qurwan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 12:21:10

تۈركىيەنىڭ ئايال پارلامېنت ئەزالىرى پارلامېنتقا تۇنجى قېتىم ھىجاپلىق كىردى[كۆچۈ

تۈركىيەنىڭ ئايال پارلامېنت ئەزالىرى پارلامېنتقا تۇنجى قېتىم ھىجاپلىق كىردى


تۈركىيە دۇنيا خەۋەرلىرى تورى 31-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئادالەت ۋە
تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ 4 نەپەر ئايال پارلامېنت ئەزاسى 10-ئاينىڭ
31-كۈنى ھىجاپلىنىپ تۈركىيە پارلامېنت يىغىنىغا قاتناشقان.


ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئايال پارلامېنت
ئەزالىرىدىن سەۋدە بەيازىت، گۈلئاي سامانجى، نۇرجان داربۇلاق ۋە گۆنۈل
بەكىن قاتارلىقلار ھىجابلىق پارلامېنت يىغىنىغا قاتناشقان.

تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغان 9-ئاينىڭ 30-كۈنى ئوتتۇرىغا قويغان
دېموكراتىيە ئىسلاھاتى تۈركىيە ئاياللىرىنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىدا ياغلىق
چىگىپ خىزمەت قىلىشىنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان، بۇ
چەكلەش بۇيرۇقى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىزچىل يولغا قويۇپ كېلىنگەن
ئىدى.

چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىش قارارى 10-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولدى.

ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى قارشى تۇرغان.







مەنبە  ئوكيان  تورى


OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 16:17:24

مۇشۇ تېمىغىمۇ ناچارنى دەسسىگەن ئادەم نىمىگە ھىساپ

function يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 16:42:31

توردۇنياسىدا ھەرخىل ئادەملەر مەۋجۇت، مۇسۇلمانلار، كاپىرلار، خىرسىتىئانلار، بۇددىسىتلار، ئاتىزىمچىلار... دېگەندەك، ئۆز پىكىرىنى ناچارنى دەسسەش ئارقىلىق بايان قىلغىنى خۇددى بەزىلەرنىڭ ئەلانى دەسسەپ بايان قىلغىنىغا ئوخشاش، جىدديىلىشىشنىڭ ھاجىتى يوق. بولۇپمۇ باشقىلارنى چوقۇم مەن ئويلىغاندەك ئويلايسە، مەن قىلغاندەك قىلىسە، ئاغزىڭنى يۇم دەپ مەجبۇرلاپ، سۆزلىگەن سۆزى، يۈرۈش-تۇرۇشى، كىيىنىشىگىمۇ ئارلىشىپ باشقۇرۇشنىڭ ياخشى ئىش ئەمەسلىكىنى زور كۆپچىلىك ئۇيغۇر جامائىتى ئاللىقاچان بىلىپ بولغان بۇ كۈنلەردە.

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 17:34:22

دېموكراتىيە بارغانسىرى پارلاۋاتىدۇغۇ بۇ تۈركىيەدە

sipartak يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 19:45:03

بۇ تىمىدا ناچارغا دەسسىگەن نىمىگە ھىساپ دىسىڭىز .....؟

جاۋاپ : ھىچنىمىگە ھىساپ ئەمەس ! چۈنكى ئۇ ، قۇرۇپ توزۇپ كەتكەن پوق !!!

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

sazturk يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 11:46:38



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ! بىر گەپنى سوراپ باقاي : ئەردوغاننىڭ 2012-يىلى مەلۇت كۈنىدە سۆزلىگەن نۇتۇقىنى نەدىن تاپقىلى بولىدۇ ؟ ( ئۇيغۇرچە خەتلىكى شاھ بىلوگدا بار ئىكەن ئەمما ئېچىلمايدىغان بولۇۋاپتۇ .) بولسا ئۇيغۇرچە خەتلىكى بولسا بەك ياخشى بولاتتى . ئۇچۇرىنى بەرگەنلەرگە ئاللاھ سۆيۈنچە بىرەر ، رەھمەت !  {:92:}

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 13:35:27

مۇسۇلمانچىلىق ئاستا-ئاستا . \"\"

Umun99 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 15:27:14

دىمۇكراتىيە ئۇقىمى ئەبجەشلىشىپ كىتىپتۇ. مۇستاپا كامال ئىدىيىسى قانداقتۇر 4-5%كىشىنىڭ ئىرادىسىگە ئەمەس.تۈركىيەدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ   ئەڭ موھىم يۇقرى قاتلام زىيالىيلىرىنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.مۇستاپا كامال ياشا دەپ كۆز ياش بىلەن دۆلەت بايرىمىدا ناخشا ئىيتىۋاتقان تۈمەنلىگەن خەلىق بۇنۇڭ جانلىق ۋەكىلى. تۆۋەن قاتلامدىكى كىشىلەر ۋە دىننىي زاتلارنىڭ مۇستاپا كامالنى قارلىشى تەبىئىي.بۇ بىر ياكى ئىككى كۈنلۈك ھادىسە ئەمەس.يۇقرى قاتلامنىڭ مۇستاپا كامالنى ئەۋلىيا سۇپىتىدە مەبۇتلاشتۇرۋىلىشى ئۇلارنىڭ خاتالىقى مۇستاپا كامالنىڭ كىشلىك ھوقۇققا چىتىلغان سەۋەنلىكلىرى ئاز ئەمەس،شۇنۇڭ بىلەن بىرگە تۆھپە شەرەپلىرىمۇ كىشىنى قايىل قىلىدۇ.ئەردوغان مۇستاپا كامالغا قارشى كىشى ئەمەس بەلكى مۇستاپا كامالنىڭ ئىدىيىسىنى مۇكەممەللەشتۇرۇپ سەۋەنلىكلىرىنى تۈزەتكۇچى خالاس.دىكتاتورا دۆلەتتە تۈركىيەنى دىمۇكراتىك ئەمەس دىيىشنىڭ ئۆزى ئالجىغانلىق.ھەربى ھۆكىمەتنىڭ دىمۇكراتلىشىپ ،ھەربىي تەشكىلاتنىڭ ھۆكىمەتنىڭ بىر ئورگنىغا ئايلىنىش يۈزلىنىشى تۈركىيەدە ئەڭ تىز .تۈركىيە ھازىر ئىسلام دۆلەتلىرىلا ئەمەس ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى دىمۇكراتىك دۆلەتتۇر.ئىقتىسادىي ئىشىش يۈزلىنىشى،نوپوس قاتلىمىدىكى ياشلارنىڭ ئىشىشى،نوپوسنىڭ كۆپىيىشى،دىمۇكراتىيىلىشىش سۇرئىتى كەلگۈسىدىكى تۈركىيەنى ئەۋزەللىككە ئىگە قىلىدۇ.تۈركىيە دىمۇكراتىك دۆلەت،ۋە دىمۇكراتىيە تىرمىنلىرىنى كۈنسايىن مۇكەممەللەشتۇرۋاتقان دۆلەت.

‏تۈركىيەگە قارشى پوداقچىلىقنى ئازاراق قىلساق،تۈرۈكلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان مۇئامىلىسى بىلەن بەزەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىتىقسىزلىقى سىلىشتۇرما ھاسىل قىلىپ قالمىسكەن دەيمەن. بىلىگ2010نىڭ ئىنكاسلىرىغا قوشىلىمەن.ئەتراپلىق چۈشەندۇرۇپ بىرپتۇ.

italiano يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 15:46:42

民主指数   自由指数


http://zh.wikipedia.org/wiki/%E8%87%AA%E7%94%B1%E6%8C%87%E6%95%B0%E5%88%97%E8%A1%A8






土耳其 3 部分自由 3 有限度自由 4 情况困难 4 混合政权



http://zh.wikipedia.org/wiki/%E6%B0%91%E4%B8%BB%E6%8C%87%E6%95%B0




88 土耳其 5.76 混合政权 议会共和制 7.92 6.79 5.00 5.00 4.12



دىموكراتىيەلىشىش  دەرىجىسى  6 نومۇردىن  يۇقىرى  بولسا  دىموكراتىك  دۆلەت  دەپ  ساناپتۇ . تۈركىيەنىڭ  ئاران 5.76 دىمەك  دىموكراتىك دۆلەت دەپ  ساناشنىڭ  ئۆتكۈنچى ھالەت  باسقۇچىدا .







ماۋۇ خەنچە بولسا ئىنگىلىزچىسىنى ياكى باشقا يېزىقتىكىنى ئۆزەڭ كەلتۈرۈشۈپ تۈركىيە دىموكراتىك جۇمھۇرىيەت دەپ سانىغان يەر بولسا كۆرسىتىشىپ كېلىش


قايسى خىل تىلدا بولسۇن دىموكراتىك  دۆلەتلەرنىڭ رەت تەرتىپى  بار ، شۇلارنى باھالىغان  شۇنداق يەردە تۈركىيە دىموكراتىك دۆلەت دىيىلگەن يەر بولسا  پاكىت كەلتۈرۈش .


بۇ يەردە ئالا جوقا تاققا تۇققا پاراڭ قىلىپ ھېسىياتىڭنى ئىلەشتۈرمەي .

تۈركىيە ئۆتكۈنچى ھالەتتىكى بىر جۇمھۇرىيەت .

ئۇ تېخى دىموكراتىك جۇمھۇرىيەت ئەمەس .



كۆپ پارتىيەلىك بولسا ، قىسمەن ئەركىنلىك بولسا دىموكراتىك دەيدىغان گەپ يوق .


سەندەك سويمىلار تۈركىيەگە چىقىپ كىرمىسەڭمۇ ئۇنى جوڭگودىكى ئەركىنلىككە ۋە بىر پارتىيەگە  سېلىشتۇرۇپ  ھېسىياتىڭنى دوڭغايتىپ دىموكراتىك دەيدىغان گەپ يوق.


ماۋۇ جاھاندا  ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەركىنلىك ۋە كىشلىك ھوقۇقلىرىنى  باھالايدىغان ئورۇنلار  بار . شۇلارنىڭ باھا  كۆرسەتكۈچلىرى  ھېساب .

ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دىموكراتلىشىش دەرىجىسىنى باھالىغۇچى ئورۇنلار ۋە كىشلىك ھوقۇقىنى باھالىغۇچى ئورۇنلار چىقارغان سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق دىموكراتىك دىگەن ئۆلچەمگە چۈشكەن يەر بولسا پاكىت كەلتۈرۈپ تۈركىيە دىموكراتىك جۇمھۇرىيەت دەيلى .


--------------

Umun99 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 16:35:23

تۈركىيە مۇشۇ ھالىتىدە قانداق نام ئالسا مەيلى!!يەنىلا دىمۇكراتىك دۆلەت.بىر پارتىيە تۈزۈلمىسىدىكى دىكتاتورلۇق بىلەن تۈركىيەنى سىلىشتۇرۇپ،ئامرىكا بىلەن تۇركىيەنى سىىشتۇرۇپ خۇلاسە چىقارسا ھەممە ئايدىڭ بولىدۇ.تۈپ يىلتىزىدىكى زىديەت بىلەن دىمۇكراتىك دۆلەتلەردىكى لەيلىمە ئىجدىمائىي مەسىلىلەرنى بىر ئورۇنغا قويىۋىلىش بىمەنىلىك.پۇقرالارنىڭ سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقىنىڭ ئۆزىلا تۈركىيە دىمۇكراتىيىسىنىڭ كۈچلۈكلىكىنىڭ نامايەندىسى.ئۆمرىدە بىر قىتىممۇ سايلام بىلىتى تۇتۇپ باقمىغان ھاماقەت مىللەت باشقىلارنىڭ سايلىنىش ھوقۇقى بار دۆلىتىنى دىمۇكراتىك ئەمەس دىگەن چاغدا يۈزى قىزىرىشى كىرك.نۆۋەتتىكى ھىجاپ توغۇرسىدىكى ئىجدىمائىي مەسىلىلەرگە قاراپلا تۈركىيە دىمۇكراتىك ئەمەس دىسە قاملاشمايدۇ.فىرانسىيەدەك دىمۇكراتىك دۆلەتلەرنىڭمۇ ئامىۋىي سورونلاردا ياغلىق ئاتماسلىق دىگەن قانونى بارغۇ؟تۈركىيە ھۆكىمىتى قونۇن چۈشۈرسە ئىجرا بولىدىغان ۋاقىتتىن تارتىپ ئەمىلىيلىشىدۇ.دىكتاتورا دۆلەتلەردەك 60،70 يىل ئىلگىرى تىكلىگەن قونۇنلىرى بۈگۈنگىچە ئەمىلىيلەشمەيدىغان ئىشلار يوق.ياغلىق ئاتسا بولىدۇ دىگەن قانۇن چۈشتىما ياغلىق ئاتىدىغان كىشىلەر ھوقۇقىنى شۇ كۈندىن باشلاپ قوغدايدۇ.ھەر قانداق بىر تۈرۈك ئونۋىرسىتىتىغا بارساڭلار ياغلىق چىگىۋالغان قىزلارنىڭ ئىنتايىن ئەركىن مەكتەپكە كىرىپ كىتىۋاتقىنىنى كۆرەلەيسىلەر

سان سىپىرغا ئىسىلۋامماي ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆرۈش كىرەك.تولا بىلەرمەنلىك قىمماي تەكشۇرۇپ باققۇلۇق.

italiano يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 16:44:20

تۈركىيە ھازىر ئىسلام دۆلەتلىرىلا ئەمەس ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى دىمۇكراتىك دۆلەتتۇر.ئىقتىسادىي ئىشىش يۈزلىنىشى،نوپوس قاتلىمىدىكى ياشلارنىڭ ئىشىشى،نوپوسنىڭ كۆپىيىشى،دىمۇكراتىيىلىشىش سۇرئىتى كەلگۈسىدىكى تۈركىيەنى ئەۋزەللىككە ئىگە قىلىدۇ.تۈركىيە دىمۇكراتىك دۆلەت،ۋە دىمۇكراتىيە تىرمىنلىرىنى كۈنسايىن مۇكەممەللەشتۇرۋاتقان دۆلەت.

=================

==========



تۈركىيە تېخى ئاسىيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان تۆت كىچىك يولۋاس ئاتالمىش ياپونىيە ،كورىيە ، تەيۋەن ،سىنگاپورلاردىنمۇ ئۆتە دىموكراتىكمىش .



تەيۋەن بىلەن سىنگاپورنىغۇ بوپتۇ دىسەك بۇنى كىشلەر ئانچە چۈشەنمەيدۇ دەپ ، ئەجىبا دۇنياغا تونۇشلۇق بولغان ياپونىيەنىڭ دىموكراتىيەسىمۇ قوڭىغا ئۇرۇپلا تۈركىيەنىڭ دىموكراتىيەسى ئاسىيادا بىرىنجى ، تۈركىيە ئەڭ دىوكراتىك دىگۈدەك دەرىجىدە كىيىنما .



ماۋۇ ماندىلادىن كىيىن سايلام ئارقىلىق سىياسىي سەركىنى سايلاپ چىقىۋاتقان سىياسىي مۇھىتى ئافىرىقا بويىچە بىرقەدەر مۇقىم تۇراقلىق بولغان جەنۇبىي ئافىرىقىچىلىكمۇ ھېسابلانمايدىغان بىر جۇمھۇرىيەتنى ھېسىياتىغا تايىنىپ دىگەن گەپنى .



دىموكراتىيە دىگەن ئۇقۇمنى چۈشەنمىسەڭلا ھاياجانلانماي چۈشىنىشكە تىرىشىڭلا ، تۈركىيە دىسە ئۆلەپ بېرىپ ئۇندا قارا قويۇق ھاياجانلىنىپ ھېسىياتقا بېرىلمەڭلا .



كۆرۈپ باقساق  بولىدۇ .


تۈركىيە پەقەت ئۆتكۈنچى ھالەتتە  خالاس . ھېسىياتقا باج ئالمىغانكىن  نىمە دىسەڭلار بولىۋېرىدۇ.


دىموكراتىيەسى ياپونىيەنىڭ ئالدىدا دىسىمۇ قاملىشىۋېرىدۇ .





















































































































































































1 挪威 9.80 完全民主 君主立宪制议会民主制一院制
2 冰岛 9.65 完全民主 议会共和制议会制一院制
3 丹麦 9.52 完全民主 君主立宪制议会民主制一院制
4 瑞典 9.50 完全民主 君主立宪制议会民主制一院制
5 新西兰 9.26 完全民主 君主立宪制议会民主制一院制
6 澳大利亚 9.22 完全民主 联邦制君主立宪制议会民主制两院制
7 瑞士 9.09 完全民主 联邦制两院制
8 加拿大 9.08 完全民主 联邦制君主立宪制议会民主制两院制
9 芬兰 9.06 完全民主 议会共和制一院制
10 荷兰 8.99 完全民主 君主立宪制议会民主制两院制
11 卢森堡 8.88 完全民主 君主立宪制议会民主制一院制
12 爱尔兰共和国 8.56 完全民主 议会共和制两院制
13 奥地利 8.49 完全民主 联邦制议会共和制两院制
14 德国 8.34 完全民主 联邦制议会共和制两院制
15 马耳他 8.28 完全民主 议会共和制一院制
16 捷克 8.19 完全民主 议会共和制两院制
17 乌拉圭 8.17 完全民主 总统制两院制
18 英国 8.16 完全民主 君主立宪制议会民主制两院制
19 美国 8.11 完全民主 联邦制总统制两院制
20 哥斯达黎加 8.10 完全民主 总统制
21 日本 8.08 完全民主 君主立宪制议会民主制两院制
22 Korea, South  韩国 8.06 完全民主 总统制一院制
23 比利时 8.05 完全民主 联邦制君主立宪制议会民主制两院制
24 毛里求斯 8.04 完全民主 议会共和制
25 西班牙 8.02 完全民主 君主立宪制议会民主制两院制














































































































































































69 蒙古国 6.23 部分民主 半总统制共和制
70 多米尼加共和国 6.20 部分民主 共和制
71 马来西亚 6.19 部分民主 君主立宪制议会民主制联邦制两院制
71 赞比亚 6.19 部分民主 共和制
73 马其顿共和国 6.16 部分民主 议会共和制
74 黑山 6.15 部分民主 议会共和制
75 菲律宾 6.12 部分民主 总统制共和制两院制
76 贝宁 6.06 部分民主 共和制
77 圭亚那 6.05 部分民主 半总统制共和制
78 加纳 6.02 部分民主 总统制共和制
79 乌克兰 5.94 混合政权 半总统制共和制
80 香港 5.92 混合政权 非主权的部分民主、非选举的行政机构、一院制
81 新加坡 5.89 混合政权 议会共和制
82 危地马拉 5.88 混合政权 总统制
83 孟加拉国 5.86 混合政权 议会共和制
84 玻利维亚 5.84 混合政权 总统制
84 洪都拉斯 5.84 混合政权 共和制
86 马拉维 5.82 混合政权 共和制
87 阿尔巴尼亚 5.81 混合政权 议会共和制
88 土耳其 5.73 混合政权 议会共和制
89 厄瓜多尔 5.72 混合政权 总统制
90 坦桑尼亚 5.64 混合政权 共和制
91 尼加拉瓜 5.56 混合政权 总统制
92 突尼斯 5.53 混合政权 共和制



ئەردۇغاننىڭ ئادالەت پارتىيەسى چىقىپ 2002 - يىللاردىن  بېرى تۈركىيەنىڭ  سىياسىي  مۇھىتى بىرقەدەر تۇراقالشقاننىڭ ياقى تۈركىيەنىڭ  دىموكراتلىشىش  دەرىجىسى  بارغانسىرى دىموكراتىيەگە يېقىنلىشىۋاتىدۇ .


ئاساسەن دىگۈدەك  87-88 ئورۇنلاردا  تۇرۇپ كىلىۋېتىغلىق .


خەق دىموكراتىك جۇمھۇرىەيت بولسا ئۇنى ياپونىەي - كورىيەنى تىزغاندەك ئالدىنقى ئورۇنغا تىزىپ قويىدۇ . بىكاردىنلا بىر دىموكراتىك جۇمھۇرىەيتنى دىموكراتىك ئەمەس  دىگەن  قاتارغا كىرگۈزۈپ  قويمايدۇ.


دىمەك ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيەدە كۆپ پارتىيە مەۋجۇت ۋە قىسمەن ئەركىنلىك ۋە  سايلام مەۋجۇت ئەھۋالدا  دىموكراتىك دىمەسلىكىدە نىمە سەۋەب بار بۇنى بىلىشكە توغرا كىلىدۇ .


بۇنى ھېسىياتقا تايىنىپ بىلگىلى ياكى ھېسىياتقا تايىنىپلا كۆزنى يۇمىۋېلىپ دىموكراتىك دىگۈلى بولمايدۇ .  




=============



ئىسڭلىدا بولسۇن ئۇيغۇرنىڭ ھېسىياتى ئاساس قانۇندىن ئۈستۈن تۇرىدۇ .


ھېسىياتقا تايىنىپ گەپ قىلىش  ئانچە يېڭىلىق ئەمەس بۇ جەمىيەتتە .


قىلچىمۇ لوگىكىسى يوق، پاكىتى يوق ، ئىلمىي بولمىغان ھېسىياتقا  تايىنىۋېلىپلا  ھاياجانلىنىپ پاراڭ قىلىش ئادەتتىكىلا  ئىش .

Umun99 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 17:23:11

ئاچچىقلىنىش سالامەتلىككە زىيانلىق.مىنىڭ مۇشۇ بىرلا ئىسمىم بولغاچقا ئۇنداق تەلۋىلىشىپ نەتىجىدە چەكلىنىپ كىتىشنى خالىمايمەن.دىمۇكراتىيىنى چۈشەنگەن كىشى باشقىلارنىڭ ‏پىكرىگە ھۆرمەت قىلغان كىشىدۇر.ئەركىنلىك دىمۇكراتىيىنىڭ ئۇلى.تۈركىيىنى ئاسىيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى دىمۇكراتىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى دىمەكچىتم ،خاتا ئپادىلەپ قويۇپتىمەن.

خىرىستىيان دۇنياسى بىلەن تۈركىيە، تۈركىيە دىمۇكراتىيلىكى توغرىسىدا بىردەكلىككە ئىگە ئەمەس.غەرىپ دۆلەتلىرى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرسىدا زىديەت بار.تۈركىيەنى يەكلەش يىڭى مەسىلە ئەمەس.ئەلۋەتتە بۇ يەكلىنىش غەرىپ دۆلەتلىرىنىڭ موھىم قىممەت تىرمىنى دىمۇكراتىيەدىمۇ كۆرىلىشى مومكىن.شۇنۇڭ ئۈچۈن يۇقارقى سان سىپىرلار بىلەنلا تۈركىيەنى دىمۇكراتىك ئەمەس دىيىشكە مەن قارشى.تۈركىيە جەمىيىتىنى،دىمۇكراتىيەگە بولغان قىممەت قارشىنى تەكشۇرۇپ تەتقىت قىممايلا سان سىپىرغا قاراپ ھۆكۈم چىقىرىش ئۇششۇقلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئەڭ موھىم تۈركىيە كىشىللىرىدە كىشىلىك ھوقۇققا بولغان ھۆرمەت ۋە دىمۇكراتىك قاراش بار.بۇ تۈركىيە ھۆكىمىتىنىڭ دىمۇكراتىك ئىسلاھاتىدىكى ئەڭ موھىم ئۇتۇقى.خەلىقتە دىمۇكراتىك ئاڭ بولمىسا دىمۇكراتىيە ئىچىدە ياشىغان بىلەن دىمۇكراتىك ھوزۇرنى ھىس قىلالمايدۇ.

تۈركىيەدە ،سۆز ئەركىنلىكى،نەشىريات-مەتبوئات ئەركىنلىكى بار.كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى جەمىيەت ئەھۋالىنى كۈزىتىپ تۇرىدۇ.ئەڭ موھىم خەلىق ئىرادىسىگە ۋەكىللىق قىلىدىغان،دۆلەت مەنپەئىتىگە،خەلىق تۇرمىشىغا،تاشقى تۈرۈكلەرگە،مۇسۇلمانلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا بار كۈچىنى چىقىرۋاتقان دىمۇكراتىك ھاكىميىتى بار.كۆڭلىگە ياقمىسا نامايىش قىلىپ قارشىلىقىنى بىمالال ئىپادىلەپ بىرىۋاتىدۇ.بىرنەچچە ۋەتەنداشلىرىنى دەپ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاشتىن باش تاتمايۋاتىدۇ.

دىمۇكراتىيە دەپ چالۋاقاشتىن بۇرۇن دىمۇكراتىيىنى چۈشۈنۈش ئۆز مەنپەئىتىگە ئەمەس ئومومغا تەدبىقلاش كىرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتىمەن.

Umun99 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 17:23:33

تۈركىيەنى چۆكۈرۈشكە نىمانچە ئامراق ئىكەنلىكىڭلارنى چۈشىنەلمىدىم.ئۇيغۇرلاردا تۈركىيە قىزغىنلىقى قوزغۇلىشى ناچار ھادىسە ئەمەس.تۈركىيە تۈرۈكلىرىمۇ ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىدۇ.ئۆزلىرىنىڭ قەدىمدە تەڭرىتاغ بويلىرىدىن تۈركىيەگە كەلگەنلىكىنى قەيىت قىلىپ ئۇيغۇرلارنى ئانا تۈرۈك دەپ تونىيدۇ.تۈركىيەنى چۆكۈرۈش سۇيقەستمۇ ياكى باشقا بىرنىمىمۇ ماڭا ھازىرچە قاراڭغۇ.ئەمما بەزىلەرنىڭ غالجىرلىشىپ كىتىۋاتقىنىدىن تەخىرسىز ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ




italiano يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 17:35:17

سىلەرلا ئەقىللىق ، سىلەر ھېسىياتىغا تايىنىپ پاراڭ قىلغۇچى بىر توپ ئىنسانلارغا باشقىلار يەتمەيدۇ .


تۈركىيەنىڭ دىموكراتىيەسىن ىباھالىغۇچى ۋە ئۇنى دىموكراتىك ئەمەس دىگۈچى يەرشارىدىكى بارچە ئىنسان سىلەردىنمۇ دۆت ئۇلار دىموكراتىيە چۈشەنمەيدۇ بولىدىمۇ .


ھېسىياتقا باج ئالمىغانكىن خالىغانچە ماختاۋېرىڭلا.


تۈركلەر قانداق بولسا شۇ ئەينى بويىنچە  دىسە ئۇ ئەيىبلىگەنلىك چۆكۈرگەنلىك ھىسابلانسا خالغىانچە ماختىۋېلىڭلا  ھاياجان ئىنسانلار  توپى .



ئۈستىدىكى ئىسمىمدا يېزىپ بولدۇم ئىنكاسنى بولدى شۇ يىتەرلىك .



ئۈستىدىكىدەك ھاياجان پاراڭنى ئاز قىل . خەيىر خوش .

ماڭا گەپ قىلماي دىموكراتىيە ئۆگىنىپ كېلىڭلا ھاياجانلار .

تۈركىيەنى دىموكراتىك ئەمەس دىگەن چەتئەللىكلەرمۇ سىلەردىن ئۆتە دۆت ، ئۇلارنىڭ ئۆچى بار بولدى گەپ تۈگىدى .



ھاياجان  پاراڭنى ئاز قىلىپ  تۈركىيە  دىموكراتىك بولسا قانداق دىموكراتىك شۇنىڭ گېپىنى قىلىش .


ماۋۇ ئورقۇمەنلەر  سەنلەرنىڭ ھېسىياتقا تايانغان پارىڭىڭنى ئەمەس ، زادى مۇشۇ تۈركىيە دىموكراتىك جۇمھۇرىيەت ھېسابلىنامدۇ ھېسابلانمامدۇ .


نىمىشقا تۈركىيەنى دىموكراتىك دىمەيدۇ مۇشۇ ھەقتە ئىلمىي كۆز قاراش  بىلگۈسى بار . سەنلەرنىڭ ھاياجان پارىڭىڭنى ئەمەس .


سەن ھايجانغا تايىنىپ پاراڭ قىلغان بولساڭ ، مەن ئۈستىدىكى ئىسمىمدا  تۈركىيەنىڭ كىشلىك ھوقۇق تەرەپلىرىكى مەسىلىلەرنى شۇلارنىڭ تور بېتىدىن مىسال قىلىپ كۆرسىتىپ بولدۇم .


ھاياجان پاراڭنى ئاز قىلىش ، ماختىغۇڭ بولسىمۇ ، زادى دىموكراتىكمۇ ئەمەس . شۇھەقتە  پاراڭ قىلىش ، ئارتۇق گەپ قىلىشما .


============

ئۈستىدىكى ئىنكاسىڭغا قارىۋەت . تۈركىيە دىموكراتىيە جەھەتتە يەنىلا ئاسىيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرمايدۇ .

ياپونىيە ، كورىەيلەر ئۇرۇشتىن كىيىنلا 60-70 يىللاردا دىموكراتىيەلىشىشكە قەدەم بېسىپ بولغان ۋاقىتلاردا تۈركىيەدە ھەربىي ئۆزگىرىش قىلىپ ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرىۋېتىش ئەۋج ئېلىۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى.

ياپونىيە ، كورىيەنى چىقىرۋەتسىمۇ تېخى باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن تۈركىيەنىڭ دىموكراتىيەسى ئالدىنقى ئورۇندا دەپ ماختاپ سېلىشتۇرغۇدەك دەرىجىدە ئەمەس . بەك ھاياجانلىنىپ كەتمىگەن ئەھۋالدىلا.

bilig2010 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 18:54:00

بۇ يەدە سەن ھاياجانلىنۋاتامسەن بىزمۇ ئوبدان قارا، سىنىڭچە بولسا ئوبامانىڭ سايلىنىشىمۇ ئامىركىلىقلارنىڭ بەك ھاجانلىنىپ كەتكەنلەكىدىن بوغان،تۇركىيەنى دىمۇكراتىيسى يىتەرلىك ئەمەس دىگەنلە ئىقتىسادى تەرەققى قىلغان دىمۇكراتىيسى ئالغا كەتكەن خىەق،ئۇلار تۈركىيەنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىنى بىلمەيدۇ،ئۇلا كامال دەۋردىكى ر مەزھەپ ۋە سوپى ئىشانلىق ئەۋىج ئالغان ئەھۋالدا بىر ئەلنى ئىدارە قىلىشنى ئاددىيلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ قوللانغان ئۇسۇلىنى باھانە قىلىپ تۈركىيەنىڭ دىمۇكراتىك كورسەتكۈچىنى شۇنداق باھالايدۇ،سەن ئامىركىلىق بولساڭ ئىدىڭ تۈركىيەنى دىمۇكراتىك ئەمەس دىسەڭ بولاتتى،بىراق بەك ھاياجانلانما سەن جۇڭگۇ دا  ياشاۋاتىسەن ،

italiano يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 19:14:00

ئامىرىكا -ياۋروپالىقلارغا پاسپورت شۇندا راۋان ،شۇلار ئىقتىسادى ئالدىغا كەتكەن بولسا ئۇلارنىڭ يالغان بولسا

چىگرا ئاتلاپ باقمىغان سەنلەرنىڭ دىموكراتىك دەيدىغان ئىلمىي پارىڭىڭ بولسا ئاڭلىمامدۇق .

مۇشۇندا يوقىلاڭ پاراڭنى ئاز قىلىپ ، تۈركىيە زادى دىموكراتىك جۇمھۇرىيەت .

1.

2.

3.

4.


دەپ پاكىت دەلىللەر بىلەن بىر گەپ قىلىشمامسەن



ياۋرو -ئامىرىكىلىقلارنىڭ كۆز قارىشىمۇ ياقسىما ، سەنلەرنىڭلا ھاياجان پارىڭى ھېسابما.

تېخى شۇلارنىڭ قانداق باھالايدىغانلىقىغىمۇ ھېسىياتىڭنى سىڭدۈرۈپ گەپ قىلىشىڭ . دىموكراتىيە كۆرسەتكۈچى بىلەن ئەركىنلىك ، كىشلىك ھوقۇق كۆرسەتكۈچىنى قانداق باھالايدىكەن كۆرسۈتۈپ قويايمۇ يا سەنلەرگە .



سەنلەر تۈركىيەلىك بولغاچقا ، چىگرا ئاتلاپ بارغاچقا دىموكراتىك دەۋاتامسەنما.

ھاياجىنىڭنى توختىتىشىپ ، تېخىمۇ ھېسىيات پاراڭ بىلەن پاخال قىلماي ، چىقىپ دىموكراتىيە ئۆگىنىپ كىلىشە .

تۈركلەرنىڭ ئۆزىنىڭ مۇنبىرىدىن  بولسىمۇ  تۈركىيە بىر دىموكراتىك جۇمھۇرىيەت دەيدىغان  يەر بولسا پاكىت كەلتۈرۈش بولمىسا  چىقىپ ئويناش .


mamattoxti يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 19:15:47

بىلىگ سىزنىڭ پىكرىڭىزدىمۇ نامۇۋالىق تەرەپلەر بار يەنى تۈركىيە ئالدى بىلەن نۇقسانسىز جۇمھۇرىيەت ئەمەس،ھېلىغۇ تۈركىيە ئىكەن ، قوشما شىتاتلىقلارمۇ ئۆزىنىڭ دىموكىراتىيەسىنى مۇكەممەل دىيەلىگىنى يوق بەلكى توختىماستىن تەنقىتلەپ ئەيىپلەپ تۇرىدۇ!

مىللى ھىسىياتنى يانتاياق قىلىپ پىكىىر قىلىدىغان ئىش بولسا موڭغۇللار چىڭگىز دەۋرىنى،رۇسلار سىتالىن دەۋرىنى ،ئىنگىلىزلار ئايال پادىشاھ ۋىكتورىيە دەۋرىنى،جوڭگولۇق چېن شىخۇاڭ دەۋرىنى ئەڭ دىموكىراتىك دەۋىر دەپ تۇرۇۋىلىشىۇ مۇمكىن ھەم ئۇنى خاتا دېگىلى بولماي قالىدۇ،

italiano يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 19:42:28

ئۈستىدىكى ئىسمىمدا يېزىپ بولدۇم .

1980- يىلى ھەربىي ئۆزگىرىش بولغاندىن كىيىن تۈركىيە ئاساس قانۇنى ئۆزگەرتىلگەن ، ۋە ھازىرغىچە مۇشۇ ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كىيىنكى ئاساس قانۇن يولغا قويۇلىۋاتىدۇ.


تۈركىيەنىڭ ئاساس قانۇنىنى قانۇن تۈزۈش ئورگانلىرى ۋە ئەدىلىيە سېستىمىلىرى بىكىتمەي دەل ئاشۇ ئارمىيەلەر ئاساس قانۇنغىمۇ ئارلىشىۋالغان .


تۈركىيەنىڭ ئاساس قانۇنى خەلقنىڭ ئىرادىسىنىڭ نامايەندىسى ئەمەس. ئۇنى خەلق سايلام ئارقىلىق سايلىغان ئەلباش ، بەگباش ۋە ھەرقايسى ھۆكىمەت تەشكىللىگەن سىياسىي پارتىيە ۋە ئەدىلىيە ئورۇنلىرى بىكىتمىگەن .


ئارمىيە تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ يۈكسەك ھوقۇقىنى ئۆزلىرى بىكىتكەن ،  ئارمىيەلەرنىڭ بۇ  يۈكسەك ھوقۇقغا چەك قويۇشنى ياۋروپا ئىتتىپاقى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن.


90- يىلى ئۆزەل ئەلباش بولغاندىن كىيىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش تۈرىتكىسىدە بەزى كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى قۇرۇلغان بولسىمۇ  ۋە دىموكراتىك دىگۈدەك پەقەت سايلام ئارقىلىق ئەلباش سايلاشتىن ئىبارەت مۇشۇ تەرەپ ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان بولسىمۇ ، لىكىن شۇ ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كىيىنكى ئاساس قانۇندا بەلگىلەنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئالىي ھوقۇقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغىنى يوق .

ياۋرو- ئامىرىكا ، ياپونىيە ، كورىيەلەرنى دىموكراتىك دىيىشتە ئۇلاردا سايلام ۋە كىلشىك ھوقۇق بولۇشتىن سىرت ئەدىليە سېستىمىسى ۋە ھەربىيلەرنىڭ ھوقۇقى ئايرىۋېتىلگەن ۋە ھەربىي قىسىمنىڭ ھوقۇقىغا چەك قويۇلغان ، ئۇلار تۈركىيەدىكىدەك يۈكسەك ھوقۇقتا ئەمەس.

ياروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش ئسىتىكى كۈچلۈك بولغان تۈركىيەگە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاساس قانۇندا بەلگىلەنگەن ئارمىيەلەرنىڭ يۈكسەك ھوقۇقىغا چەك قويۇش ، سوت ۋە ئەدىلىيە سېستىمىسىنى ئارمىيەدىن ئايرىۋېتىش ۋە كىشلىك ھوقۇقنى تېىىمۇ ياخشىلاشنى تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ بۇ تېخىچە ئەمەلگە ئاشىمىدى .

ئۈستىدىكىسى پەقەت شۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى تەشەببۇسىدىكى كىشلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشنىڭ بىر قىسىمى . 2000 يىلاردىن بېرى كىشلىك ھوقۇق ۋە سىياسىي ھوقۇقلار بۇرۇنقى كامالىزىم ئىدىيەسىدىكى چەكلىمىلىك دەۋرلەردىن كۆپ ياخشىلانغان بولسىمۇ ئەمما تېخى ئارمىيەلەرنىڭ يۈكسەك ھوقۇقى تېخىچە بار ، ئەدىلىيە ۋە سوتمۇ ھەم .



شۇڭا تۈركىيە ھەربىيلەر جۇمھۇرىيىتى ئۇ دىموكراتىك جۇمھۇرىيەت ئەمەس .

سايلام بولغان بولسىمۇ ھەربىيلەر ھوقۇقىغا چەك قويۇلمىغان ، ئەدىليە سېستىمىسى ئايرىۋېتىلمىگەن . بۇ سەۋەب دىموكراتىك ھېسابلانمايدۇ .


1. تۈركىيەدە پەقەت سايلام بار ، لىكىن بۇ سايلام ئارقىلىق سىياسىي سەركىنى سايلاشتىن .ئىبارەت سىياسىي مۇھىت تېىى تۇراقلىق ئەمەس .


2. تۈركىيەدە مۇستەقىل ئەدىلىيە سېستىمىسى ۋە سوت يوق .


3. ئۈچ ھوقۇق ئايرىۋېتىلمىگەن ، ھەربىيلەر ھوقۇقىغا چەك قويۇلمىغان .


4. كىشلىك ھوقۇق جەھەتلەردە قىسمەن ئىلگىرلەشلەر بولغان بولسىمۇ ، ئۈستىدىكىدەك ، بۇ 2000 يىللاردىن بېرىقى برى باشلىنىش خالاس ، ئەمما تۈركىيە كىشلىك ھوقۇقى دىموكراتىك دىگەن ئۆلچەمگە لايىق دەرىجەدە  ياخشى  ئەمەس .  نۇرغۇنلىغان كىشلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى مەۋجۇت . بۇ ياۋروپا  ئىتتىپاقىغا كىرىشتىمۇ كۆپ تەكىتلىنىدىغان نۇقتا .



شۇڭا پەقەت سايلامدىن ئىبارەتلا بىر شەرتنى ھازىرلىغانلىقغا  قاراپلا دىموكراتىك دىگىلى بولمايدۇ .

بەت: [1] 2 3 4
: تۈركىيەنىڭ ئايال پارلامېنت ئەزالىرى پارلامېنتقا تۇنجى قېتىم ھىجاپلىق كىردى[كۆچۈ