گېتلىر ئارگىنتىناغا قېچىپ بېرىپ 73 ياشقا كىرگىچە ياشىغانكەن
گېتلىر ئارگېنتىناغا قېچىپ بېرىپ، 73 ياشقا كىرگىچە ياشىغانكەن |
گېتلىر ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى ئېۋۋا چەتئەل تورى 29 – ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 28 – ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيەلىك يازغۇچى ۋىليامۇس ۋە دۇنستانلار «كۆك بۆرە: ئادولوف گېتلىرنىڭ قېچىشى» ناملىق يېڭى كىتابىدا مۇنداق بىر ئىشنى ئاشكارىلىدى، گېتلىر بۇرۇن خوتۇنى بىلەن بىرگە ئارگېنتىناغا قېچىپ بېرىپ، تاكى 73 ياشقىچە ئۆمۈر كۆرگەن، يەنە تېخى ئىككىى قىز پەرزەنتلىكمۇ بولغان. ۋىليامۇس بىلەن دۇنستانلار كىتابىدا مۇنداق دەپ يازدى، 1945 – يىل 4 – ئاينىڭ 27 – كۈنى، ئاتالمىش «مۆجىزىلىك قورال» كۆرۈلمىگەندىن كېيىن، گېتلىر بۇرۇن مەغرۇرلىنىدىغان تەڭداشسىز ئارمىيە ھالاك بولدى. شۇنىڭ بىلەن گېتلىر ئۈچ خىل تاللاشقا دۇچ كەلدى: بىرىنچى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسىگە ئەسىر بولۇش، بۇنىڭدىن كېلىدىغان ئازاب ئوقۇبەتنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس. ئىككىنچى، ئۆلۈۋېلىش، بىراق ئۇنىڭ ئورنىنى كىم باسىدۇ؟ ئۈچىنچى، ئېمپىرىيە بەلكىم يېڭىۋاشتىن باش كۆتىرىشى مۇمكىن، شۇ چاغدا ئۇ يەنە بۇ ئېمپىرىيەگە داۋاملىق رەھبەرلىك قىلىشى كېرەك. شۇڭا گېتلىر ئۈچىنچى تاللاشنى تاللىدى: قېچىش. گېستاپولارنىڭ باشلىقى ھېنرىك مۇللېر قېچىشقا كېتىدىغان بارلىق خىراجەتلەرنى تەق قىلىپ قويدى، بۇنىڭ ئىچىدە يالغان گېتلىر بىلەن ئۇنىڭ خوتۇنى ئېۋۋا براۋۇنغا ئوخشىتىپ ياسالغا جەسەتمۇ بار ئېدى. دەل يېرىم كېچە بولغاندا، ئۈچ كۆلەڭگە يەر ئاستىدىن يەر يۈزىگە تۇتۇشىدىغان مەخپىي لەخمىدە پەيدا بولدى، ئۇلار بولسا گېتلىر، ئېۋۋا ۋە گېتلىرنىڭ قېيىنئىنىسى ھېرمان فېگېلېين ئېدى. بېرلىننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئاۋات كوچا ۋاقىتلىق ئۇچۇش يولى قىلىندى، Juncker -52ناملىق ترانسپورت ئايرۇپىلانىنىڭ ماتورى قوزغالدى. گېتلىر قاتارلىق ئۈچ كىشى ئايرۇپىلانغا كىردى، بىر مىنۇتقا قالمايلا ئايرۇپىلان كۆتىرىلدى، ھەمدە ئۇدۇل شىمال تەرەپكە قاراپ ئۇچتى. گېتلىر ئايرۇپىلان دەرىزىسىدىن سىرتقا قاراشنى خالىمىدى، ئۆزى قالدۇرۇپ كەتكەن دوزاقنىى كۆرۈشنى خالىمىدى. ئۇ ئارگېنتىناغا بېرىپ يېڭى تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك. پۈتكۈل يەر شارى بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان قاتىل بولۇش سۈپىتى بىلەن گېتلىرنىڭ قېچىش يولى ناھايىتى ئوڭۇشسىز بولدى. ئۇ ئاۋۋال دانىيەگە باردى، ئاندىن ئىسپانىيەگە قاراپ ئۇچتى، فرانسونىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن گانا تاقىم ئاراللىرىغا باردى، ھەمدە مۇشۇ يەردىن سۇ ئاستى پاراخوتىغا ئولتۇرۇپ ئارگېنتىنا دېڭىز قىرغىقىغا يېقىنلاشتى، نېكوچېئا پورتىدىن قۇرۇقلۇققا چىقتى. شۇندىن كېيىن گېتلىر ئارگېنتىنادىن زادىلا ئايرىلىپ باقمىدى. گەرچە ئۇنىڭ يېڭى ئېمپىرىيە قۇرۇش خام خىيالى ئىشقا ئاشمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ھېچبولمىغاندا خوتۇنى ئېۋۋا بىلەن بىرگە بەختلىك تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولدى، ھەمدە يەنە ئىككى قىز پەرزەنتلىك بولدى. 17 يىل يوشۇرۇنۇپ يۈرگەندىن كېيىن، گېتلىر 1962 – يىل 2 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى، شۇ ۋاقىتتا ئۇ 73 ياشقا كىرگەن ئېدى. ئۇنىڭ كونا رەقىبى، ئەنگىلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى ۋىنستون چېرچىلنى قاتتىق ئازابلىغان ئىش شۇ بولدىكى، گېتلىر چېرچىلدىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆردى. گەرچە بۇ ھىكايە قارىماققا ئەپسانىدەك بىلىنسىمۇ بىراق نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ راستلىقىغا ئىشىنىدۇ. 2 – دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، گېتلىرنىڭ لەخمە ئارقىلىق قېچىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ۋەقەلەر نۇرغۇن نەزىرىيەلەرنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەبچى بولدى. ۋىليامۇس بىلەنن دۇنستوننىڭ كىتابىمۇ شۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى. بىراق، ئارگېنتىنالىق مۇخبىر ئابېل باستى ئەنگىلىيە مۇخبىرى ئۇنىڭ تەتقىقاتىنى ئوغرىلىدى دەپ قاراپ، ئۇنىڭدىن تۆلەم ئالماقچى بولىۋاتىدۇ ( مەنبە : ئۇلار تورى ) |
17- قەۋەتتىكى niyazdixanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
گەرچە ئۇنىڭ يېڭى ئېمپىرىيە قۇرۇش خام خىيالى ئىشقا ئاشمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ھېچبولمىغاندا خوتۇنى ئېۋۋا بىلەن بىرگە بەختلىك تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولدى، ھەمدە يەنە ئىككى قىز پەرزەنتلىك بولدى. 17 يىل يوشۇرۇنۇپ يۈرگەندىن كېيىن، گېتلىر 1962 – يىل 2 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى، شۇ ۋاقىتتا ئۇ 73 ياشقا كىرگەن ئېدى. ئۇنىڭ كونا رەقىبى، ئەنگىلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى ۋىنستون چېرچىلنى قاتتىق ئازابلىغان ئىش شۇ بولدىكى، گېتلىر چېرچىلدىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆردى.
+++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++
چېرچىل 1874-يىلىدىن 1965-يىلىغىچە ياشىغان.
بۇ ئەنگلىيەلىك گىتلېرنى 1889-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە ياشاپ چېرچىلدىن ئۇزۇن ياشىدى دەپ يېزىپتۇ. قانداق سېلىشتۇردىكىن بۇ مۇخبىر.
خوتۇنى بىلەن قېچىپ، مۆكۈپ، خەقلەر تونۇۋالمىسا بولاتتى دەپ دەككە-دۈككىدە ياشىغان تۇرمۇشمۇ بەختلىك تۇرمۇش بولۇپ ھېسابلىنامدىكىنا؟
1945-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى بېرلىندىن ئايرۇپىلان بىلەن قېچىپ چىقىشنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولامدىكىنا؟ يەر ئاستى يولى بىلەن كەتتى دېسىمۇ بىر گەپ، يالغانلىقى چىقىپلا تۇرىدۇ.
ۋاقىت توغرىسىدىكى مۇلاھىزىڭىزگە قايىلمەن.
بىراق، 1945-يىلدىكى بېرلىندىن ئايروپىلان بىلەن ..... بۇ مەسىلىگە كەلسەك، قەدىمدىن بۇيان بولۇپ كېلىۋاتقان ئادەت، ئوردا ئەھلى ھەرقانداق زامان، ھەرقانداق بىر ئەلدە... چوقۇم ۋە چوقۇم ئۆزىگە بىر مەخپىي يول بېكىتىپ قويغان بولىدۇ. بۇ ھەممە دۆلەتتە بار ئىش.
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم باشقۇرغۇچىلار ، بۇ تېمىنى تەھرىرلەپ قويغان بولساڭلار . 10 يىل بۇرۇنمۇ گېتلىرنىڭ ئارگېنتىنانىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئاندىس تاغلىرىنىڭ ئىچىكى قىسمىدا ياشاپ ، ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرنى بىر قېتىم كۆرگەن ئىدىم . مەن ئۇ چاغدا بۇنى بىر پەرەز دەپ ئويلاپ قاپتىكەنمەن . مىنىڭ شەخسى قارىشىم : ھىتلېرنىڭ ئۆلىۋالغىنى راست. چۈنكى ئۇنىڭ ئەشۇنداق ئەسەبى خۇيى جەڭدە مەغلۇب بولغانلىقى ئۈچۈن ئۈچۈن داۋاملىق ياشاشقا پۇرسەت بەرمىگەن. ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى ھەرقايسى جەڭ مەيدانلىرىدا كەينى كەينىدىن ئوڭىشسىزلىققا ئۇچۇرغان. قۇدرەتلىك ئاريانلارنىڭ مەغلۇبىيىتى ھىتلىرنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەن. مىنىڭ بىلىشىمچە،ھىتلىر جەڭنىڭ كىيىنكى مەزگىللىرىدە بەكمۇ ئەسەبىلىشىپ كەتكەن. پۈتۈنلەي ھۇجۇم قىلىشنىلا ئويلىغان. مەغلۇبىيەتكە ئۇچۇرغاندىمۇ قوشۇننىڭ ئاساسى كۈچىنى ساقاپ قالماي، ھۇجۇم ھۇجۇم دەپلا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ئاقىۋەتتە سۆۋىتنىڭ قىزىل ئارمىيەسى بېرلىنغا قىستاپ كەلگەندە،ھىتلىر تەلتۆكۈس مەغلۇپ بولغانىقىنى ھېس قىلىپ،قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن. شۇڭا ھىتلىرنىڭ ئۆلىۋالغانلىقى راست دەپ ئويلايمەن. مەن ھىتلىرنى تىبەتكە قىچىپ بىرىپ لاما بولىۋالغان دەپ ئاڭلىغاندەك قىلغان . ناتوغرا ئاڭلاپ قالغان چىغىم . مەن گىتلىرنى ئاتۇشقا قىچىپ كىلىپ تاغدا ياشاپتۇ دەپ ئاڭلىغان.ئىيتىشلارغا قارىغاندا ، ئاتۇشتىن تىپىلغان ھىلىقى ‹‹ئاتۇش ئادىمى›› نىڭ باش سۆڭىكى ئەسلىدە گىتلىرنىڭ باش سۆڭىكى
ئىكەنمىش.
مەنغۇ ئىشەنمىدىم..... ھەرقانداق ئادەمنى تۆۋەن كۆرمە، مەن ھەربى مەكتەپتە بىركۈنمۇ ئوقىمىغان ئەمما پۈتكۈل ياۋروپانى ئىشقال قىلالىدىم!____گېتلېر.
مەشھۇر سۆزلەر {:92:} ئاشۇ گېتىلىرنىڭ تەسىرى بولغاچ بۈگۈنكى دۇنيادا ياۋروپا ئىقتىسادىغا گىرمانىيە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
گېتلىرنىڭ شۇنچە ئادەمنى بىر نىيەتكە ئەكىلەلىشىدىكى،ئۇيۇشتۇرالىشىدىكى سىر نىمىدۇ ؟بەك قايىل جۇما مەن بۇ ئەدەمگە. سۆز ئارقىلىق ئېرىشەلمىگەنگە، مۇشت ئارقىلىق ئىرىشىسەن. ____________ئادلوف-ھېتلىر
قالتىس ! بۇنى يوق دىگىلى بولمايدۇ،
ھازىرقى ئارگىنتىىنا بولۇپمۇ چىلى دۆلىتىنىڭ ھەربى پاراتىنى كىيىم كىچىكىنى كۆرسەڭلەر 50 يىل بۇرۇنقى گىرمان ئارمىيسىنىڭ سىماسىنى كۆرەلەيسىلەر، چىلى ئارمىيسىنىڭ سالام بىرىشىمۇ گىتلىرچە..
5- قەۋەتتىكى sipartakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن گىتلىرنى ئاتۇشقا قىچىپ كىلىپ تاغدا ياشاپتۇ دەپ ئاڭلىغان.
ئىيتىشلارغا قارىغاندا ، ئاتۇشتىن تىپىلغان ھىلىقى ‹‹ئاتۇش ئادىمى›› نىڭ باش سۆڭىكى ئەسلىدە گىتلىرنىڭ باش سۆڭىكى
ئىكەنمىش.
مەنغۇ ئىشەنمىدىم.....
ئاتۇشتېىن تېپىلغان << ئاتۇش ئادىمى>> نىڭ ئون مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخى بار ! گېتلىر 20 - ئەسىردە ياشىغان ئادەم ئۇ !
بۇ چاخچاقنىڭ سۈپىتى بەكلا تۆۋەن بولۇپ قاپتۇ .
5- قەۋەتتىكى sipartakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن گىتلىرنى ئاتۇشقا قىچىپ كىلىپ تاغدا ياشاپتۇ دەپ ئاڭلىغان.
ئىيتىشلارغا قارىغاندا ، ئاتۇشتىن تىپىلغان ھىلىقى ‹‹ئاتۇش ئادىمى›› نىڭ باش سۆڭىكى ئەسلىدە گىتلىرنىڭ باش سۆڭىكى
ئىكەنمىش.
مەنغۇ ئىشەنمىدىم.....
ماۋۇ چاخچاقنىڭ كۈلىدىغان يېرىنى تاپالمىدىم، ئىككى يۇمۇرنى قوشۇپ ئاڭلىۋالدىممۇ يا؟
مەن ئاڭلىغان ئىشەنچىلىك خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ھىتلېر1945-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى يېرىم كېچىدە، ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭغا كەپتۇ، ئويلىمىغان يەردىن جاللات شىڭشىسەينىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ، شىڭشىسەي ئۇنى ھازىرقى شىنجاڭ داشۆدىكى لەخمىگە مۆكتۈرۈپ قويۇپتۇ . ئۇ لەخمىدە يېتىشقا كۆنمەي لەخمىدىن قېچىپ چىقىپ ،جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىپ خوتەن-شىزاڭ تاشيولىنى بويلاپ لاساغا يېتىپ كەپتۇ،شۇ پېتى لاسادا تۇرۇپ قاپتۇ ھەم بۇرۇنقى قىلغان ئەسكىلىكلىرىگە پۇشايمان يەپ،تەڭرىدىن گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىشنى تىلەپ %100 راھىب بوپ كېتىپتۇ.
7- قەۋەتتىكى ihlimpaxahanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئاشۇ گېتىلىرنىڭ تەسىرى بولغاچ بۈگۈنكى دۇنيادا ياۋروپا ئىقتىسادىغا گىرمانىيە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
گېتلىرنىڭ شۇنچە ئادەمنى بىر نىيەتكە ئەكىلەلىشىدىكى،ئۇيۇشتۇرالىشىدىكى سىر نىمىدۇ ؟بەك قايىل جۇما مەن بۇ ئەدەمگە.
سىز چوشقىدىنمۇ دۆت بولغاچقا مۇشنداق ئويلىشىڭىز ئېنىق
7- قەۋەتتىكى ihlimpaxahanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئاشۇ گېتىلىرنىڭ تەسىرى بولغاچ بۈگۈنكى دۇنيادا ياۋروپا ئىقتىسادىغا گىرمانىيە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
گېتلىرنىڭ شۇنچە ئادەمنى بىر نىيەتكە ئەكىلەلىشىدىكى،ئۇيۇشتۇرالىشىدىكى سىر نىمىدۇ ؟بەك قايىل جۇما مەن بۇ ئەدەمگە.
ېيقىندا ئۆلەپ كەتكەن سادام، بۇرۇنقى داھىمىز ماۋزىدۇڭ، ستالىن دېگەن داھىلارمۇ دۆلىتىدىكى شۇنچە ئادەمنى بىر نىيەتكە ئەكىلەلىگەن. ھەممىسىدە ئوخشاشلا سىر بار. ئادەمنى بەك جەلىپ قىلىدۇ ھە قوللانغان ئۇسۇللىرى.