salihman يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 09:16:30

دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى ئاپتۇل كۈچەيتكۈچ ياپونىيەدە

دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى ئاپتۇل كۈچەيتىش سۇيۇقلۇقى ياپونىيەدە



ياپونىيە دۇنيادىكى پەن   تېخنىكا، سانائەت ۋە ئىقتىسادى تەرەققىيات جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ياپونىيە بارلىق نىفىت خىمىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ خام ئەشياسىنى باشقا دۆلەتلەردىن سىتىۋالىدىغان بولغاچقا، ئىنىرگىيە تىجەشكە ئەڭ ئەھمىيەت بىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ياپونىيەنىڭ زىمىنى كىچىىك، نوپوسى زىچ، ھاۋاسى زىيادە نەم بولغاچقا مۇھىتنى قوغداش تەلىپى ئىنتايىن كۈچلۈك. ياپونىيە خىشى كاۋا شىركىتى 1972- يىلىدىن ئىتىبارەن موتور تازىلاش سۇيۇقلۇقى ۋە ئاپتول كۈچەيتىش سۇيۇقلۇقى توغرىسىدا مەخسۇس تەتقىقاتنى باشلىغان. بۇ جەرياندا national chemsearch corp شىركىتى بىلەن توختام تۈزۈپ، بۇ مەھسۇلات تەتقىقاتىنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇپ، 1983- يىلى ئىنىرگىيە تىجەيدىغان، مۇھىت ئاسرايدىغان ئاپتۇل كۈچەيتىش سۇيۇقلۇقىGOLD PUNCH @ 3000 نى كەشپ قىلغان. 1984- يىلى خىشى كاۋا ئاپتۇل كۈچەيتىشسۇيۇقلۇقى نامى بىلەن ياپونىيەدە رەسمى ئىشلەپچىرىلىشقا باشلىغان. شۇنداقلا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئىرىشىپ، دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئىشلىتىلىدىغان نوقتىلىق مەھسۇلات قىلىپ بىكىتىلگەن.

1997- يىلى ياپونىيەنىڭ كىيوتو شەھىرىدە بۇ مەھسۇلات توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنىدا ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەھسۇلاتقا دۆلەت گۆھىرى دەپ نام بەردى.

2001- يىلى ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەھسۇلاتنى خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلغاندا ياپونىيە نىسسان شىركىتى تۇنجى بولۇپ بۇ مەھسۇلاتنى ئومومىيۈزلۈك ئىشلىتىدىغانلىقىنى، بۇ مەھسۇلاتنى ئىشلەتكەن ئاپتوموبىلنىڭ 200 مىڭ كىلومىتىرغىچە ئاپتۇل ئالماشتۇرماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ بىر يىل ئىچىدە 1 مىليۇندىن ئاپتوموبىلغا بۇ مەھسۇلات ئىشلىتىلىپ، ياپونىيە جەمئىيىتىدە ھەقىقى ئىتىراپ قىلىشقا ئىرىشتى.

بۇ مەھسۇلاتنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بار:

سىڭىپ كىرىش جەھەتتە: مولىكولا قۇرۇلمىسى ئادەتتىكى ئاپتۇلنىڭ %3 ~ %5 ىگىچە توغرا كىلىدۇ. موتورنىڭ ئىچىدىكى ھەر قايسى ھەرىكەتچان بۆلەكلەردىن تارتىپ، مېتال قىسىملىرىنىڭ مىكرو ھالەتتىكى تۆشۈكلىرىگىچە سىڭىپ كىرىپ، يىپىشقاقلىقى يۇقىرى سىلىقلاش پەردىسى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ سىلىقلاش قەۋىتى ئىنتايىن مۇستەھكەم، ئاسانلىقچە بۇزۇلمايدۇ.

يۇقىرى تىمپىراتۇرىغا بەرداشلىق بىرىش جەھەتتە: يۇقىرى تىمپىراتۇرىغا ئۇزاققىچە بەرداشلىق بىرىش، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى بار. بۇ بىر ئىشقارلىق ماددا، شۇڭا قىزىش سەۋەبىدىن ئاپتۇلنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتىكى ئاپتۇل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەندە، ئاپتۇلنىڭ ئۆمرىنى ھەسسىلەپ ئۇزارتقىلى بولىدۇ.

داتلىشىشقا قارشى تۇرۇش جەھەتتە: سىلىقلاش قەۋىتى ئىنتايىن كۈچلۈك، داتلىشىشقا قارشى تۇرىدۇ. گاز، سۇ، تۇز قاتارلىق چىرىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ماددىلارنىڭ مېتال يۈزىنى بۇزۇۋىتىشىدىن ساقلايدۇ.

تازىلاش جەھەتتە: موتورنىڭ مېتال يۈزىدىكى قالدۇق كاربون، ئاپتۇلدىن ھاسىل بولغان ئەخلەتلەر ۋە كىرەكسىز چۆكمە ماددىلارنى تولۇق تازىلاپ، موتورنىھەر ۋاقىت پاكىز ساقلىيالايدۇ.

سۈركىلىشكە چىدامچانلىق جەھەتتە: ھاسىل قىلغان سىلىقلاش قەۋىتى موتورنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھەرىكەتچان دىتاللارنىڭ سۈركىلىشىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، ئۇپراشتىن ساقلايدۇ. موتورنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىدۇ.

بىخەتەرلىك جەھەتتە: 270 سىلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى، نۆلدىن تۆۋەن 45 سىلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن تىمپىراتۇرىغا بەرداشلىق بىرىپ، ھەرىكەتچانلىقنى ساقلايدۇ. ئۇ ئىنتايىن ساپ، تەبىئىي بولۇپ، ھىچقانداق زىيانلىق ماددا ۋە خۇرۇچ ئىشلىتىلمىگەن.

بۇلغىمىلارنى ئازايتىش جەھەتتە: يىقىلغۇ كۆيگەندە چىقىدىغان كىرەكسىز گازنى كىمەيتىش رولى كۆرۈنەرلىك. كاربون 4 ئوكسىدنى %20، كاربون چالا ئوكسىدنى %52.1 ، NOX نى %9.5 كىمەيتىدۇ.

ماي تىجەش جەھەتتە: ئاپتۇل ئالماشتۇرۇش مۇددىتىنى زور دەرىجىدە ئۇزارتىدۇ. بۇ مەھسۇلات ئىشلىتىلگەن ئاپتوموبىل 160 مىڭ كىلومىتىر يول يۈرگىچە ئاپتۇل ئالماشتۇرمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سىلىقلاش قەۋىتىنىڭ ھىملاش ئىقتىدارى پىرىسلاش بىسىمىنى ئاشۇرۇپ، يىقىىلغۇنى تىجەيدۇ. ئادەتتە يىقىلغۇ چىقىمىنى %1.8 تىن %15 كىچە تىجىگىلى بولىدۇ.

قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش جەھەتتە: موتورنىڭ ئىچكى سۈركىلىش بىسىمى ئازىيىدىغان بولغاچقا موتورنىڭ قۇۋۋىتى ئاشىدۇ. ئاپتوموبىل ۋە پاراخوتنىڭ سۈرئىتىنى ئەسلىدىكىدىن %10 تىن %20 كىچە ئاشۇرىدۇ. موتورنىڭ ئاۋازىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدۇ.







مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتى 23- ئۆكتەبىرپەن ۋە تۇرمۇش سەھىپىسى ئەسلى مەنبە: ياپونىيە سەھەر گىزىتى

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 10:50:43

زىيەك ، كۆرۈش قۇۋۋىتىڭلار يۇقىرى ئىكەن ھە \"\"

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 16:25:17

ھازىر ھەر 5000 كىلومىتىردا بىر ئاپتۇل ئالماشتۇرىۋاتىمەن ماۋۇنى قۇيىۋەتسەم 3-4 يىلغىچە ئاپتۇل ئالماشتۇرمىساممۇ بولغىدەك لىكىن بۇ مەھسۇلات جۇڭگۇ بازىرىغا كىرىپ بولغىچە ساختىسى چىقىپ بۇلىدۇدە

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 17:42:54

بىر كىرسە بولاتتىكەندە ماۋۇ ئالامەت ياخشى نەرسىكەنغۇ...

kartanesi يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 19:50:30

بۇ ئاپتۇلنىڭ ئىلانىنى رادىئودا كۈندە بېرىۋاتىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى باش ۋاكالەتچىسىنى قايسى بىر شىركەت دېگەندەك قىلغان، قارىغاندا ئۈرۈمچىدە بار ئوخشايدۇ، باھاسىنى بىلسەك بولاتتى.

salihman يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 08:35:35

بۇ مەھسۇلات ئۈرۈمچىدە بار، ھازىر ھەر قايسى جايلاردىن ۋاكالەتچى چاقىرىۋاتىدۇ. تەپسىلى ئەھۋالنى بىلمەكچى بولسىڭىز 13999222193 گە تىلفۇن قىلسىڭىز بولىدۇ ياكى www.kamalidin.com غا كىرىپ تەپسىلاتىنى بىلسىڭىز بولىدۇ.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2013-11-3 12:09:39

荷兰皇家壳牌集团 Royal Dutch /Shell Group of Companies مەن مۇشۇنىڭدىن باشقىسىنى ئىشلەتمەيمەن. باھاسى مۇۋاپىق سۈپىتى ياخشى. كورىيەنىڭ ماشىنسىنى ھەيدەيدىغانلار خولىڭ بازىرىدا 6-قەۋەتتە كورىيە ماللىرىنى ساتىدىغان بىر دۇكان بار شۇ يەردە كورىيەنىڭ ئاپتۇلىنى ساتىدىكەن سىناق باقساڭلار بولغۇدەك......
بەت: [1]
: دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى ئاپتۇل كۈچەيتكۈچ ياپونىيەدە