bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 21:41:42

NASA: كائىناتتىكى ئەڭ سوغۇق جاينىڭ تېمپەراتۇرىسى ئۆلچەندى

NASA: كائىناتتىكى ئەڭ سوغۇق جاينىڭ تېمپەراتۇرىسى ئۆلچەندى




بىلىمخۇمار

2013-يىلى 1-نويابىر




ناسا مەركىزى JPL دە ئىشلەيدىغان «Raghvendra Sahai» باشچىلىغىدىكى بىر گۇرۇپپا مۇتەخەسسىسلەر چىلىگە جايلاشقان، ئىنگلىزچە «Atakama Large Millimeter/submillimeter Array (ALMA)  » دەپ ئاتىلىدىغان تېلېسكوپ بىلەن كائىناتتىكى ئەڭ سوغۇق جاينىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ چىقتى.  ئۇ ئەڭ سوغۇق جاينىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 272 سېلسىيە گرادۇس بولۇپ، بۇ تېمپېراتۇرا كائىناتتىكى بوش جايلارنىڭ ياكى كائىناتنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىنىڭ تېمپېراتۇرىسىدىنمۇ تۆۋەن ئىكەن.  بۇ ئەڭ سوغۇق جاينىڭ ئىنگلىزچە ئىسمى « Boomerang Nebula in the constellation Centaurus » بولۇپ، ئۇ سامان يولى گالاكسىنىڭ ئىچىدە ئىكەن.  ھەمدە ئۇ يەرنىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 5000 نۇر يىلى ئىكەن.




مەن كۆرگەن ماقالىدىكى بايانغا ئاساسلانغاندا، بۇ ئەڭ سوغۇق رايوننىڭ مەركىزىدىكى قۇياشقا ئوخشاش يۇلتۇز ھازىر ئۆمرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا يېقىنلىشىپ قالغان بولۇپ، بۇنداق ۋاقىتتا ئۇنىڭ گازلىرى سائەتىگە 500000 كىلومېتىر تېزلىك بىلەن سىرتقا تارقىلىدىكەن.  گازنىڭ مۇشۇنداق تارقىلىشى تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇ خىل جەريان توڭلاتقۇنىڭ ئىچىدە يۈز بېرىدىغان جەريان بىلەن ئوخشاش ئىكەن.  




مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ بايقىشى «ئاسترونومىيە-فىزىكا ژورنىلى» (Astrophysical Journal) نىڭ ئەڭ يېقىنقى سانىدا ئېلان قىلىندى.  (مەن ھازىر تۆۋەندىكى 2-رەسىمنى تارتقان كىشىلەرنىڭ بىرى بولغان John Trauger بىلەن بىللە ئىشلەيمەن)




مەنبە:

http://news.discovery.com/space/astronomy/this-is-the-coldest-place-in-the-universe-131025.htm




رەسىم:

<http://static.ddmcdn.com/gif/blogs/dnews-files-2013-10-boomerang-nebula-670x440-131025-jpg.jpg>

The Boomerang Nebula reveals its true shape with ALMA. (Credit: Bill Saxton; NRAO/AUI/NSF; NASA/Hubble; Raghvendra Sahai)




<http://static.ddmcdn.com/gif/blogs/dnews-files-2013-10-hs-2005-25-b-large_web-jpg.jpg>

Hubble image of the Boomerang nebula taken in 1998 with the Wide Field Planetary Camera 2 instrument. Credit: NASA, ESA, R. Sahai and John Trauger (Jet Propulsion Laboratory) and the WFPC2 Science Team.

1





2

falcon921 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 08:58:43

بىرىنچى رەسىمگە سىنچىلاپ قارىسا غەلىتە نەرسلەر كۆرىندىكەن ئادەمنىڭ كۆزىگە \"\"

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 13:21:43

تېلېسكوپ بىلەن تىمپراتۇرا ئۆلچەشنىڭ پرىنسىپى قانداق بولىدىغاندۇ؟

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 16:32:00

ئاتاكاما چۆللۈكى، تېلېسكوپلارنىڭ جەننىتى.

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 17:23:45

بۇ تېمىنى ئۈلۈشكۈن كەچتە ۋاڭيى تورىدا كۆرۈپ تەرجىمە قىلاي دەپ ئويلىغانتىم، بىلىمخۇمار ئاكىمىز يوللاپ بوپتۇ.



گۇدلاك سورىغان سوئالىنىڭ جاۋابىمۇ بار ئىكەندۇق. ھازىرقى ئالەم تېلسىكوپلىرى بىز بىلىدىغان ئوپتىك تېلسىكوپقا ئوخشىمايدىكەن. نۇرنى ئانالىز قىلىپ، ئاندىن كومپىيوتىر بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، رەسىم ھالىتىدە بىزگە كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. تېمپىراتۇرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، نۇرنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلىقى دىگەن خۇسۇسىيەتلىرىدە ئۆزگۈرۈش كۆرىلىدىغان بولغاچقا، بۇ ئارقىلىق نىشان يۇلتۇزنىڭ تېمپىراتۇرىسىنى ھېساپلاپ چىققىلى بولىدىكەن.

يەنە شۇ نۇرنى تەتقىق قىلىپ، يۇلتۇزنى تەشكىل قىلغان ماددىلارنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنىمۇ ئىنىقلاپ چىققىلى بولىدىكەن.

forever يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 20:00:35

مۇتلەق تېمپۇراتۇراغا ئىنتايىن يېقىنكەندە!!!
بەت: [1]
: NASA: كائىناتتىكى ئەڭ سوغۇق جاينىڭ تېمپەراتۇرىسى ئۆلچەندى