TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 11:23:49

تاشپولات: يەر شارى بىلەن ئوخشاش پلانېتا تېپىلدى

يەر شارى بىلەن ئوخشاش پلانېتا تېپىلدى



تاشپولات روزى




بۇ پلانېتانىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى توغرىلىق ئىككى ئوخشىمىغان تەتقىقات
گۇرۇپپىسى مۇشۇ ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى تەبىئەت ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلدى.
بىرى ئامېرىكا خاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەتقىقاتچىلىرى بولۇپ ئۇلار خاۋاي
ئارىلىدىكى Keck ئالەم تېلېسكوپىنى ئىشلەتكەن. يەنە بىرى Geneva
ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەتقىقاتچىلىرى بولۇپئۇلار ئىسپانىيەنىڭ Canary
ئارىلىدىكى Galileo تېلېسكوپىنى ئىشلەتكەن.

      

يۇقىرىدا ئېلان قىلىنغان ئىككى تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ نەتىجىلىرىگە
ئاساسلانغاندا، بۇ پلانېتا يەر شارىدىن 700 نۇر يىل يىراقلىقتا بولۇپ،
چوڭلۇقى يەر شارىنىڭ 1.2 ھەسسىگە، ماسسىسى 1.7 ~ 1.9 ھەسسىگە توغرا
كېلىدىكەن. ئۇ تاش بىلەن تومۇردىن تەركىب تاپقان بولۇپ يەر شارىغا ئوخشاش
ئىكەن. بىراق بۇ پلانېتا يۇلتۇزنىڭ بەكرەك يېنىدا ئايلانغانلىقى ئۈچۈن
ئۇنۇڭ يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى كەم دېگەندە 2000 گرادۇس ئىكەن. شۇڭا
پلانېتادا ھاياتلىقنىڭ بۆلىشى ناھايىتى تۆۋەنكەن.

بۇ پلانېتا چوڭلۇقى قۇياشنىڭ 7 ھەسسىگە ھەم ماسسىسى 8 ھەسسىگە توغرا
كېلىدىغان يۇلتۇزنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىدىغان بولۇپ بىر ئايلىنىشى ئۈچۈن 8
يېرىم سائەت كېتىدىكەن.



يەر شارى بىلەن ئوخشاش چوڭلۇقتىكى پلانېتىلار كوپ تېپىلسا، ئۇنۇڭ تاش بىلەن
تومۇردىن تەركىپلىنىشى تىپىك ھالەتمۇ ياكى كەم ئۇچرايدىغان ئەھۋالمۇ بۇنى
بىلىشكە بولىدىكەن.








يەنىمۇ كوپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىڭ.



http://www.nytimes.com/2013/10/3 ... nally-hot.html?_r=0

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 14:48:32

سەككىز يېرىم سائەتتە ئايلىنىپ بولسا سۈرئىتى بەك تىز ئىكەنغۇ.

بۇنداق بولغاندا بىزنىڭ سەككىز يېرىم سائىتىمىز ئۇنىڭ بىر يىلىغا توغرا كەلگۈدەك{:90:}

misal يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 15:32:32

700 مىليۇن نۇر يىلى يىراقلىقتا بولسا ھازىرقى ھالىتى بەلكىم يەرشارى بىلەن ئوخشاش بولۇپمۇ قالغاندۇ.

86 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 16:24:55

بۇ يەردە دىيىلگىنى ئۇ پەقەت چوڭلۇق جەھەتتە يەر شارىغا ئوخشاشلىققا ئىگىكەن. تاش- تۆمۈردىن تەركىپ تاپقان بولسا، يەر شارىمىزغا ئوخشاتقىلى بولمىغىدەك، يەر شارىمىزنىڭ يۈزىدە كۆپ قىسمى سۇ تۇرسا؟ ئۇ شارنىڭ تېپىراتۇرىسى 2000 گىرادۇس تۇرسا، ئۇنىڭغا قارىغاندا مارس تېخى يەر شارىغا بەكرەك ئوخشاشلىققا ئىگىمۇ قانداق؟

ناۋادا، 700 نۇر يبلى يىراقلىقتىكى بىرەر يۇلتۇزدا ھاياتلىق بولسا بىز ئۇلار بىلەن قانداق ئالاقىلىشارمىز؟ (بىز 100 ياشقىچىلىكمۇ ياشىيالمىساق؟)

يەر شارى بىلەن باشقا يۇلتۇز ئايرىم بىر دۇنيا ھىساپلىنىدۇ، مەيلى چوڭلىقى قانچىلىك بولسۇن، نىمىدىن تەركىپ تاپقان بولسۇن، جانلىق دىسە، پەقەت يەر شارىنىڭ مۇھىتىدا ياشايدىغان جانلىقلارنىلا كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەك بولماس؟ بىز بىلەن بىر زامانداش بولغان، ھەم يەر شارىدىكىگە ئوخشىشىپ قالىدىغان جانلىق بار بىرەر يۇلتۇزنىڭ بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى نۆلگە ئىنتايىن يېقىن بولىشى مۇمكىن. ئاندىن بىز ئۇلارنى بايقاپ قېلىشىمىزنىڭ ئېھتىماللىقى نۆلگە تېخىمۇ يېقىن دەپ ئويلايمەن. چۈنكى، يۇلتۇزنىڭ يېشىغا ئۇنىڭدا جانلىقلار ياشاپ يەنە قاقاسلىققا ئايلىنىپ كەتكۈچە بولغان ۋاقىتنى نىسبەتلەشتۈرسە، ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ھىساپلىنىشى مۇمكىن. ئاندىن باشقا بىريۇلتۇزدا جانلىقلار ياشاپ ئۆتكەن دىگەن تەقدىردىمۇ، يەر شارىنىڭ يۈزىدە ھاياتلىق ياشىغان بۇ ۋاقىت بىلەن دەۋىرداش بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ ئىنتايىن تۆۋەن بولىشى مۇمكىن.

يەر شارىدىكى ھاياتلىق سۇ، ھاۋا قاتارلىق مۇھىتتا ياشايدىغانلار بولۇپ، مۇشۇ مۇھىتقا ماس كەلگەن ھالدا ياشايدۇ. باشقا پىلانىتتا، ھاياتلىق بولسا، ئۇلارمۇ چوقۇم سۇ، ۋە ھاۋادا ياشىشى كېرەك دىسەكمۇ بولماس. بىرەر پىلانىتتا، تاش-تۆمۈردىن تەركىپ تاپقان بولسىمۇ، 1000 گىرادۇس ئىسسىقتىمۇ ياشايدىغان، بىز خىيالىمىزغىمۇ كەلتۈرمەيدىغان نەرسىنى ئوزۇقلۇق قىلىپ ياشايدىغان بولسىچۇ؟ شەكلى يەر شارىدىكىلەرنىڭ ھېچ بىرىگە ئوخشاشمايدىغان، بىزنىڭ نەزىرىمىدە ھاياتلىقمۇ ھىساپلانمايدىغان، ئەمما، ئەقىلى بار، مىدىرايدىغان، ئەشۇنداق مەخلۇقلار بولسىچۇ؟

ياراتقۇچى قانداق مۇھىتقا نىمە ياراتسا بىز نىمە بىلىمىز؟

مانا مۇشۇنداق سۇئاللار پەيدا بولىدۇ كاللامدا. مېنىڭ مۇشۇنداق ئويلىغانلىرىم بىر يەرگە كېلەمدۇ؟ (ئەقىلغا مۇۋاپىقمۇ)

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 16:41:40

بۇ يەردىكى ئوخشاشلىق چوڭ كىچىكلىكىگىلا قارتىلغان ئوخشايدۇ.

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 17:32:45

700 يىل خاتا يېزىلىپ قالدىمۇ ياكى، ئىشقىلىپ 400 يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا دەپ يېزىلىپتۇ.

ئوخشاشلىق: يەرشارى بىلەن ئوخشاش چوڭلۇقتا بولغان ۋە يەرشارىدىكى بىلەن ئوخشاش تاش ۋە تۆمۈر ئارىلاشمىسىدىن تۈزۈلگەن پلانېت دەپتۇ.

Kepler 78b, a planet some 400 light-years away, is like hell on earth. Astronomers described it on Wednesday as the first Earth-size planet that seems to be made of the same mixture of rock and iron as Earth, and that orbits a star similar to our sun.



مارس ياكى باشقا پلانتلارنىڭ قاتلىمىلىرىدىكى ماددىلار باشق بولۇشى مۇمكىن. شۇنى كۆزدە تۇتقان بولسا كېرەك، بۇ تەتقىقات.

Aqnur يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 18:04:39

تولۇق ئوتتۇرىدا ئۈگەنگەن فىزىكا بىلىملىرى بويىچە ھىسابلىغاندا تەتقىقات گۇرۇپپىلىرى ھازىر بايقىغان ئەھۋال شۇ پىلانىتنىڭ 700يىل بۇرۇنقى ئەھۋالى بولامدۇياكى تىلىسكوپتا كۈزەتكەندە ئەھۋال باشقىچە بولامدۇ

uqkuri يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 18:26:17

3- قەۋەتتىكى 86نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ يەردە دىيىلگىنى ئۇ پەقەت چوڭلۇق جەھەتتە يەر شارىغا ئوخشاشلىققا ئىگىكەن. تاش- تۆمۈردىن تەركىپ تاپقان بولسا، يەر شارىمىزغا ئوخشاتقىلى بولمىغىدەك، يەر شارىمىزنىڭ يۈزىدە كۆپ قىسمى سۇ تۇرسا؟ ئۇ شارنىڭ تېپىراتۇرىسى 2000 گىرادۇس تۇرسا، ئۇنىڭغا قارىغاندا مارس تېخى يەر شارىغا بەكرەك ئوخشاشلىققا ئىگىمۇ قانداق؟

ناۋادا، 700 نۇر يبلى يىراقلىقتىكى بىرەر يۇلتۇزدا ھاياتلىق بولسا بىز ئۇلار بىلەن قانداق ئالاقىلىشارمىز؟ (بىز 100 ياشقىچىلىكمۇ ياشىيالمىساق؟)

يەر شارى بىلەن باشقا يۇلتۇز ئايرىم بىر دۇنيا ھىساپلىنىدۇ، مەيلى چوڭلىقى قانچىلىك بولسۇن، نىمىدىن تەركىپ تاپقان بولسۇن، جانلىق دىسە، پەقەت يەر شارىنىڭ مۇھىتىدا ياشايدىغان جانلىقلارنىلا كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەك بولماس؟ بىز بىلەن بىر زامانداش بولغان، ھەم يەر شارىدىكىگە ئوخشىشىپ قالىدىغان جانلىق بار بىرەر يۇلتۇزنىڭ بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى نۆلگە ئىنتايىن يېقىن بولىشى مۇمكىن. ئاندىن بىز ئۇلارنى بايقاپ قېلىشىمىزنىڭ ئېھتىماللىقى نۆلگە تېخىمۇ يېقىن دەپ ئويلايمەن. چۈنكى، يۇلتۇزنىڭ يېشىغا ئۇنىڭدا جانلىقلار ياشاپ يەنە قاقاسلىققا ئايلىنىپ كەتكۈچە بولغان ۋاقىتنى نىسبەتلەشتۈرسە، ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ھىساپلىنىشى مۇمكىن. ئاندىن باشقا بىر يۇلتۇزدا جانلىقلار ياشاپ ئۆتكەن دىگەن تەقدىردىمۇ، يەر شارىنىڭ يۈزىدە ھاياتلىق ياشىغان بۇ ۋاقىت بىلەن دەۋىرداش بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ ئىنتايىن تۆۋەن بولىشى مۇمكىن.

يەر شارىدىكى ھاياتلىق سۇ، ھاۋا قاتارلىق مۇھىتتا ياشايدىغانلار بولۇپ، مۇشۇ مۇھىتقا ماس كەلگەن ھالدا ياشايدۇ. باشقا پىلانىتتا، ھاياتلىق بولسا، ئۇلارمۇ چوقۇم سۇ، ۋە ھاۋادا ياشىشى كېرەك دىسەكمۇ بولماس. بىرەر پىلانىتتا، تاش-تۆمۈردىن تەركىپ تاپقان بولسىمۇ، 1000 گىرادۇس ئىسسىقتىمۇ ياشايدىغان، بىز خىيالىمىزغىمۇ كەلتۈرمەيدىغان نەرسىنى ئوزۇقلۇق قىلىپ ياشايدىغان بولسىچۇ؟ شەكلى يەر شارىدىكىلەرنىڭ ھېچ بىرىگە ئوخشاشمايدىغان، بىزنىڭ نەزىرىمىدە ھاياتلىقمۇ ھىساپلانمايدىغان، ئەمما، ئەقىلى بار، مىدىرايدىغان، ئەشۇنداق مەخلۇقلار بولسىچۇ؟

ياراتقۇچى قانداق مۇھىتقا نىمە ياراتسا بىز نىمە بىلىمىز؟


مانا مۇشۇنداق سۇئاللار پەيدا بولىدۇ كاللامدا. مېنىڭ مۇشۇنداق ئويلىغانلىرىم بىر يەرگە كېلەمدۇ؟ (ئەقىلغا مۇۋاپىقمۇ)


86 ئاكا ،يەرشارىنىڭ سىرىتقى يۈزى سۇ بولغان بىلەن ئىچى تۈمۈرغۇ دەيمەن. سۇ پەقەت ئىنتايىن ئاز بىر قىسىمىنى ئىگەللەيدۇ .بۇ يەردە دىيىلگەن تۈمۈر تاش دىگەنلەر شۇ پىلانىتنى تۈزگۈچى جىسىملارنى كۆرسىتەمىكى.ئاتىكاچىلىق قىپ قويدۇم ،خىجىلمەن.




Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 20:24:05

تىمىنى كۆرۈپ مەن تېىخى يەرشارى بىلەن موھىتى ئوخشاپ كىتىدىغان، ئاتموسفىراسى ھەم سۇيۇق ھالەتتىكى سۇ بار پىلانىت بايقالغان ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن.

iltirix يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 20:51:51

تاشقى پىلانتتا يەنە باشقا ئىنسانلار بار دېسە ئىشىنىدىغانلار بار ئوخشىمامدۇ ؟ئاللاھ ئۇ ئىنسانلارنى قاچان ياراتقان بولغىيتى ئەمدى ؟    {:107:}    پەرىشتىلەمىدۇ يا   {:92:}

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 06:35:11

9- قەۋەتتىكى iltirixنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تاشقى پىلانتتا يەنە باشقا ئىنسانلار بار دېسە ئىشىنىدىغانلار بار ئوخشىمامدۇ ؟ ئاللاھ ئۇ ئىنسانلارنى قاچان ياراتقان بولغىيتى ئەمدى ؟\"\"پەرىشتىلەمىدۇ يا \"\"

80گىرادوستىن تۈۋەن بولمىغان مۇھىتتا ئەقلى جانلىق پەيدا بۇلىشى مومكىن ئەمەس، ئەمما چەكسىز ئالەمدە باشقا قۇياشقا ئوخشاش سېستىما يوق دىگىلى بولمايدۇ. نۇرغۇن پىلانىتلاردا ھاياتلىق شەكىللىنىپ، بەزىلېرىدە قىسقا ، بەزىلېرىدە ئۇزاقراق داۋاملىشىشى مومكىن. يەر شارىدا ئۇزۇنراق داۋاملاشقاچقا باشقا پىلانىتلارنى كۈزەتكۈدەك بولدۇق.

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 07:41:29

بارلىق تاراتقۇلاردا مۇشۇ خەۋەركەن ، چوڭ كىچىكلىكى ۋە پىلانت ئىكەنلىكىگە قارىتىلىپ ئېيتىلغان بولۇشى مۇمكىن


\"\"


يەر شارى قۇياشنى مەركەز قىلىپ ۋە ئۆز ئوقىدا ئايلىنىدۇ ،يېڭى تېپىلغان بۇ پلانېتا چوڭلۇقى قۇياشنىڭ 7 ھەسسىگە ھەم ماسسىسى 8 ھەسسىگە توغرا كېلىدىغان يۇلتۇزنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىدىكەن ، بەلكىم مۇشۇ خۇسۇسىيەتلىرىدىن يەرشارىغا ئوخشاپ كېتىدىغان دىگەن يەكۈن چىققان بولۇشى مۇمكىن .


TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 08:00:49

سالام قېرىنداشلار،



يۇقىرىدا قويۇلغان سوئاللارنى يىغىنچاقلاپ تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بەردىم.



بۇ پلانېتانىڭ ئىسمى Kepler-78b دەپ ئاتىلىدىكەن. بۇ يەردە دېيىلگەن ئوخشاشلىق ئاساسلىقى بۇ پلانېتا بىلەن يەرشارىنىڭ ماسسىسى ھەم چوڭلۇقىغا قارىتىلغان. ئۇنۇڭ چوڭلۇقى ھەم ماسسىدىن زىچلىقىنى ھېسابلىسا، 1 كۈپ سانتىمېتىرغا نىسبەتەن 5. 3~5.6 گرام توغرا كېلىدىكەن. بۇ زىچلىق يەر شارىنىڭكى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ يەر شارىنىڭكى 5.5 گرام. شۇڭا بۇ پلانېتا تاش بىلەن تومۇردىن بارلىققا كەلگەن بۆلىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىنغان.



ئادەتتە پلانېتا يۇلتۇزدىن يىراق بولسا ئۇنۇڭ ماسسىنى ھېسابلاش تەسكە توختايدىكەن. بۇ پلانېتا يۇلتۇزغا يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە يۇلتۇزنىڭ ئورنى دەۋرلىك تەۋرىنىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىپ ئۇنۇڭ ماسسىنى ھېسابلاپ چىققان.



بۇ پلانېتا تېپىلىپ دۇنيادىكى ئاسترونومىيە ئالىملىرىنى ھەيران قالدۇرۇۋەتكىنى، ئاسترونومىيە نەزەرىيىسىدە يۇلتۇزغا بۇنداق يېقىن بىر پلانېتانىڭ مەۋجۇت بۆلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. دېمەك نەزەرىيىدە مۇمكىن بولمىغان بىر پلانېتا تېپىلدى دېگەن گەپ. بۇ پلانېتانىڭ مەۋجۇتلۇقى ئاسترونوم نەزەرىيە ئالىملىرىغا بولغان بىر جەڭ ئېلان قىلغانلىقتۇر.



بۇ پلانېتا نېمە ئۈچۈن مەۋجۇت بولمايدۇ دېگەندە، بۇ پلانېتا يۇلتۇزغا يېقىن بولۇپ يۇلتۇزنىڭ ئىچكى ساھەسىدىن ئورۇن ئالغان ئىكەن، يۇلتۇزنىڭ ئىچكى ساھەسىدە باشقا پلانېتانىڭ بۆلىشى مۇمكىن ئەمەسكەن. بۇ پلانېتا يۇلتۇزنىڭ سىرتقى قىسمىدا بارلىققا كېلىپ ئاندىن يۇلتۇزنىڭ ئىچكى قىسمىغا كىرگەن دېيىشقىمۇ بولمايدىكەن. چۈنكى بۇ ئەھۋال يۈز بەرسە بۇ پلانېتا بىلەن يۇلتۇز ئۆزئارا سوقۇلىدىكەن.

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 08:50:23

يەر شارىدىن باشقا يەردە جانلىق بارلىقىغا ئىشىنىمەن. يەر شارى چەكسىز ئالەمگە نىسبەتەن بىر تال زەررىچىنىڭ مىنوس مانچىنچى دەرىجىسىدىكى كىچىك پىلانت.

arginakun يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 13:38:28

ھەي غايەت زور ئالەمدە بىز زەرىچىلىكمۇ ئەمەستە؟

دۇنيادا چەكسىز نەرسە بارمۇ يوق؟

ئالەمنىڭ چىكى بارمىدۇ!؟

ئالەمنىڭ چىكى بار بولسا شۇ چەكتىكى ماددا نىمە؟ ئۇ مەددىنىڭ...

ئوف! ئۆزۈم مۇشۇ سۇئالنى ئويلىساملا تىترەك باسىدۇ..

ئاللاھ...

Dana0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 17:08:49

ئەگەر شۇنداق پىلانىتىلا كۆپ بولۇپ كېتىپ، ئەقلى ئىقتىدارلىق ئىنسانلارمۇ بولۇپ قالسا، ئۇلار يەر شارىدىكى مەلۇم ھەقىقەتلەرنى بىلەلمەي ئازغۇن دەۋزىخى بولۇپ كېتەرمۇ؟ چاقچاق ھە، بەك ئەستايىدىل قارىۋالماڭلار بالىلا!

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 17:39:39

ئۇلار ئازغۇن بولسا دەۋىتىڭىزنى شۇ يەرگە چىقىپ قىلارسىز كالىنىڭ پىشماس يىرى .

Yaman يوللانغان ۋاقتى 2013-11-2 23:56:08

16- قەۋەتتىكى tadubegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇلار ئازغۇن بولسا دەۋىتىڭىزنى شۇ يەرگە چىقىپ قىلارسىز كالىنىڭ پىشماس يىرى .

\"\"
بەت: [1]
: تاشپولات: يەر شارى بىلەن ئوخشاش پلانېتا تېپىلدى