TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-30 11:50:09

تاشپولات: تارىختىكى داڭلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرى: Newton Sir Isaac

تارىختىكى داڭلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرى: Newton Sir Isaac



تاشپولات روزى












             نيۇتون بولسا 1642- يىلى
12- ئاينىڭ 25- كۈنى ئەنگلىيەنىڭ Lincolnshire رايوندىكى Woolsthorpe
يېزىسىدىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئەنگلىيەنىڭ ئاتاقلىق
ماتېماتىكا، فىزىكا ئالىمى بولۇپ، 1727-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى ۋاپات
بولىدۇ. 1661-يىلى ئۇ كەمبرىج (Cambridge) ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ،
گېئومېتىرىيە پروفېسسورى I.Barrow نىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچراپ، پروفېسسور
J. Kepler نىڭ نۇر ئىلمى بىلەن پروفېسسور R. Descartes نىڭ گېئومېتىرىيە
ئىلمىنى تەتقىق قىلغان.





          ئۇ 1665-يىلى ئىككى ئەزالىق تېئورېمىنى بايقايدۇ. شۇ يىلى ئالىي
مەكتەپتە يۇقۇملۇق كېسەل تارقىلىدۇ. ئۇ يۇقۇملۇق كېسەلدىن ساقلىنىش ئۈچۈن
ئۆزى ئۆسۈپ يېتىلگەن يېزىغا قايتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئۇ نۇرنىڭ سپېكتر
پارچىلىنىشى، ئالەم تارتىش قانۇنى، دىففېرېنسىئال ئىنتېگرال ئۇسۇلى
قاتارلىق 3 چوڭ بايقاشقا ئېرىشىدۇ. 1667-يىلى ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قايتىپ،
ئەكس ئېتىش تېلېسكوپىنى بايقاپ، نۇرنىڭ زەرىجە پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
مۇشۇ ۋاقىتتا يەنى 1667-يىلى Barrow نىڭ ئىزباسارى بولۇش سۈپىتى بىلەن
كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى بولۇپ نۇر ئىلمىدىن دەرس بېرىدۇ.
مۇشۇنىڭ بىلەن بىرگە دىففېرېنسىئال ئىنتېگرال تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،
دىففېرېنسىئال بىلەن ئىنتېگرالنىڭ ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ ھېسابلاشقا بولىدۇ
دېگەن Barrow نىڭ كۆرسىتىشىنىھەم چەكسىز سانلار قاتار تەتقىقاتىنى ئىلگىرى
سۈرۈپ، دىففېرېنسىئال ئىنتېگرالنىڭ ئاساسى تېئورېمىسىغا ئېرىشىدۇ. G.W.
Leibniz بىرئاز كېچىكىپ ئوخشاش بۇ تېئورېمىغا ئېرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ
ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا بۇ تېئورېما كىمگە مەنسۇپ دېگەن تالاش-تارتىشلار
داۋاملىشىدۇ. ھەر ئىككىلىسى بۇ تېئورېمىنى مۇستەقىل ئوتتۇرىغا قويغان.
بىراق، Leibniz نىڭ بەلگە بىلەن ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئالاھىدە ئورۇندا
تۇرغانلىقى ئۈچۈن، دىففېرېنسىئال ئىنتېگرالنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىدىكى
بارلىق نەتىجىلەر Leibniz غا مەنسۇپ بولىدۇ.





          يەر شارى ھەرىكەت نەزەرىيىسىنىڭ مېخانىكىلىق چۈشەندۈرۈلۈشى ئۇ يازغان
“Principia Mathematica Philosophiae Naturalis”1686-87 دا ئەمەلگە
ئاشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن Kepler نىڭ پلانېتا ھەرىكەت قانۇنى، G. Galilei نىڭ
ھەرىكەت نەزەرىيىسى، C.Huygens نىڭ سىلكىنىش نەزەرىيىسى قاتارلىقلار
ئومۇملاشتۇرۇلۇپ نيۇتون مېخانىكا ئىلمى بارلىققا كېلىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئىلمى،
يەر يۈزىدىن ئاسمانغىچە بولغان مېخانىكىلىق ھادىسىلەرنى ئاددىي
چۈشەندۈرۈشكە بولىدىغان تەبىئەت قانۇنى دەپ ئاتىلىپ، Descartes نىڭ
ئىدىيىسى ئەڭ كۈچلۈك ئىپادىلەنگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ ئىلىم تەبىئەت
ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەڭ كۈچلۈك تەسىر قىلىدۇ.





          1695-يىلى ئۇ لوندونغا يۆتكىلىپ كېلىپ، ئىلاھىيەت شۇناسلىق بىلەن
شۇغۇللىنىپ، پۇل مۇئامىلە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، پادىشاھ ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ
باشلىقلىق قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولىدۇ. كىشىلەر ئۇنى بۇ جەريانىدا ئىلمى
تەتقىقاتتىن ئايرىلىپ قالغان دېيىشكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۆلگەندىن كېيىنكى
قالدۇرۇپ كەتكەن خاتىرىسىدىن كۆرۈشكە بۆلىدىكى ئۇ بۇ جەريانىدىمۇ كۆپلىگەن
گېئومېتىرىيە ئىلمىنى تەتقىق قىلغان.

zulpikar20 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-30 20:12:43

رەھمەت.ئەلا كەتتى. \"\"

fayrat يوللانغان ۋاقتى 2013-10-30 20:58:59

ماتېرىياللاردىن كۆرشۈمچە تارىختىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك شەخىسلەر قاتارىدا نىيوتۇن مۇھەممەد ئەلىھسامدىن قالسىلا ئككىنچى ئورۇندا ئىكەن،

يەنە بىرگەپ تاشپولات ئاكا دۇنيادا قايسى دۆلەتلەردىن ئالىملار كۆپ چىققان مۇشۇ تىما توغرىسىدا مېنىڭ چۈشەنچىگە ئىگە بولغۇم بارئىدى.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-10-30 18:46:22

دىففېرېنسىئال بىلەن ئىنتىگىرال- مۇشۇنىڭغا بىر ئەمەلىي مىساللار بىلەن بىر ئاقارتىش بولسا بولاتتى. خۇددى تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچبۇلۇڭ تېئورمىسىدىن پايدىلىنىپ ئەمەلىي مەسىلە يەشكەندەك.

ihlimpaxahan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 00:00:11

يەھۇدىيلاردىن ئالىم كۆپ چىققان ،گىرمانىيە،

ماتىماتىكا ئاجايىپ كۆڭۈللۈك پەن دىسە،ماتىماتىكا بىلمەيدىغان ئادەمنى كۆزگە ئىلغۇم كەلمەيدۇ دىسە.

TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 09:41:17

3- قەۋەتتىكى fayratنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ماتېرىياللاردىن كۆرشۈمچە تارىختىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك شەخىسلەر قاتارىدا نىيوتۇن مۇھەممەد ئەلىھسامدىن قالسىلا ئككىنچى ئورۇندا ئىكەن،

يەنە بىرگەپ تاشپولات ئاكا دۇنيادا قايسى دۆلەتلەردىن ئالىملار كۆپ چىققان مۇشۇ تىما توغرىسىدا مېنىڭ چۈشەنچىگە ئىگە بولغۇم بارئىدى.

ئامېرىكا، گەرمان، ياپونىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، كانادا، ئىتالىيە، ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر

arginakun يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 13:34:07

5- قەۋەتتىكى TashpolatRoziنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى fayratنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ماتېرىياللاردىن كۆرشۈمچە تارىختىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك شەخىسلەر قاتارىدا نىيوتۇن مۇھەممەد ئەلىھسامدىن قالسىلا ئككىنچى ئورۇندا ئىكەن،

يەنە بىرگەپ تاشپولات ئاكا دۇنيادا قايسى دۆلەتلەردىن ئالىملار كۆپ چىققان مۇشۇ تىما توغرىسىدا مېنىڭ چۈشەنچىگە ئىگە بولغۇم بارئىدى.

ئامېرىكا، گەرمان، ياپونىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، كانادا، ئىتالىيە، ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر


-----------------------


نوبىل مۇكاپاتى ساھىبىنىڭ %50تى گىرمانىيلىك


قالغان %50 تى باشقا ئەل مەملىكەتلەردىن...


گىرمانلار 6 ياشتىن بۇرۇن بالىلارغا مائارىپ تەربىيسى ئىلىپ بىرىشنى


توغرا ئەمەس دەپ قارايدۇ

بەت: [1]
: تاشپولات: تارىختىكى داڭلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرى: Newton Sir Isaac