[كارتۇن] ماشىنىلاشقان جەڭچى گاندام قوش ئو كىنوخانا نۇسخىسى..
ماشىنىلاشقان جەڭچى گاندام قوش ئو كىنوخانا نۇسخىسى..
بۇ، ياپۇننىڭ 30 يىللىق تارىخقا ئىگە ماشىنىلاشقان جەڭچى تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك كارتۇنىنىڭ «قوش ئو» نەشىرىنىڭ كىنوخانا نۇسخىسى. ئۇنىڭ كۆپ قىسىملىق نۇسخىسى ئىككى بۆلۈم 50 قىسىم.
http://www.56.com/u17/v_NTc0MjgxMDI.html
چوتتو ماتتې، ماۋۇ 8.1 دە تۇرۇپ قىستۇرغان سىن چىقمايۋاتىدۇ..
تەھرىرلەندى- كۆزنەك 8.1 دە تۇرۇپ سىن قىستۇرسا بولمىدى، كۆزنەك 7 دە نورمال بولدى، بۇ نېمە ئىش؟
باچكائۇچۇرنى كۆردۈم
ئەمما بۇ كارتون توغۇرلۇق بەك بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن.ئىستەپ تاپقىنىمدا سىز بىلەن ئالاقىلىشەي.
ئۇچۇر قايتۇرۇش بەك تەسكەن.تېمىڭىزغىلا ئىنكاس يازدىم شۇڭا.
@baqka كۆزنەك8.1 دە تور يۈزىدىكى فلەش سىنلار قويۇلمايۋاتامدۇ؟
1.ie نىڭ قوراللار كۇنۇپكىسىنى چېكىپ، بىخەتەرلىك __› ActiveX筛选 تەكشۈرۈپ بېقىڭ،
2.ئەگەر يەنە بولمىسا، كونترول تاختىسى--› پروگرامما--› ۋىندوۋسنىڭ ئىقتىدارىنى ئېچىش تاقاش دېگەننىڭ ئىچىدىن InternetExplorer دېگەننىڭ ئالدىدىكى بەلگىنى ئېلىۋېتىپ مۇقىملاشتۇرپ InternetExplorer نى يۇيۇۋېتىپ، كومپيۇتېرنى قايتا قوزغاتقاندىن كېيىن ئىككىنچى باسقۇچنى قايتا قىلىڭ. بۇچاغدا InternetExplorer دېگەننىڭ ئالدىغا توغرا بەلگىسىنى ئۇرۇپ مۇقۇملاشتۇرغاندىن كېيىن مەشغۇلات تاماملانغاندا كومپيۇتېرنى يەنە بىر قېتىم قايتا قوزغىتىپ سىناپ بېقىڭ، بۇ مېنىڭ سىنىقىمدىن ئۆتكەن .
يەنە بولمىسا http://www.microsoft.com/zh-cn/download/details.aspx?id=40059 دىن ياماقنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ.
بۇ كارتۇن فىلىممۇ نوچى. بۇرۇن 50 قىسىملىق تىلىۋىزىيە كارتۇن فىلىم نوسخسىنى كۆرگەن. كۆرگەنلا ئەمەس، مەكتەپتىكى ياپۇنيە كارتۇن ھەۋەسكارلىرى قۇرغان خەتلىك تەرجىمە گورۇپپىسى بىلەن 30 نەچچە قىسىمنىڭ ياپۇنچە ئاڭلاپ خەنچىگە تەرجىمە قىلىش ئىشىغا قاتناشقانتىم. تەرجىمە قىلىمەن دەپ تولاپ ئاڭلاپ زىرىكىپ قېلىش سەۋەپتىنمىكىن تاڭ پۈتۈنلەي بەھر ئېلىش مەقىسىتىدە كۆرگەن گاندام Seed دىگەن ئىسىمدىكى كارتۇن فىلىم بەكرەك يارايدۇ. سىد مۇ پەيزى، بىراق ئاخىرىنى ئىشلەيدىغاندەك ئاخىرلاشتۇرغان. مەن قوش ئو 50 قىسىملىقىغا ئامراق. زىيالىي سىزگە دېگىنىم شۇ قوش ئونىڭ ئىككى بۆلۈم جەمئىي 50 قىسىملىقى.مەن بۇنىڭ ناخشا- مۇزىكىلىرىنى ئىزدەپ چۈشۈرۈۋالغان، كاۋاي خانىم بەك ئىشلەپ قويۇپتىكەن مۇزىكىلىرىنى، ئاۋاز بەرگۈچىلەرگىمۇ گەپ يوق، پەچەت.