kanat520 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 13:57:10

مەن بىلەن دادام ئوتتورسىدىكى «چىكىت»تىن خۇيمۇ زىرىكتىم

مۇشۇ كىشى ئىسمىنى خەنچە يازغاندا ئىسىم بىلەن فامىلە ئوتتورسىغا چىكىت قويوشنى كىم بەلگىلىگەن بولغىيتىكى مۇشۇ نەس باسقان چىكىتنىڭ دىشۋارچىلىقىنى خېلى تارتتىم ، بەلىكىم بۇ كىنىشكا كۆپ دۆۋلەتتىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز مۇ ماڭا ئوخشاش ھىسىياتتا بولسا كىرەك .

    ئۇزۇندىن بىرى ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان مۇئاش كارتامغا ئايلىق پۇلنى قاچىلىيالمىغانلىق توغرىسىدا بوغالتېردىن تېلفون تاپشۇرىۋالغاندا تەلىيىمگە يارىسا بانكىدا ئۆچىرەتتە تۇرۋاتقان بولغاچقا ، تېلفوننى بىۋاستە بانكا خادىمىغا تۇتقۇزۇپ قويدۇم ، ئۇلار بىر ھازا كالدىرلاشتى ،گىپىنىڭ ئورامىغا قارىسام يېقىندا بانكا سېستىمىنى ئومومىي يۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرگەنلىك سەۋەبلىك ئىسىم فامىلە ئوتتورسىدىكى چىكىت 半角دىن 全角غا ئالماشقانمىش .بوغالتىر كومپىيۇتېردىكى چىكىتنى ئۆزگەرتسىلا بولارمىش  شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشمۇ ھەل بولغان بولدى ، ييېقىندا توردىن مال سېتىۋېلىش سەۋەپلىك تورھىساۋاتىمغا يەنى 支付宝غا پۇل ئاغدۇرغان ئىدىم ، سودا پۈتمەي پۇلنى بانكا كارتىغا قايتۇرۇش ئىلتىماسىنى سۇنۇپ قويسام 2كۈنگىچە جىمجىت ، كىيىن قارىسام پۇل يەنە 支付宝دا تۇرۇپتۇ بۈگۈن 支付宝غا كىرىپ قاراپ باقسام بانكا كارتىدىكى ئىسىم بىلەن تىزىملاتقان ھەقىقىي ئىسىم ماس كەلمىگەچكە بانكا رەت قىلدى دىگەن ئۈچۈر تۇرىدۇ ، 支付宝غا تىزىملاتقاندا نەچچە ئاي ھەپىلىشىپ يۈرۈپ ئاران مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ھەم بانكا كارتا ئارسىدا ئوبورت قىلغىلى بولاتتى ،مۇلازىمەت تېلفونىدا سۆزلەشسەم تىزىملاتقان ئىسىمنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ ، بانكىغا بېرىپ ئۆزگەرتكىن دەيدۇ ، بانكا بىرتۇتاش سېستىما يۇقۇرلىتىش قىلغان تۇرسا مەن بىر كىشىنىڭ ئىسمىدىكى چىكىت ئۈچۈن سېستىمى چۈشرمەيدۇ دىسەم ئامال يوق دەپ قاراپ ئولتۇرىدۇ ، مانا بۇ چىكىت سەۋەبلىك نۇرغۇن ئىشلاردا قولايسىزلىقلارغا يولۇققاچقا ، ئاچچىغىمدا گىزىتكە ئىلان بىرىپ ئىسىم فامىلە ئارسىدىكى چىكىتنى يۇقۇتاي ياكى پەقەت ئىسىمنىلا ئىشلىتەي دەپ ئويلىسام ، بۇنىڭ بەدىلى تېخىمۇ كۆپ بولغىدەك ، كىملىك ، نوپوس،ئالى مەكتەپ شاھادەتنامىسى ، ئۈنۋان ، ھەرقايسى بانكا كارتىللىرى ، پايچېكى ، فونت ، ئۆي كىنىشكىسى ، يەر خېتى ، تۇرالغۇ فوندى ، سۇغۇرتا ، پىراۋا.............قاتارلىقلارنىمۇ ئالماشتۇرمىسام بولمايدىكەن .

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 16:24:51

نوپۇس بىلەن كىملىكتىكى بىرەر خەت ئوخشىمىسغۇ تاماشا دېگەن شۇ چاغدا.

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 16:45:11

كىچىك بالىلارنى دەسلەپتە نوپۇسقا ئالدۇرغاندا، ئارىدىكى چېكىتنى ئېلىۋەتسە بولىدىغۇ دەيمەن.

ulukjan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 17:04:59

مۇشۇ چېكىت سەۋەبلىك نەچچە قېتىم توردا ئالغان پويىز بېلىتىنى ئاپتوماتىك بېلەت ئېلىش ماشىنىسىدىن چىقىرالماي ئۆچرەت تۇرۇپ ئېلىشقا مەجبۇر بولدۇم.تا ھازىرغىچە ئۆزۈم توردىن ئايروپىلان بېلىتى ئالالمايمەن.ۋاكالىتەن ساتقۇچىلاردىن ئالىمەن.بۇ قايسى خىل ئۆلگۈر چىكىت بولغىيتى.قايسىسىنى كىرگۈزسەممۇ بىكار،خاتا دەپ چىقىۋالدى.توردىن ھېساپ يۆتكەيدىغان ئىشنىغۇ ئەسلا قىلالمىدىم.

86 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 17:16:11

مەنغۇ زېرىكىپ -تېرىكىپ نەۋاق. پۈشتىخانىغا كىرىپ باشقىلارنىڭ كارىتسىغا پۇل يوللاپ بېرىمەن دەپ ئۆچرەتتە تۇرۇپ ئاران نۆۋەت كەلگەندە، كارتا نومۇرى بىلەن ئىسمى ئوخشاش ئەمەسكەن دەپ تۇرىدۇ، ئىسىم فامىلە ئوتتۇرىسىدا چېكىت بارمۇ يوق دەيدۇ. بار بولىشىمۇ مۇمكىن. يوق بولىشىمۇ مۇمكىن دىسەم. بىرلا قېتىم سىنايمەن بولماي قالسا باشقا تۈشۈككە بېرىپ بىجىرىسەن دەيدۇ. شۇنداق قىلىپ، چېكىت يوق بولغىنى ئۇدۇل كەلمىدى. شۇنىڭ بىلە باشقا تۈشۈككە بېرىپ ئۆچرەتتە تۇرۇپ، نۆۋەت كەلگەندە ، ئىسىم بىلەن فامىلىنىڭ ئارىلىقىدا چېكىت باركەن دىسەم، سىناپ بېقىپ ئۇدۇل كەلمىدى دەيدۇ.(يېرىم خەت چېكىتنى قۇيۇپ سىناپتۇ) شۇنداق قىلىپ بۇ تۆشۈكنىڭ نۆۋىتىمۇ تۈگىدى. يەنە بىر تۆشۈككە بېرىپ چېكىت پۈتۈن خەت چېكىتى ئوخشايدۇ دىسەم ئۇمۇ سىناپ بېقىپ بۇمۇ بولمىدى دەيدۇ. كىم بىلسۇن، چېكىت بولغاندىمۇ قۇرنىڭ ئاستى تەرىپىگە ئۇدۇل كەلگىنىمۇ ئەمەس، ھېلىقى ئالاھىدە رەقەملەرنىڭ ئارىسىدىن چىقىرىدىغان، يۇمشاق كۇنۇپكا تاختىسىدا چىقىدىغان، قاپ ئوتتۇرىغا كېلىدىغان چوڭ بىر قارا چېكىتكەن ئەمەسمۇ؟

ھەي چكېىت! ھەي چېكىت! بانكا، ياكى شۇنىڭدەك مۇلازىمەت قىلىدىغان يەرلەردە بىجىرگەن نەرىسىلەرگە ، ھەر بىر يەردە قايسى خىلدىكى چېكىتنى ئىشلەتتى، بىلگىلى بولماي ئادەمنى خاپا قىلىدىكەن. مۇشۇ 3 تۈرلۈك چېكىتنىڭ بىرىنى تاللاپ پۈتۈن شىنجاڭغا ئۆلچەم قىلىدىغانلىقى تۇغرىسىدا پاراڭ قىلسا بولىدىغان ئوخشايدۇ.


买买提.赛买提(半角), 买买提.赛买提(全角), 买买提·赛买提(标点符号), 买买提。赛买提(全角汉字点

alwun12 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 17:43:26

شۇنى دەيمەن بۇ چىكىت قويدىغان ئىشنى قايسى چوشقا ئويلاپ تاپقاندۇ .

uqkuri يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 17:46:54

标点符号دېگىنى توغرىمىكى .كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ ئاساسى كۇنۇپكا رايۇنىدىكى سان رايۇنىنىڭ بىرىنچىسى شۇ،يەنى 1نىڭ سول تەرىپىدە.)·(

ayalman77 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 18:13:29

parakende يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 18:45:39

ئوخشاش ئىشلارغا ئوخشىمىغان رايۇنلاردا دۇچ كەپتىمىز \"\"

talmas يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 18:45:55

مەنلا ئەمەسكەنمەن بۇنداق ئىشقا يۇلۇققان،ئىشقىلىپ كارتا بىجىرگەندە شۇ چىكىتنىڭ قايسى چىكىت ئىكەنلىكىنى ئېنىق سۇرىۋالسا بولغىدەك،بولمىسا ئالدىراپ قالغاندا بەك ئاۋارىچىلىقكەن. \"\" \"\"


راست تېخى ،مەن سورىسام .ئوخشىمىغان بانكىلارنىڭلا ،ئەمەس،ئۇخشاش بىر بانكىدىمۇ بىرلىككە كەلمىگەنكەن. 045.gif  045.gif

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 18:50:47

كارتامنىڭ تور بانكا كەسپىنى ئاچتۇراي دەپ كىرسەم كارتىدىكى ئىسىم ئوتتۇرىسىدىكى چىكىت خاتاكەن دەپ كارتىنى بىكار قىلىۋېتىپ ئىسىم ۋە چىكىتنى توغرا تولدۇرۇپ يېڭىدىن كارتا بېجىرىپ بەرگەن ئىدى. ھازىرغىچە تاۋباۋ، جىڭدوڭ ۋە باشقا تورلاردا ئىسمىم توغرىسىدا ئاۋارىچىلىققا ئۇچراپ باقمىدىم.

mustakil يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 19:33:38

‏‏ئىسىمنىڭ ئوتتۇردىكى چېكىتنىڭ ئاۋارچىلىقىدىن باشقا ،پاسپورتتىكى ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن دادىسىنىڭ ئىمى ئالمىشىپ قالغان ،  ئۇيغۇر ،قازاق، قىرغىز، ئۆزبىك، تاتار قاتارلىق ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ پاسپورتتىكى ئىسىم - فامىلىسى خەنزۇچە يېزىلسىمۇ ،ئۇيغۇرچە ئىسمىنى ئۆلچەملىك ئېنگىلىزچە يېزىپ بەرسە بولاتتى ، مۇشۇنداق پىكىر تەكلىپلەرنى قايسى ئىدارە ئورگان قۇبۇل قىلىدۇ ، شۇلارغا مۇشۇ پىكىرلەرنى دېسەك ھەل بولارمۇ؟

bariber يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 20:03:29

ئاز كۈندە بۇلار يەنە خەلىقنى ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىتىدىغان بىرنىمىلەرنى ئويلاپ تاپىدۇ.

faith يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 21:08:17

ئەگەر قارشى تەرەپ ئوتتىردىكى قارا چېكىتنى ئۇرالمىسا «alt+0183» يەنى ئالىت كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ 0183 دەپ يازسا دەرھال قاپقارا «·» دىن بىرى پەيدە بولىدۇ. بۇ بەلكىم ئاشۇ چېكىتنىڭ كود شەكلى بولسا كېرەك. بۇنى ئپىتىدائىي كىرگىزۈش دەيمىز. ئەستە ساقلاش ئىقىتدارى بارلار تۇتىۋالساڭلار بەك ئەسقاتىدۇ. مەن ئىشلىتىۋېرىپ ئېسىمگە سىڭىپ قاپتۇ.

ulukjan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 21:48:27

مېنىڭكىدە چىقمىدىغۇ؟  {:134:}

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 08:33:52

13- قەۋەتتىكى faithنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەگەر قارشى تەرەپ ئوتتىردىكى قارا چېكىتنى ئۇرالمىسا «alt+0183» يەنى ئالىت كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ 0183 دەپ يازسا دەرھال قاپقارا «·» دىن بىرى پەيدە بولىدۇ. بۇ بەلكىم ئاشۇ چېكىتنىڭ كود شەكلى بولسا كېرەك. بۇنى ئپىتىدائىي كىرگىزۈش دەيمىز. ئەستە ساقلاش ئىقىتدارى بارلار تۇتىۋالساڭلار بەك ئەسقاتىدۇ. مەن ئىشلىتىۋېرىپ ئېسىمگە سىڭىپ قاپتۇ.

· رەھمەت·

kanat520 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 10:33:16

13- قەۋەتتىكى faithنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەگەر قارشى تەرەپ ئوتتىردىكى قارا چېكىتنى ئۇرالمىسا «alt+0183» يەنى ئالىت كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ 0183 دەپ يازسا دەرھال قاپقارا «·» دىن بىرى پەيدە بولىدۇ. بۇ بەلكىم ئاشۇ چېكىتنىڭ كود شەكلى بولسا كېرەك. بۇنى ئپىتىدائىي كىرگىزۈش دەيمىز. ئەستە ساقلاش ئىقىتدارى بارلار تۇتىۋالساڭلار بەك ئەسقاتىدۇ. مەن ئىشلىتىۋېرىپ ئېسىمگە سىڭىپ قاپتۇ.

مەن ئىزدىسەم alt+0149 دەپ چىقتى سىناپ باقسام دەرۋەقە  شۇنداقكەن

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 10:48:21

@faith


alt+0183 دە ئورۇق، alt+0149 دە سېمىز چىقىدىكەنغۇ. قايسىسى ئەمدى؟ \"\"

dillani يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 13:05:30

مېنىڭ ئېسىمدە قېلىشچە مىنىڭ ئىسمىم ئۇيغۇرچە بىر خىل يېزىلاتتى لىكىن تۇلۇقسىزدىن تارتىپ ھازىرغىچە خەنزۇ چە يېزىلىشى بەش قىتىم ئالماشتۇرۇلۇپ يېزىلىپتۇ دىمەك جوڭگو شىجاڭدا مەندىن ئالتىسى باركەن ھېلىمۇ كىملىك نۇمۇرىم بىر خىل تۇرۇپتىكەن بولمىسا ،.... .

مۇشۇ تىل يېزىق  ئىدارىسىدىكىلەر ساۋاتسىزمىكىن دەيمەن .

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 15:45:26

بىزنىڭ بالىلاردىن بىر نەچچىسى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئىلىپ، جەدىۋەل توشقۇزىدىغاندا ئىسمىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بەزىلىرى پەش، بەزىلىرى خەنسۇچە چىكىت‹

。›يىزىپ قويۇپتىكەن ھەممىسىنى قايتۇرىۋىتىپتۇ، بۇدا توغرا توشقازمىسا مۇكاپاتنى بىكار قىلىمىز دەپتۇ.  {:106:}
بەت: [1] 2
: مەن بىلەن دادام ئوتتورسىدىكى «چىكىت»تىن خۇيمۇ زىرىكتىم