bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 09:17:33

بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇشى قانداق بەلگىلىنىدۇ؟

بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇشى قانداق بەلگىلىنىدۇ؟





ئاپتۇر: بىلگەجان











جەمئىيتىمىزدە بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇشىغا قارىتا ئوخشىمىغان چۈشەنچىلەر مەۋجۇت. گەرچە ئىلىم-پەن ساھەسىدە بالىنىڭ جىنسنىڭ قانداق بەلگىلىنىدىغانلىقى ئايدىڭلاشقىلى نەچچە ئون يىللار بولغان بولسىمۇ، لىكىن ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇنىڭدىن خەۋەرسىز قېلىشى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئانىنىڭ قىز تۇغۇشى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ ئىناقلىقىنىڭ بۇزۇلغانلىقى ھەتتا ۋەيران بولغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.


پات- پاتلا ئەر- ئاياللارنىڭ پەرزەنتىنىڭ قىز بولۇشى تۈپەيلىدىن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، ھەم بۇ مەسىلىنىڭ جەمئىيتىمىزدە خىلى ئېغىر ئىكەنلىكى ئېنىق. بىزنىڭ تارىختىن بۇيان مەيلى دىننىي جەھەتتىن بولسۇن ۋە ياكى مىللىي ئۆرپ- ئادىتىمىزدە بولسۇن ئوغۇل پەرزەنتنى چوڭ كۆرۈپ قىز پەرزەنتنى تۆۋەن كۆرىدىغان ئەنئەنىمىز يوق ئىدى. بەلكىم بۇمۇ باشقىلاردىن يۇققان بىر يېڭى كىسەل بولسا كېرەك. بۇ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر تېما يوللاپ تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش قارارىغا كەلدىم. مەن كۆپىيىش بىئولوگىيەسى كەسپىدە ئىزدىنىۋاتقان بىر تەتقىقاتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كەڭ تورداشلارنىڭ ئىلمىي كۆز قاراشلىرى ياكى سۇئاللىرى بولسا ئورتاقلىشىشنى قارشى ئالىمەن. تۆۋەندە بالىنىڭ جېنسىنىڭ قانداق بەلگىلىنىدىغانلىقىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتمەكچىمەن:



ئاۋۋال ئىككى كەلىمە ھېكايە ئاڭلايسىلەر. غەرب دۇنياسىدا چوڭ-كىچىك، توڭ-پىششىق ھەممەيلەن دىگۈدەك بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇشىنىڭ ئاتا تەرەپتىن بەلگىلىنىدىغانلىغىنى بىلىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ بەك ئەقىللىق بولۇشىدىن كۆرە بىر تارىخى شەخىس ۋە ۋەقە بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەنگىلىيە پادىشاھى ھېنرى (1547-VIII (1491 تارىختىكى داڭلىق پادىشاھلارنىڭ بىرى، بۇنداق بولۇشى ئۇنىڭ ئەنگىليە باش چېركاۋىنىڭ رېم كاتولىگ چىركاۋىدىن ئايرىلىپ چىقىشىدىكى رولى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۇنىڭ 6 قېتىم ئۆيلەنگەنلىكى ۋە بۇ تويلارنىڭ قانداق بىر ئاقىۋەتتە ئاياغلاشقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇ توغرىدا تۆۋەندىكى قوشاق تارقالغان:

King Henry the Eighth,to six wives he was wedded.One died, one survived,two divorced, two beheaded.

بۇ قوشاقنىڭ مەزمۇنى پادىشاھ ھېنرى سەككىزنىڭ 6 قېتىم توي قىلغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككىسى بىلەن ئاجراشقانلىقى، يەنە ئىككىسىنى قەتلى قىلغانلىقى، بىرىنىڭ تۇغۇتتا ئۆزى ئۆلۈپ،ئالتىنچىسىنىڭ پادىشاھ ئۆلگەندىن كىيىن ھايات قالغانلىقىنى تەسۋىرلەيدۇ. بۇ ئەمەلىي ۋەقە بولۇپ، پادىشاھ ھېنرى 8 بۇ ئاياللاردىن ئاجرىشىش ياكى ئۆلتۈرۈشتىكى ئاساسلىق سەۋەب ئۇلارنىڭ بىرمۇ ئوغۇل تۇغمىغانلىقى، بۇزۇقچىلىق قىلغانلىغى ۋە ئۇنىڭغا مۇتلەق بويسۇنۇش پوزىتسىيەسىدە بولمىغانلىغى ئىدى. دەل قىز تۇغدى دەپ ئاجراشقاندىن كىيىن ئالغان ئاياللىرىمۇ توختىماي قىز تۇغقان. پەقەت تۇغۇتتا ئۆلگەن ئايالى جەيىن سەيمۇردىن بولغان بىردىنبىر ئوغلى ئۇنىڭ تەخىت ۋارىسى بولغان. ھېنرى 8 نىڭ ئاياللىرىنى ئوغۇل تۇغمىدى دەپ ئەيىپلەپ ئاجرىشىپ كەتكەندىن كىيىن باشقا ئاياللىرىنىڭمۇ توختىماي قىز تۇغقانلىقى كىشىلەرگە تۇنجى قېتىم بالىنىڭ قىز-ئوغۇل بولۇشى بەلكىم ئايال كىشىگە مۇناسىۋەتىسىز بولۇشى مۇمكىن دىگەن دەسلەپكى قاراشنى پەيدا قىلغان.



ئەمدى نەق گەپكە كىلەيلى:

جىنسنىڭ بەلگىلىنىشى ئككى مۇھىم ھالقىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇنىڭ بىرىنچىسى جېنسنىڭ گېنتىكىلىق بەلگىلىنىشى، ئككىنچىسى مېڭىنىڭ جېنىسقا ئايرىلىشى. ئادەتتە، ئىنساننىڭ ھاياتى  ئاتىلىق ئىسپېرما ھۈجەيرىسى بىلەن ئانىلىق تۇخۇم ھۈجەيرىسىنىڭ بىرىكىپ ئۇرۇقلانغان تۇخۇم (يەنى زېگوتا) نىڭ ھاسىل بولۇشى بىلەن باشلىنىدۇ. گەرچەنۇرغۇن كىشىلەر تۆرەلمە يېتىلىپ بىر نەچچە ئايلىق بولغۇچە بىر ھاياتلىق سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلمىسىمۇ، لىكىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ ئۆزى تولۇق بىر تۆرەلمە ۋە بالا ھەمرىيى ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىغا، ئاخېرىدا بىر يىتىلگەن جانلىققا ئايلىنىش پوتىنسىئالىغا ئىگە بولغاچقا، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى ھاياتلىقنىڭ باشلىنىشى دەپ قارايمىز.  جېنىسنىڭ گېنتىكىلىق بەلگىلىنىشى دېگىنىمىز ئاتىلىق ئىسپېرماھۈجەيرىسى بىلەن ئانىلىق تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىرىككەندە جىنسىي خىروموسوملارنىڭ تەقسىملىنىشى ۋە ئىپادىلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى ئىسپېرما ۋە تۇخۇم ھۈجەيرىسىدىن باشقا بارلىق ھۈجەيرىلەردەجەمئىي 23 جۈپ خىروموسوم بار بولۇپ بۇنىڭ22 جۈپى تەن (جېنىسسىز) خىروموسومى، بىرجۈپى جىنىسلىق خىروموسومدۇر. ئىسپېرما ۋەتۇخۇم ھۈجەيرىلىرى ئالاھىدە ھۈجەيرىلەر بولۇپ، ئۇلاردا پەقەت 23 تال خىروموسوم بولىدۇ. ئىسپېرما ھۈجەيرىلىرىدە 22 تال تەن خىروموسومى بىلەن  بىر تال بىر تال X ياكىY خىروموسومى بولىدۇ. تۇخۇم ھۈجەيرىلىرىدە بولسا 22 تال تەن خىروموسومى بىلەن بىر تال X خىروموسوم بولۇپ، Y خىروموسوم مەۋجۇت بولمايدۇ. دىمەك ئىنسان ھاياتىنىڭ باشلىنىشى بولغان ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھاسىل بولۇش جەريانىدا ئىسپېرما ھۈجەيرىسىدىكى 23 تال خىروموسوم بىلەن تۇخۇم ھۈجەيرىسىدىكى 23 تال خىروموسوم بىرىكىپ ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى مۇكەممەل بولغان 23جۈپ خىروموسومغا ئىگەقىلىدۇ. بۇ جەرياندا تۆرەلمە جېنسىنىڭ گېنتىكىلىق بەلگىلىنىشى تاماملىنىدىغان بولۇپ، ئەگەر Y خىروموسوملۇق ئىسپېرما تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىلەن بىرىكسە ئوغۇل بولۇشنى بەلگىلەيدۇ؛ ئەگەر X خىروموسوملۇق ئىسپېرما تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىلەن بىرىكسە قىز بولۇشنى بەلگىلەيدۇ. شۇنداق قىلىپ كەلگۈسىدە ئوغۇل بولىدىغان تۆرەلمىنىڭ جېنىسىي خىروموسومى ئىسپېرمىدىن كەلگەن Y خىروموسوم بىلەن تۇخۇمدىن كەلگەن X خىروموسوم(XY)دىن تەركىب تاپىدۇ؛ قىز بولىدىغان تۆرەلمىنىڭ جېنىسىي خىروموسومى ئىسپېرمىدىن كەلگەن X خىروموسوم بىلەن تۇخۇمدىن كەلگەن X خىروموسوم (XX) دىن تەركىب تاپىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، پەقەت ۋە پەقەت ئاتىدىن كىلىدىغان Y خىروموسومنىڭلا جىنىسنى بەلگىلەش ئىقتىدارى بار. ئەمما قايسى خىللىق خىروموسومغا ئىگە ئىسپىرمنىڭ تۇخۇم بىلەن بىرلىشىشىنى كونتىرول قىلغىلى بولمايدۇ ھەم بۇ ئەرنىڭ بەدەن ساپاسى ياكى باشقا ئامىللار بىلەن زىچ باغلىنىشى يوق.

مېڭىنىڭ جىنىسقا ئايرىلىشى جەريانىدا XY تىپلىق (ئوغۇل) تۆرەلمە تەرەققىي قىلىپ مېڭە يېتىلگەندىن كىيىن، كۆپىيىش ئورگانلىرى شەكىللىنىش جەريانىدا ئىپتىدائىي كۆپىيىش ئورگانلىرىنى تەشكىل قىلىدىغان ھۈجەيرىلىرىنىڭ Y خىروموسومىدىكى گېنلار قوزغىلىپ ئەرلىك جېنسىي ھورمونلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ، ھەم مۇشۇ ھورمونلارنىڭ تەسىرىدە مېڭە ئۆز جىنسىنى تونۇپ يىتىدۇ. XX تىپلىق تۆرەلمە بەدىنىدە ئەرلىك جېنسىي ھورمون ئىشلەپچىقىرىلمايدىغان بولغاچقا، تەبئىي ھالدا مېڭە ئاياللىق جىنىسنى تونۇيدۇ. شۇڭا تۆرەلمە مەزگىلىدىلا مېڭە جىنىسقا ئاساسەن ئوخشىمىغان دەرىجىدە ھەرىكەتنى بەلگىلەيدۇ. مېڭىنىڭ تۆرەلمە مەزگىلىدە ئۆز (گېنتىكىلىق) جىنسىنى توغرا تونۇشى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بۇ جەريان ئاساسلىقى ھورمون ۋە باشقا تۆرەلمە مۇھىت ئامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا مېڭىنىڭ ئۆز جىنسىنى تونۇش جەريانى گېنتىكىلىق ئامىلدىن بەكرەك ئېپىگېنتىكىلىق (گېننىڭ ئىپادىلىنىش تىپىنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىغا ئىگە مۇھىت ئامىللىرى) ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئىلىپ بېرىلىدۇ. بۇ بىرقەدەر يېڭى تەتقىقات ساھەسى بولغاچقا، بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشلەر داۋاملاشماقتا. بۇ توغرىدا بەزى تەتقىقات نەتىجىلىرى ئوخشاش جىنسلىقلارغا قىزىقىشنىڭ تۆرەلمە يىتىلگەندىلا بەلگىلىنىپ بولۇشى مۇمكىنلىكىگە بەزىبىر ئىسپاتلارنى تەمىنلىگەن بولۇپ، شۇنداقتىمۇ كىشىلەرنىڭ بۇ مەسلىگە بولغان قارىشى قارىمۇ-قارشىلىققا تولغان. بۇ بىز ھازىرچە بۇ تىمىدا قىزىقىدىغان مەسلە بولمىغاچقا ئارتۇق توختالمايمەن.

شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولىشىدا ئانىنىڭ ھىچقانداق بىۋاستە تەسىرى يوق، بەلكى ئاتا تەرەپتىن "تاساددىپىي" ھالدا بەلگىلىنىدۇ. ھازىرغىچە ئىنسانلار تېخى بالىنىڭ جىنسىنى تەبئىي ھالدا ئۆز ئىختىيارى بويىچە تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئەمەس. ئەلۋەتتە، تەن سىرتىدا سۈنئىي ئۇسۇلدا يىتىلگەن تۆرەلمىلەر بۇنىڭ سىرتىدا. دىمەك، بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇپ قىلىشىنى مەيلى ئەردىن ياكى ئايالدىن كۆرۈش بەكمۇ بىمەنىلىك. ئاخىرىدا، تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتە ئاز- تولا بېلىمگە ئىگە بولۇشىنى، ھەم ئۆگەنگەنلىرىنى باشقىلارغىمۇ يەتكۈزۈپ قويۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.



(2013-يىلى قەھرىتان، ئامرىكا)

bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 10:12:50

ھازىر يېڭى توي قىلغانلار ئارىسىدا پەرزەنتلىك بولالماسلىق ئەھۋالى بەك ئېغىر. مېنىڭ ئىككى نەۋرە ئىنىم ۋە ئۆزۈمنىڭ ئىنىسى توي قىلغىلى بىر يىلدىن ئاشتى. ھازىرغىچە بالىلىق بولالمىدى. تەكشۈرۈتسە ھەر ئىككى تەرەپ نورمال. مۇشۇ ھەقتە ئازراق تەلىم بەرسىڭىز.... رەھمەت

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 10:47:28

رەھمەت بىلگەجان، تېمىڭىزنى ئەكەتتىم.

rakita يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 10:47:41

1- قەۋەتتىكى bahwan0998نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھازىر يېڭى توي قىلغانلار ئارىسىدا پەرزەنتلىك بولالماسلىق ئەھۋالى بەك ئېغىر. مېنىڭ ئىككى نەۋرە ئىنىم ۋە ئۆزۈمنىڭ ئىنىسى توي قىلغىلى بىر يىلدىن ئاشتى. ھازىرغىچە بالىلىق بولالمىدى. تەكشۈرۈتسە ھەر ئىككى تەرەپ نورمال. مۇشۇ ھەقتە ئازراق تەلىم بەرسىڭىز.... رەھمەت



كونىلارنىڭ گېپى بويىچە ئەر-خوتۇن ئىككىسى داۋان ئاتلىسۇن!!!دىمەكچى، شىمالدا بولسا جەنۇپنى، جەنۇپتا بولسا شىمالنى ساياھەت قىلغاچ بىر مەزگىللىك ئايلىنىپ كەلسۇن. (بىر قانچە چوڭلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان گەپ، راستىنلا ئۈنۈمى بولامدۇ-يوق؟ مەنمۇ بىلمەيمەن)

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 10:50:19

@bahwan0998،

بولىدۇ. ئاۋۋال جەمئىيەتتىكى ئومۇميۈزلۈك ئەھۋالغا قارىتا بىلىدىغانلىرىمنى سۆزلەي، ئاندىن سىزنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭىز ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلىپ باقاي.

تۇغماسلىق ئامرىكىدا 35 ياشتىن تۆۋەن ئاياللارنىڭ بىر يىل سىناپمۇ بالىلىق بولالماسلىقى، 35 ياشتىن يۇقىرى ئاياللارنىڭ 6 ئاي سىناپمۇ بالىلىق بولالماسلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

تۇغماسلىق ياكى ئاسانلىقىچە ھامىلدار بولالماسلىق ھازىر دىمىسىمۇ بۇرۇنقىدىن كۆپيىپ كەتكەنلىكى ئېنىق، ھەم بۇنىڭغا دائىر سىتاتىستىكىلىق مەلۇماتلارمۇ بار. گەرچە تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىل تېخى ئېنىق بولمىسىمۇ، لىكىن كۆپىنچە ئەھۋاللاردا يۇقۇملىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالماقتا. ئەمدى تۇغماسلىقنىڭ بۇ يىللاردا كۆپيىىپ قىلىشىنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ خىل بولۇپ تۆۋەندىكى بىر نەچچە مۇھىم نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن:

1. بەك كېچىكىپ توي قىلىش. ئەگەر ئاياللارنىڭ يېشى 30 ياكى 35 تىن ئاشقاندا ھامىلدار بولۇش قېينلىشىدۇ، ئەپسۇسلىنارلىقى دۇنيادا مۇشۇ ياشلاردا بالىلىق بولۇشنى خالايدىغان ئاياللار كۈنسېرى كۆپەيمەكتە.

2. نورمال بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ساقلانماسلىقى. دۇنيادا ھازىر سېمىزلىك كېسىلىگە گېرىپتار بولغان كىشىلەر 70-يىللاردىكىدىن ئۈچ ھەسسە ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، سېمىزلىك ھامىلدار بولۇشنى قېينلاشتۇرىدۇ ھەم تۇغماسلىق بىلەن مەلۇم دەرىجىدە ۋاستىلىك باغلىنىشى بار. ھەدېدىن زىيادە ئورۇق ئاياللارمۇ ئاسان ھامىلدار بولالمايدۇ چۈنكى بەدەندە مەلۇم مىقداردا ماي بولسىلا ئاندىن مېڭە تۇغۇتنى ئويلىشىدۇ ۋە ئېنىرگىيە ھالىتىنى تەڭشەپ ئارتۇقچە ئېنىرگىيەنى تۇغۇتقا مۇناسىۋەتلىك بىئو-خېمىيىلىك جەريانلارغا سەرىپ قىلىشقا باشلايدۇ.

3. جۇڭگو ۋە بىر قىسىم دۆلەتلەرگە نېسبەتەن (ئامرىكىدا كۆپىنچە شىتاتلاردا قانۇنسىز قىلمىش)، تۇنجى ياكى بىر نەچچە بالا چۈشۈرىۋىتىشمۇ كىيىن ھامىلدار بولۇشنىڭ تەس بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم بۇ ئەھۋال بۇرۇنقىدىن ئومۇميۈزلۈك بولۇپ كېتىۋاتىدۇ.

4. ئەر ۋە ئاياللاردىكى جىنسىي كېسەللىكلەر، ھورمۇنلارنىڭ نورمال بولماسلىقى، دىئابىت كېسىلى.... قاتارلىقلارمۇ تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە بۇ ئەھۋللار بارغانسېرى ئەۋج ئالماقتا.

5. مۇھىتتىكى زىيانلىق بۇلغانما ماددىلارنىڭ كۆپىيىشىمۇ ھامىلدار بولۇشنىڭ قېيىن بولۇشى ياكى كۆپىيىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.



ئەمدى سىزنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭىزغا كەلسەك، ئۇلار توي قىلغىلى بەك ئۇزۇن بولماپتۇ ھەم ئۇلارنىڭ ساغلام ئىكەنلىكىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈتۈپ باقماي تۇرۇپ بىر نېمە دىگىلى بولمايدۇ. بەزى ئەھۋاللاردا ئۇزۇنراق ۋاقىتتىن كېيىن ھامىلدار بولۇشىمۇ مۇمكىن، بولۇپمۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئەھۋاللارنىڭ بىرەرى بوپقالسا.

يەنە سۇئاللرىڭىز بولسا قالدۇرسىڭىز ئەتىگىچە جاۋاب بىرىمەن.

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 10:50:28

\"\" \"\" \"\" \"\" \"\" \"\" \"\"

بەك ھاياجانلىنىپ كېتىۋاتىمەن، تۇغۇلاي دەپ قالغان فەرزەندىم ئوغۇلمىدۇ ياكى قىزمىدۇ.

ئاللاھ ئايالىمنىڭ ساق سالامەت يەڭگىشى پەرزەنتىمنىڭ ساغلام ۋە سالامەت تۇغۇلىشىغا مەدەت بەرگەي

elikaram يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 10:51:57

‹‹ئاياللار سىلەرنىڭ زىرائەتگاھىڭلاردۇر››دىگەن ئايەتكە ئاساسلانغاندا شۇ زىرائەتگاھقا نىمە تېرىسا شۇ ئېلىنىدۇ.ئاياللار ئەمەلىيەتتە يىتىشتۈرىدىغان ۋە پەرۋىش قىلىدىغان بىر موھىتتۇر خالاس!

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 10:56:00

5- قەۋەتتىكى ziltarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

\"\" \"\" \"\" \"\" \"\" \"\" \"\"

بەك ھاياجانلىنىپ كېتىۋاتىمەن، تۇغۇلاي دەپ قالغان فەرزەندىم ئوغۇلمىدۇ ياكى قىزمىدۇ.

ئاللاھ ئايالىمنىڭ ساق سالامەت يەڭگىشى پەرزەنتىمنىڭ ساغلام ۋە سالامەت تۇغۇلىشىغا مەدەت بەرگەي

===============


مۇبارەك بولسۇن قېرىندىشىم! سىز ئۈچۈن ناھايتى خۇشال بولۇۋاتىمەن، بەك ھاياجانلىق ئىش بۇ، ئەلۋەتتە ھاياجانلىنىسىز. بوۋاقنىڭ سالامەت تۇغۇلۇشىنى ۋە ئانىسىنىڭ تۇغۇتىغا ئاسانلىق تىلەيمەن. ئامرىكىدا بولغان بولسىڭىز، دوختۇرلار تۆت ئاي بولغاندىلا بالىنى قىز-ئوغۇللىقىى ئېيتىپ بەرگەن بولاتتى. لىكىن مەن ئۆز ۋاقتىدا ئۇقۇش نىيىتىم يوقلۇقىنى ئېيتىپ بىلمىگەن ئىدۇق، شۇڭا تېخىمۇ ھاياجانلىق بولغان. ئەڭ مۇھىمى، دادىسى تۇغۇت جەريانىدا مۇتلەق تۇغۇت ئۆيىدىن ئايرىلماسلىقى تەلەپ قىلىنىدىغان ۋە بالىنىڭ كىندىكىنى ئۆز قولى بىلەن كېسىشى ۋە تۇنجى زاكىسىنى يۆگىشى تەلەپ قىلىنىدىغان بولغاچقا تېخىمۇ ھاياجانلىق بولغان. ئاللاھ ھەممىنى ئاسان قىلسۇن!

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 11:04:13

تىلىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت


مەنمۇ ئۇقۇش نىيىتىدە بولۇپ باقمىدىم ، پەقەت ساق سالامەتلا تۇغۇلسا قىز بولسۇن ئوغۇل بولسۇن بەرىبىر.


بولمىسا دوختۇر ئاغىينىلىرىم بار ئىدى ، ئانىسى بىلەن بالىنىڭ سالامەتلىكى ئەڭ مۇھىم.

يەنە بىرسى ئوغۇلمىدۇ قىزمىدۇ دېگەن شۇ ھاياجانلىق تۇيغۇسىنى باشتىن كۆچۈرۈش پۇرسىتىنى ئۆتكۈزۈپ قويغۇم يوق

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 11:12:38

«دادىسى تۇغۇت جەريانىدا مۇتلەق تۇغۇت ئۆيىدىن ئايرىلماسلىقى تەلەپ قىلىنىدىغان ۋە بالىنىڭ كىندىكىنى ئۆز قولى بىلەن كېسىشى ۋە تۇنجى زاكىسىنى يۆگىشى تەلەپ قىلىنىدىغان بولغاچقا تېخىمۇ ھاياجانلىق بولغان. ئاللاھ ھەممىنى ئاسان قىلسۇن!»



بۇيۇك جوڭگودا ھامىلدار ئايالنى بىرلا ئەكىرىپ كەتسە ، تۇغدۇرۇپ ئاندىن ئەپچىقىپ بېرىدۇ ...

ئۆزى تۇغالايدىغانلارنىمۇ ئاللىقانداق بىر گەپلەر بىلەن قورقۇتۇپ ، ئوپراتسىيە قىلغۇزىدۇ ...

ئوپراتسىيە ئارقىلىق تۇغىدىغانلار ئادەتتە %75 ئىگەللەمدىكى دەپ ھىس قىلدىم (ئايالىم تۇغقان ۋاقىتتى ئەھۋالغا ئاساسەن تەخمىنىي سىتاستىكا ) .



تولىمۇ ھەۋەس قىلدىم سىزگە بىلگجان ...



جوڭگو قاچان شۇنداق بولار ...

ئايالىم دوختۇرخانىدا بولغاچقا مەنمۇ بىر ئىشقا شاھىت بولۇپ قالدىم ، جددىي قۇتقۇۇشنىڭ ئالدىغا بىر توپ ئادەم ۋە ساقچىلار توپلىشىپ كېتىپتۇ ، نېمە ئىش بولدىكىن دەپ بېرىپ قاپتىمەن . (ئىدارىدىغۇ يىغىن ئاچىسىلا ئادەم جىق توپلاشقان يەرگە بارماڭلار ، توپلىشىپ تاماششا كۆرمەڭلار دەپ جىكىلەپ تۇرىدۇ ..)

بىر زەھەرلەنگەن بالىنى جىددىي قۇتقۇزۇشتىن داۋالاشنى رەت قىپتۇ (سەۋەبىنى ھەممەيلەن بىلىسىلەر ، شۇڭا يازمىدىم ) . ئەتىسى بالا تۇگەپ كېتىپتۇ ، تۇققانلىرى داۋالشقىلى كەلسە ، 110 تەرىپىدىن 被和谐了 (ئىناق جەمىيەت قۇرۇلدى ). ...

كۆپ كۆرمەڭلەر ، ئۇلاپ تارقاتماڭلار ، بىلىسىلەر ، ھازىر يازمىنىڭ كۆرۇش قىتىم سانى 5000 دىن ، ئۇلاپ تارقتىش قىتىم سانى 500 ئاشسا جىنايەت ...


bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 11:14:45

2- قەۋەتتىكى tadubegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

رەھمەت بىلگەجان، تېمىڭىزنى ئەكەتتىم.

==============


ماقۇل، شۇنداق قىلىڭ. دائىم ئەكەتتىم دەيسىز، نەگە ئاپىرىسىز؟ ئەرزىنىغا سېتىۋەتمەڭ، ھە لىكىن. \"\"

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 11:23:28

بلوگىمغا چاپلايمەن ،كىرىپمۇ باقمىغان ئوخشايسىلە ھە، بىر نەچچە تېماڭلار بار. \"\"

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 11:30:08

@radiofan،


ئۇنداق ئىشنىڭ ئامېرىكىدا بولۇشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس! \"\" بەك ئېچىنىشلىق، ھە. بۇ يەردە راستىنلا مۇشۇنداق دوختۇرخانا چىقسا دەرھال تاقىۋىتىشى ئېىنىق ھەم ئىنسانىيەت ئۈچۈن قىلغان خائىنلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى ئەخلاقمۇ، قانۇنمۇ بوش قويۇۋەتمەيدۇ...




ئامرىكىدا دوختۇرخانىغا كەلگەنلەرنى پۇلى بار-يوقلۇقىنى دوختۇردىن چىقىدىغان ۋاقىتقىچە ئانچە ئېنىق بىلىپ كەتمەيدۇ ھەم ھىچكىم سوراپمۇ يۈرمەيدۇ. مەن بالام تۇغۇلغاندا ئوقۇغۇچى ئىدىم ھەم مەن تۇرغان شىتاتتا ئوقۇغۇچىلار بالىلىق بولسا پۇلىنى شىتاتلىق medicare فوندى چىقىرىدىكەن، شۇنداق قىلىپ 12 مىڭ دوللارلىق دوختۇرخانا چىقىمىدىن نىمىگە-بىر نىمىگە ئۆزەڭ تۆلىسەڭ بولمايدۇ دەپ 300 يۈز دوللار تۆلە دىگەنتى 12 ئايغا بۆلۈپ تۆلەيمەن دىسىەم \"\" \"\" ماقۇل دىدى ھەم شۇنداق پۈتتى.

دوختۇر-سىسترالار بىزنىڭ ھاياجانىمىزنى كۆرۈپ خۇشاللىقىدىن ئۇلارمۇ يىغلاپ كەتكەن ئىدى... ئاران 48 سائەت تۇرۇشقا يول قويىدىكەن، بىز بىر باھانە بىلەن، قار ياغقانلىقى ئۈچۈن \"\" بىر كۈن ئارتۇق تۇرۇپ ئاندىن كەتكۈمىز كەلمەي ئۆيگە قايتىپ كەلگەن ئىدۇق. گەپنىڭ راستىنى قىلغاندا، ئۇ سېستىرالا كۈتۈشتە ئانىڭىز، ئاچا-سېڭىللىرىڭىزدىنمۇ ئۆتە ياخشى مۇلازىمەت قىلىدىغان بولغاچقا دوختۇرخانىدىن قەتئىيلا ئايرىلغۇڭىز كەلمەيدىكەن. ئايالىم بىلەن بالىغىلا ئەمەس، بەلكى مېنىمۇ ئاجايىپ كۈتتى دىمەيسىلە. مېنىڭ كارۋىتىم ئايالىمنىڭكىدىن كىچكرەك بولسىمۇ شۇنداق ئەپلىك، شارائىتىمۇ بەكلا ياخشى ئىكەن. شۇ دوختۇرخانىدا ئامرىكىغا كىلىپ ئەڭ تېتىغان تاماقلارنى يەپتىمىز، بەزىدە چاقچاق قىلىپ شۇ دوختۇرخانىغا بىرىپ تاماق يەپ كىلەيلىمۇ، دىيىشىپ قويىمىز.... ئەڭ مۇھىمى، «باشقىلارنى شۇنچىۋالا ئويلىغىلىمۇ، ئىشلارنى شۇنچىلىكمۇ ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرغىلى، دوختۇرخانىدىمۇ ئارامگاھتەك تۇرغىلى بولىدىكەن، ھە» دەپ ياقىمىزنى چىشلىشىپ ئۇ ياخشى مۇئامىلىلەرگە تۇنجى كۈنى كۆنەلمەي، ئەتىسىدىن باشلاپ بەك خوشيىقىپ كەتكۈمىز كەتمەي قالغان ئىدى. تۇغۇت بۆلۈمىدە ئىشلەش ناھايتى جاپالىق بولسىمۇ، بۇ كەسپىنى تاللىغان سېستىرلار ئىچ-ئىچىدىن بوۋاقلارنى ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا رازى بولۇپ سىز كۈتكەندىن ئاز دىگەندە يۈز ھەسسە ياخشى مۇلازىمەت قىلىدىكەن. چولام تەگكەندە قىزىم تۇغۇلۇشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى دوختۇرخانىدىكى ئىشلارنى يېزىپ قويسام بولغۇدەك. شۇ يەرلىرىنى دىسە يىتىۋالغۇسى كىلىدۇ بۇ دۆلەتتە...

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 11:54:43

دوختۇر مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندىنىڭ ئامرىكىنىڭ داۋالاش تۈزۈلمىسى سۆزلەنگەن پ د ف كىتابىنى ئوقۇپ بەك مەستلىكىم كەلگەن ئىدى ئۇ يەردىكى دوختۇر ھەم بىمارلارغا....

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 12:21:01

14- قەۋەتتىكى tadubegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دوختۇر مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندىنىڭ ئامرىكىنىڭ داۋالاش تۈزۈلمىسى سۆزلەنگەن پ د ف كىتابىنى ئوقۇپ بەك مەستلىكىم كەلگەن ئىدى ئۇ يەردىكى دوختۇر ھەم بىمارلارغا....

==============


مەمەتكامنىڭ كىتابىنى ئوقۇپ باقماپتىمەن. ئۇ كىشى بىلەن كۆرۈشكەن ئىدىم، بەك ئوڭلۇق، بىلىملىك ئادەمكەن.


سىزنىڭ بىلوگىڭىز بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن، مەن تورلارغا يىڭى ئەمەسمۇ، ئەمدى ئايلىنىپ چىقاي. \"\"

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 12:23:03

15- قەۋەتتىكى parakendeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يېقىن ئاغىنەمنىڭ ئايالىنى ئاپىرىپ تۇغۇت بۆلىمىگە ئەپ ماڭدۇق . دۇختۇرلار ‹بالىغا ھەم ئانىسىغا بىرەر ئىش بۇلۇپ قالسا مەسئۇلىيىتىگە ئۆزەم ئىگە بۇلىمەن دەپ قول بېسىپ بىرىسەن ›دىگەنىدى ، مەن دوستۇمغا ۋاكالىتەن ( ئۇ يۇرتتا ئەمەس ئىدى ) قول بېسىپ بىرىشنى رەت قىلسام ، ئەمىسە قايتۇرۇپ كەت دىمەمدا شۇ ۋاقىتتىكى ھىسىياتىمنى ئويلىسام ‹‹ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەرگە ›› \"\" قىلغۇم كىلىدۇ . ئادەم دىگەننىڭ قەدرى يوقكەنغۇ دەپ قالىمەن بەزىدە ......

=================


ئۇنداقمۇ دىمەڭ، دوختۇرلارنىڭ ئەسكىلىكىدىن ئەمەس تۈزۈلمىنىڭ ئىشى، مەنچە. بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى تەھلىلىپ قىلىپ كەلسەك ما تىمىى تاقاپ قويساق بولىدۇ....

parakende يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 12:26:02

17- قەۋەتتىكى bilgejanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

15- قەۋەتتىكى parakendeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يېقىن ئاغىنەمنىڭ ئايالىنى ئاپىرىپ تۇغۇت بۆلىمىگە ئەپ ماڭدۇق . دۇختۇرلار ‹بالىغا ھەم ئانىسىغا بىرەر ئىش بۇلۇپ قالسا مەسئۇلىيىتىگە ئۆزەم ئىگە بۇلىمەن دەپ قول بېسىپ بىرىسەن ›دىگەنىدى ، مەن دوستۇمغا ۋاكالىتەن ( ئۇ يۇرتتا ئەمەس ئىدى ) قول بېسىپ بىرىشنى رەت قىلسام ، ئەمىسە قايتۇرۇپ كەت دىمەمدا شۇ ۋاقىتتىكى ھىسىياتىمنى ئويلىسام ‹‹ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەرگە ›› \"\" قىلغۇم كىلىدۇ . ئادەم دىگەننىڭ قەدرى يوقكەنغۇ دەپ قالىمەن بەزىدە ......

=================


ئۇنداقمۇ دىمەڭ، دوختۇرلارنىڭ ئەسكىلىكىدىن ئەمەس تۈزۈلمىنىڭ ئىشى، مەنچە. بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى تەھلىلىپ قىلىپ كەلسەك ما تىمىى تاقاپ قويساق بولىدۇ....







ئىنكاسلارغا قاراپ ھاياجانلىنىپ قاپتىمەن .


ئەپۇ قىلىڭلار

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 12:28:04

شۇنداق ئەھمىيەتلىك يازمىكەن ، مەنپەئەتلەندۇق .

esir يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 12:35:19

ئېسىل تېما، ئېسىل ئىنكاسلار. ئايالىمنىڭ تۇغۇت ئوپېراتسىيەسىنى قىلغان دوختۇرنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى، قوپاللىقىدىن بوغۇپلا قويغۇم كەلگەنتى.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 12:38:09

16- قەۋەتتىكى bilgejanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

14- قەۋەتتىكى tadubegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دوختۇر مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندىنىڭ ئامرىكىنىڭ داۋالاش تۈزۈلمىسى سۆزلەنگەن پ د ف كىتابىنى ئوقۇپ بەك مەستلىكىم كەلگەن ئىدى ئۇ يەردىكى دوختۇر ھەم بىمارلارغا....

==============


مەمەتكامنىڭ كىتابىنى ئوقۇپ باقماپتىمەن. ئۇ كىشى بىلەن كۆرۈشكەن ئىدىم، بەك ئوڭلۇق، بىلىملىك ئادەمكەن.


سىزنىڭ بىلوگىڭىز بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن، مەن تورلارغا يىڭى ئەمەسمۇ، ئەمدى ئايلىنىپ چىقاي. \"\"





http://www.4tadu.com/?p=759
بەت: [1] 2 3 4 5 6
: بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇشى قانداق بەلگىلىنىدۇ؟