Birzat يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 14:14:51

ئاخىرقى بىر قۇتا كولا...

كولا ئىچىپ باقمىغىلى خىلى ۋاقىت بولغان ئىدى. بۈگۈن كەچقۇرۇن مايلىقراق تاماق يەپ قىلىپ كۆڭلۈم مۇزدەك كولا تارتىپ قالدى. ئايلىنىپ كەلگەچ دۇكاندا بىردەم ئولتۇرۇپ كىلەي دەپ سىرتقا چىقىپ كوچا دوقمۇشىدىن بىر قۇتا پەپسى كولا سېتىۋىلىپ خەقلەرنىڭ، بولۇپمۇ مەن كولا ئىچىشتىن پەرھىز بۇيرۇيدىغان خىرىدارلىرىمنىڭ كۆرۈپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ قولۇمدىكى كولانى يوشۇرۇپراق كېتىۋاتسام 30 ياشلارغا بارماي تۇرۇپلا دىئابىت كېسىلى بولۇپ قالغان كونا خىرىدارىم ئۇچراپ ئەھۋال سورىغاچ يولۇمنى توستى. <<ئاپلا>>، دېدىم ئىچىمدە.



ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ يېقىنقى سالامەتلىك ئەھۋالىنى بىرەر قۇر بايان قىلىپ، بەزى سورايدىغان ئەھۋاللار بار ئىكەن. ھەممە سۆزلىرىگە لايىقىدا جاۋاپ بىرىپ مېڭىشقا ئالدىراۋاتسام قولۇمدىكى كۆرسەتمەسلىككە تىرىشىپ يوشۇرۇۋاتقان كولانى ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ، - ھەكىم، ما كولانى ئىچمىسىلە دەيمە، سىلى ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆزلىرىنى ئاسرىمىسىلا سەت تۇردۇ. مانا، مەن بۇ قەنت كېسىلىنى مۇشۇ كولانى جىق ئىچىپ تاپتىم ئەمەسما!... بىر نەرسە دەپ ئۆزۈمنى ئاقلىماقچى بولۇپ ئاغزىمنى ئۆمەللەپ بولغۇچە ئۇ كىشى خوشلىشىپ كېتىپ قالدى. كېتىۋاتقان ئۇ كىشىنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ بىر قانچە دەقىق مەڭدەپ تۇرۇپ قالدىم.


ئىلگرىمۇ بىر قانچە قېتىم كولا ئىچىشنى تاشلىغان ئىدىم. بۇندىن 6 يىللار بۇرۇن كولانى ئانچە-مۇنچە ئىچىپ قوياتتىم. بىر كۈنى كەچقۇرۇن تورخانىدا تورغا چىقىپ ئولتۇرۇپ بىر قۇتا كولانى ئىچىۋەتتىم. ئۆيگە قايتىپ كىلىپ يېتىپ كۆزۈم سەل -پەل ئۇيقۇغا بارغاندەك قىلغان كىچىك تەرىتىم زەھەردەك قىستاپ ئويغۇنۇپ كەتتىم. ھاجەتكە چىقىپ ئىشنى تۈگۈتۈپ كىرىپ ئورنۇمغا يېتىپ يەنە كۆزۈم ئۇيقۇغا ئىلنىشاي دېگەندە يەنە تەرەت قىستاپ كەتتى. ۋاي، ئاللا نېمە كۈنگە قالدىم مەن، دەپ ئۆزۈمگە غۇدۇراپ ھاجەتخانىغا چاپتىم. شۇ تەرىقىدە 8-10قېتىم بارغاندىمەن . بەلكىم، كەچقۇرۇن شامالداپ سوغۇقتا شۇنداق بولغاندۇ ياكى كولا قالايمىقان قىلغاندۇ، يېرىم سائەتتە بىر قېتىمدىن دېگۈدەك ھاجەتخانىغا قاتراپ بىر كېچە بىسەرەمجان بولغاندىن كىيىن ئەتىسى شور تۇزدا دوۋسۇنغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ، باچكا شورپىسى قاينىتىپ ئىچىپ يۈرۈپ ياخشى بولۇپ نەق ئىككى يىل كولا دېگەننى ئىچىپمۇ باقمىغان شۇ ئىش سەۋەبلىك كولا ئىچىشتىن قورقىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم.


بۇ قېتىم ماۋۇ ياشلا تۇرۇپ دىئابىت بولۇپ قالغان بالىنىڭ<<ھەكىم، مەن مۇشۇ كولانى تولا ئىچىپ تاپقان قەنت كېسىلىنى>> دېگەن سۆزلىرى يەنە بىر قېتىم سەل قۇرقۇتتى.


ھەيييي، شەيتان ئازدۇرۋاتىدۇ مېنى. بوپتۇلا مۇشۇ بىر قۇتىنى ئىچىۋالاي...ئاخىرقى قېتىملىقى بولۇپ قالسۇن...


بۇندىن كىيىن يەنە مايلىق، ئاچچىقراق تاماقتىن كىيىن مۇزدەك ئىچسەم راھەت بولىدىغان كېچىككىنە يېرىنى دەپ سالامەتلىكىمگە زىيان ئۇرۇدىغان خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىۋەرسەم بولماس، ياش جىنىمنى ئاسراي، تاماق سېڭدۈردىغانغا پىننە، يالپۇزلار بىلەن قىززىق چاي دەملەپ ئىچەي دەپ ئىچىمدە ئۆزۈمگە نەسىھەت قىلغاچ كولانى تېخىمۇ بەكرەك يوشۇرۇپ يولۇمغا ماڭدىم.


يازما ئىگىسى: بىرزات


مەنبە: 80خالتا بلوگى www.80halta.com

taxerik يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 18:32:50

مۇنداق بىر ھىكايە بار .  كوكاكولا شىركىتنىڭ خوجايىندىن بىرسى سوراپتۇ :سىلەر نىمىشقا ئېلاننى بەك كوپ ئشلەيسىلەر ؟

كوكاكولا شىركىتنىڭ خوجايىنى : كولانىڭ 95 پىرسەنتى كاربۇن ئوكسىدى 5 پىرسەنتى شېكەر . سۇ تۇرسا ئېلاننى جىق بەرمىسە بۇ نىمىنى كىم ئىچىدۇ . دىگۇدەكمىش .

birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 19:20:46

كېسەل بولۇپ قالسا، كولاغا دۆڭگەش توغرا ئەمەس،


كوكا-كولا بىلەن
پەپسى كولا ياخشى ئىچىملىك، ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە،
كوكا-كولادا ماي يوق، ئاقسىل يوق، مېنېرال ماددىلارمۇ يوق، ئۇ ھېچقانداق
كېسەل پەيدا قىلمايدۇ، ھېچقانداق كېسەلگە شىپامۇ بولمايدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىي
كاربون-سۇ بىرىكمىلىرى.


------------


يېقىندىن بۇيان كوكا-كولا
ۋە پەپسى كولاغا رەڭگى-رويى ئوخشايدىغان، ياڭگۇاڭ كولا، ۋەنشى كولا، لوكا
كولا، ھاكىمبەگ كولا .... دېگەندەك زاپەر كولالار كۆپيىپ كەتتى، كېسەل
بولغانلار چوقۇم ئاشۇنداقلىرىنى ئېچىپ قالغان گەپ.


---------------


\"\"





======


مەن بىر زات ئەپەندىنىڭ مەلۇم ئىچىملىك ياكى يېمەكلىكنى مەلۇم كېسەللەرنىڭ پەرھىز تۇتۇشىنى تەۋسىيە قىلىشىنى تەستىقلايمەن. ئەمما كوكا-كولا ۋە پەپسىي كولا شىركىتىدىكى ئالىم-مۇتەخەسىسلەرنىڭ بىزنىڭ تىۋىپلارچىلىك ئەقلى يوق دېسە ئىشەنمەيمەن.  كېسەل بولغان ئادەمگە بەزىدە لەغمەنمۇ زىيان قىلىدۇ...


-------


مەسىلەن، بۇرناكۇن بىر تاۋۇزنى پۈتۈن يەۋەتكەن، 9 قېتىم سىيدىم. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن تاۋۇزغا لەقەم قويمايمەن، ھەم بۇندىن كېيىنمۇ يېيىشتىن توختاپ قالمايمەن... خۇدايىم بۇيرۇسا...

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 14:26:42

جىيەنلىباۋ .ىچسىلە ھەكىم

mamattoxti يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 14:27:31

ئازراق كولا ئىچىپمۇ شۇنداق نازۇك ئاغرىساڭلا سېلى قانداقسىگە ئادەم داۋالايدىغان تېۋىپ بولغانسىلە؟ ئازراق مۇسەللەس ئىچىپ قالساڭلا چاتاقمۇ نىمە؟ يا تېۋىپنىڭ بەدىنى ئىچىملىككە سەزگۈر كىلەمدۇ؟

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 14:41:21

ھىلىقى بىر يۇمۇر باغۇ \"\"

چىش دوختۇرى بىلەن موزدۇزنىڭ باللىرى پاراڭلىشىپ قاپتۇ. چىش دوختۇرىنىڭ بالىسى موزدۇزنىڭ بالىسغا دەپتۇ: سېنىڭ داداڭ موزدۇز تۇرۇپ ئۇكاڭ تۇغۇلغاندا پۇتىدا ئايىقى يوق ئىكەن دېسە، موزدۇزنىڭ بالسىمۇ بوش كەلمەي دەپتۇ: سېنىڭ داداڭ چش دوختۇرى تۇرۇپ ئۇكاڭ تۇغۇلغاندا بىر تالمۇ چېشى يوق ئىكەنغۇ؟!!!  {:92:}  

شۇندابى گەپ ئىكەن بۇ

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 15:28:19

ھەكىم ئۇزاق يوقاپ كېتىپ يازغۇچى بوپ كەتتىمۇ؟ بىشى خىلى قاملىشىپتىكەن، ئاخىرى يومۇردەك تۈگەپ كېتىپ قالدى.

loituma يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 15:33:49

ماۋۇ نەچچە كۈن بۇرۇن مەنمۇ بەك تولا كىچىك تەرەتكە چىققانتىم(  5مىنۇتتا بىر دىگەندەك ) \"\"  مەنغۇ كولا ئىچمىگىلى ئۇزۇن بولغان يىلدىن ئاشتى. لىكىن سوغۇچ ئىچىملىكنى خېلى ئىچىپ قويىمەن. دىققەت قىلمىسام بولمامدۇ نىمە.

iksak يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 16:21:59

يېقىندىن بېرى 黑卡 دىگەن بىرمىگە ئۆگىنىۋالدىم. ئاغىنىلەر :خىمىيىلىك تەركىبى بەك يۇقىرى دەيدۇ. لىكىن ئىچكىم كەپلا تۇرىدۇ.

yusran يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 16:54:31

ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنىڭ ئۈچىنچى يىلى ئاجايىپ ياقتۇرۇپ قالدىمكىن بۇ پېپسى كولانى ئىشقىلىپ ھەيھانناس مۇشۇنداقمۇ ياخشى نەرسە باكەن بۇ دۇنيادا دەپ كۈندە نەچچە بوتۇلكىنى ئىچىۋېتىپ، كېيىن دادام يەشىكى بىلەن ئەكىلىپ بەرگەن دۇكانغا تولا قاترىماي بالام دەپ. شۇ بىر يەشىكنىڭ ئىچىدە 24 تال باتتى. بىر ھەپتىدە ئىچىپ بوپتىكەنمەن.



ئەتىگىنى ئورنۇمدىن تۇرۇپ كولا ئىچىش خۇشاللىقى مەمنۇن قىلىۋېتەتتى ئىشقىلىپ، ئەتىگەنلىك ناشتىنى نان بىلەن كولا قىلسام، ئاپام چىلاپلا ئىشسەڭچۇ دېدى كېيىن چىشىم ئاغرىغاندا.



كىچىكىمدىن تارتىپ ھەممە ئادەم ھەۋەس قىلىدىغان بەك چىرايلىق رەتلىك چىشىم شۇنىڭدىن تارتىپ قۇرۇت يەپ، ئاغرىپ، ئۆتكەن يىلى بىر ئېغىز چىشىمنى تارتىپ توختىدى بىرىنىڭ ئاغرىقى يەنە بار.



مەنغۇ باشقا تەسىرىنى بىلمىدىم. ئەمما ئەڭ كۆرۈنەرلىكى بىر يىل ئىچكەن كولا مېنى چىشتىن قېرىيدىغان قىپ قويدى.



ھازىرمۇ ئىچىمەن، ئەمما بەك ئاز، ئامال بار قەنتسىزنى ئىچىمەن. ئەمما پېپسىنىڭ قەنتسىزى يوق، كوكاكولانى ئىچىمەن ۋىجداننى سەي قورۇپ يېگەندىكىن.

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 17:01:04

كولا چىشقا بەك زىيان قىلىدۇ. قىشتا دەم ئالغاندا كۈندە كومپىيوتىر ئالدىدىن كەتمەي ئويۇن ئويناپ، كولانى كۆپ ئىچىپ، چىش ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى. ئازراق سوغۇق ياكى قىززىق نەرسە يىسەملا چىشىم بەك ئاغرىپ، ھازىر كولانى ئىچمەيمەن. چىشىم ياخشى بولۇپ قالدى خېلى.

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 17:42:02

‹‹موللاممنىڭ دىگىنىنى قىل، قىلغىنىنى قىلما ›› دەيدۇ ئەمەسمۇ كونىلار

Thai يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 19:46:48





  14 يىل بولدى كۈندە 1-2 PEPSI ئىچىپ مەن ھېش بىر زىيان تەرپىسىنى ھېس قىلمىدىم.....



كوكاكولانىڭ جىڭسى يوق شىنجاڭدا.. ھەممىسى زاپەر. PEPSI بوپ قالىدۇ. 14يىل بىسىپ PEPSI ئىشكىنىمنىڭ يۈزىنى قىلىپ ماڭا بىرە 0.000001 پاي چېكىنى بېرسە بولاتتى . \"\"

ulukjan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 19:50:30

ئۆزى قايناتقان قايناقسۇدىن باشقىنى خاتىرجەم ئىچكىلى بولمايدۇ.

bardam يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 22:46:49

چەتئەللىكلەرمۇ خېلى كۆپ ئىچىپ قويدىكەن،ئەمما ئەرەپلەرگە يەتمەيدۇ دەيدۇ كولا ئىچىشتە \"\" بىزنىڭ سالامەتلىكىمىزگە زىيان قىلىشى ئېنىق ئەمما ئۇنداق تىز ھەم چۇڭقۇر بوپ كىتىشىگە بىر نىمە دىمەك تەس،بىراق چەتئەلدە ئىشلەنگىنى بىلەن جۇڭگۇدا ئىشلەنگىنى ئوخشىمىسا بۇ باشقا گەپ،

چۈنكى ھەر-بىر خىل يىمەكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە شۇنچە زور تەلەپلەرنى قويىدىغان،تەكشۈرۈش ھالقىللىرى مۇكەممەللەشكەن دۆلەتتە ئىشلەنگەن، خەلىقئاراغا داڭلىق ئىچىملىكنىڭ ئۇنچە زىيانلىق تەركىبى بولۇشى ۋە دىققەت قىلىنماسلىقى مۇمكىن ئەمەس مەنچە؟

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 03:07:28

ھاۋا ئىسسىپ كەتكەن چاغلاردا سوغۇق نەرسىلەرنى ئىچىپ كېتىۋېرىدىكەنمىز شۇنداق. ئىزدىنىشتىكى قىزلار بىلەن بىر يەردە تاماق يېدۇق، قىش ۋاقتى بولۇشىغا قارىماي، بىر چاغدا تاماقخانا ئىچى شۇنچىلىك ئىسسىق، تىنغىلى بولماس بولۇپ كەتتى. كولا دېگەننى بۇيرۇتۇپ شۇنداق جىق ئىچىپ كېتىپتۇقكى... تېمىپىراتۇرىنى يۇقىرىراق تەڭشەپ قويۇپ، يۇقىرى باھادا سوغۇق ئىچىملىك سېتىش تېخنىكىسىمۇ بولىدىغان ئامالكەن دەپ قالغانتىم. \"\"

كولا تەركىبىدە شېكەر مىقدارى بەك يۇقىرى، دېئابىتقا زىيان قىلىدۇ، سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇندىن باشقا يۇقىرىدىكى تورداشلار دېگەندەك، چىش ۋە سۆڭەككە قاتتىق ناچار تەسىر كۆرسىتىدۇ، چۈنكى كولا تەركىبىدىكى فوسفور كىسلاتا بەدەندىكى كالتسىينىڭ ئاجرىلىپ چىقىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ دېيىلگەن.

بىر مىخنى كولاغا تۆت كۈن چىلاپ قويسا ئېرىشكە باشلايدۇ دەيدىكەن، بۇندىن باشقا كولا تۆكۈپ، ھاجەتخانىنى تازىلىسىمۇ پاكىز ئېرىتەرمىش. مەنغۇ سىناپ باقمىغان. ئەگەر مۇشۇ گەپلەر راست بولسا، مۇشۇنىڭدىن كولانىڭ خىمىيىلىك خۇسۇسىيىتىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.

مەنمۇ كولاغا ئامراق، ئەمما ساغلاملىقنى نەزەردە تۇتۇپ ئىمكان بار ئىچمەيمەن، ئۈرۈمچىگە بارسام ئاچچىق تاماق يەپ ئولتۇرۇپ ئىچىپ سالىدىكەنمەن.

ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ كولاغا قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ماۋۇ تور بەتنى كۆرۈپ بېقىڭلار: «قاتىل كولا»

http://www.killercoke.org/health_issues.php



ھورۇن مۈشۈك راست ھورۇن، يېزىشقا ئېپى بار، ئەمما دائىم يېزىۋېتىپلا ئاخىرى باردەك قىلىپ تۈگىتىپ قويىدۇ. \"\" \"\"

alshah يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 12:36:36

مەنمۇ بۇرۇن كۇلا ئىچسەملا تولا ھاجەتخانىغا چىقىدىغان بوپ قېلىپ، نەچچە يىلغىچە مىنرال سۇ ئىچكەنىدىم. بۇ يىل يازدا بىر قۇتا ئىچىپ باقسام ھېچقانداق ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن دائىم ئىچىدىغان ئىچىملىكنىڭ بىرىغا ئايلاندى.  {:90:}   {:90:}

arginakun يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 13:17:48

ئوف ، مەنمۇ كولانى ساق 7 يىل ئىچىپتىمان، گاھى كۈندە 4 قۇتا ئاز ئىچسەم كۈندە بىر قۇتا...

مانا 8 ئاي بولاي دەپ قاپتۇ، بىر كۈنى ئويلىنىپ كولانىڭ دىئابىت پەيدا قىلالايدىغنالىقىغا ئۆزۈممۇ ئىشەنگەچكە ۋاقتىنچە باشقا ئىچىملىككە زورلاپ كولادىنمۇ قۇتۇلدۇم، يەنە تۇيمايلا خېيكا غا كۆنۈپ

قاپتىمەن، بىرسى مۇشۇ بىنزىن پۇرايدىغان ئىچىملىكنىمۇ ئىچىدىكەنلا دىمسەسمۇ.. مانا بۇنىمۇ تاشلىدىم

ئىشقىلىپ 8 ئايدىن بۇيان ئاساسەن ئىچىملىكلىرىم ھەپتىدە برىگە ئازلىدى، ياكى ئىچمىدىم.



ئەپسۇس ئەشۇ 7 يىللىق كولا ئىچىشىم دىئابىت كىسىلىمنى پەيدا قىلىپ قويارمۇ دەپ بەك ئەنسىرەيمەن

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 15:02:35


12- قەۋەتتىكى Thaiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل





14 يىل بولدى كۈندە 1-2 PEPSI ئىچىپ مەن ھېش بىر زىيان تەرپىسىنى ھېس قىلمىدىم.....



كوكاكولانىڭ جىڭسى يوق شىنجاڭدا.. ھەممىسى زاپەر. PEPSI بوپ قالىدۇ. 14يىل بىسىپ PEPSI ئىشكىنىمنىڭ يۈزىنى قىلىپ ماڭا بىرە 0.000001 پاي چېكىنى بېرسە بولاتتى . \"\"




سىزنىڭ نوپۇسىڭىز ئىسرائىلىيەدىما؟




parakende يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 15:02:58

مۇشۇ ئېرچاپ دىگىنى قانداق زادى ؟





شۇ ئىچىملىكنى كۇندە ئىچىپ كۈنۈپ قالدىم .
بەت: [1] 2
: ئاخىرقى بىر قۇتا كولا...