا بىرقانچە يىل يېزىدا تۇردى. كەمسىتىلىپ خورلانسىمۇ رۇم قىزىنىڭ يازغان ئىشقىي - مۇھەببەتلىك مەكتۇپلىرى ئەبۇ بەكرىنىڭ بىردىن بىر تەسەللىسى ئىدى.



شۇ تەرىقىدە بىرقانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆسەك سۆزلەردىن تويۇپ كەتكەن راھىب، بۇنداق كېتىۋەرسە قىزىغا تەلەپ قويىدىغان باشقا يىگىتلەرنىڭ چىقماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئەبۇ بەكرىنى يېنىغا چاقىردى. قىزىنى بېرىدىغانلىقى توغرۇلۇق ۋەدە بەردى. بىراق ئۇنىڭ بىر شەرتى بار ئىدى: ئەبۇ بەكرى قانى ئەپەندى دىنىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك ئىدى.



ئەبۇ بەكرى قانى ئەپەندى راھىبنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تولىمۇ غەزەپلەندى، ئەمما قىزنىڭ كۆڭلىنى ئۇتقانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالغان مۇنۇ سۆزىنى ئېيتتى: «ئىنساپ قىلىڭ پوپ ھەزرەتلىرى. 40 ياشلىق قانى، بولۇپ كېتەمدۇ شۇنداقلا پانى!»



يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئەبۇ بەكرى يالغاندىن بولسىمۇ پوپنىڭ شەرتىگە ماقۇل بولمىغانلىقىغا پۇشايمان قىلاتتى، ئەمما پۇرسەت قولدىن كېتىپ قالاتتى. پوپ قىزىنى يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن لىمنى ئارىلىغا ئەۋەتىشكە قارار قىلغان بىر كېچىسى ئەبۇ بەكرى بىلەن قىز مەخپى ھالدا كۆرۈشتى. بىر ئۆمۈر بىرلىكتە ياشاشقا قەسەم ئىچىشىپ، كېچىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشتى، تاڭ يورۇشى بىلەن تەڭ ئايرىلىشتى.



رۇم نازىنىن لىمنى ئارىلىغا ئەۋەتىلگەندىن كېيىن ئەبە بەكرىمۇ سىلىسترە يېزىسىدا تۇرمىدى. بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ئۇ يەردىن بۇ يەرگە سۆرىلىپ ياشاشنى داۋاملاشتۇردى. شۇنداقتىمۇ باشقا قىزلارنىڭ چىرايىغا قاراپمۇ قويمايتتى.







خېلى يىللار شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ كەتتى. بىر كۈنى لىمنى ئارىلىغا مەھبۇسلارنى توشۇغان بىر پاراخوت يېقىنلاشتى. قىش مەۋسۇمى بولغانلىقى ئۈچۈن ئارال خەلقى يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭمۇ كەلتۈرۈلگەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ ساھىلغا يىغىلغانىدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا راھىبە بولغان ھېلىقى رۇم قىزىمۇ بار ئىدى. مەھبۇسلار پاراخوتتىن نۆۋەت بىلەن چىقىرىلىۋاتقاندا، رۇم قىزىمۇ تەڭرىدىن بۇ مەھبۇسلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىۋاتاتتى. بىراق ئەڭ ئاخىرقى بىر ئادەمنىڭ تۇرقى ئۇنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇ ئادەم يېقىنلاشقانسېرى رۇم قىزى ئۇنى تونىدى ۋە پۈتكۈل ۋۇجۇدى ئىشقى - مۇھەببەتنىڭ ئوتىدا لاۋۇلداپ يېنىشقا باشلىدى، چۈنكى ناھايىتى تەسلىكتە ماڭالايدىغان بۇ ئادەم، دۆلەت خىزمىتى ئۈچۈن لىمنى ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان ئەبۇ بەكرى قانى ئەپەندىدىن باشقىسى ئەمەس ئىدى. ئەبۇ بەكرى ئەپەندىمۇ راھىبەگە يېقىنلاشقان چاغدا ھاياجانلىنىپ بىردىنلا يەرگە يىقىلىپ، ھوشىدىن كەتتى، ئۇ بىرنېمىلەرنى دەپ پىچىرلايتى، ئۇنىڭ پىچىرلاشلىرىدىن پەقەت قىزنىڭ ئىسمىنىلا ئىلغا قىلغىلى بولاتتى. قىز مۇزغا چۈشۈپ ھوشىدىن كەتكەن ئاشىقىنىڭ بېشىنى تىزلىرىغا قويۇپ، چىڭ قۇچاقلىدى. ئەبۇ بەكرى ھوشىغا كەلمىگەندىن كېيىن ئۆيلەردىن بىرىگە ئېلىپ بېرىلدى. ھەممە كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ يېنىدا پەقەت راھىبە قىزلا قالغانىدى. قىز ئەبۇ بەكرىنىڭ بېشىدا ئولتۇرۇپ، بۇرۇنقى كۈنلەرنى ئەسلەپ، شېرىن تۇيغۇلار ئىلكىدە ئۇنىڭ ئاق ئارىلىغان چاچلىرىنى سىلايتتى.



تاڭ ئاتقان چاغدا ئەبۇ بەكرى قانى ئەپەندى ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزىگە تونۇش بولغان خۇشپۇراقنىڭ ھىدى بىلەن بەختىيار ئويغاندى. پىكىرلىرىدە يېرىم قالغان خۇشاللىقىنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. بىراق يېنىدا جانسىز ياتقان راھىبەنى كۆرگەندىن كېيىن يەنە ھوشىدىن كەتتى. ۋىسالىغا يېتىشكە توسقۇنلۇق قىلغان تەقدىردىن ئاغرىندى.



ئەبۇ بەكرى قانى ئەپەندى ئۇدا ئىككى يىل ھەر كۈنى تاڭ سەھەردە رۇم قىزىنىڭ قەبرىسىنىڭ بېشىدا دۇئا قىلدى. كېيىنكى يىللاردا لىمنى ئارىلىغا كەلگەنلا كىشى رۇم قىزىنى ئۇلۇغ زات بىلىپ، ھۆرمەتلەپ زىيارەت قىلىدىغان ۋە نەزىر چىراق قىلىدىغان بولدى.



ئەبۇ بەكرى قانى ئەپەندى بولسا ئىستانبۇلغا قايتىپ 6 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ۋاپات بولدى، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە شېئىرلىرىمۇ ئۇنتۇلۇپ كەتتى. بىراق «40 ياشلىق قانى، بولۇپ كېتەمدۇ شۇنداقلا پانى!» دېگەن سۆزى ماقال - تەمسىل سۈپىتىدە قانچە ئەسىرلەردىن بۇيان ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتى.

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 17:45:36

ئىشىق ئوتى دېگەن ھە!مەنمۇ ئاشىق بىرسىگە ھازىرغىچە!

kangasman يوللانغان ۋاقتى 2013-11-3 02:37:18

ئەلشىر ناۋايىنىڭ مۇھەببەت پاجەسى دىگەن يازمىنى نەچچە يىل بۇرۇن ئوقۇپ كۆزۇمگە ياش كەلگەن \"\"
بەت: [1]
: دۇنيادىكى مەشھۇر ئاشىق-مەشۇقلار...