qurwan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 14:02:55

314 تۈرلۈك ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرى، كەسپىي ھەقنى بىكار قىلىندى


مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت تەرەقققىيات كومىتېتى مۇشۇ ئاينىڭ 24- كۈنى ئۇچۇر ئېلان قىلىپ بىكار قىلغان 314 تۈرلۈك ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرى- كەسپىي ھەقنى بىكار قىلغان بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە ھەرقايسى ئۆلۆىلەردە ئەڭ ئومۇملاشقان پىلانلىق تۇغۇت ئوپىراتسى ھەققىمۇ باركەن.


يەنە مەجبۇرىي زەھەر تاشلاتقۇزۇش ھەققى، نوپۇس يۆتكەشنى تەستىقلاش ھەققى، جوڭگۇچە ئاشپەزلىكنى ئۆگۈنۈش ھەققى، شەھەر تازلىقى ھەققى قاتارلىقلار ھەققىدىمۇ گەپ باركەن.


خاتا چۈشۈنىۋالغان يەرلەر بولسا تۈزۈتۈپ بىرەرسىلەر


http://politics.people.com.cn/n/2013/1030/c70731-23376601.html

ulukjan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 23:45:57

بالا چۈشۈرۈش،ئۈزۈك قويدۇرۇش ۋە ئېلىش،ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى،مۇناسىۋەتلىك بەزى تەكشۈرۈشلىرى ھەقسىز قىلىنىپتۇ.پىلانلىق تۇغۇن ئوپراتسىيەسى دېسە تۇغۇت ئوپراتسىيەسى ھەقسىز بولغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭلار.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 12:54:59

ئوبدانكەن .دۆلىتىمىز مۇشۇنداق قىلىپ ھەقىقى مۇكەممەل سوتسىيا لىستىك دۆلەت بۇلالايدۇ .

uqkun28 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 17:57:23

خە، ئاشۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان تۈرلەرگە يېڭىدىن بىر چاپان كەيدۈرۈپ قىلىدىغىنىنى قىلىۋىرىدۇ، چاپاننىڭ ئىچىدىكىسىنى بايقاپ بولغۇچە سەمىرىپ خېلى يەرگە بارىدۇ ئەمەسمۇ....... بۇ يىل نەۋرە ئاكامىنىڭ يەرلىرىنى ھاۋالىگە ئاساسەن باشقۇرۇپ بەرگەن ئىدىم، «سېلىقنى كېمەيىتپ دىھقانلارنى باي قىلىمىز» دىگەن گەپنىڭ تېخىچە يولدا كىلۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ قالدىم.

ayalman77 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 21:14:49

bugday يوللانغان ۋاقتى 2013-11-3 11:32:49

بۇغداي تولۇقلىمىسىنى كۆپەيتىپ بىرىش توغرىسىدا ئۇچۇر يوقمۇ؟
بەت: [1]
: 314 تۈرلۈك ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرى، كەسپىي ھەقنى بىكار قىلىندى