iksak يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 09:00:45

ياردەم !!!

كومپىيوتېرنى ئاچسام مۇشۇنداق چىقىۋالدى:

مەن بۇ مەسىلىگە دائىم ئۇچىرايمەن. ئەڭ ئۈسىتىدىكى ئېنگىلىزچە جۈملىنىڭ مەنىسىنى چۈشەندىم:

سېستىمىدا مەسىلە بايقالغاچقا، ۋىندوۋىس كومپىيىتىرىڭىزنىڭ زىيانغا ئۇچۇرشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سېستىما تاقالدى.

دائىم مۇشۇ مەسىلىگە ئۇچۇرايمەن. 百度知道 دىن ئىزدىگەن بولساممۇ، بىراق ئوبدانراق جاۋاپقا ئېرىشەلمىدىم. بىيوسنى قايتىدىن تەڭشەش كېرەك ئىكەن. لىكىن مەن بىيوسنى بىلمەيمەن. بەكلا مۇرەككەپ بىلىنىدۇ.

مۇنبەردىكى ئۇستىلار مۇشۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىشنى دەپ بەرسەڭلار. بەك مۇرەككەپ نەززىرىيىلەرنى سۆزلىمەي، بۇ مەسىلىنى بىيوسنى قانداق يوسۇندا تەڭشەپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى دەپ بەرسەڭلار. رەھمەت!!!

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 10:53:54

ئۆزىڭىز يوللغان رەسىمدىكى ئۇچۇرنى تەپسىلى ئوقۇسىڭىز ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلى تەپسىلى يېزىغلىق. \"\"

ئاستىدىكى جۈملىلەرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىسى:

سىز بۇ خاتالىق ئۇچۇرىغا تۈنجى يولۇققان بولسىڭىز، كومپىيوتىرنى قايتا قوزغىتىڭ. ناۋادا بۇ خاتالىق ئۇچۇرى يەنە كۆرۈنسە، تۆۋەندىكى تەرتىپلەر بويىچە مەشغۇلات قىلىڭ.

كومپىيوتىر زاپچاسلىرى ۋە ئەپلەرنىڭ قاچىلىنىشىنىڭ توغرىلىقىنى تەكشۈرۈڭ. ناۋادا توغرا قاچىلانغان بولسا، زاپچاس ياكى ئەپ ياسىغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، سىز ئىشلىتىۋاتقان كۆزنەك سېستىمىسىغا ماس كېلىدىغان ئەڭ يېڭى نۇسخىسىغا ئالماشتۇرۇڭ.

ناۋادا خاتالىق يەنە كۆرۈلسە، يېڭىدىن قاچىلىغان زاپچاسنى چەكلەڭ، يېڭى قاچىلىغان ئەپنى ئۆچۈرۋېتىڭ. بېئوس تەڭشىكىدىكى ۋاقىتلىق ساقلىغۇچنى چەكلەڭ.

ناۋادا كۆزنەكنىڭ بېخەتەر قوزغىلىش موھىتىغا كىرىپ، چەكلەش مەشغۇلاتى قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز، كومپىيوتىر قوزغالغاندا F8 كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، بىخەتەر موھىتنى قوزغىتىڭ.

تېخنىكىلىق ئۇچۇر:

توختىتىلدى: 0X000000BB .........................

*******************************************************************************************************

مېنىڭ تەكلىۋېم:

1. بىئوسنى تەڭشەپ يۈرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ناۋادا ئۆزگەرتكەن بولسىڭىز، ئەسلىگە ئەكىلىپ قويۇڭ. ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسپەتەن، زاۋۇتتىن چىققاندىكى تەڭشەك ئەڭ مۇۋاپىق. ئەسلىگە ئەكىلىش بۇيرۇقى ھەر خىل تىپتىكى بېئوسلاردا بەلكىم ئوخشاش ئەمەس. Reset, Restore Default

كۆپۈنچىسى مۇشۇ ئىككى بۇيرۇق.

2. كومپىيوتىرغا قاچىلانغان ئادەتتىكى ئەپلەر(يۇمشاق دېتال) سەۋەبىدىن يۇقۇرقى خاتالىق كۆرۈلۈش نېسپىتى تۆۋەن، كەمدىن - كەم ئۇچىرايدۇ. زاپچاسقا(قاتتىق دېتال) قارىتا مەشغۇلات ئېلىپ بارىدىغان ئەپلەرلار مۇشۇ خىل خاتالىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. كومپىيوتىرىڭىزدا سېستىما قاتتىق دېتال ئۇچۇرلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان ئەپ قاچىلاغلىق بولسا ئۆچۈرۋېتىڭ.

3. بۇ خاتالىق مۇتلەق كۆپ قىسىم ئەھۋال ئاستىدا، كومپىيوتىر زاپچاسلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ناۋادا CPU، ساقلىغۇچ، كۆرسەتكۈچ كارتا، ئاساسى تاختا قاتارلىق 4 زاپچاستا مەسىلە كۆرۈلسە، ئېكراندا ھېچنىمە كۆرەلمەيسىز. كومپىيوتىر قوزغالمايدۇ. قاتتىق دېسكىدىكى خاتالىق بولسا، كۆزنەك دىگەندەك سېستىمىلار قوزغالمايدۇ، ئەلۋەتتە يۇقۇرقى خاتالىق ئۇچۇرىغىمۇ ئېرىشەلمەيسىز. دىمەك خاتالىق كۆرۈلگەن زاپچاس ئاۋاز كارتىسى، تور كارتىسى دىگەندەك قوشۇمچە زاپچاسلار.

ھازىرقى ئاساسى تاختىلارغا ئاۋاز كارتىسى ۋە تور كارتىسى بىرلەشتۈرۋېتىلگەن. دىمەك بۇ خاتالىقنىڭ يۈز بېرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ، مۇشۇ قوشۇمچە زاپچاسلارنىڭ قوزغىتىش پروگىراممىسىنىڭ نەشىرى تۆۋەن ياكى خاتا قاچىلانغان.

4. كومپىيوتىرنى بېخەتەر قوزغىتىڭ.(safe mode) دىگەن تۈرنى تاللاپ قوزغىتىسىز. نورمال قوزغالسا، خاتالىق كۆرۈلگەن زاپچاسنىڭ ئاۋاز كارتىسى ياكى بولمسا تور كارتىسى ۋە ياكى ئۆزىڭىز قاچىلىغان باشقا تىپتىكى كارتىلاردا ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگىلى بولىدۇ. ناۋادا بۇرۇن ئاۋاز نورمال بولسا، خاتالىق جەزمەن تور كارتىسىدا ياكى سىز ئۆزىڭىز سەپلىگەن باشقا تۈردىكى كارتىدا كۆرۈلگەن. مۇشۇ كارتىلارنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسىنى يۇيۇپ تاشلاڭ.

5. ناۋادا كومپىيوتىر بىخەتەر موھىتتا قوزغالسا، كومپىيوتىرنىڭ ھالىتىنى ئەسلىگە ئەكىلىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، زاپچاس ياكى يېڭى ئەپ قاچىلاشتىن بۇرۇنقى ھالەتكە ئەكىلىڭ. خەنچە كۆزنەك سېستىمىسىدا 系统还原 دىگەن قورالدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.

**********************************************************************************************

ئۆزۈم يولۇققان مەسىلە:

ھازىر ئىشلىتىۋاتقىنىم win7 قاچىلانغان خاتىرە كومپىيوتىر، خىيالىمدا كومپىيوتىرنىڭ سىمسزى روتىر ئىقتىدارنى ئېچىپ، تېلفوندا تورغا چىقماقچى.

شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىقتىدارنى ئاچسام، سىز مىسال ئالغان خاتالىق كۆرۈلدى.

بېخەتەر موھىتتا، سېستىمىنىڭ ئەسلىگە قايتۇرۇش ئىقتىدارى بىلەن سېستىمىنى ئەسلىگە كەلتۈردۈم.

تور كارتىسىنىڭ ئەڭ يېڭى قوزغاتقۇچ پروگىراممىسىنى قاچىلىدىم.

سىمسىز روتىرلاش ئىقتىدارىنى ئاچىتىم.

مەسىلە ھەل بولدى.

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 11:00:41

  كومپىيۇتىرڭىز قايسى ماركىلىق؟ ، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرنى يېزىپ قويسىڭىزدىئاگنۇز قۇيۇشقا پايدىلىق .

bytheway يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 11:39:34

360 安全卫士 نىڭ مەخسۇس موشۇنى ئوڭشايدىغان ئىقتىدارى بار ، كومپىيۇتىرنى قوزغۇتۇپ بىر 360 دا بىر تەكشۇرتسىڭىز كۆك ئىكران ئالامىتىنى ئاپتۇماتىك سىزىپ ئاندىن ئوڭشاپ بىرىدۇ ....

rock يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 14:58:36

مەن ئەزەلدىن ئۇ خەتلەرنىڭ مەنىسى نېمىدۇ دەپ ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. ئىشقىلىپ قايتا قوزغىتىش لازىم.

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 21:03:10

بۇ سېستىما خاتالىقىمۇ ياكى يۇمشاق دىتال خاتالىقىمۇ ھۆكۈم قىلىش تەس ئەمەس.

WindowesXPدا كومپيۇتېر قوزغىلىپ قاتتىق دىتالنى تەكشۈرىدىغان WindowesXPنىڭ لوگوسى چىقىپ كاتەكچە ئىچىدە بىر نەرسە ئايلىنىدىغان يەردە ئايلىنىۋىتىپ كۆك ئىكران خاتالىقى يۈز بەرسە قاتتىق دىتالدا مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئەھۋال يەنە بىئوسنى خاتا بەلگىلەپ قويغاندىمۇ يۈز بېرىدۇ. بىئوس بىلەن ھەپىلەشمىگەنلىكىڭىزنى جەزىملەشتۈرسىڭىز يەنە قاتتىق دىتاللارنىڭ قوزغىتىش پروگراممىدىنىمۇ گۇمانلىنىش كېرەك. سېستىمىنى ئۆزگەرتىش، قاتتىق دىتاللارنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسىنى قايتا قاچىلاش دىگەندەك مەشغۇلات خاتالىقىمۇ بۇ ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

WindowesXPنىڭ لوگوسى چىقىپ سالامەت ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن يۈز بەرگەن خاتالىق كۆپىنچە سېستىمىغا نورمال كىرىش ئىمكانىيىتى بولمىغاندا يۈز بېرىدۇ. بۇنى بىخەتەر ھالەتتە قوزغىتىپ ئامال قىلىش مۇمكىن. ئادەتتە چىققان خاتالىق نومۇرىغا ئاساسەن تېپىش مۇمكىنچىلىكى بەك تۆۋەن. بەك مۇھىم ماتىرىيال بولمىسا ئوڭشايمەن دەپ ھەپىلىشىش ئاۋارىچىلىق.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 21:44:08

تىمىنى مۇشۇنداق قويمىساڭلىكەن.

كۆپىنچە ئەھۋالدا ghost سىستىما قاچىلاپ قاتتىق دىتال ماس كەلمىسە مۇشۇنداق خاتالىق كۆرۈلىدۇ، ئۇچۇرغا قارىغاندا مەنچە قاتتىق دىتاللارنىڭ قوزغىتىش پىروگراممىسىنى ghost نىڭ قاچىلىشىغا ياكى قوزغىتىش پىروگراممىسى قاچىلايدىغان ياردەمچىلەرگە قويۇپ بەرمەي، ئەسلى دىسكىدىن قاچىلاپ بېقىڭ.

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 14:09:15

1- قەۋەتتىكى arislanmemetنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۆزىڭىز يوللغان رەسىمدىكى ئۇچۇرنى تەپسىلى ئوقۇسىڭىز ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلى تەپسىلى يېزىغلىق. \"\"

................................

       كومپىيۇتىرغا خېلى تۇنۇشتەك  قىلىسىز ،ياردەم قىلىپ  مىنىڭ كومپىيۇتىرىمغىمۇ بىر دىئاگنۇز قۇيۇپ باقسىڭىز .

      خۇيپۇ ماركىلىق خاتىرە    كومپىيۇتىرىم  قىزيدىغان بۇلۇپ قېلىپ چۇۋۇپ س پ ۇ نى مايلاپ قۇراشتۇرغان ئىدىم ، قىېزىيدىغان ئىشى  ئوڭشالغان ئىدى ، بىراق كومپىتىرنى قوزغىتىپ  نەچچە مىنۇتقا بارمديلا قاتىدىغان بۇلۇپ قالدى  ، مەجبۇرى قايتا قوزغۇتساممۇ يەنە شۇنداق . شۇنىڭ بىلەن  سېستىمىنى (xp,  07)  نەچچە قېتىم  قايتا قاچلاپ  سىنىساممۇ يەنە شۇنداق، ھەتتا بەزىدە سېستىمىنى قاچىلاپ بولغۇچە قېتىم قالىدۇ . لىكىن بارماق دىسكا ئارقىلىق  winpe سېستىمىدا مەشخۇلات قىلسام قاتمايدۇ . بۇ نىمە ئىش بىر دىئاگنۇز قۇيۇپ باقسىڭىز ؟

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 16:20:53

kurax007@

تېمپىراتۇرىسى ئېشىپ كېتىپتۇ. كومپىيوتىردا ئاساسلىق ئىسسىقلىق پەيدا قىلىدىغان مەنبە CPU بىلەن GPU ، بۇ ئىككى زاپچاسنىڭ قايسىسى نورمىدىن ئارتۇق قىزىپ كەتسە، كومپىيوتىر ئوخشاشلا قايتا قوزغىلىپ كېتىدۇ. كۆزنەك قاتارلىق سېستىمىلارنىڭ، ھەمدە بېئوسقا يېزىلغان پروگىراممىلارنىڭ مۇشۇ خىل ئىقتىدارى بار. قىزىش سەۋەپلىك يۇقۇرقى ئىككى زاپچاسنىڭ كۆيۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

قېتىۋېلىشىغا كەلسەك بۇمۇ قىزىپ كېتىش سەۋەبىدىن كۆرۈلگەن مەسىلە بولىشى مۇمكىن.

تېمپىراتۇرا ئۆلچەيدىغان ئەپلەردىن پايدىلىنىپ، CPU نىڭ تېمپىراتۇرىنى ئۆلچەپ كۆرۈپ بېقىڭ، ئادەتتە75 سېلسىيە گرادۇستىن ئېشىپ كەتسە، كومپىيوتىردا قېتىۋېلىش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ.

خاتىرە كومپىيوتىردا زاپچاسلار زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولغاچقا، ئىسسىقلىق مەنبەسى قاتتىق دېسكا دىگەندەك باشقا زاپچاسلارنىڭمۇ تېمپىراتۇرىسىنى ئۆرلتىۋېتىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋالمۇ قېتىۋېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

(كۆرسىتىش كارتىسى) GPU قىزىپ كەتسە، ئادەتتە قېتىۋالمايدۇ. سۈرەت كۆرسىتىشتە مەسىلە كۆرىلىدۇ.(ئەلۋەتتە GPU نىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىدا مەسىلە بولسىمۇ، سۈرەت كۆرسىتىش قالايمىقانلىشىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال تېمپىراتۇرا بلەن مۇناسىۋەتسىز.)

ئىنكاسىڭىزدا سېستىمىنى بىر قانچە قېتىم قايتا قاچىلىغانلىقىڭىزنى تىلغا ئاپتىكەنسىز، شۇ سەۋەپلىك كومپىيوتىرنىڭ ۋېروسلىنىش سەۋەپلىك قېتىۋېلىش ئېھتىماللىقى يوق. يۇقۇرقدەك تەھلىل قىلساق، CPU نىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىش ئىقتىدارىدا مەسىلە كۆرۈلگەن بولۇش ئېھتىماللىقى چوڭراق.

CPU نى قايتا مايلاپ سالغان بولسىڭىز، مەسىلە بەلكىم شامالدۇرغۇچتا بولىشى مۇمكىن.

شامالدۇرغۇچنىڭ ئايلىنىش قېتىم سانىنى كۆرۈپ بېقىڭ. ئايلىنىش سۈرئېتىنى ئۆلچەيدىغان مەخسۇس ئەپلەر بار. كومپىيوتىرنى نورمال ئىشلەتكەندە، ئايلىنىش سۈرئېتى 2000 دىن تۆۋەن بولسا، شامالدۇرغۇچنى ئالماشتۇرىمىز.

HP كومپىيوتىرنىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىش ئىقتىدارى ئەڭ ياخشى ئىدى. جۇڭگۇنىڭ ساختا مېلى ئەمەستۇ ھە؟ \"\"

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 17:19:34

8- قەۋەتتىكى arislanmemetنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

       شامالدۇرغۇچنمۇ يېقىندا ئالماشتۇرغان، چۇگقاندا تېخى پاكىز  چوتكىلاپ  تازلىۋەتكەن. كومپىيۇتىر ساختا ئەمەس، لىكىن كونىراپراق كەتكەن. بىر قاتتىمۇ بولدى  كونوپكىنى بېسىپ قايتا قوزغاتماي ئامال يوق،لۇ ئۇستامدا ئۆلچەپ باقسام س پ ۇ نىڭ تىمپىراتۇرسى 60 گىرادۇسقىمۇ بارمايدۇ. كۆرسىتىش كارتىسى 70  گىرادۇسقا بېرىپ قالىدۇ. قېتىش سەۋەبى بىلەن بىر قانچە قېتىم چۇۋۇپ قۇراشتۇردۇم  .

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 17:34:35

قارىغاندا يەنە شۇ قىزىپ كېتىش مەسىلىسىدەك قىلىدۇ. خاتىرە كومپىيوتىرنىڭ ئىچى ئۈستەل كومپىيوتىرىدەك چوڭ بولمىغاچقا، ئومۇمى ئىسسىقلىق تارقىتىش ئىقتىدارىدا مەسىلە بولىشىمۇ مۇمكىن.

زاپچاسلارنى چقىرىپ قايتا سېلىپ سىناپ بېقىڭ. كومپىيوتىر بىلەن مەخسۇس شۇغۇنلانمىغاچقا، مۇشۇنچىلىك بىلىدىكەنمەن. مۇنبەردىكى زىلتار، گۇدلاك، باچكا، پىنھان قاتارلىق ئۇستىلار قانداق قارايدىكىن بۇ مەسىلىگە.

مېنىڭچە ھازىرقى ئەڭ ياخشى ۋە بىردىنبىر چارە كومپىيوتىر ئالماشتۇرۇشتەك قىلىدۇ.

\"\" \"\"

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-3 14:45:55

10- قەۋەتتىكى arislanmemetنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قارىغاندا يەنە شۇ قىزىپ كېتىش مەسىلىسىدەك قىلىدۇ. خاتىرە كومپىيوتىرنىڭ ئىچى ئۈستەل كومپىيوتىرىدەك چوڭ بولمىغاچقا، ئومۇمى ئىسسىقلىق تارقىتىش ئىقتىدارىدا مەسىلە بولىشىمۇ مۇمكىن.

زاپچاسلارنى چقىرىپ قايتا سېلىپ سىناپ بېقىڭ. كومپىيوتىر بىلەن مەخسۇس شۇغۇنلانمىغاچقا، مۇشۇنچىلىك بىلىدىكەنمەن. مۇنبەردىكى زىلتار، گۇدلاك، باچكا، پىنھان قاتارلىق ئۇستىلار قانداق قارايدىكىن بۇ مەسىلىگە.

        ياردىمىڭىزگە رەخمەت ، قېنى يەنە بىر ئەيتىشىپ باقاي

بەت: [1]
: ياردەم !!!