esir يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 12:34:16

تاۋباۋدىكى يانفون رېمونت مۇلازىمىتى ئىشەنچلىكمۇ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تۇققانلار، ياراتقان ئىگەم تېنىڭلارنى سالامەت قىلىپ، قىممەت پۇللۇق يانفونۇڭلارنىڭ قاتتىق يەرگە چۈشۈپ كېتىشىدىن ساقلىسۇن. (قېنى ما چىراي ئىپادىسى)..

تۆت كۈننىڭ ئالدىدا ئىشلىتىۋاتقىلى 2 ئاي بولغان i9500 يانفونۇم يەرگە چۈشۈپ كەتتى. ئەسلى بىر ياشلىق ئوغلۇم نەچچە قېتىملاپ قەھرى بىلەن يەرگە ئاتقاندىمۇ ھېچنېمە بولمىغان بۇ كاساپەت بۇ قېتىم چىدىماي قويدى. ئېكرانغا ئېغىر چاك كەتكەن بولسىمۇ، نورمال كۆرسىتىدۇ، نورمال سېزىدۇ. سېزىمچان ئېكران ساق، تاشقى ئېكران چېقىلغىنىغا جەزم قىلىپ شۇ ئان تورغا چىقتىم. تاۋباۋدا ئوخشاش تىپلىق يانفوننىڭ تاشقى ئېكرانىنىڭ ئەڭ ئەرزىنى 10 يۈەندىن، ياخشىلىرى 180 گىچە بار ئىكەن. ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇ گەپنى تېلېفونچى ئاغىنىلەرگە دېسەم باش چايقىدى. تاشقى ئېكران ئەرزان بولغىنى بىلەن، سېزىمچان ئېكران بىلەن تاشقى ئېكراننى ئاجرىتىپ يەملەيدىغان ئۈسكۈنە مەن تۇرغان ۋىلايەتتە يوق ئىمىش، شۇنىڭ ئۈچۈن سېزىمچان ئېكراننى بىر يۈرۈش ئەكەلدۈرۈشۈم كېرەك ئىكەن. توردا بۇنىڭ باھاسىنى تەكشۈرسەم ئاساسەن 1000 نىڭ ئۈستىدە ئىكەن (تەرلىگەن ئىپادە)

سامسۇڭنىڭ بېيجىڭدىكى سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت لىنىيەسىگە تېل قىلىپ، قەشقەردىكى تارماق مۇلازىمەت ئورنىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى تېپىپ، ئۇلار بىلەن ئالاقىلاشسام، ئۇلارمۇ ئوخشاش گەپنى قىلىۋاتمامدۇ...

شۇنىڭ بىلەن باش قېتىپ، بەيدۇلىسام، مەندەك ئېكران چاقىدىغانلار كۈنىگە نەچچە مىڭ ئىكەن: تاۋباۋدىكى http://bufansm.tmall.com/shop/view_shop.htm?spm=937.1000770.1000417.6.rxt9Dc&user_number_id=723084928&tracelog=wdpda_jrdp&wwnick ماۋۇ دۇكان مەخسۇس مەندەك پالاكەتلەرنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ نان تېپىپ يەيدىكەن.

شۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، 244 يۈەنگە تاشقى ئېكراننى ئالماشتۇرۇپ بېرىدىغانغا دېيىشىپ، 29- چېسلا كەچقۇرۇن تېلېفوننىڭ باتارىيە، كارتىلىرىنى ئەپقېلىپ سېلىپ بەردىم. بايا ئۇلارنىڭ مالنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىق ئۇچۇرى كەلدى.

ئەمدى دېمەكچى بولغىنىم، مۇشۇنداق مەسىلىگە يولۇقۇپ باققانلار ئىزدىنىشتا مەنلىمۇ؟ تاۋباۋدىن سودا قىلىپ باققانلار بىر نېمە دەپ باقسا، قانداق قىلسام كۆڭلۈمدىكى گۇماننى چىقىرىۋېتىپ، ئۇلارغا تولۇق ئىشىنەلەيمەن؟ (ھەقىقىي سۈپەتلىك ئېكران ئالماشتۇرۇپ بېرەمدۇ- يوق، مال ئەۋەتىشنى كەينىگە سۈرۈپ ئادەمنى جىلە قىلىپ ئوينىماس ھە دېگەندەك...)

ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇلار بىلەن يەنە ئالاقىلىشىمەن، تەجرىبەمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن.

karahaniya يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 14:12:02

قىسمىتىمىزدە ئازراق ئورتاقلىق باركەن، 7-ئايدا ئالىپ تورىدىكى كۆكلە ئەپەندىمدىن 9500دىن بىرنى ئالغان،بالىلىرىم ئېتىپ ئويناپ يېنىنىڭ سىرىنى چۈشۈرۈپ ماكچايتىپمۇ ئۈلگۈرگەن،رىمۇنتچىلارغا كۆرسەتسەم يان گىرۋىكىنى ئايرىم ئالماشتۇرغىلى بولمايدۇ ئېكران بىلەن بىللە چىقىدۇ دىدى،شۇنىڭدىن كىيىن يانفۇنۇمغا قارىسام كۆڭلۈم بىزە پەرىشان بولاتتى،
تەلىيىمگە ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ھاجەتخانىغا كىرىپ ئولتۇرۇشىمغا چولتوك قىلغىنىچە چۈشۈپ كەتتى تۈشۈككە،ئەرزان بىرنىمە بولمىسا يا ئامال يوق قۇلۇمنى تىقىپ ئالدىم،كاساپەت ئالدىنقى پاجىئەدىن ساۋاق ئېلىپ يەنە سىرى چۈشۈپ كەتمىسۇن دەپ يان قېپىدىن بىرنى ئېلىپ لوسىسىنى تازا چىڭىۋىتىپتىكەنمە ئەتۋىركە تېپىپ قاپنى چىقىرىپ بولغۇچە ئېكران كۈيۈپ كىتىپتۇ،ئېكران قاپقارا ھىچنىمە كۈرۈنمەيدۇ،بولمىسا مەشخۇلات قىلغاندا ئاۋاز چىقىدۇ كەلگەن تىلىفۇننىمۇ تەخمىنى پەرەز بىلەن ئېكراننى سىيرىپ ئالالايمەن شۇ ئېكران قاپقارا،كۆكلە ئەپەندىمگە بولغان ئەھۋالنى ئېيتسام تىلىفۇننىڭ ئېكرانى كۈيۈپتۇ دەپ 1400يۈەنگە سېلىپ بەردى،زاۋۇتتىن يېڭى چىققاندەك بۇلاپ كىتىپتۇ كاساپەت،ئېچىلغان تىلىفۇن بولغاندىكىن دەپ ئىسسىقىدا سېتىۋەتتىم
موما يەيدىغانلا تىلىفۇنىڭىزنى سېپ بىرە ھە،،،،

esir يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 14:15:39

1- قەۋەتتىكى karahaniyaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سېپ بېرەمىكى دەپ ئولتۇردۇم، چۈنكى سودىنى پۈتۈنلەي تاۋباۋ ئارقىلىق قىلىشتۇق، تاۋباۋنىڭ ئېلېكترونلۇق تالونىمۇ بار، لېكىن ئەنسىرەيدىغىنىم، ئېكراننىڭ ناچىرىنى سېلىپ قويۇپ، ئادەمنى مازدا بوغۇزلامدىكى دەپ..

qassap يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 14:30:35

ماڭىمۇ بىر ياردەم قىلىڭلار.

ئىكىرانى 7 دىيۇم ياكى چوڭراق، تورغا چىقىش سۈرئىتى تىز تىلفۇن بولسا تەۋسىيە قىلىساڭلار بوپتىكەن. مەخسۇس تورغا چىقىدىغانغا ئىشلەتكىلى. تاۋباۋدىن ئىزدىسەم جىقكەن.تاللىيالمىدىم.  باھاسى 1000دىن بەك ئېشىپ كەتمىسۇن.  谷歌nexus بولامدىغاندۇ؟ ئىشلىتىپ باققانلار بارمۇ؟

تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بوپ قالدى، كەچۈرۈڭ تېما ئىگىسى.

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 14:37:22

بۇنداق سودىنى مەن بىر قېتىم قىلىپ باققان ئىشەنچىلىككەن

esir يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 15:27:11

3- قەۋەتتىكى qassapنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ماڭىمۇ بىر ياردەم قىلىڭلار.

ئىكىرانى 7 دىيۇم ياكى چوڭراق، تورغا چىقىش سۈرئىتى تىز تىلفۇن بولسا تەۋسىيە قىلىساڭلار بوپتىكەن. مەخسۇس تورغا چىقىدىغانغا ئىشلەتكىلى. تاۋباۋدىن ئىزدىسەم جىقكەن.تاللىيالمىدىم. باھاسى 1000دىن بەك ئېشىپ كەتمىسۇن. 谷歌nexus بولامدىغاندۇ؟ ئىشلىتىپ باققانلار بارمۇ؟

تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بوپ قالدى، كەچۈرۈڭ تېما ئىگىسى.

مەن 台电p88hd دىن بىرنى ئالدىم تېلېفون يەرگە چۈشكەن كۈنى، تېخى مال كەلمىدى. 8 سۇڭ ئېكران، wifi بار، لېكىن 3 گ تور قوللىمايدۇ. مەن ئاساسلىقى كىتاب- ماتېرىيال كۆرگىلى ئالدىم.

سىزنىڭ گېپىڭىزدىن قارىغاندا 3گ تور قوللايدىغىنىنى ئالىدىكەنسىز، ئاۋۇ نېكساس دېگىنى خېلى بوپقويىدۇ.

assabi يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 17:52:09

1- قەۋەتتىكى karahaniyaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قىسمىتىمىزدە ئازراق ئورتاقلىق باركەن، 7-ئايدا ئالىپ تورىدىكى كۆكلە ئەپەندىمدىن 9500دىن بىرنى ئالغان،بالىلىرىم ئېتىپ ئويناپ يېنىنىڭ سىرىنى چۈشۈرۈپ ماكچايتىپمۇ ئۈلگۈرگەن،رىمۇنتچىلارغا كۆرسەتسەم يان گىرۋىكىنى ئايرىم ئالماشتۇرغىلى بولمايدۇ ئېكران بىلەن بىللە چىقىدۇ دىدى،شۇنىڭدىن كىيىن يانفۇنۇمغا قارىسام كۆڭلۈم بىزە پەرىشان بولاتتى،

تەلىيىمگە ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ھاجەتخانىغا كىرىپ ئولتۇرۇشىمغا چولتوك قىلغىنىچە چۈشۈپ كەتتى تۈشۈككە،ئەرزان بىرنىمە بولمىسا يا ئامال يوق قۇلۇمنى تىقىپ ئالدىم،كاساپەت ئالدىنقى پاجىئەدىن ساۋاق ئېلىپ يەنە سىرى چۈشۈپ كەتمىسۇن دەپ يان قېپىدىن بىرنى ئېلىپ لوسىسىنى تازا چىڭىۋىتىپتىكەنمە ئەتۋىركە تېپىپ قاپنى چىقىرىپ بولغۇچە ئېكران كۈيۈپ كىتىپتۇ،ئېكران قاپقارا ھىچنىمە كۈرۈنمەيدۇ،بولمىسا مەشخۇلات قىلغاندا ئاۋاز چىقىدۇ كەلگەن تىلىفۇننىمۇ تەخمىنى پەرەز بىلەن ئېكراننى سىيرىپ ئالالايمەن شۇ ئېكران قاپقارا،كۆكلە ئەپەندىمگە بولغان ئەھۋالنى ئېيتسام تىلىفۇننىڭ ئېكرانى كۈيۈپتۇ دەپ 1400يۈەنگە سېلىپ بەردى،زاۋۇتتىن يېڭى چىققاندەك بۇلاپ كىتىپتۇ كاساپەت،ئېچىلغان تىلىفۇن بولغاندىكىن دەپ ئىسسىقىدا سېتىۋەتتىم

موما يەيدىغانلا تىلىفۇنىڭىزنى سېپ بىرە ھە،،،،

ھاھا...ھا..ھې ھې ھې...ما ئىنكاسنى كۆرۇپ يامان قىززىق يۇمۇر ئوقۇغاندەك بوپ قالدىم.\"\"

assabi يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 17:56:23

esirنىڭ تېمىسىدىن نەقىل

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تۇققانلار، ياراتقان ئىگەم تېنىڭلارنى سالامەت قىلىپ، قىممەت پۇللۇق يانفونۇڭلارنىڭ قاتتىق يەرگە چۈشۈپ كېتىشىدىن ساقلىسۇن. (قېنى ما چىراي ئىپادىسى)..

تۆت كۈننىڭ ئالدىدا ئىشلىتىۋاتقىلى 2 ئاي بولغان i9500 يانفونۇم يەرگە چۈشۈپ كەتتى. ئەسلى بىر ياشلىق ئوغلۇم نەچچە قېتىملاپ قەھرى بىلەن يەرگە ئاتقاندىمۇ ھېچنېمە بولمىغان بۇ كاساپەت بۇ قېتىم چىدىماي قويدى. ئېكرانغا ئېغىر چاك كەتكەن بولسىمۇ، نورمال كۆرسىتىدۇ، نورمال سېزىدۇ. سېزىمچان ئېكران ساق، تاشقى ئېكران چېقىلغىنىغا جەزم قىلىپ شۇ ئان تورغا چىقتىم. تاۋباۋدا ئوخشاش تىپلىق يانفوننىڭ تاشقى ئېكرانىنىڭ ئەڭ ئەرزىنى 10 يۈەندىن، ياخشىلىرى 180 گىچە بار ئىكەن. ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇ گەپنى تېلېفونچى ئاغىنىلەرگە دېسەم باش چايقىدى. تاشقى ئېكران ئەرزان بولغىنى بىلەن، سېزىمچان ئېكران بىلەن تاشقى ئېكراننى ئاجرىتىپ يەملەيدىغان ئۈسكۈنە مەن تۇرغان ۋىلايەتتە يوق ئىمىش، شۇنىڭ ئۈچۈن سېزىمچان ئېكراننى بىر يۈرۈش ئەكەلدۈرۈشۈم كېرەك ئىكەن. توردا بۇنىڭ باھاسىنى تەكشۈرسەم ئاساسەن 1000 نىڭ ئۈستىدە ئىكەن (تەرلىگەن ئىپادە)

سامسۇڭنىڭ بېيجىڭدىكى سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت لىنىيەسىگە تېل قىلىپ، قەشقەردىكى تارماق مۇلازىمەت ئورنىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى تېپىپ، ئۇلار بىلەن ئالاقىلاشسام، ئۇلارمۇ ئوخشاش گەپنى قىلىۋاتمامدۇ...

شۇنىڭ بىلەن باش قېتىپ، بەيدۇلىسام، مەندەك ئېكران چاقىدىغانلار كۈنىگە نەچچە مىڭ ئىكەن: تاۋباۋدىكى http://bufansm.tmall.com/shop/view_shop.htm?spm=937.1000770.1000417.6.rxt9Dc&user_number_id=723084928&tracelog=wdpda_jrdp&wwnick ماۋۇ دۇكان مەخسۇس مەندەك پالاكەتلەرنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ نان تېپىپ يەيدىكەن.

شۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، 244 يۈەنگە تاشقى ئېكراننى ئالماشتۇرۇپ بېرىدىغانغا دېيىشىپ، 29- چېسلا كەچقۇرۇن تېلېفوننىڭ باتارىيە، كارتىلىرىنى ئەپقېلىپ سېلىپ بەردىم. بايا ئۇلارنىڭ مالنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىق ئۇچۇرى كەلدى.

ئەمدى دېمەكچى بولغىنىم، مۇشۇنداق مەسىلىگە يولۇقۇپ باققانلار ئىزدىنىشتا مەنلىمۇ؟ تاۋباۋدىن سودا قىلىپ باققانلار بىر نېمە دەپ باقسا، قانداق قىلسام كۆڭلۈمدىكى گۇماننى چىقىرىۋېتىپ، ئۇلارغا تولۇق ئىشىنەلەيمەن؟ (ھەقىقىي سۈپەتلىك ئېكران ئالماشتۇرۇپ بېرەمدۇ- يوق، مال ئەۋەتىشنى كەينىگە سۈرۈپ ئادەمنى جىلە قىلىپ ئوينىماس ھە دېگەندەك...)

ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇلار بىلەن يەنە ئالاقىلىشىمەن، تەجرىبەمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن.

سېزىمچان ئىكراننى مەخسۇس ماشنا ئارقىلىق سالدۇ،(قولدا سالدىغان بولسا چېنىپ قالاتتى)مەخسۇس ماشنا ئارقىلىق سالغاندىكىن مېنىڭچە ھېچ قانداق چانماسلىقى مۇمكىن.

SALQI0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 20:09:08

ۋاي خاتىرجەم بولۇڭ ئۇلارمۇ تاۋباۋغا نەچچە مىڭ كوي ياجىڭ قويۇپ تېجارەت قىلىدۇ. بىكاردىن سىزنىڭ تېلفونىڭىزنى بىر قانداق قىلىپ قويمايدۇ،

ئۇلارنىڭ خالىس ياردەم قىلدىغانلىرىمۇ بار ئىكەن تېخى مەن بىر نەچچە مىڭ كويلۇق ماشىنامنى تاۋباۋدىكى بىر سودىگەرنىڭ تېلفوندا بىر بىرلەپ چۈشەندۇرۇشى بىلەن مەشغۇلات قىلىپ ئەسلىگە كەلتۇرۋالدىم. ھەق ئالمىدى.شۇڭا سىز خاتىرىڭىزنى جەم قىلىپ يۈرۈڭ .،يولۋاسچاق

oganbala يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 21:09:24

مېنىڭ تېلېفۇنۇم بۇ بۇ گاۋ نىڭ ۋى ۋو تېلېفۇنى ئىدى. بۇ تېلېفۇن ھەققىدىمۇ سۆزلىشىپ باقايلى مۇشۇ ھەقتە. يېڭى ماركا بولغاچقا بۇ توغرىسىدا گەولەر يوقلىكەن ئويغۇرچە تورلاردا

Ulanbay يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 00:04:06

مېنىڭمۇ سامسۇڭ ئىدى. ئېلىپ ئۈچ ئاي بولغاندا، تېلفۇننىڭ ئۈستىگە توكلاتقۇ چۈشۈپ كېتىپ،

ئوتتۇرىدىكى كونۇپكىنىڭ ئەتراپى چېقىلىپ كەتتى. سېزىمچانلىقىدا چاتاق يوق.

جۇڭشەن تېلفۇن بازىرىغا ئاپارسام، 450 سوم دەيدۇ.

ياندۇرۇپ كەلدىم. مانا ھازىرغىچە ئىشلىتىۋاتىمەن.. ئىشلىتىپ ئەبجىقىمۇ چىقاي دېدى.

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 02:09:12

9- قەۋەتتىكى oganbalaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مېنىڭ تېلېفۇنۇم بۇ بۇ گاۋ نىڭ ۋى ۋو تېلېفۇنى ئىدى. بۇ تېلېفۇن ھەققىدىمۇ سۆزلىشىپ باقايلى مۇشۇ ھەقتە. يېڭى ماركا بولغاچقا بۇ توغرىسىدا گەولەر يوقلىكەن ئويغۇرچە تورلاردا

بۇ يېڭى ماركا ئەمەس، 2004-يىلىدىن تارتىپلا بار ماركا. ئاندېروئىد سېستىما چىققاندىن كىيىن، ئاندىن كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان. بۇ بۇ گاۋ شىركىتىنىڭ vivo دىن باشقا يەنە oppo دىگەن ماركىسى بار. سىز دەۋاتقان بۇ تېلفون xplay1  ئوخشايدۇ.

Xplay1  جۇڭگۇنىڭ تېلفونلىرى ئىچىدە خېلىلا ياخشى ئىشلەنگەن. توردىكى تېلفونغا بېرىلگەن پىكرلەرمۇ ئىجابى. سەپلىمىسى بولۇپ قويىدۇ. كامېراسى ناچار، 13مىليون پېكسىل دىيىلگەن بولسىمۇ، لىكىن يەتمەيدىغاندەك ھېس قىلدىم. ياڭراتقۇسى ياخشى ئىشلىنىپتۇ. مۇزىكا ئاڭلىسا بەك راھەت. ئېكراننىڭ نېسپىتىمۇ ماڭا ياقتى.  سېستىمىنى root قىلمايمۇ، كىرگۈزگۈچ قاچىلاپلا بېۋاستە ئۇيغۇرچە ئشلەتكىلى بولىدۇ.

سەپلىمىسى يۇقىرى بولسىمۇ، سۈرئېتى يەنىلا سامسۇڭغا يەتمەيدۇ. بۇ تەرپى ماڭا سەل غەلىتە بىلىندى. ئەسلىدە سامسوڭدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا توغرا بولاتتى بۇ سەپلىمىسى بىلەن.

كېلەر يىلى بازارغا سېلىنىدىغان Xplay2  نىڭ ئېكرانى بۇ تېلفوندىنمۇ ياخشى ئىكەن. ئىنقلىقى 2490x1440، قىزقارلىق يېرى ئېكران چوڭلىقى ئۆزگەرمەپتۇ، يەنلا 5.7 دېيوم ئىكەن. لىكىن سۈرئەت جەھەتتە ئاخىرى سامسوڭنى بېسىپ چۈشۈپ بىرنچى ئورۇنغا چىقىپتۇ.

مېنىڭ بۇ تېلفونغا بېرىدىغان باھايىم: سېتىلىش باھاسىغا مۇۋاپىق ئىشلەنگەن ياخشى تېلفون.

uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 23:09:56

3- قەۋەتتىكى qassapنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ماڭىمۇ بىر ياردەم قىلىڭلار.

ئىكىرانى 7 دىيۇم ياكى چوڭراق، تورغا چىقىش سۈرئىتى تىز تىلفۇن بولسا تەۋسىيە قىلىساڭلار بوپتىكەن. مەخسۇس تورغا چىقىدىغانغا ئىشلەتكىلى. تاۋباۋدىن ئىزدىسەم جىقكەن.تاللىيالمىدىم. باھاسى 1000دىن بەك ئېشىپ كەتمىسۇن. 谷歌nexus بولامدىغاندۇ؟ ئىشلىتىپ باققانلار بارمۇ؟

تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بوپ قالدى، كەچۈرۈڭ تېما ئىگىسى.

Google Nexus 7   تازا بۇلىدۇ، ماڭا بەك ياققان. ئۆزۈممۇ گوگول ھەۋەسكارىتىم\"\"

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-4 13:05:11

مەنمۇ نوت بىردىن بىرنى مۇشۇنداق بۇزىۋىتىپ ئۆيگە تاشلاپ قويغانىدىم ..قىنى سىزنىڭ ئاخىرقى پىكىرىڭىزگە قاراپ قالدىم

esir يوللانغان ۋاقتى 2013-11-4 15:45:24

بۈگۈنگىچە جىمجىت، ئۇچۇردا سۈيلىسەم، ئەتىگىچە ساقلىغىن دەيدۇ \"\"

PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-9 22:07:51

قۇيۇلۇپ كىتەرسىلمىكىن دەي قالدىم

esir يوللانغان ۋاقتى 2013-11-11 20:57:44

13- قەۋەتتىكى omar14نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەنمۇ نوت بىردىن بىرنى مۇشۇنداق بۇزىۋىتىپ ئۆيگە تاشلاپ قويغانىدىم ..قىنى سىزنىڭ ئاخىرقى پىكىرىڭىزگە قاراپ قالدىم

بۈگۈن چۈشتە يانفونۇمنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، نېمىسىنى دەي، تولۇق رازى بولدۇم، زادى چانماپتۇ. بۇ ئىنكاسنىمۇ مۇشۇ يانفوندا يېزىۋاتىمەن.

esir يوللانغان ۋاقتى 2013-11-11 20:58:56

15- قەۋەتتىكى kalamkaxنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
قۇيۇلۇپ كىتەرسىلمىكىن دەي قالدىم

ھازىرچە رازى بولۇپ قالدىم، قېنى كۆرۈپ باقمايمەنمۇ.
بەت: [1]
: تاۋباۋدىكى يانفون رېمونت مۇلازىمىتى ئىشەنچلىكمۇ