ئۈندىدار(ۋېيشىن)دىكى كاتىپىڭىزنى بىلەمسىز؟
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم تورداشلار
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئۈندىدار چوڭ كىچىك ئەر ئايال ھەممىمىزنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىردى ، يەنە ھەرخىل ئۇيغۇرچە سالونلارمۇ قۇرۇلۇپ ئۈلگۈردى ، بۈگۈن سىلەرگە تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىم ئۇيغۇرلار قۇرغان ئەقلى ئىقتىدارلىق ئۈندىدار(ۋېيشىن)سالونى --كاتىپىم سالونى
ئۈندىداردىكى ئىزدەش نۇمۇرى :katipim
ئارتۇق گەپنى كۆپ قىلىپ ئولتۇرماي ئىقتىدارلىرىنى تۇنۇشتۇرۋېتەي
ھازىر بار بولغان ئىقتىدارلىرى تۆۋەندىكىچە :
1، خەنزۇچە-تۈركــچــــە لۇغەت
2، خەنزۇچـە-ئەرەبــچــە لۇغەت
3، ھاۋارىيـــىـدىن مــــــەلۇمات
4، پويىز ۋاقتىنى تەكــشۈرۈش
5، تېز يوللانــمــا تەكــشۈرۈش
6، باشقا تــىـــلدىكـــى لوغــەتلەر
7، كوچـــــا ئاپــــــتۇبـــــۇســى لىنىيسىنى تەكسۈرۈش
8، تېـــــــلفــۇن نۇمــــــــــــۇرى ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش
9، كــىــمــلــىــك نـــــــۇمــــــۇى ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش
10، لاتــارىيــــەبېلىتىنىڭ مۇكاپات چىقىش ئەھۋالىنى تەكـــشــۈرۈش
11، پايچــېــكى ئۇچۇرلىرىنى تەكــشـــۈرۈش
12، ئېنگىلىزتىلى 4-6-دەرىجە ئىنتاھان نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش
يۇقىرىقى ئىقتىدارلارنىڭ ھەممىسى ئاپتۇماتتىك بولۇپ ، 2سىكۇنتتتىن ئارتۇق ۋاقىت كەتمەيدۇ .
كەلگۈسىدە قوشۇلماقچى بولغان ئىقتىدارلار :
ئۇيغۇرچە خەنزۇچە ، ئۇيغۇرچە تۈركچە ، ئۇيغۇرچە ئەرەبچە لۇغەت.
ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ئېتىلىش ئۇسۇلى.
ئۇيغۇرچە يۇمۇرلار.
. . . . . .
سالونىمىزنى قاچىلاش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە
نۇرغۇن ۋاقىت ۋە ئېقىم مىقتارى(流量)، يانفۇنىڭىزنىڭ سىغىمىنى خورىتىپ ھەرخىل لۇغەت ھاۋارايى دېتالى، پويىز ۋاقتىنى تەكشۈرۈشدېتالى ، تېز يوللانما تەكشۈرۈش دېتالى قاتارلىق يۇمشاق دېتاللارنى تېلفۇنىڭىزغا قاچىلامسىز ياكى بىر كۇنۇپكا بىلەن كاتىپىم سالونىمىزنى قېتىۋېلىپ ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئىقتىدارلارغا ئېرىشەمسىز تاللاش ئۆزىڭىزدە!
ئەسكەرتىش: ئاساسلىق سانلىق مەلۇماتلار خەنزۇلارنىڭ قولىدا بولغاچقا ۋە بۇ خىل ئۇچۇرلارنىڭ API ئېغىزىنى تەمىنلەيدىغان ئۇيغۇرچە توربېكەتلەردىن بىرسىمۇ بولمىغاچقا(ھاۋارايى مەلۇماتى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تەمىنلەيدىغان ئۇيغۇرچە تور بېكەت ھازىرغىچە يوق) سالونىمىزنىڭ بەزى ئىقتىدارلىرىنى چۈشەندۈرۈلىشى ئۇيغۇرچە ، ئەۋەتكەن ئۇچۇرلىرى خەنزۇچە بولۇپ قالدى ، ئەمما بىر دوستۇمنىڭ دېيىشىچە ئاز تولا تېخنىكا ئىشلىتىپ بۇ ئۇچۇرلارنىمۇ ئۇيغۇرچە قىلغىلى بولىدىكەن ، ھازىر ئۇيغۇرچە قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز شۇڭلاشقا بىرقىسىم تورداشلارنىڭ ياخشى پىكىرلەر بولسا بېرىشىنى ئەمما بەزى يەرلىرى خەنزۇچىكەن ئۇنداق بۇنداق دەپ تىللىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز .
ئۇيغۇرچىنى ئاساس قىلغان لۇغەتلەرنىمۇ تىزراق قوشساڭلار بوپتىكەن.
3- قەۋەتتىكى tadubegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۇيغۇرچىنى ئاساس قىلغان لۇغەتلەرنىمۇ تىزراق قوشساڭلار بوپتىكەن.
بەرگەن تەكلىپىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ، خۇدايىم بۇيرىسا ئۇ ئىقتىدارلارمۇ قوشىلىدۇ ئۈندىدار ئەمدى تۈگىشىدۇ،پۈتۈنلەي تۈگىشىدۇ.يىشىننى 11-ئاينىڭ 8- كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈنلەي ھەقسىز ،ئېقىم كەتمەيدىغان قىلىدىكەن.
ئەمدىكى قابىلىيەتنى يىشىنغا ئىشلىتىڭلار.بالدۇر تۇتۇش قىلغان تېخىمۇ ياخشى. ياخشىكەن ، رەھمەت سىزگە .....
@ elikaram يىشىن دېگەننىڭ ۋىندوۋس فوندا قوللايدىغان نۇسخىسى تېخى يوققۇ دەيمەن. ئېقىم كەتمەيدۇ دېگەن بىلەن قوللىنىشچانلىقى ياخشى بولمىسا يەنىلا باش كۆتۈرۈپ چىقمىقى تەس. ۋايشىننىڭ توختاپ قېلىشىغا خېلى زامان بار. بەلكىم توختاپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەستۇ.
5- قەۋەتتىكى elikaramنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۈندىدار ئەمدى تۈگىشىدۇ،پۈتۈنلەي تۈگىشىدۇ.يىشىننى 11-ئاينىڭ 8- كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈنلەي ھەقسىز ،ئېقىم كەتمەيدىغان قىلىدىكەن.
ئەمدىكى قابىلىيەتنى يىشىنغا ئىشلىتىڭلار.بالدۇر تۇتۇش قىلغان تېخىمۇ ياخشى.
ناتىيىن ، ئەڭ مۇھىمى ئۇ يىشىن دىگەننى سىز بىزلەر بىلگەن بىلەن مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر بىلمەيدىكەن ، يىشىنىمنى ئېچىپ قويسام پاراڭلىشىدىغانغا ئادەم يوق توپا بېسىپ ياتىدۇ
8- قەۋەتتىكى formatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
5- قەۋەتتىكى elikaramنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۈندىدار ئەمدى تۈگىشىدۇ،پۈتۈنلەي تۈگىشىدۇ.يىشىننى 11-ئاينىڭ 8- كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈنلەي ھەقسىز ،ئېقىم كەتمەيدىغان قىلىدىكەن.
ئەمدىكى قابىلىيەتنى يىشىنغا ئىشلىتىڭلار.بالدۇر تۇتۇش قىلغان تېخىمۇ ياخشى.
ناتىيىن ، ئەڭ مۇھىمى ئۇ يىشىن دىگەننى سىز بىزلەر بىلگەن بىلەن مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر بىلمەيدىكەن ، يىشىنىمنى ئېچىپ قويسام پاراڭلىشىدىغانغا ئادەم يوق توپا بېسىپ ياتىدۇ
گۈدۈك چالغاندەك تۈزۈك بى چېلىڭلا ئۇ يىشىننى شۇ ھامان پەيدا بولىدۇ...ھاھھھاھاھا......
ياخشىكەن پايدىلاندىم .........رەخمەت سىزگە !{:92:}